ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:40:16 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى


1. قوشۇمچە قوشۇش
1.1. ئالدى قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىن بار بولغان ئۇسۇل ئەمەس، شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئانچە ئومۇملىشىپ كەتمىگەن ھەم ئۇنۈمدارلىقى يوقىرى ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا سۆزنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ سۆز ياسايدىغان قوشۇمچە جەمئىي بەش.
بى- بىئەدەپ، بىئەجەل، بىباھا، بىپەرۋا
نا- ناماقۇل، نامەلۇم، نائىنساپ، نارازى
ھەم- ھەمداستىخان، ھەمسورۇن، ھەمسۆھبەت، ھەمنەپەس،
بەت-بەتنام، بەتخەج، بەتنىيەت، بەتقىلىق
با\بە- بەھەيۋەت، بەئەينى، بەھوزۇر، بامەسلىھەت

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىكى پېئلنىڭ دەرىجىلىرى قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەرنى چىقىرىۋىتىپ قپقالغان 35 مىڭدىن ئارتۇقراق سۆزگە سىتاتىستىكا ئېلىپ بارغاندا بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز جەمئىي 130 سۆز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئوسۇلدا ياسالغان سۆزلەرنڭ بىر قىسىمىنى تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىن بار بولغان ئارقا قوشۇمچىلەر بىلەن ئالماشتۇرغاندا ھىچقانداق قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەيدۇ.
بىئەقىل-ئەقىلسىز، بىئەدەپ-ئەدەپسىز، بىپايان-پايانسىز، بىپەرۋا-پەرۋاسىز
ناقۇلاي-قۇلايسىز، نائېنىق-ئېنىقسىز، نائىلاج-ئىلاجسىز، نائىنساب-ئىنسابسىز
بەتقىلىق-قىلىقسىز، بەتتەم-تەمسىز، بەتئەخلاق-ئەخلاقسىز
بەدۆلەت-دۆلەتلىك، بەقۇۋۋەت-قۇۋۋەتلىك، بەھەيۋەت-ھەيۋەتلىك

1.2. ئارقا قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆز ياساشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز 13400 دىن كۆپرەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار 100 خىلدىن ئارتۇق. بۇ قوشۇمچىلارنى مەن ئايرىم ئىنكاس سۈپتىدە يوللايمەن.
بۇ خىل قوشۇمچىلارنىڭ ئارىسىدا پارس تىلىدىن قوبۇل قىلغان قوشۇمچىلارمۇ بار. مەسىلەن:- كار\كەر\گەر، -خور، -ۋاز، -ۋەن، -شۇناس، -زار، -پەز، -پەرەس، -سىتان، -پەرۋەر......
ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن:- ى\ۋى، -ئان\-ئەن
روس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەنلىرىمۇ بار. مەسىلەن: -سىت\ -ىزىم
ئەلۋەتتە، يەنىلا كۆپ قىسىمى تۈركىي تىللاردا ئەسلىدىنلا بار بولغان قوشۇمچىلار.

1.3 قوشۇمچىلارنىڭ قاتمۇقات قوشۇلىشى
بۇ قوشۇمچىلارنى سۆزلەرنڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئايرىم قوشۇش ئارقىلىق سۆز ياسىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بىر نەچچە قوشۇمچىنى تەكرار قوشۇش ئارقىلىقمۇ سۆز ياسىغىلى بولىدۇ.
بى+ھۆرمەت+لىك، نا+مەرد+لىك، بى+ھوش+لان، غەيۋەت+خور+لۇق، نۇمۇس+سىز+لار+چە، قىسقا+رىش+چان+لىق

2. تەكرارلاش ئۇسۇلى
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆز جەمئىي 530.
2.1. ئاددى تەكرارلاش
دوقمۇش-دوقمۇش، جۈپ-جۈپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ، دانە-دانە،
2.1. «مۇ» باغلىغۇچىسى ئارقىلىق سۆز ياساش
قولمۇقول، تىغمۇتىغ، قۇرمۇقۇر، لىقمۇلىق
2.3. كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن سۆز ياساش
ئوشۇقتىن ئوشۇق، كەينى-كەينىدىن، قولدىن-قولغا، كۈندىن-كۈنگە، ئۈستى-ئۈستىلەپ

3. بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى
3.1. تەڭداش موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش
غەم-قايغۇ. ئاچ-يالىڭاچ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، باغۇبوستان، ئاھۇزار، دەپتەر-قەلەم
3.2. بېقىندىلىق موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش
گۆشگىردە، تۆمۈريول، كۆزەينەك، قولچىراغ
3.3. باشقورۇش موناسىۋىتىدە بىرىكتۈرۈش
كۆڭۈل بۆل، قانات يايدۇر، روناق تاپ
3.4. ئىگە-خەۋەرلىك موناسىۋەتتە بىرىكتۈرۈش
گەپساتتى، كىمئارتۇق، كۆتىيوغان، ئېلىپساتار، ئىشلەپچىقىرىش.

4. ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل
بۇ ئۇسۇل قورۇلما جەھەتتىن ئالدىنقى ئۇسۇلغا ئوخشىسىمۇ سۆز ياساش نوقتىسىدىن ئالغاندا ئىشلىتىلىدىغىنى ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇللاردىن ئوخشىتىش، مۇبالىغە قاتارلىقلار. سۆزنىڭ قورۇلمىسى بۇلارنىڭ ياسىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىمايدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر.
4.1. ئوخشىتىش ئۇسۇلىدا سۆز ياساش
فۇنتانگۈل،  تاسما بېلىق، شاپاق دوپپا، خالتا كوچا، سەللە يىپ، قالپاق مىخ، قايچىقۇدا، گارمۇن يۇپكا، توققۇز كۆز، قولچۇماق، قاغا تۇمشۇق،  (يېقىنقى يىللاردىن بويان ياسالغىنى ئاق تاماكا، بارماق دېسكا )
4.2. موبالىغە ئۇسۇلىدا سۆز ياساش
سەكسەنپۇت، مىڭئاياغ، سەكسەن خالتا، مىڭئۆي، قىرىققۇلاق
4.3. گارمۇنىك (ئاھاڭداش، قاپيىداش) ئۇسۇلدا سۆز ياساش
قاچا-قۇچا، ئالدىراپ-سالدىراپ، ئەسكى-تۈسكى، ئەگرى-بۈگرى،

5. تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى
5.1. ئاۋاز تەقلىد ئۇسۇلى
شىلدىر، بۇلدۇق، پىچىر، گۈلدۈر
5.2. ھالەت تەقلىد ئۇسۇلى
پىلتىڭ، يالت، لەپەڭ،
5.3. ھىسسىيات تەقلىد ئۇسۇلى
لوق، جىغ، زىڭ
بۇ خىل ئۇسۇل سۆزلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا تەۋەدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ھازىرقى سۆز ياساشتىمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن. قات-قات، غەر-غەر سۈيى، لۆم-لۆم پالاس، دوق-دوق ماشىنا، تىكتاك توپ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى موشۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىملار «ئۈزچات» نى «چاس-چاس» دېيىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ تىلشۇناسلىق ئاساسى بار بولۇپ «ۋىكلىيۇچاتىل، كەيگۈەن» دېگەندىن ياخشى ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، يۇقارقىلار مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىم. بەزىلىرى باشقىلار بورۇن ئوتتۇرىغا قويغان، بورۇندىن شۇنداق دىيىلىپ كىلىۋاتقان گەپلەر. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئازراق كۆز قارىشىنى قوشتۇم. بۇ يازمىنى يېزىشتا مەن ئاساسلىقى ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ۋە تەقلىد ئۇسۇلىنىڭ سۆز ياساشتا موھىملىقىنىمۇ تەكىتلىمەكچى. قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش، تەكرارلاشنىڭ بورۇندىن دېيىلىپ كىلىۋاتقىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساشتا باشقا ئىككى خىل ئۇسۇلمۇ بار بولۇپ بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر ناھايىتى ئوبرازلىق، ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك بولۇش، ئومۇملاشۇرۇشقا ئاسان، ئەستە قالدۇرۇشقا قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە.

مەنبە:بىلىك كۇلۇبى



«ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى