ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-07-19 22:35:10 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى


ئابلىكىم نۇرمەمەت

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىستىتۇنىڭ دوتسېنتى)



       تىليېزىق بىر مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى ۋە مىللىي شەكىلنىڭ بىرىنجى ئامىلى.ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تىل –يېزىقىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا قوللىنىپ،ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغاچقا،ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئانا تىل يېزىقىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدۇ.ئۆزتىل يېزىقىنى قىزغىن سۆيىدۇ ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئېلان سۆزى مەزكۇر مىللەتنىڭ تىل-يېزىق قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا ئىپادە قىلىنىشى ۋە تەرجىمە قىلىشى لازىم.لېكىن ھازىر ھەرقايسى ئاخبارات تارقىتىش ۋاستىلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئېلان ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېلان سۆزىگە قارايدىغان بولساق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقايمىز.
ئالايلۇق،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە قانانلىرىدا كۆرسىتىلگەن مەلۇم بىر ئېلاندا «ئارقا بەل ئاغرىسا XX تابلىتكىسىنى ئىشلىتىڭ» ،«بەل»ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك، ئۇيغۇرتىلىدا ھەرگىزمۇ ئارقا بەل،ئالدى بەل،يان بەل...دېگەندەك سۆز بولمايدۇ..بۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە ئېلانلىرىدىكى تىلنى بۇزۇش ھادىسىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.تۆۋەندىكى مىسالغا قاراپ باقايلى:«ئەيدېخۇا دوختۇرخانىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە غەمخورلۇق قىلىش،ئوپىياتسىيە بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى،ئالدىراڭ»(پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ ئېغىزىدىن بېرىلىۋاتقان ئېلان سۆزى)ھەممىمىزگە ئايان،بىز ئادەتتە« ئوپىراتسىيە بايرىمى»دېگەن يېڭى «بايرام »نىڭ بارلىقىنى زادى ئاڭلىمىغان.ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بايراملارنىڭ كۆپلىكىدىن يېتىشەلمەي يۈرگەن ۋاقىتتا «ئەيدېخۇا دوختۇرخانىسى»نىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان يېڭى بىر بايرام ئوپىراتسىيە بايرىمىنى كۆپەيتكىنى نېمىسى؟!
يەنە بىر مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: «دېھقانلار بېيىشتا نېمىگە تايىنىدۇ؟ئۈچ نەرسىگە تايىنىدۇ.بىرى،ئۇرۇق،ئككىنچى،ئۇغۇت،ئۈچىنچى،بىئوگىن» دېھقانلارنى ئوبىكىت قىلغان بۇ ئېلان سۆزىنى لاھىيەلىگۈچى«بىئوگىن»نىڭ نېمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.يوقارقى مىساللاردىن باشقا ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى تەرەپلەرنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،شۇلارغا قويۇلىۋاتقان ئىسىملار ۋە مەھسۇلات ناملىرىمۇ خىلمۇ-خىللاشتى.بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تىلىمىزنىڭ پاساھەتلىكىنى تولۇق نامايەن قىلغان بولسا يەنە بەزى ئىسىملار تىلىمىزنىڭ يىلتىزىنى يەنى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئىسىملار كارخانا ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئانچە ماس كەلمىدى ۋە كارخانىلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. ھەتتا بەزى ئىسىملارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش،ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىش،ئېلان ئوبىكتى ۋە كەڭ ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خېلى مۇشكۇل. مەسىلەن:تۆۋەندىكى ئىسىملارغا قاراپ باقايلى:
1.«يەكشا»(سۈپەت)- شىركەت ئىسمى،پارىسچە. مەنىسى:يالغۇز،تەڭداشسىز،يەككە.
2.«ئېھسان»(سۈپەت)- شىركەت ئىسمى،ئەرەبچە.مەنىسى:ياخشىلىق(ياخشىلىق قىلىش)ھەدىيە،ياردەم،ئىنئام.
3.ئەركان(ئىسىم)-ماركا نامى،ئەرەبچە.مەنىسى:تۈۋرۈكلەر،تايانچلار،ئاساسلار،ئۇللار.
4.خۇرشىدروھ.(سۆز بىرىكمىسى) ماركا نامى. ئەرەبچە. مەنىسى:جان،روھ.
5.سەرخۇش(سۈپەت)-پارىسچە. مەنىسى:مەست،شادلاندۇرۇش.
6.سەبۇر(سۈپەت)شىركەت نامى.ئەرەبچە. مەنىسى: سەۋىرچان،چىداملىق.
7.زەبىب(ئىسىم) ماركا نامى. ئەرەبچە.مەنىسى: قۇرۇق ئۈزۈم،كىشمىش.
8.نازىل(سۈپەتداش)-ماركا نامى.ئەرەبچە،مەنىسى:چۈشكەن، ئەۋەتىلگەن.
بۇنداق ئىسىملارنى كۆپلەپ كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇيەردە شۇنى دېيىش كېرەككى،كارخانا ۋە تاۋارلارنىڭ ناملىرى كارخانا ۋە تاۋار ئىگىلىرىگە تەۋە بولۇپلا قالماستىن يەنە شۇ مىللەتكە تەۋە بولىدۇ ياكى ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئىسىم مىللەتكە قانچە يېقىن بولغانسىرى خەلق قەلبىدىن شۇنچە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ ۋە داڭلىق ماركا يارىتىشىمىز ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ.مەسىلەن،1886-يىلى ئامرىكىلىق سودىگەر جون.فەنبود كوكا-كولا
ئىچىملىكىنى كەشىپ قىلدى.20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ شاڭخەي شەھرىدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە蝌蝌啃蜡 (پاقىنىڭ شامنى غاجىلىشى)دەپ تەرجىمە قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بۇ شىركەت دەرھال تەدبىر قوللىنىپ مۇۋاپىق ئىسىم قويۇپ بەرگۈچىلەرنى350فونىستىرلىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى جاڭيى ھازىرقى كوكا-كولا 可口可乐دېگەن 4خەتكە يېغىنچاقلىغان.شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىسىم بۇ مەھسۇلاتنىڭ جۇڭگو بازارىنى ئېچىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.بۇنىڭدىن باشقا،فىرانسىيەنىڭ شەھرىمىزدە قۇرۇلغان تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى«كەررىفور»( Carre four , تۆت دوقمۇش دېگەن مەنىدە)خەنزۇتىلىدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە بولۇپ،ئاھاڭ جەھەتتە ئەسلىدىكى ئاھاڭغا يېقىنلاشقان ھەمدە مەنە جەھەتتىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇنلاشقان.
دېمەك، ئېچىۋېتىلگەن، ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دۇنياۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزدا كۆپىيىۋاتقان يېڭى شەيئىي،يېڭى ئۇقۇملارنى،ئانا تىلىمىزدىكى ئاددىي،چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش شارائىتى بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا زورلاپ خەلق چۈشەنمەيدىغان،يات سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق.


«ئېلان ئۇچۇرلىرىدىكى تىل-يېزىقلىرىمىزنىڭ بۇزۇلىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر