يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: رۇسىيەدىكى «رىشتە» ناملىق ئاخبارات تورىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6- فېۋرالدىكى ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ھەلەب شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان، ھەمدە بۇ شەھەردىكى مەركىزىي تۈرمىنى ئىشغال قىلغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلار سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەلەب شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۆكتىچىلەر ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق بۇ شەھەردىكى مەركىزىي تۈرمىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى پارتلىتىۋەتكەن. ئۆكتىچىلەر تۈرمىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 100 دىن ئارتۇق مەھبۇسنى قويۇۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە قولغا ئېلىنغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بار ئىكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ تۈرمىدە ئىلگىرى 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قامالغانىكەن.
ئۇرۇش داۋاملاشماقتا، ھازىر بۇ مەركىزىي تۈرمە ئاساسەن دېگۈدەك ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا، تۈرمىنىڭ يەنە %20 قىسمى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان، ھەمدە قوللىغۇچىلىرىنى ئورتاق ئۇرۇش قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى.
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلاپ ھازىرغىچە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى، بۇ جەرياندا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشتى.