ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

جۇڭگونىڭ رۇسىيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈي

ۋاقتى : 2014-01-29  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگونىڭ رۇسىيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈي جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى

جۇڭگونىڭ رۇسىيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈي يېقىندا جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىغاندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە ياخشى دوستلۇقىنى نامايەت قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دېدى.

لى خۈي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ سوچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەمدە بۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا نۇقتىدا تۇرۇپ قوللانغان زور تەدبىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى دۇنياغا تۇتقان ئوچۇق پوزىتسىيەسى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن پائال ئالاقە باغلاشتىكى ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلدى.

لى خۈي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، رۇسىيەنىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جۇڭگو ۋە ساھىبخان رۇسىيە شۇنداقلا سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان باشقا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، بىز سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

لى خۈي مۇنداق دېدى: 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىكىلەرگە ۋارسىلىق قىلىنىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلىپ، باشتىن ئاخىر يۇقىرى سەۋىيە ساقلاندى. 3-ئايدا، شى جىنپىڭ رۇسىيەنى ۋەزىپە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت نىشانى قىلىپ، رۇسىيەدىكى تارىخىي زىيارىتىنى غەلبىلىك تاماملاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات سەھىپىسىنى ئاشتى. شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى.

يېرىم يىلدىن كېيىن، شى جىنپىڭ سانپىتىربۇرگتىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، پۇتىن بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى. بۇندىن باشقا ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 5-قېتىملىق سۆھبىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشىكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 21-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم سۆھبەتلەشتى.

ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلى يەنە «2013-يىللىق دېڭىزدىكى بىرلەشمە مانىۋېر»، «2013-يىلدىكى تىنچلىق بۇرۇچ» بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرى ئۆكتۈزدى. ئىككى دۆلەت سۈرىيە ۋەزىيىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا زىچ ئالاقە ساقلاپ، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەمدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

لى خۈي مۇنداق دېدى: سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، كوللىكتىپ قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوقلايدۇ، بۇندىن باشقا پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، تەسەۋۋۇرنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېلەركى قەدەمدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە يېتەكلەپ ھەم بۇ ھەقتە لايىھە تۈزۈپ، 2014-يىلىدىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

لى خۈي مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەمدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. بۇندىن باشقا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش تېمىلىق پائالىيىتى يەنى «جۇڭگو-رۇسىيە ياشلىرىنىڭ دوسلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى» باشلىنىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مېۋە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا