ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-07-19 22:25:49 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى

 

 

  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تىل-يېزىق ۋە يازما ئەدەبىيات نامايەندىلىرىتىل –ئېتنىك تەۋەلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. يېزىق ـ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كەشپىياتلارنىڭ بىرى. مەلۇم مىللەتنىڭ مۇئەييەن دەۋىردىكى مەدەنىيەت سەمەرىلىرى بىلەن تونۇشۇشتا، تىل ۋە يېزىق تەرەققىياتىغا نەزەر ئاغدۇرۇش بەكمۇ مۇھىمدۇر. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر مەدىنيىتى جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى. ئۇ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، مەزمونىنىڭ موللىقى ۋە سېستىمىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. شۇڭلاشقا رەئىس ماۋزېدۇڭ « ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخي ئەنئەنىگە ئىگە قەدىمكى مىللەت، ئۇلارنىڭ مول تارىخى مەدەنيىتى بولۇپ، ئىچكى جايلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن» دەپ باھا بەرگەن①.ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇرـ قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدىغان بىر خىل تىل بولۇپ، ئۇ،ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقىدەك خېلى مۇكەممەللەشكەن تىل بولۇپ شەكىللەندى. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخى مۇساپىسىدە ئوخشىمىغان تارىخى دەۋردە، ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان يېزىقتا نۇرغۇن ئېسىل يادىكارلىقلارنى يېزىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان.ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات دەۋرىنى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىغا ئاساسەن، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (ئورخۇن دەۋرى ئۇيغۇر تىلى)، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (چاغاتاي تىلى دەۋرى) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.بۇ ماقالىدە سۆزلىمەكچى بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تىل ـ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ.«بۇ دەۋر تۈركىي تىل بۆلۈنۈشكە باشلىغان،ئۇيغۇر تىلى ئۆز ئالدىغا بىر تىل بولۇپ(ئۆز ئالدىغا ئەدەبىي يېزىق تىلى بولۇپ) شەكىللىنىشىكە باشلىغان،ئاخىرىدا تۈركىي تىل (ئەدەبىي يېزىق تىل) بۆلۈنگەن،ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق تىلى ئۆز ئالدىغا بىر تىل بولۇپ شەكىللەنگەن دەۋردۇر»②. ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى مەلۇمكى،ھەر قانداق بىر تىل ناھايىتى ئاستا بولغان تەرەققىيات جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا قارىغاندىمۇ، فونىتېكا،گرامماتىكا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتنىڭ ئانچە گەۋدىلىك بولمىغانلىقىنى ( فونىمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاساسەن 8 دىن 9 غىچە بولۇپ كەلگەنلىكىنى،ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ 20 دىن 25 كىچە بولۇپ كەلگەنلىكىنى،گرامماتىكا جەھەتتە تەدرىجىي ياخشىلىنىش،ئىخچاملىنىش، سىلىقلىشىش، مۇكەممەللىشىش، تولۇقلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن،بىر پۈتۈن گرامماتىكا سېستىمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى) كۆرىمىز. لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسىدا ( بولۇپمۇ ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدە ) ئۆزگىرىش تېز بولغان. بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇنداق ئۆزگىرىش گەۋدىلىك بولغان. چۈنكى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى تۇرپان ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن، بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا، قاراخانىيلار سۇلالىسى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز بېشىدىن ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆتكۈزگەنىدى.ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە يارىتىلغان «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تولۇق نامايان قىلغان بولسا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئۆزلەشتۈرمە ـ تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ نەمەنىلىرى بولغان«ئالتۇن يارۇق»،«شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى»،«ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»... قاتارلىق ئەسەرلەر نامايان بولدى. ئومۇمەن، بۇ دەۋردىكى تىلنىڭ لىكسىكا جەھەتتىكى مۇھىم خۇسۇسىيىتى تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېڭى سۆزلەرنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگەنلىكى ۋە ئالدىنقى دەۋرگە قارىغاندا لۇغەت تەركىبىنىڭ خېلى بېيىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ③. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخى مۇساپىسىدە ئوخشىمىغان تارىخى دەۋردە، ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان يېزىقتا نۇرغۇن ئېسىل يادىكارلىقلارنى يېزىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان.ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا يېزىق قوللانغان ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ قوللانغان يېزىقىنىڭ بىزگە مەلۈم بولغىنى ھازىرقى ئىلىم ئەھلىلىرى «قەدىمكى تۈرك –رونىك يېزىقى» دەپ ئاتاۋاتقان يېزىقتۇر.ئۇيغۇرلار قوللانغان يەنە بىر خىل يېزىق – بىز بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، بۇ يېزىق سوغدى ھەرپلىرىدىن پايدىلىنىپ،تۈرك-ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەيدىغان يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلارغا ئاساسەن، بۇ يېزىقنىڭ مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقى ئىلىگىرى سۈرۈلمەكتە④.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردە قوللىنىلغان بۇ يېزىقتا 19 دىن 23 كىچە ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل يېزىقنىڭ ئورخۇن-يىنسەي يېزىقىدىن بىر قەدەر ئىلمىي بولغان يېرى شۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇش بىلەن بىرگە، ھەرپلىرى باش،ئوتتۇرا ۋە ئاياغ ھەرپ دەپ ئايرىلىدۇ. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا خاس يازما ئەدەبىيات نامايەندىلىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى دىنىي مەزمۇندىكى رەڭگارەڭ ئۆزلەشتۈرمە تەرجىمە ئەدەبىيات بايلىقىغا ئېگە بولۇپلا قالماستىن يەنە مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەقدارلىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بېۋاستە كەچۈرمىشلىرى ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۇلۇغ پائالىيەتلىرى يارقىن تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئاڭ-تەپەككۇر جەريانلىرىنى مەنبە قىلغان ئېسىل مىللىي ئەدەبىيات بايلىقىغىمۇ ئېگە ئىدى. بۇنداق مىللىي ئەدەبىيات بايلىقى قاتارىدا سانىلىدىغان ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا، ئۆز موھىتىدا، ئۆز ئەدىبلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان- ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان زور بىر تۈركۈم شېئىرلار ۋە ئەينى دەۋردە قەلەمگە ئېلىنغان «ئوغۇزنامە» داستانى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ۋارىسلىق قىلغان «ئىرق پۈتۈك» (پال كىتابى) قاتارلىق ئەسەرلەر كىرىدۇ.«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بىرى،ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى،تارىخىي ماتېرىياللىرىنىڭ موللىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يۈكسەك بەدئىيلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇ ئوبرازلىق تىل قۇرۇلمىسىغا ئېگە بولۇپ، داستاندا ئىستېمال قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى جانلىق، ئاممىباب ۋە ئوبرازلىق بولۇپ، ھەرقايسى تەپسىلاتلاردىكى مەزمۇننى ناھايىتى تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك ئېچىپ بېرىشكە خىزمەت قىلدۇرۇلغان. شۇنىڭدەك، داستاندا خىلمۇ خىل بەدئىي ۋاستىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ،ئوبرازلارنىڭ پورتىرىت تەسۋىرى، پىسخىكا ھالەتلىرى ناھايىتى جانلىق يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ بېشىدىلا ئوغۇزنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇنداق بېرىلسە :( ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك،بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بولغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى....).ئوغۇزخان شەيدا بولغان ئىككى گۈزەل قىزنىڭ پورتىرىت تەسۋىرى مانا مۇنداق بېرىلىدۇ:( ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئاتەشتەك نۇرلۇق بىر مېڭى بولۇپ، قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشايتتى، ئۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، كۈلسە كۆك ئاسمان قوشۇلۇپ كۈلەتتى،يىغلىسا كۆك ئاسمان بىللە يىغلايتتى...).كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى تەسۋىرلەردىن داستاندا بەدىئىي تەسەۋۋۇرلار،ئوبرازلىق ئوخشىتىش،سۈپەتلەش،جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە... قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ موللۇقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.ئىدىقۇت ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى مىللىي يازما ئەدەبىيات تەركىبىدە، «ئىرق پۈتۈك» ۋە «ئوغۇزنامە» داستانلىرىدىن باشقىلىرى ئاساسەن شېئىرىيەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەر مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا،بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئەينى دەۋر ئۇيغۇر پوئېزىيىسىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلرى ئەكىس ئەتكەن.ئىدىقۇت ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى نەمۇنىلەرنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن بىرى دەل-«ئالتۇن يارۇق» ئىدى. ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى « ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇق يالتىرىقلىغ قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلگى ئاتلىغ نوم بىتىگ» - ‹ ئالتۇن رەڭلىك نۇرلۇق يالتىراقلىق ھەممىدىن ئۈستۈن نوم پادىشاھى ئاتلىق نوم پۈتۈك› بولۇپ،730بەتلىك، ھەربېتى 22 قۇردىن جەمئىي 16060 قۇرغا يېقىن ھەجىمگە ئېگە چوڭ تىپتىكى پىروزا خاراكتىرلىك ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇددا دىنىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەر،رىۋايەتلەر ۋە ئەقىدىلەر سۆزلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 10-ئەسىرلەردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بىشبالىقتا ياشىغان مەشھۇر ئەدىب ۋە تىلچى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن يوقىرى ماھارەپ بىلەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرى تولۇق ئىپادە قىلىنغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم خاتىرىگە ئېلىنغان «چاشتانى ئېلىگ بەگ» قىسسىسى –باتۇرلۇق قىسسىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇ پىداكارلىقىنى، قەھرىمانلىقنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان نەمۇنە ئەسەرلەرنىڭ بېغىشلانغان نەمۇنە ئەسەرلەرنىڭ بىرى.ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى نەزەردە تۇتۇپ،سانسىكىرىت تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىدىن دىنىي مەزمۇندىكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپلا قالماي،بەلكى قەدىمكى توخرى تىلىدىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەسەرلەر ئىچىدە بىر قەدەر ئەھمىيەتلىك بولغىنى «رەسسام بىلەن ياغاچچى» ھېكايسىدۇر.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە تەئەللۇق بولغان بۇ ئۆزلەشتۈرمە-تەرجىمە ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىكى ئىلغار مەزمونلار ئەينى دەۋردىكى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسا، بۇ ئەسەرلەر تىل ئىشلىتىش جەھەتتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن ،ھالبۇكى بۇ تېمىلار ئۆلمەس تېمىلار سۈپىتىدە بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدا ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىمىزدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ئىزاھات:① شىنجاڭ «مىللەت ۋە دىن» ژورنىلى 2006-يىل3-سان، (خەنزۇچە)،25-بەت

② ③نەسىرۇللا : «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە»،« تۈركىي تىللار تەتقىقاتى » ئۇيغۇرچە 2-توپلام، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1983-يىل.

③ قوربان ۋەلىنىڭ « بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ناملىق كىتابنىڭ 8-بېتىگە قاراڭ. شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1986-يىلى

.پايدىلانمىلار:

【1】《高唱回鹘文献语言研究》,李经纬,颜委萍等著,新疆大学出版社,2003【2】《古代维吾尔文 献教程》,耿世民编著-北京.人民出版社,2006【3】

《回鹘历史简述》,耿世民[4]ئىسمايىل تۆمۈرى:«ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدىنيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1998-يىل

[5] كۈرەش مەھمۇتجان رەئىسى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،

2003[6] نەسىرۇللا : «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە»،« تۈركىي تىللار تەتقىقاتى » ئۇيغۇرچە 2-توپلام، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1983-يىل.

[7]قوربان ۋەلى:« بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»،شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1986-يىلى.

[8] ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق:«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نادىر تەۋەررۇك قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۆھپە قوشايلى، ئۇيغۇر قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈش ھەققىدە»، ، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژورنىلى»، 2008-يىللىق 2-سان


«چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇر يېزىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر