پۇتىن: ھېچكىم روسىيەنى قورقۇتۇشنى ئويلىمىسۇن
روسىيە ئەلبېشى 3-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ھەرىكىتى تېررورىزمغا زەربە بېرىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. كىم روسىيەنى قورقۇتۇشنى ئويلىسا مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋا داغىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، دىن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىم روسىيەنى قورقۇتۇشنى ئويلىسا مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، پۇل خەجلەپ بىكارغا ئاۋارە بولىدۇ. روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى تېررورىزمغا زەربە بېرىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنىڭ ئاپەت ۋە ئۇرۇش ئىچىدە قىلىشىدىن ساقلىنىش، بۇ خىل ئاپەت ۋە ئۇرۇش پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. روسىيە بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل كۈچلەرنىڭ قايسى خىل دىنىي مەزھەپكە ۋەكىللىك قىلىشىدىن قەتئىينەزەر تېررورىزمغا زەربە بېرىش جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
پۇتىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن بېسىم ئەكسىچە روسىيەگە پايدىلىق، ئۇ روسىيەنى ئېرىشىش قىيىن بولغان پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. روسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلار ئەكسىچە روسىيەنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ