ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ب د ت: دۆلەت تەۋەلىكى يوق بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى !

ۋاقتى : 2015-11-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

ب د ت: دۆلەت تەۋەلىكى يوق بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى !

 
‫شىنخۇا تورى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلىگىراممىسى:  ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 3-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇش سەۋەبىدىن، دۇنيادا ھەر ئون مىنۇتتا بىر دۆلەت تەۋەلىكى يوق بالا تۇغۇلىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى يوق بولغان بۇ بالىلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى ئەگرى-توقايلىقتا ئۆتىدۇ.
دۆلەت تەۋەلىكى يوق بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى دۆلەت تەۋەلىكى يوق بولۇش بالىلارنىڭ مائارىپتىن، داۋالىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ قىيىنلىقى، چوڭ بولغاندىن كېيىن خىزمەت تېپىشنىڭ ناھايىتى تەسكە توختايدىغانلىقىنى بايقىدى.

 
«دۆلەت تەۋەلىكى يوق بولۇش بالىلارنىڭ پۈتكۈل بالىلىق دەۋرىنى، ھەتتا پۈتكۈل ئۆمرىنى كەمسىتىش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ.» دېدى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ئانتونىئو.
مەسىلەن، سۈرىيەدە  نۇرغۇنلىغان بالىلار دۆلەت تەۋەلىكى يوق خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى سۈرىيە قانۇندا دۆلەت تەۋەلىكى ئاتىدىن بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما ئۇرۇش مالىمانچىلىقى نۇرغۇنلىغان مۇساپىر ئائىلىلەرنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بالىلارنىڭ ئانىسى بالىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، نىكاھ ئىسپات ھۆججىتى كەمچىل بولۇش سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ بالىلار ئۈچۈن دۆلەت تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى توسالغۇ بولۇپ قالغان.
ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سەرگەردان بولۇشتىن باشقا يەنە، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دۆلەت تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئېلىشتا قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. مەسىلەن تايلاندتا بەزى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى دائىم دۆلەت تەۋەلىكى يوق بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشقا كىرىش چۈشىمۇ بەربات بولغان. ئەمما قانۇن ئىسلاھاتى ئارقىلىق، تايلاندتىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىدىغان بولغان.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرق ۋە دىن سەۋەبىدىن دۆلەت تەۋەلىكىگە چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىشنى، ئانىلارنىڭمۇ دۆلەت تەۋەلىكىنى بالىلارغا يەتكۈزۈلۈشنى رۇخسەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ دۆلەت تەۋەلىكى يوق بالىلار تۇغۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارغا دۆلەت تەۋەلىكى سالاھىيىتى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备*******

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا