ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۈملە توغرىسىدا

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:40:20 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

جۈملە توغرىسىدا


جۈملە – سنتاكسسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبىكتى .
مۇئەييەن سىنتاكسسىلىق قائىدە بويىچە تۈزۈلۈپ ، بەلگىلىك ئۇقۇمغا ئىگە بولغان  تولۇق ئاياغلاشقان ئوي- پىكىرنى ئۆزىگە خاس ئىنتۇناتسىيە بىلەن بايان قىلىدىغان تىل بىرلىكى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ .
خۇسۇسىيىتى:
1)ھەرقانداق جۈملە تولۇق ئاياقلاشقان ئوي پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ .
2) ھەر قانداق بىر جۈملە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسىنىڭ مۇئەييەن سىنتاكىسسلىق قائىدە قانۇنىيەت بويىچە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ .
3)جۈملە ئاساسلىق بۆلەك بولغان  ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ سىنتاكسسلىق باغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بايانى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ .
4) ھەر قانداق جۈملە بەلگىلىك ئىنتىناتسىيىگە ئىگە بولىدۇ .
5 ) جۈملىگە سۆزلىگۈچىنىڭ پوزىتسىيىسى سىڭگەن بولىدۇ .
ئاددى جۈملە  :
سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەلۇم سىنتاكسسىلىق قائىدە قانۇنىيەت بويىچە ئۆز- ئارا باغلىنىشىدىن تۈزۈلۈپ ، تولۇق ئاياقلاشقان بىر ئاددى    ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە شەكلى ئاددى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :
1)ئاددى جۈملىلەر سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەلۇم سىنتاكسسىلق قائىدە قانۇنىيەت بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ .
2)ئاددى جۈملە مەلۇم ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ يەنى ئىگە ۋە خەۋەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ .
3)ئاددى جۈملە مەيلى يەككە سكزدىن ، مەيلى سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن بولسۇن ، ئۇ ئىنتۇناتسىيە جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ .
4)ئاددى جۈملە – نۇتۇقنىڭ بىرپۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك تەركىبى قىسمى بولۇپ ، قوشما جۈملىنىڭ تۈزىلىشىگە بىردىن – بىر ئۇل بولىدۇ .
جۈملە بۆلەكلىرى  :
جۈملە بۆلەكلىرى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ جۈملىدە ئويناۋاتقان رولى بويىچە بۆلۈنگەن تۈرى . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى  ئاددى جۈملىلەردە ئىگە ، خەۋەر ، ئېنىقلىغۇچى ، تولدۇرغۇچى ۋە ھالەتتىن ئىبارەت بەش بۆلەك بار .
بۇ بۆلەكلەر باش بۆلەك ۋە ئەگەشمە بۆلەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
باش بۆلەك _ ئىگە ۋە خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئەگەشمە بۆلەك _ تولدۇرغۇچى ، ئېنىقلىغۇچى ، ھالەتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورۇن تەرتىپى :
ئىگە-ھەمىشە خەۋەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ .
خەۋەر-جۈملىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كېلىپ ئوي – پىكىرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئېنىقلىغۇچىنىڭ جۈملە تەركىبىدە قانداق ئورۇندا كېلىشى ئېنىقلانغۇچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .ئومۇمى ئادەت بويىچە ئېنىقلىغۇچى ھەمىشە ئېنىقلانغۇچىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ .
تولدۇرغۇچى ئومۇمەن جۈملە تەركىبىدە ھەمىشە ئۆزىنى باشقۇرۇپ كەلگەن پېئىلدىن بولغان بۆلەكتىن (خەۋەردىن)ئىلگىرى كېلىدۇ .
ھالەتمۇ خۇددى تۇلدۇرغۇچىغا ئوخشاشلا ئۆزى باغلانغان پېئىلدىن بولغان بۆلەكتىن بۇرۇن كېلىدۇ .
قوشما جۈملە
مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككىدىن ئارتۇق ئاددى جۈملىلەرنىڭ مەلۇم سىنتاكسسلىق قائىدى بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ ،بىر قەدەر مۇرەككەپ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە شەكلى قوشما پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :
1) قوشما جۈملىلەر تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئىككىدىن ئارتۇق ئاددى جۈملىنىڭ  مەلۇم سىنتاكسسلىق مۇناسىۋەت ئارقىلىق بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ . مەزمۇن جەھەتتىن قوشما ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ .
2)قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ھەربىر ئاددى جۈملىدە ئوي – پىكىر مۇستەقىللىقى بولىدۇ .شۇنداقلا ئۇلار مەنە جەھەتتىن ئۆز-ئارا مەنتىقى باغلىنىشقا ئىگە بولىدۇ .
3)قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ھەربىر ئاددى جۈملىنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگىسى ۋە مۇستەقىل خەۋىرى بولىدۇ .
4) ئاددى جۈملىلىرى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلانغان قوشما جۈملىلەر تەركىبىدىكى ھەر بىر ئاددى جۈملىنىڭ ئۆز-ئالدىغا ئايرىم – ئايرىم ئىگىسى بولىشىمۇ مۇمكىن ، ياكى بىر نەچچە ئاددى جۈملىنىڭ بىرلا ئورتاق ئىگىسى بولىشىمۇ مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئىگە ئالدىنقى تارماق جۈملىدە ئېيتلىپ كېيىنكىلىرىگە ئورتاق بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ .
قوشما جۈملىلەر _ تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلىرى تەڭداش باغلانغان قوشما جۈملە ،  تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلىرى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە باغلانغان قوشما جۈملە ۋە ئارىلاش قوشماجۈملە دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .


«جۈملە توغرىسىدا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى