ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 23:32:16 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى

  ئاپتورى: ئابلەت كامالوف (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


تەييارلىغۇچى: نازىمى

     ئۇيغۇر خەلقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ۋە كۆچمەن ئېتنىكىلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ۋە بىرىكىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە شىمالىي موڭغۇلىيىنى (ئورخۇن ۋە سېلېنگا ۋادىسى) مەركەز قىلغان ھالدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر خاقانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (744 - 840) ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىقاتچىلار ئاساسەن يازما ۋە ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى ئاساسىدا تىكلەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى ۋە تېپىلغان جايى بويىچە بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ: خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەر، ئۇيغۇرچە ئېپىگرافىلىق يادىكارلىقلار، ئەرەب-پارىس تىلىدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ قول يازمىلىرى. مەزكۈر ماقالىمىزدا بىز پەقەت ئۇيغۇر خاقانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 8 - 9-ئەسىردىكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ھەققىدىلا توختالماقچىمىز.

    ھازىرچە ئالىملار ئۈچۈن بەش ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى مەلۇم: تېرخىن (تاريات) يېزىقى (753 - 760 -يىللار)، موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق ياكى سېلېنگا مەڭگۈ تېشى (759 - 760)، تېسىن تاش پۈتۈكى (762-يىلى)، سەۋرەي ئۇيغۇر-سوغدا يېزىقى (763)، ئۇيغۇر-سوغدا-خەنزۇ ئۈچ تىللىق قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشى (820 - 821).بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت موغون شىنە ئۇسۇ ۋە قارابالغاسۇندىن تېپىلغان يېزىقلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېپىلغان، قالغانلىرى 1970 - 1980-يىللىرى تېپىلىپ، ئىلمىي قوللىنىشقا يېقىندا كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرسىتىلگەن يادىكارلىقلاردىكى مەلۇماتلارغا خاراكتېرىستىكا بېرىشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ تېپىلىش تارىخى، ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە يادىكارلىقلارنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

  1. تېرخىن يېزىقى

   مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن 1957-يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈۈركشۇناسى س. كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ ئىنىستىتۇتىدا (ئۇلان-باتۇر) ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م.شىنەخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. يادىكارلىقلارنى ئوقۇش، تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (<سوۋېت تۈركولوگىيىسى>، 1980-يىل،3-سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى موڭغۇل ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنەخ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان. تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا "تاريات يېزىقى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپپىسسىيىسى س.كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىززاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى.س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش خاقاننىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىكى بۆگۈ خاقان، 759 - 779) ئىدى.


2. موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق

     مەزكۇر يادىكارلىقنى فىنلاندىيە ئالىمى گ.رامستېد 1909-يىلى تېپىپ، ئۇنى "سېلىنگا تېشى" دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759 -760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ قەبرىسىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېساپلىنىدۇ. گ.رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س.مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلى نەشر قىلىنغان <موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى> كىتاۋىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق "مويۇن چۇر يادىكارلىقى" دەپ بېرىلگەن. "مويۇن چۇر" _ ئەلئەتمىش خاقاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە "مويان" شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى "جۇ" سۆزىنىڭ تۈركچە تەلەپبۇزى "چۇر" ئېنىقىراقى "چور" (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى "مويان" مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج.ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا "بايان چور" شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا بايان چور شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.ئەلئەتمىش ئېپىتافىياغى (قەبرە تېشى) باشتا ئېيتقىنىمىزدەك خېلى بۇرۇن تېپىلغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇر خاقانلىقىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملاردىن يې.گ.گرۇم-گرىژىمايلو، ل.ن.گۇمېلېف، ئا.ن.بېرنشتام، س.گ.كلياشتورنىي، ل.ر.كىزلاسوفلار تەرىپىدىن پايدىلانغان.

3. تېسىن ستېلىسى (تاش پۈتۈكى)

بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارخ-مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي ھانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈ خاقاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.



4. سەۋرەي تېشى

مەزكۇر يادىكارلىقنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى دەسلەپ موڭغۇل ئالىمى ر.رىنچېن 1968-يىلى ئېلان قىلغان. س.ف.كلياشتورنىينىڭ تەپسىلى تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، مەزكۇر يادىكارلىقنىڭ ئىككى خىل تىلدا يەنى رۇنىك يېزىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە سوغدا تىللىرىدا پۈتۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇرچە قىسمىنى س.گ.كلياشتورنىي، سوغدىچىسىنى ۋ.ئا.لىۋشىتس ئوقۇپ، 1971-يىلى نەشر قىلدى. يېزىق ئانچە چوڭ ئەمەس، باشقا يادىكارلىقلاردىن پەرقى ئۇ ستېلىغا يېزىلماي، بەلكى قورام تاشقا ئويۇلۇپ يېزىلغان. يادىكارلىقنى كلياشتورنىي 3 پاكىتقا ئاساسلىنىپ 763-يىلى يېزىلغان دەپ ھېساپلايدۇ: 1) بۆگۈ خاقان تىتۇلى (ئۇنۋانى دېمەكچى - نازىمى) "ئىنگى ياغلاقار" نىڭ ئەسكە ئېلىنىشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شى چاۋيى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن (763-يىلى) تاڭ دەيزۇڭ بەرگەن تىتۇلى؛ 2) يادىكارلىقتا سوغدا تېكستىنىڭ بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئۆتۈشىگە باغلىق (762 - 63-يىللىرى)؛ 3) يادىكارلىقنىڭ چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دىن خاقانات پايتەختى ئوردۇبالىق جايلاشقان يولغا (جەنۇبىي گوبى) ئورنىتىلىشى. بۇ يول بىلەن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قوزغىلاڭنى باستۇرغان ئۇيغۇرلار قايتقان.


5. قارابالغاسۇن يادىكارلىقى

بۇ ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەڭگۈ تېشى ھېساپلىنىدۇ. مەزكۇر يادىكارلىق 820 - 821-يىللىرى ئورخۇن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق (قارابالغاسۇن) تا ئورنىتىلغان. قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشى 1889-يىلى ن.م.يادرېنتسېف ئېكىسپېدىتسىيىسى تەرىپىدىن بايقالغان. ئۇنىڭ بەزى فراگمېنتلىرى ئا.گېيكېل (1890)، ۋ.ۋ.رادلوف (1891) ئېكسپىدىتسىيىلىرىدىمۇ تېپىلدى. يادىكارلىق ئۇيغۇر، سوغدا، خەنزۇ تىللىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى بەكمۇ ئۇپراپ كەتكەن. خەنزۇچە ۋارىيانتى تولۇق ساقلانغان. سوغدا ۋارىيانتىنى ئالىملار دەسلەپ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دەپ ھېساپلىغان. پەقەت 1909-يىلىلا گېرمان شەرقشۇناسى ۋ.ف.مىللېر مەزكۇر قىسىمىنىڭ سوغدا تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. سوغدا تېكستىنى دەسلەپ ئو.خانسېن نېمىس تىلىغا، 1930-يىلى تەرجىمە قىلدى. لېكىن مەزكۇر تەرجىمە ھازىر كونىراپ كەتتى. ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرىنى ياپون سوغدىشۇناس ئالىمى يۇكاتا ئىئوشىدا قايتا ئوقۇدى. تېكستنى تولۇق ۋە ئىلمىي ئاساستا يېقىندا سوۋېت ئىرانشۇناسى ۋ.ئا.لىۋشىتس تەرجىمە قىلىپ چىقتى.
خەنزۇچە ۋارىيانتى دەسلەپ ھاكىميەت ئورنى بولغان "زۇڭلى يامېن" تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر تەرجىمە ئاساسىدا رۇس ئاكادېمىكى ۋ.پ.ۋاسىليېف 1897-يىلى تولۇق تېكستىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدى. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق يەنى 1896-يىلى خەنزۇچە تېكستنى نېمىس تىلىغا گ.شېگېل تەرجىمە قىلغان. كېيىنرەك يادىكارلىقنىڭ بەزى تالاش جايلىرىغا فرانسۇزلاردىن  ئې.شاۋان، پ.پېللىئوت ۋە ياپونلاردىن تاكېئو ئابې، خانېدا تورۇ، يامادا نوبۇئو قاتارلىق ئالىملار ئۆز ئېنىقلىمىلىرى ۋە ئىززاھلىرى بىلەن مۇراجەت قىلدى. قارابالغاسۇن ئۈچ تىللىق يادىكارلىقىنى سوۋېت تەتقىقاتچىلىرى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
يۇقۇرىدا ئاتالغان بەش ئۇيغۇر يادىكارلىقىدىن باشقا، ئۇيغۇر خاقانلىقى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلار 840-يىلى يەنى خاقانلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان يىلى ئورنىتىلغان سۇجىدىن تېپىلغان قىرغىزچە يېزىلمىمۇ بار. مەزكۇر يېزىلمىنى ئالىملار دەسلەپ "ئۇيغۇر يېرى" ۋە "ياغلاقار خان " ئىبارىلىرىگە قاراپ، ئۇيغۇرچە يېزىلما دەپ خاتالاشقان.
ئۇيغۇرچە مەڭگۈ ياشلارنىڭ ئەھمىيىتى ئۇلارنىڭ يەرلىك (ئاۋتوختونلۇق) خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار بىۋاستە مۇھىتتا مەيدانغا كەلگەنلىكتىن، باشقا مەنبەلەردىن (خەنزۇچە، ئەرەبچە، پارىسچە) تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئورنى جەھەتتىنمۇ، ۋاقتى جەھەتتىنمۇ يېقىن تۇرىدىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلاردىكى ۋەقەلەر سىرتتىن بايقاپ تۇرغان ئادەم نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى ياكى بىۋاستە ئىشتىراكچىلىرى نەزىرىدىن يېزىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇ تارىخچىلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم پاكىتلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى توغرىسىدا باشقا مەنبەلەردە ئۇچرىمايدىغان مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر. بەزى ھەربىي-سىياسىي ۋە مەدەنىي ۋەقەلەر توغرىسىدا بىز پەقەت ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىنلا بىلەلەيمىز.
مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكى ئۇلارنىڭ تاشقا يېزىلغانلىقىدا. مەڭگۈ تاشلار ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ئوچۇق ئاسماندا تۇرغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى يېزىقلار يامغۇر، قار ۋە قۇياشنىڭ تەسىرىدىن تولۇقى بىلەن يوقاپ كەتكەن بولسا (سەۋرەي تېشى ھەم قارابالغاسۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى)، بەزىلىرىنىڭ ئۆچۈپ فراگمېنتلىق بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلاردىكى مەلۇماتلارنى شەرھىلەش شەرتلىك خارەكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بەزىدە ھاتتا ئۇمۇ مۈمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان. شۇڭلاشقا مەزكۈر مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش كومپلېكسلىق (بىر يۈرۈش) ئەمگەكنى يەنى تىلنى ھەم تارىخىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەلئەتمىش بىلگە خاقان (747 - 759) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۆگۈ خاقان (759 - 779) دەۋىرلىرىدە ئورنىتىلغان. پەقەت قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشىلا 8-ئەسىرنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بىز ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ، مەزكۈر خاقانلىقنىڭ ئىچكى ۋەقەلىرىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرلىرىنىلا يورۇتۇپ بېرىشىمىز مۈمكىن.
ئەمدى ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلارنىڭ مەقسىدىگە كېلىدىغان بولساق، موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىقتىن باشقىلىرى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى ھۆرمىتىگە ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يادىكارلىق يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك قەبرە ئۈستىگە قويۇلغان.
شەكىل جەھەتتىن ئۇلار ستېلا (стела تاش پۈتۈك - نازىمى)  بولۇپ، دەسلەپ  مەخسۇس پوستامېنت (постамент  تاش مۇنار، تاش تۈۋرۈك مەنىسىدە - نازىمى) قا ئورنىتىلغان. ستېلىلارغا ئۇيغۇر تېكسلىرى تاشنى بويلاپ يېزىلغان (خەنزۇ يېزىقى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە يېزىلغان، سوغدا يېزىقى بولسا تۈرك-رۇنا يېزىقلىرىغا ئوخشايدۇ.) پەقەت سەۋرەي تېشى ستېلا بولماستىن، ئادەتتىكى يوغان (قورام) تاش بولۇپ، ئۇنىڭ تەكشىلەنگەن تەرىپىگە رۇنا ۋە سوغدا يېزىقلىرى ئويۇلغان.
ئەندى يۇقۇرىدا ئاتالغان يادىكارلىقلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا توختىلىپ ئۆتەيلى. ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ ئىككى يېزىقىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى قۇتلۇق بىلگە-كۆل خاقان (كۆل بىلگە خاقان، خەنزۇچە مەنبەلەردە - "گۇلى پېيلو" بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى "قۇللۇق بويلا" ياكى "قۇلۇغ بويلا" بولۇشى مۇمكىن، 744 - 747) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئەتمىش ئۆزىنىڭ (747 - 759) خاقانلىق قىلغان دەۋرىدىكى ۋەقەلەرگە تەپسىلى توىتىلىدۇ. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەخت ئۈچۈن ئاشىنا سۇلدلىسى باشقۇرغان شەرقىي تۈركلەر بىلەن بولغان جەڭلەرگە تولاراق ئەھمىيەت بەرگەن (742 - 745).
خەنزۇچە مەنبەلەردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر-تۈرك ئۇرۇشىدا تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ۋە ئاشىدە قاتارلىق ئۇرۇقلىرى بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمى تاڭ سۇلالىسىغا قېچىپ كەتكەن. بىراق سىرتقى دۈشمەنلەردىن غالىبىيەت قازىنىش ياغلاقار قەبىلىسىدىن چىققان ئۇيغۇر خاقانلىرى باشقۇرىۋاتقان توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىگە زېمىن بولالمىدى. قۇتلۇق كۆل بىلگە خاقان ۋاپاتىدىن كېيىن ، 747-يىلى خاقانلىققا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ رەھبىرى يابغۇ تاي بىلگە تۇتۇق باشقۇرغان سەككىز ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ قوزغىلىڭى يۈز بەردى. بۇ قوزغىلاڭغا موڭغۇل تىللىق قەبىلە توققۇز تاتارلارمۇ قوشۇلۇپ، ئەلئەتمىش بىلگە خاقانغا ئۈچ يىل مابەينىدە ئۆز خەلقىنى بوي سۇندۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئاقىۋەتتە ئۇ توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىدا بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار تىنجىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە بىر نەچچە يۈرۈشلەرنى قىلدى. 750-يىلى ئەلئەتمىش ھازىرقى تۇۋا تېررىتورىيىسىدە ياشىغۇچى چىكلارغا قارشى ئاتلاندى. تۇۋا تېررىتورىيىسى تولۇقى بىلەن ئۇيغۇر خاقانلىقى تەركىۋىگە پەقەت 752-يىلى قوشۇلدى. ھازىر بۇ يەرلەردىن قەدىمىي ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىگە باغلىق شەھەرلەر، قەبرىلەر، تۇرمۇش جىھازلىرى، قورال-ياراقلار تېپىلىپ، تەتقىق قىلىنماقتا. تۇۋادىكى ئارخىئولوگىيىلىك يادىكارلىقلارنى تېپىشتا ل.ر.كىزلاسوفنىڭ ئەمگىكى چوڭ. چىكلارغا قوشنا ئېنېسەي قىرغىزلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ (752 - 758)، ئۇلار پەقەت ۋاسساللىق بېقىنىشنى ئېتىراپ قىلىپ، تېررىتورىيىسى بىلەن خاقانلىققا كىرمىدى. 752-يىلى ئۇيغۇرلار قارلۇق، باسمىل (بۇ قەبىلىلەر كېيىنرەك ئۇيغۇر ئىننوسى - مىللىتىنىڭ تەركىۋىگە كىرىپ كەتتى) ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەن جۇڭغارىيىدىكى تۈرگەش قەبىلىلىرىگە قاراپ ئاتلىنىپ، تا يەتتەسۇغىچە، ئىرتىش دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە قارلۇق، باسمىل قەبىلىلىرى يېڭىلىپ قېلىپ، قارلۇقلارنىڭ ئالتاي تارمىقىدىن باشقىسى توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقىغا كىردى. ئەلەتمىش دەۋرىنىڭ ئاخىرىغ كەلەەندە، توققۇز وغۇز قەبىلىسىنىڭ ھەممىسى "ئۇيغۇرلار" دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى، يەنى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك "ئۇيغۇر" ئېتنىكىلىق نامنى قوبۇل قىلدى. بۇ يەردە تېرخىن يېزىقىدىكى مەلۇماتلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار قارلۇق ۋە باسمىللارغا قارشى ئۇرۇشلىرىدا تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى تۈرك تىللىق قەبىلىلەرنى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بېقىندۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر بىز قەدىمىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ش ت (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) تەۋەسىدە بۇ ۋەقەلەردىن خېلىلا بۇرۇن ياشىغانلىقىنى ئەسكە ئالىدىغان بولساق (بۇ يەردە ش ت دا ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ۋە 5-ئەسىردە گاۋچې خانلىقىنى قۇرغانلىقىنى ئاتىساق شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە) ئۇ چاغدا ھەر خىل سەۋەبلەرگە بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر خەلق ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي ماكانىدا قانداشلىق قېرىنداشلىق باغلىنىشىنى قايتا تىكلىدى دەپ تەخمىن قىلساق بولىدۇ.
قەدىمىي ئۇيغۇر مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ بەزىى مەسىلىلىرىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇلادا شەھەر قۇرۇلۇشى، ساريلارنى سېلىش توغرىسىدىكى بەزى پاكىتلارنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلئەتمىش سالغان سارايلارنىڭ بىرىنى س.ئى.ۋاينشتېين تۇۋادىكى تېرېخول كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارالدىن تاپتى. شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان مەلۇماتلاردا سوغدا، خەنزۇ ئۇستىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سېلېنگا دەرياسىنىڭ بويىدىغا باي بالىق شەھىرىنىڭ سېلىنغانلىقىنى خەۋەرلەيدۇ. تېرخىن يېزىقىدا بولسا، باشقۇرۇش ئاپاراتى ستۇركتۇرىسى (структура "قۇرۇلمىسى" دېمەكچى _ نازىمى)، ئاساسەن "توققۇز ئۇلۇق بۇيرۇق" ئىنىستىتۇتى توغرىسىدىكى مەلۇمات ئورۇن ئالغان.
ھەر قايسى يېزىقلاردا ئۇچرايدىغان ئىستورىگرافىيىلىك (تارىخىي يازما - نازىمى) خارەكتېرگە ئىگە مەلۇماتلار ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتقا ئىگە. ئۇلار كۆپرەك تېسىن يېزىقىدا ئۇچرايدۇ. مەزكۈر مەلۇماتلارنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغان ئالىم س.گ.كلياشتورنىي (Надпись Уйгурского Бегю-кагана в Северо-западной Монголии 1987  с 27 يەنى <غەربىي شىمال موڭغولىيىدىكى ئۇيغۇر بۆگۈ قاغان مەڭگۈ تېشى> كىتابى، 1987-يىل، 27-بەت - نازىمى ئىززاھى.) ناملىق ئەسىرىدە تۆۋەندىكى پىكىرگە كەلدى: "ئۇيغۇر مۇئەللىپلىرىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشىدىن قارىغاندا، 8-ئەسىردە مەيدانغا كالگەن ئۇيغۇر خاقانلىقى كەم دېگەندە ئۈچىنجى ئۇيغۇر ئېلى ھېساپلىنىدۇ. بىرىنچى ئۇيغۇر دۆلىتى ئۈچ يۈز (بەزى مەلۇماتلار بويىچە 200 يىل) ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇ دۆلەت غۇلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار 100 يىل باشقا قەبىلىلەر قولىدا بولدى. ئاندىن ياغلاقار قەبىلىسى رەھبەرلىگىدە ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئۆز دۆلىتىنى تىكلەيدۇ، لېكىن ئۇمۇ ئۇزاق بارماي 80 يىلدىن كېيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى توختىتىدۇ. ئۇيغۇرلار 50 يىل داۋامىدا تۈرك ۋە سىرلارغا بېقىندى بولۇپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈچىنجى ئۇيغۇر دۆلىتى بولسا 744-يىلى مەيدانغا كەلدى". مەزكۈر مەلۇماتلارنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ بۇرۇنمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان خەنزۇچە مەنبەلەرمۇ دەلىللەيدۇ.
ئۇيغۇر خاقانلىقىدا ئىستورىگرافىيىلىك (تارىخىي يازما) ئەنئەنىسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى مەڭگۈ تاش ئىستورىگرافىيىلىك (تارىخىي يازما) مەلۇماتلىرىلا ئەمەس، شۇنداقلا شۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ دەلىللەيدۇ. ئالىملار شىمە ئۇسۇدىن تېپىلغان يادىكارلىقتا سەنەلەرنىڭ (نەقىللەرنىڭ دېمەكچى - نازىمى) تا كۈنلىرىگىچە ئېنىق يېزىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئون يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر سەنەلىرى بولمىغاندا، ئۇ ھىچ كىمنى ھەيران قالدۇرمايتى. مەزكۇر يادىكارلىق 759 - 60-يىللىرى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، 740- ۋە 750-يىللاردىكى ۋەقەلەرنى دەل تەسۋىرلەيدۇ. بۇ پەقەت ۋەقەلەرنى يازما شەكىلدە ئېنىقلاش ئەنئەنىسىنىڭ يەنى ۋەقەلەرنى تىركەش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان مەلۇم ئىستورىگرافىيىلىك دېپارتامېنتى (تارىخىي يازما خاتىرىلەش مەخسۇس ئورگىنى - نازىمى ئىززاھى) نىڭ مەۋجۇتلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. شۇنداقلا شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىقنىڭ باشقا ئەللەر ھۆكۈمدارلىقى يىلنامىلىرى بىلەن ئوخشاشلىقىمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەزكۈر يېزىقنى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان باشقۇرمىسىنىڭ ئالاھىدە بىر يىلنامىسى دېيىش مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەھۋالنى قارابالغاسۇن يېىقىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭدا ياكى ئىككى خاقان ھاكىميىتىنىڭ خرونىكىسى (تارىخي دەۋرى _ نازىمى) ئەمەس، بەلكى خاقانلىقنىڭ سەكسەن يىللىق ھاياتىنىڭ خرونىكىسى بېرىلگەن. قارابالغاسۇن يېزىقىدا خاقانلىقنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى خاقاندىن تارتىپ باۋيى خاقان (808 - 821) ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ھەر بىر خاقان دەۋرىدىكى ئاساسىي ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەننىسىگە بىردەك دىققەت بۆلۈنمىگەن، خاقانلارنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى ئالاھىدە قېلىپلاشقان ئىبارىلەردىن ئىبارەت. "تەختكە پالانچى ئولتۇردى" دەپ خەۋەرلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىتۇللىرى (تىتۇل: ئاتاق، ئۇنۋان - نازىمى) نى ئاتاپ چىقىدۇ. يېزىقنىڭ خەنزۇچە ۋارىيانتىدا خاقانلارنىڭ تولۇق تىتۇلىنىڭ بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ تاڭ (سۇلالىسى) مەنبەلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خاقانلارنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىنى دەل ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىپ بېرىدۇ. مەزكۈر يېزىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ 762 - 763-يىللىرى مانى دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا تەپسىلىي توختالغغان. بۇ دىننىڭ ئېنىق نامى بولسا، پەقەت يېزىقنىڭ سوغدا ۋارىيانتىدىلا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا شەرقىي ت غا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بولغان ئۇيغۇر-تىبەت ئۇرۇشلىرىغا (8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ھەم ئۇيغۇر "تەڭرى خاقان" نىڭ پەرغانە ۋە سىردەريالىرىغا  9-ئەسىرنىڭ بېشىدا قىلغان يۈرۈشلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىدۇ. بۇ يۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار يەتتىسۇدىكى قارلۇق ۋە تۈرگەشلەرنى ئۆزلىرىگە بېقىندۇرۇپ ئالدى.
_____________
ئۇيغۇرلارنىڭ 8 - 9-ئەسىردىكى ۋەقەلىرىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈش ۋە تارىخىي ھۆجقەتلىرىنى ساقلاش ئەنئەنىسى توغرىسىدا دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تىبەت قوليازمىسىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ قوليازمىنى پ.پېلئو تاپقان. ھازىر 1283-شېفىر بىلەن پارىژدا ساقلانماقتا. مەزكۈر قوليازما بەش ئۇيغۇر ئەلچىسى يازغان ھېساۋاتنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسىدۇر. قوليازما بىباھا مەنبە بولغىنى بىلەن، شەرھىلەش ناھايىتى تەس. بۇ ھۆججەت مەلۇماتلىرى ئۈستىدە ھازىر كۆپلىگەن شەرقشۇناس ئالىملار ئىشلىمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى ۋېنگر (ھونگر) ئالىمى ك.سېگلېدى تىبەت مەنبەسىدىكى مەلۇماتلارنى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ دەپ ھېساپلايدۇ. ئۇيغۇر ئەلچىلىرى بولسا، شۇ خاقان بۇيرۇقى بويىچە قوشنا ئەللەرگە ئەۋەتىلگەن. تىبەت قوليازمىسى ئالاھىدە بىر تېما. بۇ يەردە بىزنى پەقەت پۈتكۈل ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىدە بىر بىرىگە دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتتە بولغان تىبەتلەرنىڭ قولىغا قانداق يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئەلچىلىرىنىڭ ھېساۋاتى چۈشۈپ قالغانلىقى قىزىقتۇرىدۇ. ھەر ھالدا ھۆجقەتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا تىبەتلەر ئۇيغۇر خاقانلىقى غۇلىغاندىن كېيىن ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىلگىرى تىبەتكە قارىغان، گەنجۇغا بېرىپ ئورۇنلاشقان ياغلاقار خاقان نەسلىدىن (ئەۋلاتلىرىدىن) بولغانلىقتىن، گەنجۇغا مەزكۈر ھۆججەتمۇ ساقلىنىۋاتقان خاقانلىق ئارخىپىنى .ۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. قالداقلا بولمىسۇن، قول يازمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تىبەتلەرگە پەقەت خاقانلىقتا ئۇزاق ساقلىنىپ ياتقاندىن كېيىنلا تەككەن. ئۇيغۇر خاقانلىقىدا ئىستورىگرافىيىلىك (تارىخىي يازما) ئارخىپىنىڭ بولغانلىقىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىستورىگرافىيىلىك (تارىخىي يازما) مەلۇماتلارغا ئىگە تۇرپان ھۆججەتلىرىمۇ دەلىللەيدۇ.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، يۇقۇرىدا ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقلىرى (يازمىلىرى دېمەكچى - نازىمى) ئوتتۇرا ئەسىرلەرنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى توغرىسىدىكى بارلىق رونا ئېپىگرافىكىلىق (يازما) مەنبەلىرى ئەمەس. ئۇيغۇر خاقانلىقىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار (توققۇز ئوغۇزلار) شەرقىي تۈرك خاقانلىقى (689 - 744) تەركىۋىگە كىرگەنلىكتىن، ئۇلار توغرىلىق مەنبەلەر سۈپىتىدە رونا يېزىقىدىكى كۆل تېگىن (732)، بىلگە خاقان (قاپاغان، 735)، ئونگى، تۇنيۇقۇق (ھەر ئىككىلىسى 8-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى ئون يىللىقىدا ئورنىتىلغان)، چويرېن مەڭگۈ تاشلىرىنى پايدىلىنىش مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەققىدە سۆز باشقا


«ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر