ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە سۈرىيەنى 100 مىڭ توننا بۇغداي بىلەن تەمىنلىگەن. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بۇ قېتىملىق ياردەمنى جەزملەشتۈرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، گەرچە ھوسۇل بىلەن باھا ئۆتكەن يىلىدىكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، يەرلىكتىكى دېھقانلار ھۆكۈمەتكە ساتقان بۇغداينىڭ سانى ئەكسىچە كېمىيىپ كەتكەن. بۇ شۇ جاينىڭ ئىمپورت ئېھتىياجىنى ئاشۇرىۋەتكەن.
ھۆكۈمەتنىڭ بىر خەۋەرچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۇغدايلار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۈپىتىدە سۈرىيە خەلقىگە تەمىنلەنگەن.
بۇ سودىنى چۈشىنىدىغان يەنە بىر خەۋەر بەرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۇغدايلار سۈرىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تاپشۇرۇۋالغان.
بىر ياۋروپا سودا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كېلىنگەن سودا بولۇپ، سودا مىقدارى 120 مىڭ توننا ئىكەن