ئىملىق سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى
1. ئىملىق
سۆز جۈملىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ،
ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلىدۇ، قىسمەن ئىملىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا
جۈملە بۆلۈكى بولالمايدۇ.
مەسىلەن: ئاھ ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
2. بەزى
ئىملىقلار، يەنى ئاچچىقلىنىش تۇيغۇسى، سوغۇقتىن شۈركىنىش تۇيغۇسىنى، بەزى
قۇشلارنى قارىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئىملىقلارنى ئۆز تەلەپپۇزى يېزىقتا
ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
3. ئىملىق
سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى ئوخشاش بولمىغان تېكسىتلەردە ئوخشاش بولمىغان
ئىنتۇناتسىيىدە تەلەپپۇز قىلىنىپ، بىر نەچچە خىل ئىملىق سۆزنىڭ رولىدا
كېلەلەيدۇ.
مەسىلەن: ۋاي-ۋۇي، نېمىدېگەن گۈزەل مەنزىرە-ھە!؟ (زوقلىنىش)
ۋاي-ۋۇي، بۇنى مەنمۇ بىلىمەن. (مەنسىتمەسلىك)
4. ئىملىق سۆزلەر ئاساسەن تۈرلەنمەيدۇ.
تەكرارلاش ۋە مەشىق سوئاللىرى
1. تۆۋەندىكىلەرگە جاۋاب بېرىڭلار.
1) قانداق سۆزلەرنى ئىملىق سۆزلەر دەيمىز؟
2) ئىملىقلار قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
3) ئىملىق سۆزلەرنىڭ رولى نېمە؟
4) ئىملىق سۆزلەر قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟
2. تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار.
1) كىشىلەرنى ___،___،____ئۈچۈن قوللىدىغان ئىملىقلارقاراتما ئىملىقلار دەپ ئاتىلىدۇ.
2) ئادەملەرنىڭ___ گە، ئادەملەرنىڭ ___غا قىلغان تۈرلۈك___،___ئىما بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەر بۇيرۇق-چاقىرىق ئىملىقلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
3) كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا___ بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەر___ ئىملىقلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
1) « مە» ئىملىقى بىر خىللا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ( )
2) بىر قىسىم ئىملىقلارنى يېزىقتا ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. ( )
3) ئىملىق سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگەرسە، مەنىسىمۇ ئۆزگىرەيدۇ. ( )
مەنبەسى: ئاق تىلەك ماتېرتال ئامبىرى
«ئىملىق سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈم تەۋەلىكى
كېيىنكىسى : ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە
- ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا
- ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى
- ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا بىلىملىرى-توپلانما
- گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- جۈملە توغرىسىدا
- قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى
- بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە
- ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا بىلىملىرى-توپلانما
- ئىففىمىزىمسىز ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا
- ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى
- گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
- جۈملە توغرىسىدا
- گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى
- سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار