جۇڭگو خەۋەر
تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمىسى): رۇسىيە خەۋەر
تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا كىيېۋ ئوبلاستىنىڭ ساقچىلىرى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بىر تو سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر كىيېۋ ئوبلاستىنىڭ فاستىۋ شەھىرىدىكى لېنىن ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن، بۇ دېلو لۈكچەكلىك قىلمىشى بويىچە جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ بېكىتىلدى.
لېنىننىڭ بۇ ھەيكىلى فاستىۋ شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا جايلاشقان. ساقچىلار شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە ھەيكەلنىڭ ئۆرۈۋېتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان.
ساقچىلار سالاھىيىتى نامەلۇم پۇقرالارنىڭ ئارغامچا بىلەن ھەيكەلنى ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى، تەخمىنەن 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكەلنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساقچىلار ئۇكرائىنا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 296-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ بېكىتكەن، ۋەقە سادىر قىلغۇچى جەرىمانە تۆلەيدۇ ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئاي قاماقتا ياتىدۇ.
نۆۋەتتە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى تېخى بېكىتىلمىدى.
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر
تورى، ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمە قىلدى.