روسىيە ئايروپىلانىنىڭ ھاۋادا پاچاقلىنىشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟
سىنگاپوردىكى «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 3- نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلىنىپ چۈشۈپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپتە: بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان بىر بولسا تېخنىكىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى بولمىسا رادىكال تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
تېررورلۇق تەشكىلات - «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ سىنايدىكى شۆبىسى بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق مىسىر بىلەن روسىيە دائىرىلىرى: «سىناي يېرىم ئارىلىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ چارلاش ئېگىزلىكىدە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرەلىگۈدەك ئىقتىدارى يوق» دېيىشكەن.
فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە ئاۋارىيەسىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ترودىك مۇنداق دېگەن: «ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان سۈرىتىدىن ‹تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلگەن› دەپ جەزم قىلىشقا بولىدۇ».
ترودىك ئىلگىرى فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان 2009- يىلى 1- ئىيۇن بىرازىلىيە قىرغىقىدا چۈشۈپ كەتكەن. ئۈچۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلىگۈچ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگىدىن تېپىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسا، ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ يەرگە چۈشۈش ئەھۋالىدىن بىلگىلى بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ مۇھىمى، يەنىلا ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ. ئەگەر پارتلاش بۇيۇمىنىڭ ئىزنالىرى بولسا ياكى ئايروپىلان گەۋدىسى ئىچىدىن سىرتقا قاراپ پارتلىغان بولسا، ئۇ چاغدا بومبا مەۋجۇت دېگەن گەپ. بۇ پەقەت بىر خىل قىياس. لېكىن
تېخنىكا مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا ئايروپىلاننىڭ كىچىك پارچىلىرى يوق، شۇڭا شۇڭغۇپ چۈشۈپ يەرگە ئۇرۇلغان ئەمەس».
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىردىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان روسىيە قىتئەلەر ئارا ئاۋىياتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى سولوچېنكو ئايروپىلاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلانغانلىقىنى، ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
فىرانسىيەنىڭ ئۇچۇش مۇتەخەسسىسى گارلاند ئايروپىلاندا ئاپەت خاراكتېرلىك
تېخنىكا كاشىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مو
تور پارتلاش ياكى يۈك ئورنىدىن قوزغىلىش قاتارلىق بىر نەچچە ئەھۋالدا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ ھەمدە ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدىمۇ ھاۋادا پاچاقلىنىدۇ. ‹ئادەم بومبا› ئايروپىلاندا بومبىنى پارتلاتسا ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرسە، ئايروپىلان يېرىم ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلايدۇ. بۇ ئايروپىلان 9000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان بولسا، ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتى ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلغار رادار بولمىسا بولمايدۇ».