جۇڭگو تورى خەۋىرى،: چاۋشىيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چاۋشىيەن 13-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق نامزاتىغا سايلانغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «111-نومۇرلۇق سايلام يىغىنى» 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بولۇپ، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيە مەركىزىي سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ كومېتىت ئەزاسى، خەلق ئارمىيەسى باش سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ باشلىقى سۈيلۇڭ خەي، چاۋشىيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى لى يۇڭجى، خەلق قوراللىق كۈچ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىڭنەن قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى.
سۈيلۇڭ خەي يىغىندا چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننى 13-نۆۋەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق نامزاتىغا كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قوشۇلىشى ئاستىدا چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بۇ قېتىمقى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئەڭ ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق نامزاتى بولۇپ سايلانغان.
چاۋشىيەن «ئاساسىي قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، چاۋشىيەن 13-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالىي خەلق يىغىنىنى 9-مارت ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان. چاۋشىيەن ئەڭ ئالىي پارلامېنتى بولسا چاۋشىيەندىكى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە ئورگان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم سايلاش ئېلىپ بارىدىكەن.