ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قەدىمكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-11-04 23:12:36 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


قەدىمكى يەر جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى


ئەدەبىي ئوقۇشلۇقلاردا دائىملىق ئۇچراپ تۇرۇدىغان قەدىمكى يەر–جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشىنى بىلىشىم زورۇر بۇلۇپ تۇردى، ئۆزەم يىغقان نوقۇل ئاددى ھالدىكى يەر–جاي ئىسىملىرىنى سىلەرگە سۇندۇم، ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتىكى توپلىغان ئۇچۇرلىرى مېنىڭكىدىن كۆپ تورداشلار  جىق بۇلۇشى مۇمكىن، كەينىگە ئۇلاپ تۇزىتىپ – تۇلۇقلاپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1.    ئارتۇچ – ئاتۇش
2.    بالاساغۇن— قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنوبىغا توغرا  كېلىدۇ.( ئوردۇ بالىق دەپمۇ، قۇز ئوردۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان)
3.    ئوردۇ كەنت– قەشقەرنى كورسىتىدۇ (قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يەنە بىر  پايتەختى بولغان)
4.    ماۋراھۇننەھىر– ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمى نامى
5.    ئالمالىق– ھازىرقى قورغاس ئەتراپى
6.    كېرمان– ئۆزبىكىستاندىكى بۇخارانىڭ شەرقىي شىمالى
7.    ئېۋىرغۇل– قۇمۇل
8.    پىشامشان–ھازىرقى چارقىلىق ناھىيسى دائىرىسىدە
9.    سارسۇمبىيە – ھازىرقى ئالتاي ناھىيسى
10.    خۇراسان – قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي ۋە غەربىي شىمالى قىسمى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنوبىدىكى جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك نامى بۇلۇپ ھازىرقى ئافغانىستاندىكى بىر چوڭ شەھەرنىڭ نامى
11.    شاش– تاشكەنت
12.    مىرەن – چارقىلىق ناھىيسىنىڭ دائىرىسىدىكى زىمىن
13.    سۇلى – قەشقەر ( خەن، تاڭ دەۋرلىرىدىكى ئاتىلىشى)
14.    ئۇدۇن– خوتەن
15.    قۇجۇ – تۇرپان
16.    شەنشەنتەن – كورلا ئەتراپىدا
17.    چىيان – ئېھتىمال ھازىرقى قاراماي
18.    ئۈرۈمتاي– ئۇرۇمچى ئەتراپى
19.    چىدىر– كورلىنىڭ غەربىي جەنوبىدا
20.    كۈسەن – كۇچا  ( خەن، تاڭ دەۋرلىرىدىكى ئاتىلىشى)
21.    قۇم –  ئاقسۇ
22.    بەدەخشان – ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ۋۇز راباد
23.    تۈمەنبالىق– ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ۋۇيۇەن ناھىيسى
24.    سوياب دەرياسى – ھازىرقى چۇ دەرياسى
25.    بېشبالىق – جىمسار
26.    ئورۇياپ – بۈگۈرنىڭ شەرقىي شىمالى
27.    توخارىستان– باكتىرىيە يەنى ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالى
28.    فەرغانە – ئۆزبىكىستاننىڭ شەھىرى
29.    ئۇرخۇن دەرياسى– مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە
30.    مەرۋ، بەلىخ، نىشاپۇر، رەي شەھەرلىرى چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن خارابە ھالىتىدە قالدى، بىر نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن بۇ خارابىلەردىن بىر نەچچە كېلومىتىر يىراقلىقتا تېھران شەھىرى قەد كۇتۇردى.( سەمەرقەند دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى)
31.    ماڭلاي سۆيەر – جەنوبى شىنجاڭ
32.    يەتتىسۇ رايۇنى – ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ جەنوبى
33.    يەتتە شەھەر– بەزى ئەسەرلەردە ھازىرقى تىيانشان تاغلىرىنىڭ جەنوبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كورلا، كۇچا  قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلسا ، بەزى ئەسەرلەردە قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، كۇچا قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تارىخىي ھەمىدى» دە بولسا  قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان،  كۇچا، تۇرپان قاتارلىق يەتتە شەھەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.ھازىر بۇ رايۇنلار ئالتە شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ.
34.     ئىسپاھان – ھازىرقى ئىراننىڭ بىر شەھىرى
35.    بارىسكۆل – ھازىرقى بارىكۆل ناھىيەسى
36.    كېتىك – ھازىرقى چەرچەن ناھىيسى تەۋەسىدە
37.    بابىل – قەدىمكى بابىلنىڭ پايتەختى ئۇنىڭ خارابىسى ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىدىن توقسان ئۈچ كىلومېتىر يىراق.
38.    كونىستانتىنوپول – ئىستانبول
39.    ئەنەتكەك – ھىندىستان
40.    پىرسىيە– ئىران
41.    رۇم– قەدىمكى ئىتالىيىدىكى رىم
42.    ئەندەلۇس– قەدىمكى ئىسپانىيە
43.    شام– ھازىرقى سۈرىيە
44.    خانبالىق – بېيجىڭ
45.    بارىسغان– ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ جەنوبى قىرغىقىغا ۋە يىپەك يولىنىڭ بويىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر.ھازىر قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىكى مەزكۇر رايۇندا بارىسقۇن ناملىق بىر يېزا بۇلۇپ بۇ يېزىنىڭ نامى بارىسغان شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن(شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن يازغان مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە دىۋانۇ لۇغاتىت تۇرك ناملىق كىتاپتىن)
46.    بەدرە– ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارايدۇ
47.    ئوممان–ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنوبىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى
48.    پارىس– ئىران رايۇنى ۋە ئىراندا ياشايدىغان پارىس تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيلىك ۋە ئېتنىك نامى
ئېلىنغان مەنبەلەر:   ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ تارىخى ئوقۇشلۇق ماتىرىيالى
باھادىرنامە – ياسىنجان سادىق چوغلان
سەمەرقەند  – ئەمىن مائالوف ( فىرانسىيە)
تارىخىي ھەمىدى– موللا مۇسا سايرامى

بابورنامە–  زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر


مەنبە: http://bbs.alkuyi.com/thread-10457-1-1.html


«قەدىمكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر