ئۇدۇن يېزىقى ۋە ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر
ئاپتور: ئەكبەر ئابلېكىم
مەسىلەن، ‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹بۇددا ئېيتقان ئۆلمەسلىك سۇتراسى ›› قاتارلىقلار. بۇددا دىنىي ئەسەرلىرىگە ئائىت بولمىغان ۋەسىقىلەردىن يارلىق، مەكتۇپ، خەت-چەك، ھېسابات، تېببىي كىتاب، ئەدەبىيات، لۇغەت قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، ‹‹سىتايول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ ئەلچىلەر بىلەن بىرگە ئۇدۇن خانىغا مەلۇماتنامە بېرىشى››، ‹‹يەتتە
شاھزادىنىڭ ئۇدۇن خانىغا مەكتۇپ يوللىشى››، ‹‹ئەلچىلەرنىڭ ئۇدۇن خانىغا قامجۇ تۈركلىرىنىڭ توپىلىڭى ھەققىدە مەلۇمات سۇنۇشى››، ‹‹خەنزۇ تىلى- ئۇدۇن تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى›› قاتارلىقلار . جۇڭگودا ساقلىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشقا، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئۇدۇن يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق
دۆلەتلەرنىڭ كۇتۇپخانا ياكى مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا .
ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر: ئۇدۇن يېزىقىنىڭ مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ قىيپاش خەت شەكلى بولۇپ، قەدىمكى ئۇدۇن دىيارىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئىشلەتكەن يېزىقىدۇر. بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تىل بۈگۈنكى كۈندە ئۇدۇن تىلى ياكى ئۇدۇن ساك تىلى دەپ ئاتالماقتا. ئۇ ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ . ھازىرغىچە تېپىلغان ئۇدۇن تىلى ۋەسىقىلىرى تەخمىنەن 6–~ 10–ئەسىرگە مەنسۇپ. ئاساسلىقى بۇددا كالاملىرى، مەسىلەن، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹سۇرەڭگەمە سامادى سۇترا ››، ‹‹ زانباستانامە ››، ‹‹ ئالتۇن يارۇق ››، ‹‹پادىشاھ ئاسۇكانىڭ تەمسىللىرى››، ‹‹سانگھراتا سۇترا›› قاتارلىقلار. دىندىن خالىي ۋەسىقىلەردىن ‹‹ئۇدۇن ئېلىگە سەپەر››، ‹‹سىتابول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹ئۇدۇنلۇق راھىب كالاننىڭ كەشمىرىگە قىلغان سەپىرى››، ‹‹قامجۇ تۈركلىرىنىڭ پائالىيىتى››، ‹‹ئۇدۇن خانىنىڭ ساۋ يۈەنچۇڭغا يازغان مەكتۇپى››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ مەكتۇپلىرى››، ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە سۆزلۈك لۇغىتى›› ھەمدە ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە قوش تىللىق مەكتۇپلار›› قاتارلىقلار بار. بۇ ۋەسىقىلەر ئاساسەن خوتەن رايونى، مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرى. تۇرپان، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارلىرى قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋېلىنغان، تۇمشۇقتىن تېپىلىغىنى ئەڭ بۇرۇنقى مەزگىللەرگە تەۋە ۋەسىقىلەردۇر. بۇلار خوتەن رايونىنىڭ بۇددا دىنىنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ بۇددا دىنى تارىخى، بۇددا نوملىرىنىڭ تارقىلىش تارىخى، ئۇدۇن تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. بولۇپمۇ دىندىن خالىي ھېساباتلىرى، مەخپىي ھۆججەتلىرى، ئەرزنامىلەر، تېبابەتچىلىككە دائىر ماتېرىياللار بولۇپ، مۇھىم قىممەتكە ئىگە. 11-ئەسىرىنىڭ دەسلىپىدە ئۇدۇن ئېلى ماتېرىياللار قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئۇدۇن تىلىمۇ تەدرىجىي
يوقالغان. تېپىلغان خېلى كۆپ ۋەسىقىلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئاساسلىقى پارىژ، لوندون، پېتىربۇرگ، سىتوكھولىم، كىيوتو، چىكاگو قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا. دۆلىتىمىزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېقىنقى يىللاردا قېزىۋېلىنغان يېڭى
ماتېرىياللاردۇر.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
«ئۇدۇن يېزىقى ۋە ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
كېيىنكىسى : ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- شىنجاڭدا ئىشلىتىلگەن يېزىق ۋە تىللار
- قەدىمكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى
- ھونلارنىڭ يېزىقى توغرىسىدا
- چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى
- ئۇيغۇرلاغاخەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى
- ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى
- 11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان
- ئۇدۇن يېزىقى ۋە ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر
- ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى ھەققىدە چۇشەنچە
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ئۇيغۇرلاغاخەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى
- قەدىمكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى
- ھونلارنىڭ يېزىقى توغرىسىدا
- چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى
- ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
- 11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان
- شىنجاڭدا ئىشلىتىلگەن يېزىق ۋە تىللار
- ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى ھەققىدە چۇشەنچە
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار