ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 23:07:14 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى


گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلىشى ئەدەبى تىلنىڭ گىرامماتىكىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. لىكىن، گۇما شېۋىسىدە بەزى تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىدىكى پەرىقلەر ئۇنىڭ گىرامماتىكىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، مەلۇم دەرىجىدە پەرىقىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. بۇ ھال ئاساسلىقى ھەر قايسى سۆز تۈركۇملىرىگە قوشۇلىدىغان تۈرلىگۈچى قۇشۇمچىلاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.


A. ئىسىم جەھەتتە:


(1) ئىسىملارنىڭ 1- 2- شەخىس بىرلىك ھەم كۆپلىكى ئۇچۇن ئەدەبى تىلدىكى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىن سىرت، يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ 1- شەخىس بىرلىكى ئۈچۈن "ئام- ئەم" (كۆپلۈكى ئەدەبى تىلدىكى بىلەن ئوخشاش) 2- شەخىس بىرلىكى ئۇچۇن "ئاڭ- ئەڭ" كۆپلۈكى ئۈچۈن "ئاڭلا- ئەڭلە" قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:

بىرىنچى شەخىسنىڭ بىرلىكى
بويۇن+ئام=بوينام
قول+ئام=قولام
پىچاق+ئام=پىچىقام
ئۆي+ئەم=ئۆيەم
كۆز+ئەم=كۆزەم
قىلەم+ئەم=قىلىمەم
1-شەخىسنىڭ كۆپلۈكى
(ئەدەبى تىل بىلەن ئوخشاش)

2- شەخىس بىرلىك
قول+ئاڭ=قولاڭ
    بويان+ئاڭ=بويناڭ
پىچاق+ئاڭ=پىچىقاڭ
ئۆي+ئەڭ=ئۆيەڭ
كۆز+ئەڭ=كۆزەڭ
2-شەخىس كۆپلۈك
قول+ئاڭلا=قولاڭلا
بويان+ئاڭلا=بويناڭلا
پىچاق+ئاڭلا=پىچىقاڭلا
ئۆي=ئەڭلە=ئۆيەڭلە
كۆز+ئەڭلە=كۆزەڭلە

(2) ئىسىملارنىڭ 3- شەخىس بىرلىكى ئۇچۇن ئەدەبى تىلدىكى "ئى، سى" (ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە "ئى"، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە "سى") قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندىن سىرت، بەزى بىر ئىسىملارغا گۇما شېۋىسىدە ھەر ئىككىلا قوشۇمچە بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئۆي+ى+سى=ئۆيىسى _ (سىمەتنىڭ ئۆيىسى.)
ياغلىق+ى+سى=ياغلىقىسى _ (ئاۋۇ كىژمنىڭ ياغلىقىسى؟)
قوي+ى+سى=قويىسى – (بۇ ئاكامنىڭ قويىسى)

پۇل+ى+سى=پۇلىسى – (ناننىڭ پۇلىسنى بەدىم.)


B. سۈپەت جەھەتتە:


(1) سۈپەتلەرنىڭ رەڭ كاتىگورىيسىدىكى ئاشۇرما دەرىجىسى ئۈچۈن
گۇما شېۋىسىدە "ئوپ، قوپ، سوپ، ئەپ" قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ئاپ+ئاق=ئاپئاق
ساپ+سېرىق=ساپسېرىق
قاپ+قارا=قاپقارا
ساپ+سۈزۈك=ساپسۈزۈك
ياپ+يېشىل=ياپيىشىل
تۈپ+تۈز=تۈپتۈز
قىپ+قىزىل=قىپقىزىل
    گۇما شېۋىسىدە:
ئوپاق(ئوپئاق)
سوپسىيىغ
قوپقايا (قوپقارا)
سوپسۈزۈك
يوپيېشىل
تەپتۈز
قەپقىزىل

(2) گۇما شېۋىسىدە "ر" تاۋۇشى"ي" تەلەپپۇز قىلىنغانلىقتىن سۈپەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان "راق، رەك" قوشۇمچىلىرى بىردەك "ياق" ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
پەس+رەك=پەسرەك
قېلىن+رەك=قېلىنرەك
ئورۇق+راق=ئورۇقراق
قىزىل+راق=قىزىلراق
تۈز+رەك=تۈزرەك
ئاز+راق=ئازراق
سېمىز+رەك=سېمىزرەك
    گۇما شىۋىسىدە:
پەسياق
قېلىنياق
ئويۇقياق
قىزىلياق
تۈزياق
ئازياق
سىمىزياق

(3) سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى ئۈچۈن ئەدەبى تىلدىكى ئاشۇرۇش رەۋىشلىرى قوللىنىلغاندىن تاشقىرى يەنە، ئەسلى سۈپەتلەرنىڭ ئالدىغا "ساپ\" (ئەڭ، بەك، ناھايىتى دىگەن مەنىدە) دىگەن رەۋىش قوشىلىدۇ.
مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
①ئۆيۈڭلارنىڭ ئارلىقى بەك يىراق ئىكەن
②بۇ قىز ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن
③ئەمەت بۇ يىلى جىق ئۆسۈپتۇ
④يۈزۈڭ ناھايىتى قېلىن ئىكەن
    گۇما شىۋىسىدە:
ئۆيەڭلىنىڭ ئايلىقى ساپ نىياقكەن
بۇ قىز ساپ چايلىغكەن
ئەمەت بۇ ژىل ساپ ئۆسەپتۇ
يۈزۈڭ ساپ قېلىنكەن

(4) سۈپەتلەرنىڭ ئەركىلىتىش دەرىجىسىنى ياسايدىغان "قىنە، غىنە، كىنە، گىنە" قاتارلىق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدىغان سۇپەتلەرنىڭ ھەممىسىگە گۇما شېۋىسىدە "قىنا، غىنا" دىن ئىبارەت ئىككىلا قوشۇمچە ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
يۇمشاققىنە، تاتلىققىنە
ئاققىنە، قىزىلغىنە
كۆكقىنە، ئېگىزغىنە
كىچىككىنە، تۈزگىنە
چوڭغىنە
    گۇما شىۋىسىدە:
يۇمشاققىنا، تاتلىغغىنا
ئاققىنا، قىزىلغىنا
كۆكقىنا، ئىگىزغىنا
كىچىكىنا، تۈزغىنا
چوڭغىنا

. پېئىل جەھەتتە:
(1) گۇما شېۋىسىدە پېئىللارنىڭ بۇيرۇق، خالاش، شەرت، خەۋەر رايلىرى شەخىس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۇرلەنگەندە، شەخىس قوشۇمچىلىرىدىن كېيىن (ئەدەبى تىلدىكى قوشۇمچىلاردىن كېيىن)يەنە، "ئا، ئاي"قوشۇمچىلىرى ئۇلۇنۇپ،
ئىش- ھەرىكەتنىڭ چوقۇم شۇنداق بولغانلىقىنى، بولىدىغانلىقىنى، بولىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەنالارنى ئاڭلىتىدۇ ھەمدە شۇ سۆز ئارىسىدا مەلۇم تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن:

ياز+ئاي+ئاي=يازاي – يازايياي
ياز+دۇق+ئاي=يازدۇقاي
ياز+ئايلى+ئاي=يازىلاي
ياز+دۇق+ئاي=يازدۇقاي
كۈچە+ئەڭلا+ئاي=كۈچەڭلاي
    ياز+ىڭ+ئاي=يازىڭاي
كۈلمە+ڭ+ئاي=كۈلمەڭاي
يە+ڭ+ئاي=يەڭاي
چاپ+ئايلى+ئاي=چاپىلاي
ئۇخلا+ي+مەن+ئاي=ئۇخلايمىناي

(2) خالاش رايىدىكى پېئىللارنىڭ ياسىلىشىدا ئەدەبى تىلدىكى قوشۇمچىلار قوللىنىلغاندىن تاشقىرى يەنە 1- شەخىسنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن "يا"، 2- شەخىس بىرلىكى ئۈچۈن "ئا" ئۇلانمىسى ئۇلۇنۇپ، ئۆتۈنۈش، تىلەك مەنىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ (بۇ يەردىكى "ئا، يا" لارئەدەبى تىلدىكى "چۇ" ئۇلانمىسىغا تەڭداش)
مەسىلەن:

ئىشلەي+يا=ئىشلىييا
ئىشلەڭ+ئا=ئىشلەڭا
كولاي+يا=كولاييا
كولاڭ+ئا=كولاڭا
بۇزماي+يا=بۇزماييا
بۇزماڭ+ئا=بۇزماڭا
تاپاي+يا=تاپاييا
كىلەي+يا=كىلەييا
    جۇملە مىساللىرى:
①بۇگۇن مەن ئىشلىييا
②بولدى، سىز ئىشلەڭا
③بۇ يەنى مەن كولاييا
④ئوياننى بۇزماييا
⑤بولاپتۇ، كامىنى مەن تاپاييا
⑥ئەتە بىييۇلى كىلىييا

(3) گۇما شېۋىسىدە بۇيرۇق ھەم تەلەپ رايىدىكى پېئىللارنىڭ 1- شەخىس كوپلىكىگە ئەدەبى تىلدىكى "ئايلى، ئەيلى" ئەمەس، "يىلى، ىلى" قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ماڭ+ئايلى=ماڭايلى
ئىشلە+يلى=ئىشلەيلى
كەت+ئەيلى=كېتەيلى
سۆزلە+يلى=سۆزلەيلى
ئەت+ئەيلى=ئېتەيلى
تاپ+ئايلى=تاپايلى
تۇر+ئايلى=تۇرايلى
    گۇما شېۋىسىدە:
ماڭ+ىلى=ماڭىلى
ئىشلە+يلى=ئىشلىيلى
سۆزلە+يلى=سۆزلىيلى
كەت+ىلى=كىتىلى
ئەت+ىلى=ئىتىلى
تاپ+ىلى=تاپىلى
تۇر+ىلى=تۇيلى

(4) پېئىللارنىڭ ھازىرقى زامان خەۋەر رايى ئۈچۈن گۇما شېۋىسىدە "ۋاتىت، ۋاتىتو، ىۋاتىت، ىۋاتىتو" دېگەندەك قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ (ئەدەبى تىلدىكى "ۋاتىدۇ، ىۋاتىدۇ" نىڭ ئورنىدا) مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ئوقۇ+ۋاتىدۇ=ئوقۇۋاتىدۇ
ئىشلە+ۋاتىدۇ=ئىشلەۋاتىدۇ
كەل+ىۋاتىدۇ=كېلىۋاتىدۇ
ياز+ىۋاتىدۇ=يېزىۋاتىدۇ
    گۇما شېۋىسىدە:
ئوقۇ+ۋاتىت(ۋاتىتۇ)=ئوقۇۋاتىت(ئوقۇۋاتىتۇ)
ئىشلە+ۋاتىت(ۋاتىتۇ)=ئىشلەۋاتىت(ئىشلەۋاتىتۇ)
كەل+ۋاتىت(ۋاتىتۇ)=كىلىۋاتىت(كىلىۋاتىتۇ)
ياز+ۋاتىت(ىۋاتىتۇ)=يازىۋاتىت(يازىۋاتىتۇ)

(5) كېلىدىغان زامان پېئىلىنىڭ 3- شەخىس بىرلىكى ئۈچۈن گۇما شېۋىسىدە "ئىت" "ىتۇ" "تۇ" "يت" "يىتو" قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
بار+ىدۇ=بارىدۇ
كەل+ىدۇ=كېلىدۇ
ئۇخلا+يدۇ=ئۇخلايدۇ
ئۆگەن+ىدۇ=ئۆگىنىدۇ
قىل+ىدۇ=قىلىدۇ
دە+يدۇ=دەيدۇ
    گۇما شېۋىسىدە:
بايىت،بايتۇ
كىلت، كىتۇ، كىلىتۇ
ئۇخلايت، ئۇخلايتۇ
ئۈگىنىت، ئۈگىنىتۇ
قىت، قىتۇ
دىيىت، دىيتۇ

(6) ئۆتكەن زامان ھېكايە پېئىلى ئۈچۈن گۇما شېۋىسىدە "پ، ىپ، ۇپ، ۈپ" رەۋىشداش قوشۇمچىلىرىدىن كېيىن "دۇر، تۇر" قوشۇلماستىنلا، بىۋاستە شەخىس قوشۇمچىلىرى قوشىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
يىزىپ+تۇر+مەن=يىزىپتىمەن
(يىزىپتىمەن، يىزىپسىلەر)
ئېلىپ+تۇر+مەن=ئېلىپتىمەن
(ئېلىپتىمىز، ئېلىپسىلەر)
سۆيۈپ+تۇر+مەن=سۆيۈپتىمەن
سۆيۈپتىمىز، سۆيۈپسىلەر)
قويۇپ+تۇر+مەن=قويۇپتىمەن
قويۇپتىمىز، قويۇپسىلەر)
    گۇما شېۋىسىدە:
يازىپ+مەن=يازىپمە
(يازىپمىز، يازىپسىلە)
ئالىپ+مە=ئاپمە
(ئاپمىز، ئاپسىلە)
سۆيەپ+مە=سۆيەپمە
(سۆيەپمىز، سۆيەپسىلە)
قوياپ+مە=قوياپمە
(قوياپمىز، قوياپسىلە)

(7) ئۆتكەن زامان ۋە كېلىدىغان زامان پېئىللىرىنىڭ بولۇشلۇق، بولۇشسىز تۈرلىرىنى ياسايدىغان "ئىدى(ئىدىم، ئىدىڭ، ئىدىڭىز، ئىدىڭلار)، ئىكەن، ئىمىش" دېگەن قوشۇمچىلىرى گۇما شېۋىسىدە شۇ قوشۇمچىنىڭ ئالدىدىكى "ئى" تاۋۇشىنى قىسقارتقان ھالدا "دى، تى،(دىم، تىم، دىڭ، تىڭ، دىڭلار، تىڭلار، دىڭىز، تىڭىز) كەن، مىش" شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
(بولۇشلۇق شەكلى)

ئەدەبى تىلدا:
يېزىپ+ئىدى=يېزىۋىدى (يېزىۋىدىم، يېزىۋىدىڭ، يېزىۋىدىڭلار، يېزىۋىدىڭىز )
دەپ+ئىدى=دېۋىدى (دېۋىدىم، دېۋىدېڭ، دېۋىدىڭىز، دېۋىدىڭلار)
ئىشلەپ+ئىدى=ئىشلەۋىدى (ئىشلەۋىدىم، ئىشلەۋىدىڭ،
ئىشلەۋىدىڭىز، ئىشلەۋىدىڭلار)
كېلەر+ئىكەن=كېلەر ئىكەن، كېلەر+ئىمىش=كېلەر ئىمىش
كېلىدۇ+ئىكەن= كېلىدىكەن. قىلار+ئىكەن= قىلار ئىكەن. قىلار+ئىمىش= قىلار ئىمىش.
دەر+ئىمىش= دەر ئىمىش، دەيدۇ+ئىكەن= دەيدىكىن.
گۇما شىۋىسىدە:
يازىپ+تى=يازىپتى (يازىپتىم، يازىپتىڭ، يازىپتىڭىز، يازىپتىڭلە)
دەپ+تى=دەپتى (دەپتىم، دەپتىڭ، دەپتىڭىز، دەپتىڭلە)
ئىشلەپ+تى=ئىشلەپتى ،(ئىشلەپتىم، ئىشلەپتىڭ، ئىشلەپتىڭىز، ئىشلەپتىڭلە)
كىلەر+كەن=كىلەكەن، كىلە+مىش=كىلىمىش، كىلىت+كەن=كىلىتكەن ،(كىيىتكەن)
قىلىت(قىت)+كەن=قىلىتكەن،(قىتكەن)، قىلا+مىش=قىلىمىش(قىتمىش)
دەي+مىش=دىيمىش، دىيتو+كەن=دىيىتكەن،
(بولۇشسىز شەكلى)
ئەدەبى تىلدا:
يازماس+ئىدى= يازماسىدى(يازماسىدىم، يازماسىدىڭ، يازماسىدىڭلار، يازماسىكەن، يازماس ئىمىش.)
دېمەس+ئىدى= دېمەسىدى(دېمەسىدىم، دېمەسىدىڭ، دېمەسىدىڭلە، دېمەس ئىكەن، ئېمەس ئىمىش.)
كەلمەس+ئىدى= كەلمەسىدى( كەلمەسىدىم، كەلمەسىدىڭ، كەلمەسىدىڭلە، كەلمەسىدىڭىز، )
قىلماس+ ئىدى= قىلماسىدى( قىلماسىدىم، قىلماسىدىڭ، قىلاس+ئىكەن=قىلماسىكەن(قىلماس ئىكەنسىز، قىلماس ئىمىش)

گۇما شىۋىسىدە:
يازماس+تى=يازماستى(يازماستىم، يازماستىڭ، يازماستىڭلا، يازماسكەن، يازماسمىش)
دىمەس+تى= دىمەستى(دېمەستىم، دېمەستىڭ، دېمەستىڭىز، دېمەستىڭلار، دېمەسكەن،دېمەسمىش)
كەمەس+تى=كەمەسىتىم، كەمەسىتىڭ، كەمەسىتىڭىز، كەمەسىتىڭلار، كەمەسىكەن، كەمەسمىش، كەمەسكەنسەن، كەمەسكەنمىز)
دېمەي+تىم=دېمىيتتىم(دىمىيتتىڭ، دېمىيىتتىڭىز، دېمىيتتىڭلار، دېمىيتكەن، دېمىتكەنمەن، دېميتكەنسىز) دېمىيمىش، دېمىيمىشكەن
قىماس+تى=قىماستى (قىماستىم، قىماستىڭ، قىماسكەن، قىماسكەنسىز، قىماسىمىش)
قىلا+كەن=قىلاكەن، قىلامىش، دەمىش،


(8) بۇيرۇق رايدىكى پېئىللارنىڭ 2- شەخىستىكى بولۇشلۇق ھەم بولۇشسىز شەكلى ئەدەبى تىلدىكى "-غىن، -قىن، -گىن، -كىن" قوشۇمچىلىرىدىن باشقا "غۇلۇق، -قۇلۇق، -گۈلۈك، -كۈلۈك" قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىقمۇ ياسىلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ زۆرۆر ئىكەنلىكىنى، تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:
با+غۇلۇق=باغۇلۇق –(ئالدىياش ئىشقا ئۆزى باغۇلۇق)
كەت+كۈلۈك=كەتكۈلۈك –(ماشىنا بومىسا، ماڭىپ بوسىمۇ كەتكۈلۈك)
سات+قۇلۇق=ساتقۇلۇق –(ئەزان بوسىمۇ، نەخ ساتقۇلۇق)
كەي+گۈلۈك=كەيگۈلۈك –(يازدا يىلىڭياق كىيگۈلۈك)
چاپ+قۇلۇق=چاپقۇلۇق –(ئىيىقنى چوقۇ چاپقۈلۈق)
ئۈز+گۈلۈك=ئۈزگۈلۈك –(گۇلنىڭ چايلىغىنى ئۈزگۈلۈك)
تەش+كۈلۈك=تەشكۈلۈك –(تۆشۇكنى كىچىگياق تەشكۈلۈك)
(9) ئەدەبى تىلدا بۇيرۇق رايىدىكى پېئىللارنىڭ تۇمۇرىغا ئۇلىنىدىغان (2-شەخىس) "ۋەت، -ىۋەت" قوشۇمچىسى، گۇما شېۋىسىدە "ۋات، ىۋات" شەكلىدە كىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبىي تىلدا
يىرت+ىۋەت=يىرتىۋەت
قوي+ىۋەت=قويىۋەت
ئەت+ىۋەت=ئېتىۋەت
كەس+ىۋەت=كېسىۋەت
ياق+ىۋەت=يېقىۋەت
تارت+ىۋەت=تارتىۋەت
سات+ىۋەت=سېتىۋەت
تەپ+ىۋەت=تېپىۋەت
قىل+ىۋەت=قىلىۋەت
ياپ+ىۋەت=يېپىۋەت
    گۇما شىۋىسىدە:
تاشلىۋات
ژىتۋات
قويۋات
ئەتۋات
كەسۋات
قىۋات
ياپپات
تاتۋات
تەپپات
ساتۋات

مىسال:
"ئېرىق سۈيى غول كەلسە چوڭئۆستەڭگە باشلىۋات،
ۋاپا قىمىغان يانى، باشىڭدىن ئۆيۈپ تاشلىۋات"
(گۇما خەلق قوشىقى)
(10) پېئىللارنىڭ خالاش رايىنى (سۇبىكىتنىڭ نىيتى، ئارزۇسى ۋە خاھىشىنى) بىلدۇرىدىغان قوشۇمچىلاردىن "قاي، غاي، گەي، كەي" لاردىن كېيىن شەخىس قوشۇمچىلىرىدىن "ئىدى، ئىدىم، ئىدىڭ" لار ئۇلانغاندا، ئەدەبى تىلدىكىدەك ئالدىنقى قوشۇمچىلاردىكى "ئا، ئە" تاۋۇشلىرى "ئې، ئى" لارغا ئاجىزلاشماي ئەسلى پېتىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
قالغاي (قاغاي) – قاغايدى، قاغايدىم، قاغايدىڭ، قاغايدۈك.
قالمىغاي (قامىغاي) – قامىغايدى، قامىغايدىم، قامىغايدىڭ، قامىغايدۈك
ياتقاي – ياتقايدى، ياتقايدىم، ياتمىغايدىڭ، ياتمىغايدۈك.
كەتكەي – كەتكەيدىم، كەتكەيدى، كەتكەيدىڭ، كەتكەيدۈك
كەتمىگەي – كەتمىگەيدى، كەتمىگەيدىم، كەتمىگەيدىڭ، كەتمىگەيدۈك
ئەسلەتمە: يۇقۇرقىلار ئەدەبى تىلدا "قالغىيدى، قالمىغىيدى، قالغىيدىم، قالمىغىيدىم، قالغىيدىڭ، قالمىغىيدىڭ" بويىچە تۈرلىنىدۇ.
(11) ھال پېئىللىرىنى ياسىغۇچى "-غىچە، -گىچە، -قىچە، -كىچە" قوشۇمچىلىرى گۇما شېۋىسىدە "-غۇچە، -قۇچە، -گۈچە، -كۈچە" ('ئى" تاۋۇشى "ئۇ" تاۋۇشىغا ئالماشقان ھالدا) ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
كەلگىچە، بارغىچە، تاپقىچە
كۈتكىچە، چىققىچە، چۈشكىچە
ئۆلگىچە، ئالغىچە، بەرگىچە
    گۇما شېۋىسىدە:
كە گۇچە، باغۇچە، تاپقۇچە
كۈتكۈچە، چىققۇچە، چۈشكۈچە
ئۆلگۈچە، ئاغۇچە، بەگۈچە

(12) شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە پېئىللارنىڭ كەلگۈسى زامان خالاش رايىنى ياسايدىغان "غىسى، -قىسى، گىسى، كىسى" دىگەن قوشۇمچىلارمۇ گۇما شېۋىسىدە "ئى" نى "ئۇ" غا ئالماشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
يازغىسى، ئالغىسى، كۆرگىسى
چىققۇسى، چۈشكىسى، سۆيگۈسى
كەلگىسى، بارغىسى، تاپقىسى
    گۇما شېۋىسىدە:
يازغۇسى، ئاغۇسى، كۆگۈسى
چىققۇسى، چۈشكۈسى، سۆيگۈسى
كەگۇسى، باغۇسى، تاپقۇسى


(13) ئەدەبى تىلدىكى "ئال، سال، قال، چال، كەل، بول، قىل، تاپ، چۈش" دېگەندەك پېئىل تومۇرىغا "ئىپ، ۇپ" قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسىلىدىغان ھال پېئىللىرى گۇما شېۋىسىدە تۈپ پېئىلنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىن كېيىنكى بىر تاۋۇشنى، ياكى بىر بوغۇمنى چۈشۈرۈپ قويۇپ "پ" قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشىدىنلا ياسىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ئال+ىپ=ئېلىپ
سال+ىپ=سېلىپ
چال+ىپ=چېلىپ
قال+ىپ=قېلىپ
كەل+ىپ=كېلىپ
بول+ۇپ=بولۇپ
تول+ۇپ=تولۇپ
تاپ+ىپ=تېپىپ
چۈش+ۈپ=چۈشۈپ
    گۇما شېۋىسىدە:
ئاپ (ئاپ كەلدىم، ئاپتۇ)
ساپ (ساپ بەدىم، ساپتۇ)
چاپ (سازنى چاپ بولدى)
قاپ (قاپقالدى، قاپتۇ)
كەپ (كەپ قالدى، كەپتۇ)
بولاپ (كىسەل بولاپ قاپتۇ)
تولاپ (ئادەم تولاپ كەتتى)
تاپ (ئاپكەتكەن نەسىنى تاپپە)
چۈپ (ئىشتىن چۈپ كەتتۈك)


(14) ئاددى ئۆتكەن زامان پېئىلىنىڭ 2- شەخىس سىپايى تۇرىنى ياسايدىغان "-دىلە، -دىلا، -تىلە، -تىلا، -سىلە، -سىلا" قوشۇمچىلىرى گۇما شېۋىسىدە "دى، تى، سى" بوغۇملىرى قىسقارتىلىپ "-لا، -لە، -سا، -سە" شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:


ئەدەبى تىلدا:
ماڭ+دىلا=ماڭدىلا
كەل+دىلە=كەلدىلە
ئال+دىلا=ئالدىلا
سال+دىلا=سالدىلا
ئات+تىلا=ئاتتىلا
ئۇنۇت+تىلا=ئۇنۇتتىلا
قوش+تىلا=قوشتىلا
تاشلا+سىلا=تاشلىسىلا
كۈل+سىلە=كۈلسىلە
تۇر+سىلا=تۇرسىلا
يەت+سىلە=يەتسىلە

    گۇما شېۋىسىدە:
ماڭ+لا=ماڭلا
كەل+لە=كەللە
ئال+لا=ئاللا
سال+لا=ساللا
ئات+لا=ئاتلا
ئۇنۇت+لا=ئۇنتۇللا
قوش+لا=قوشلا
تاشلا+سا=تاشلىسا
كۈل+سە=كۈلسە
تۇ+سا=تۇسا
يەت+سە=يەتسە




مىسال:
"تاماكاڭنى چەكمەيمە تۇتقىنىڭغا ھەشقاللا،
بىژ سۆيەپ قوياڭ دىسەم، ئۇرۇشقىلى تاس قاللا"
(15) گۇما شېۋىسىدە پېئىللارنىڭ بۇيرۇق، ئىلتىماس رايىدا كەلگەن تەكلىپ مەنىسىدىكى بەزى سۆزلەرگە (خۇسۇسەن "ئال، سال، قال، كەل، چال" غا ئوخشاش تۈپ پېئىللارغا) كۆپلۈك قوشۇمچىسى "ىڭلار، ىڭلەر" ئۇلانغاندا، سۆز تەركىپىدىكى "ل" تاۋۇشى چۈشۈپ قىلىپ، سۆز قىسقارتىپ ئېيتىلىدۇ ھەم "ئى" غا ئاجىزلاشمايدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ئال+ىڭلار=ئېلىڭلار
سال+ىڭلار=سېلىڭلار
قال+ىڭلار=قېلىڭلار
چال+ىڭلار=چېلىڭلار
كەل+ئېڭلار=كېلىڭلار
    گۇما شېۋىسىدە:
ئاڭلا، (ئىككىنى ئاڭلا)
ساڭلا، (قاپقا ساڭلا)
قاڭلا، (سىلە قاپقاڭلا)
چاڭلا، (سازنى ئاستا چاڭلا)
كەڭلە، (سىلە ئەتە كەڭلە)




. سان جەھەتتە:
سانلارنىڭ گىرامماتىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ئەدەبى تىلدىكى خۇسۇسىيەتلەرگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. پەقەت قىسمەن جەھەتتە ئايرىمچە ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
(1) گۇما شېۋىسىدە دەرىجە سانلار، ساناق سانلارنىڭ كەينىگە "ۇنجى" قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسىلىدۇ ھەم شۇ ساننىڭ ئاخىردىكى لەۋلەشمىگەن تاۋۇشنى لەۋلەشكەن تاۋۇشقا ئايلاندۇرۋىتىدۇ.
مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
بىرىنجى ئاي، يەتتىنچى ئائىلە
ئون ئىككىنچى ماددا،
بەشىنچى سىنىپ، ئۇچىنچى قاتار
    گۇما شىۋىسىدە:
بۈرۈنجى ئاي، يەتتۈنجى ئائىلە
ئون ئىككۈنجى ماددا
بەشۈنجى سىنىپ، ئۈچۈنجى قاتا



(2) گۇما شېۋىسىدىكى كۆپلۈك سانلار، ساناق سانلارنىڭ ئاخىرىغا "ۆيلە، ۈيلە" قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
بەشەيلەن، ئىككەيلەن
ئۈچەيلەن، ئونەيلەن
    گۇما شېۋىسىدە:
بەشۆيلە، ئىككۈيلە
ئۈچۈيلە، ئونۈيلە.



(3) ئوندىن باشقا كەسىر سان، ئۈلۈش سان، پىرسەنىتلەر جانلىق تىل داۋامىدا ئاددى جۈملە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەدەبى تىلدا:
ئوندىن بىر، يۈزدىن بىر
ئىككىدىن بىر (يېرىم)
    گۇما شىۋىسىدە:
ئوننىڭ بژسى، يۈزدىن بىژسى
ياتۇسى، تەڭياتۇسى، تېڭى، نىسپى.


(4) ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەزىبىر قەدىمى ئاتالغۇلار ھازىرمۇ ئىستىمالدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:
بىژ چارەك (كونىچە 16جىڭ)، ئىششەك (چارەكنىڭ يېرىمى- 8 جىڭ)، نىمشەك (ئىششەكنىڭ يېرىمى- 4جىڭ)

قوشۇمچە:
گۇما شېۋىسىگە خاس ئۆلچەم بىرلىكىنى بىلدۇرىدىغان مىقدار سۆزلەر
گۇما شېۋىسىدە خەلقنىڭ كۈندىلىك تىل- ئالاقە ئىشلىرى داۋامىدا ئىشلىتىدىغان مىقدار سۆزلىرىنىڭ تۇرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ، گىپى بولىۋاتقان ھەر بىر شەئىگە قاراپ خىلمۇ-خىل نامدائاتىلىدۇ. بۇلارنى مىقدارلىماقچى بولغان شەئىيگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈش مۇمكىن.
(1) ھەجىم ياكى چوڭ كىچىك، ئاز-كۆپلىكىنى بىلدۇرىدىغان مىقدارلار، بۇ خىل مىقدارلار مەلۇم بىر خىل شەيئىنى ئۆلچەم قىلىپ، شۇ شەيئىنىڭ بىر بىرلىكى ئاساسىدا شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. ئاز كۆپلۇكى شۇ نامنىڭ ئالدىدا كەلگەن سانىغا ئاساسەن پەرق ئىتىلىدۇ. مەسىلەن:
چىمدىم (بىژ چىمدىم توپا)، چاڭگال (بىژ چاڭگال ئۇن دېگەندەك)، سىقىم، ئوۋۇچ، قۇلتۇق، قۇچاق، يۈدە، باغ، ئىتەك، يانچۇق، خالتا، تاغار، دۆۋە، باش، ئۇلاغ، تېمىتىم، قوشۇق، قاچا، چۆمۇچ، قازان، چىلەك، قاپاق، چۆگۈن، چەينەك، قۇتا، پىيالە، شىشە (بوتۇلكا)، تەخسە، لىگەن، تاسقام......
(2) ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر:
ئىلىك، غىرىچ، گەز، غۇلاچ، قەدەم، چامدام، كۆز يېتىم، ئۇن يېتىم، پوتەي، چاقىرىم، كۈنلۈك، ئايلىق.....
(3) ۋاقىتنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر:
چاي قاينىمى، ئاش پىشىم، ئاشۋاقتى، قاقپو، كۈن قىزىلى، تاڭ يورىقى، كۈن(ئاي)، ئارغامچە بويى، نەيزە بويى، چۈش، زوۋاقتى، ئەزەن ۋاقتى، ناماز ۋاقتى، پېشىن، نامازدىگە، شام، خۇپتەن.
(4) ئىغىرلىق ئۆلچەملىرى:
فۇڭ، مىسقال، سەر، جىڭ، نىمشەك، ئىششەك، چارەك، پاتمان.


«گۇما شېۋىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر