ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ 《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》 دا ئىپادىلەنگەن دۇنيا قاراشلىرى ھەققى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-20 00:50:07 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇرلارنىڭ 《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》 دا ئىپادىلەنگەن دۇنيا قاراشلىرى ھەققىدە



مۇھەممەدزۇنۇن ئابدۇكېرىم،    مۇھەممەدئەلى ئابدۇرەھىم


《مەگگۇ تاشلار》دېگىنىمىزدە ئادەتتە دائىم ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان 《ئورخۇن-يېنسەي يادىكارلىقلىرى》 كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولۇپ، بۇلار شۇ دەۋرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە تاش تام، تاش ئابىدىلەرگە ئويۇپ قالدۇرۇلغان. ئۇ شۇ دەۋرنىڭ تارىخى، ئىجدىمائىي مۇھىتى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋالى، سىياسىي، ھەربىي ئىستراتېگىيىسى، ئۆرپ-ئادىتى،دىنىي ئېتىقادى، دۆلەت چېگرىسى، ئېتنوگرافىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ بىزنى شۇ دەۋرنى تەتقىق قىلىش، چۇشىنىش جەھەتلەردە مول تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان خەزىنە ھېساپلىنىدۇ. 《ئورخۇن-يېنسەي يادىكارلىقلىرى》 سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدا رېئال، ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىيات تارىخىدا ھەقىقىي رېئالىزىمنىڭ باشلىنىشى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن سۆز-جۇملىلەرنىڭ باغلىنىشچانلىقى، مەزمۇنىنىڭ مول، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشى،ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى، شۇنىڭدەك تىلىنىڭ راۋان، جانلىق بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تاجىدار ئورۇنغا ئىگە قىلدى. مەڭگۇ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن تەڭرى چۈشەنچىسىئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۇدەك 《تەڭرى》 مۇقەددەس ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، 《بارلىق بەخت- سائادەتنىڭ ئىگىسى تەڭرى》 دېگەن پىكىر ئالغا سۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك خانلىقنىڭ قۇدرەت تېپىش ياكى خاراپلىشىش تەغدىرىنىڭ يەنىلا تەڭرى تەرىپىدىن ئاۋۋال بەلگىلىنىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. مەڭگۇ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن ئادالەت، ئەقىل-پاراسەت قارىشى《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》 دىكى يەنە بىر خىل كۆز قاراش ھەق-ئادالەت، بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ دۆلەتنىڭ گۇللىنىشى ۋە خاراپ بولىشىدىكى غايەت زور رولىنى تونۇش.مەڭگۇ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن بىرلىك-ھەمكارلىق قارىشى《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》دا يەنە ئىتتىپاقسىزلىق، چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك رەھىمسىز رېئاللىقتىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىپ، تەپرىقچىلىك قىلماسلىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاشتەك كۆز قاراشلار ئىپادىلەنگەن.مەڭگۇ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن ئادىل قانۇن تۇرغۇزۇش قارىشى 《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تېشى》دا ئەلدە ئادالەتلىك تۈزۈم ئورناتقاندا دۆلەت گۇللىنىپ، ئەلنىڭ تىنچ، ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى گۈزەل تىللار بىلەن تەسۋىرلىنىپ، ئادىل تۈزۈمگە مەدىيە ئوقۇلغان. شۇنىڭدەك ئىلگىرى ئۆتكەن خانلاردىن ئۆگىنىپ، ئادالەت بىلەن ئەل سوراش، ئادىل قانۇن-تۈزۈم ئورنىتىش تەكىتلەنگەن.مەڭگۇ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن قەھرىمانلىق روھى قارىشى《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》دا باتۇرلۇق، قەھرىمانلىققا مەدھىيە ئوقۇش، ئۇلارنىڭ قەھرىمانە ئىش- ئىزلىرىنى مەدھىيىلەش ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان.(قىسقارتىپ ئېلىندى)



«ئۇيغۇرلارنىڭ 《ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلىرى》 دا ئىپادىلەنگەن دۇنيا قاراشلىرى ھەققى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر