ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلاغاخەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-07-17 15:24:21 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئۇيغۇرلاغاخەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى


  ئەبەيدۇللا ئىسلام


  1934-يىلى شنجاڭدا  ئۇيغۇرلار   كۆپ سانلىق بولسىمۇ،ئەينى چاغلاردا«ئۇيغۇر»دىگەن نام خەنزۇچە 缠头دەپ يېزىلاتتى. بۇ نام كەمستىش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوللۇنىلغان 缠回( سەللىلىك مۇسۇلمانلار) دىگەن ئاتالغۇدىن كېلىپ چىققان .   ”جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما“ قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي (1934-يىللىرى)شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇۋاپىق بىر خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك دەپ قارىلىپ، بىر يىغىن ئېچىلغان.بۇ يىغىنغا بورھان،جاڭ يىۋۇ،خې يۈجۇ،شۈليەن،كاڭ بىڭلىن،ۋاڭ لىشى،ۋاڭ يەنلىڭ،چېڭ دۇڭبەي،گوشىلياڭ،لاڭ داۋخېڭ ،سۈي جىمىن قاتارلىقلار  ھەمدە ھەر مىللەت ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار قاتناشقان.ئۇيغۇرلاردىنمۇحىلى كۅپ  زاتلار  قاتناشقان(ئۇلانىڭ ئىسىملىرى ئەسلىگۇچىنىڭ ئسىدە قالمىعان).
     يىغىندا كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىپ: ئۇيغۇرلار ئىلگىرى “uyghur”دىيىلەتتى.تاڭ،سۇڭ دەۋرىدىن كېيىن تارىخى كىتاپلاردا
“回纥”“回鹘” “畏吾尔”قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە “缠回”دىيىلىپ تاكى ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ بەك بىھۆرمەت ئىسىم،باشقا مۇۋاپىق ئىسىم (تەرجىمە ئىسىم) قويۇش زۆرۈر دىيىشتى.يىغىندا بەزىلەر ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلسا“威武儿” بولىدۇ،دىدى.يىغىن قاتناشچىلىرىدىن شۈليەن: 威武儿دىگەن ئىسىممۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن،بۇ نام مۇشۇ مىللەتنىڭ باتۇر،جاسارەتلىك،جاھاننىڭ ئەركىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن维吾尔 دىگەن 3خەتلىك ئىسىم تېخىمۇ مۇۋاپىق. ئۇبىز(吾) ۋەسىلەر(尔)نى قوغداش(维) دىگەن مەنىگە ئىگە.چوڭ ئاىلىمىزـــ
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت باپ-باراۋەر،ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ،جاھانگىرلىكنى يوقۇتۇپ،جۇڭگونى ئازات قىلىشىمىز كېرەك دىدى.كېيىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق : 维吾尔 دىگەن 3خەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت بىردەك باراۋەر،تىنىچلىقتا بىللەتۇرۇپ،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ،شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ،بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ،جاھانگىرلىكنى يوقۇتۇپ،جۇڭگونى ئازات قىلىش دىگەن مەنىسى بار؛شۇنداقلا چوڭ مىللەتچىلىك شوۋىنىزىم مەنىسى ۋە تار مەھكىمىچىلىك ،يەرلىك مىللەتچىلىك تۈسى يوق.بىرقەدەر مۇۋاپىق ئىسىم دەپ قارالدى.شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك   “uyghur” دىگەن مىللەت نامىنى خەنزۇچە“维吾尔” دەپ قوللىنىشنى بىردەك ماقۇللىدى.بۇ ئىسىم تاكى ھازىرغىچە قوللۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.
   بۇ ماقالە«تىل ۋە تەرجىمە»2011-يىلى1-سان 64-بەتتىن ئلىندى.


«ئۇيغۇرلاغاخەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر