سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

UKIJ تۆھپىكارى سەمەت ئەپەندىم توغرىسىدا

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 17:56:56 | كۆرۇلىشى :

UKIJ  تۆھپىكارى سەمەت ئەپەندىم توغرىسىدا

 

(مەزكۇر تېما بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى)

 

1- سوئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق كەسىپداشلار ۋە  تورداشلار بىلەن تونۇشقىنىمدىن، پىكىرلىشىش پۇرسىتىنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ خوشالمەن، تۆۋەندە ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
مەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلدۇم، يۇرتۇمدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن 1995-1998-يىللىرى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن سامپۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. ئۈچ يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن، 2001-2003-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپى بويىچە تولۇق كۇرستا بىلىم ئاشۇردۇم. 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردىم، 2006-يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يەنە جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى(中国传媒大学)نىڭ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتى بويىچە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىغا ئوقۇشقا كىردىم ھەم ھازىرغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، ھازىر يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى بولۇپ بەزى تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتسام، بالىلىق چاغلىرىم يېزىدا ئەركىن ئۆتكەن بولسا، بىلىم ئېلىش يولۇم قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەش، بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەش بولدى. باشلانغۇچ_تۇلۇقسىز_ئوتتۇرا تېخنىكوم_مەخسۇس كۇرس(ئۆزلۈكىدىن ئوقۇش)_ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى_تولۇق كۇرس_ماگىستىر_دوكتۇر.....مانا بۇلار مېنىڭ ئوقۇش يولۇم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ، ئاتا-ئانام ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ قوللىشى، ياردىمىگە ئېرىشتىم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتىم، نۇرغۇنلىرىنى يۇقاتتىم. ھاياتىمدا 2001-يىلى بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىش ھاياتىمدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چاغدا مېنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنۇم بار، كىرىمىممۇ يامان ئەمەس ئىدى، مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا باشقىلارغا ئوخشاش بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىپ ئولتۇرساممۇ بۇلاتتى. لېكىن، مەندىكى بىلىم نامراتلىقىدىن قۇتۇلۇش، قالاق ھالەتنى ئاز-تولا بولسىمۇ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئىستىكى مېنى ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلماسلىققا، كەلگۈسى ئۈچۈن توختىماي ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى دەم ئالغىلى كەلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولسا، بىلىم ئالغىلى كەلگەنلەر ئۈچۈن مەرىپەت بۇلىقى ئىدى. مەن قايسى يولنى تاللىشىم كېرەك؟ مەن ئويلىدىمكى بۇ پۇرسەت ماڭا ناھايىتى تەستە كەلگەن، چوقۇم قەدىرلىشىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپلا كەتتىم-دە كۆپىنچە ۋاقتىم سىنىپ ۋە ياتاقتا خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈش بىلەن ئۆتتى. ئۆگەنگەنسېرى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى ۋە ئۆتكەنكى ھاياتىمنىڭ ئەھمىيەتسىزلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئومۇمەن، مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى ئىككى يىل ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى تولۇقلاپ ئېلىش بىلەن ئۆتتى. ئىككى يىللىق ئوقۇشۇم تۈگەي دېگەن چاغلار ئىدى، ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ئاسپىرانتلىقتىن ئىبارەت بىر ئوقۇشنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئوتى تۇتاشتى. مەن چوقۇم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشۇم كېرەك. لېكىن مەن تېخى خەنزۇ تىلىنى ئەمدى ھەقىقىي ئۆگەنگەن، ئىنگلىز تىلىنى ئەمدى باشلاپ، «يېڭى ئوقۇم ئىنگلىز تىلى»نىڭ 2-قىسمىنى ئاران تۈگەتكەن تۇرسام، بۇ سەۋىيەم بىلەن قانداقمۇ ئۆتەلەيمەن؟ بۇلار مېنى بىئارام قىلاتتى. بۇ چاغدا «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ئىبارىلەر ئېسىمگە كەلدى، جاپالىق تىرىشسام چوقۇم غەلىبە قازىنالايمەن دېگەن ئىرادىگە كەلدىم. شۇنداق قىلىپ ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندىن تارتىپ ئىمتىھان بەرگۈچە بولغان تۆت ئاي ۋاقىت تاماقنى ۋە ئۇيقۇنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىش بىلەن ناھايىتى تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئاخىرى ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم، بۇ ھەقىقەتەن مۆجىزە بولدى. باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇنداق بولمىغان بىلەن، مەن ئۈچۈن مۆجىزە بولدى. مەندەك رەسمىي ئالىي مەكتەپتە تۆت-بەش يىللاپ ئوقۇمىغان، تۆت ئايلا تەييارلىق قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن مەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، غەلبە-ئوتۇقلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشۇم ناھايىتى نەتىجىلىك، ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇلارنى بۇ يەردە دېيىشتىكى مەقسىتىممۇ باشقىلارنى قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىققا، ئۆزى ئارزۇ قىلغان نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت.

2- سوئال: كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىۋېتىپسىز، نېمە ئۈچۈن بۇ يۆنىلىشنى تاللىدىڭىز؟

شۇنداق، مەن ھازىر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بويىچە ئوقۇۋاتىمەن ۋە مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتىمەن. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بورۇن، بۇ پەن توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ئىنگلىزچىدا Computational Linguistics، خەنزۇچىدا 计算语言学دەپ ئاتىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا  كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى دەپ ئاتاۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچىسىغا ئاساسلانغاندا ھېسابلاش تىلشۇناسلىقى دېسەكمۇ بۇلاتتى (دىققەت: بۇ تىللاردا "كومپيۇتېر" ئەمەس بەلكى "ھېسابلاش" ئاتالغۇسى قوللىنىلغان، ئەمما بۇلاردا "كومپيۇتېر" ئاتالغۇسى "ھېسابلاش" ئاتالغۇسىدىن ياسىلىدۇ). لېكىن تىلىمىزدىكى ھېسابلاش ئاتالغۇسىنىڭ مەنە دائىرىسى ۋە بۇ پەننىڭ تىلشۇناسلىق بىلەن كومپيۇتېر ئىلمى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق پەن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى دەپ ئاتىغىنىمزمۇ خاتا ئەمەس. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى كومپيۇتېر، ماتېماتىكا، ئۇچۇر ئىلمى قاتارلىق تەبىئىي پەن ۋە تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ گىرەلىشىشى بولۇپ،  فورمۇلىلاشتۇرۇلغان ھېسابلاش قېلىپى قورۇش ئاساسىدا تىلنى تەھلىل قىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان پەن. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەتقىقات نىشانى تىل-يېزىقنىڭ كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كومپيۇتېر (ماشىنا) غا تەبىئىي تىلنى ئۇقتۇرۇش ۋە تىل ئارقىلىق ئادەم بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، تەتقىقات دائىرىسى تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ؛ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر تىلشۇناسلىقتا قوللىنىلىشتىن سىرت ماشىنا تەرجىمىسى (ئاپتوماتىك ھالدا بىر تىلنى ئىككىنچى بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش)، تاۋۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش (ئاۋازنى تونۇتۇش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق قىلىش (ئالاھىدە ياسالغان يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئەسەر، كىتابلارنىڭ كوررېكتورلۇقىنى قىلىش)، ئاپتوماتىك ئۇچۇر ئىزدەش (كومپيۇتېر ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش)، سۆز-ئاتالغۇلار ئامبىرى قۇرۇش (ھەر خىل تىپتىكى بىر تىللىق ياكى كۆپ تىللىق ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى تۈزۈش)، تەبىئىي تىلنى چۈشىنىش (كومپيۇتېر بىلەن ئادەمنىڭ سۆزلىشىشى، تەبىئىي تىل بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى)، ھەر خىل ئوقۇتۇش ياردەمچى دېتاللىرىنى ياساش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ. تەپسىلاتىنى  http://www.bilik.cn/bbs/archiver/?tid-8870.html  دىن كۆرۈڭ.
بۇ يۆنىلىشنى تاللىشىمغا مۇنداق ئىككى ئامىل سەۋەبچى. بىرى ئېھتىياج ئامىلى، يەنە بىرى شەرت-شارائىت ئامىلى.
ئېھتىياج دېگىنىمدە، بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە تىل-يېزىقى كومپيۇتېرغا كىرمىگەن ۋە ئۇچۇرلاشمىغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ھامان زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. تىل-يېزىقنىڭ ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىنىشى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتتىن ئايرىلالمايدۇ. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى دەل مىللىي تىل-يېزىقنىڭ ئۇچۇرلىشىشنى ۋە ئاپتوماتلىشىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولغاچقا بۇ پەندە تەربىيىلەنگەن ئىختىساسلىقلار تىل-يېزىق تەتقىقاتىمىزدا، تىل-يېزىقىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ. قىسقىسى، مىللىتىمىز، تىل-يېزىقىمىز بۇ ساھەدىكى كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق، شۇڭا مەن بۇ كەسىپنى تاللىدىم.
جەمئىيەت بۇ ساھەدىكى كىشىلەرگە ئېھتىياجلىقكەن دەپلا مەلۇم بىر ساھەنى تاللىساق يەنە بولمايدۇ، چوقۇم شەرت-شارائىت يار بەرگەن بولۇشى، يەنى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولۇشى، مۇشۇ كەسىپنى ياقتۇرىدىغان، بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ تەبىئىي پەنگە بەكلا قىزىقاتتىم، ماتېماتىكا، فىزىكا پەنلىرىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بولۇپمۇ 1996-يىلى تۇنجى كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن تارتىپلا بۇ يېڭى شەيئىگە قارىتا ئاجايىپ قىزىقىشلار بولغان. كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تەبىئىي پەندە ئوقۇش نېسىپ بولمىغان بولمىسىمۇ، كاللامدا ھامان بىر كۈنى ئەسلى قىزىقىشىمنى تاپالايدىغاندەك ئوي بار ئىدى. 2003-يىلى قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يۆنىلىشى بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردىم. ئۈچ يىللىق ئوقۇش مەن ئۈچۈن يۆنىلىشىمنى توغرىلاش، ئۆز يولۇمنى تېپىش بولدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن تىل تەتقىقاتىدىمۇ كومپيۇتېر ئىشلەتسەك بولىدىغانلىقىنى، تىلشۇناسلىق بىلىمى بىلەن كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، ئۇ چاغلاردا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم، لېكىن كىچىككىنە ئىلھام ۋە ئىزدىنىش مېنىڭ بۇ يېڭى ساھەنى بايقىشىمغا ۋە ئىچكىرىلەپ كىرىشىمگە تۈرتكە بولدى. مانا ھازىر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىمەن، قانچە ئىزدىگەنسېرى تاللىشىمنىڭ شۇنچە توغرا بولغانلىقىنى، بۇ ساھەدە ئىزدىنىشكە، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. قەدىمىم ئەمدى باشلانغان، تېخى تىلغا ئالغۇدەك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرمىگەن بولساممۇ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتىمەن. كەلگۈسىم چوقۇم پارلاق بولىدۇ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

3- سوئال: ئۇيغۇرچە تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش (NLP)  تا تىلشۇناسلىق بىلىملىرى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت. "كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى" ئاتالغۇسى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان بولۇپ، ئادەتتە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىقنىڭ تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كومپيۇتېر ئىلمىدا تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش (Natural Language Processing) ياكى قىسقىچە NLP دەپ ئاتىلىدىغان سۈنئىي ئىقتىدار ئىلمىغا تەۋە بولغان ئايرىم تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ئازراق پەرقلەنسىمۇ، ئاساسىي مەقسىتى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى بىردەك، بىر مەسىلىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئاتىلىشى خالاس. بۇنداق بولغان ئىكەن، تىلشۇناسلارمۇ ۋە كومپيۇتېرشۇناسلارمۇ ئوخشاشلا بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىدۇ. چىقىش نۇقتىسى قىسمەن پەرقلەنسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە تىلشۇناسلىق بىلىملىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ ئىككى ساھە كىشىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەمما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن كومپيۇتېر تەتقىقاتى كەسىپ ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك ئىش تەقسىماتى بولۇشى ۋە بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك. مەسىلەن، تىلشۇناسلار كومپيۇتېرنىڭ ماشىنىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنگەن ئاساستا تىلنىڭ گرامماتىكىسىنى، قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى مەلۇم فورمۇلىلاشقان ئاساستا تەسۋىرلەپ بېرىشى، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى نەزەرىيە جەھەتتىن كۆرسىتىپ بېرىشى، زۆرۈر بولغان تىل ئۇچۇر ئامبارلىرىنى تەمىنلىشى كېرەك. كومپيۇتېرشۇناسلار بولسا تىلشۇناسلار تەمىنلىگەن مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر يولى ئاساسىدا مەسىلىلەرنى كومپيۇتېردا ئىشقا ئاشۇرۇشى، قۇلاي ھەم ئۈنۈملۈك بولغان قوراللارنى ياساپ چىقىشى كېرەك.
ئۇيغۇرچە تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىشىمىزنى، بايقىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. كۆپىنچە تەرەپلەردە تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، پايدىلىنىش قىممىتىمۇ تۆۋەنرەك. بۇنداق بولىشىدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن:
1)        كومپيۇتېردا بىۋاسىتە قوللىنىشقا بولىدىغان، كومپيۇتېرغا يۈزلەنگەن تىل تەتقىقات نەتىجىلىرى ناھايىتى كەمچىل. تىل تەتقىقاتىمىز كونا رامكىدىن چىقالمايۋاتىدۇ، كومپيۇتېرنى تىل تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرەلەيدىغان تىل تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ بەك ئاز.
2)        NLP تەتقىقاتى بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇر NLP تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلار خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تىلشۇناسلىق ئاساسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ياكى تىل تەتقىقاتچىلىرى بىلەن سۆزلىشىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تەتقىقاتىدا ئىلگىرىلەش ئاستا، ئۈنۈم تۆۋەن.
3)        تەتقىقاتچىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كەمچىل، بەزىدە پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش تۈپەيلى تەكرار، بىھۇدە ئەمگەك كۆپ بولۇش ئەھۋاللىرى ساقلىنىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە، بۇندىن كىيىن ھەر ساھە تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەك ۋە مىللىتىمىزنىڭ تىل-يېزىق ئاپتوماتلىشىش ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى يۈكسەكلىكىدىن ئويلانساق قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭىپ كېتەلەيمىز.
خۇددى داڭلىق كومپيۇتېر تىلشۇناسى فېڭجىۋېي ئەپەندى ئېيتقاندەك، قاچانكى تىلشۇناسلار بىلەن كومپيۇتېرشۇناسلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ بۇزۇپ تاشلانسا، تىلشۇناسلىق ئاساسى ياخشى كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا پىششىق تىلشۇناسلار بارلىققا كەلسە، شۇ چاغدا ئاندىن تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش (كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى) تەتقىقاتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، مەيلى كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتچىلىرى ياكى NLP تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن تىلشۇناسلىق بىلىملىرى، ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

4- سوئال: ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق؟ سىزنىڭچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى كېرەك؟

ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زورايدى ۋە خېلى ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. ئەمما، ھازىرچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى دەپ ئېيتالمايمىز. مەن بۇ ساھەنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي.
مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەشغۇلات سىستېمىلىرى، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش، مەتبەئە يۇمشاق دېتاللىرىغا ئېھتىياجلىق. گەرچە بۇنداق دېتاللارنى ياساش قىيىن، پايدا تېپىش تەس، ئومۇملىشىشى ئاستا بولسىمۇ بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنداق دېتاللار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بۇنداق يۇمشاق دېتال شۇ مىللەتنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسىنى، تىل-يېزىقىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خېلى ساندىكى ئاۋام خەلق تېخى باشقا تىللاردا ساۋاتلىق ئەمەس، ئانا تىلدا بولمىغان دېتاللارنى ئىشلىتەلمەيدۇ. گەرچە بۇ توپ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىشى ئاز بولسىمۇ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاساس خاراكتېرلىك دېتاللار بولمىسا كومپيۇتېردىن تېخىمۇ پايدىلىنالمايدۇ، كۆپ تىللىقلار بىمالال پايدىلىنالىغاندەك قىلسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟…..
ئۇندىن قالسا، ئۇيغۇرلار سودا-تىجارەتتە ئىشلىتىدىغان ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق. ئالايلۇق، تۈرلۈك مەقسەتتىكى تور بەت دېتاللىرى، كىچىك ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار، ئېلېكترونلۇق كىتاب-دەرسلىك، باشقۇرۇش-كونترول قىلىش قوراللىرى…..قاتارلىقلار.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ياردەمچى دېتاللارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق. گەرچە بۇنداق دېتاللاردا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولمىسىمۇ ئومۇملىشىشى تىز، كۆپچىلىككە پايدىسى كۆپ. مەسىلەن،  ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ، كوررېكتور، كود ئالماشتۇرغۇچ، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچ، تور كۆرگۈچ، يېزىق تونۇتۇش قورالى، ياردەمچى لۇغەت ….قاتارلىقلار.
مېنىڭچە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرىقى ئۈچ ساھەنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. شۇنداقلا تەتقىقات جەريانىدا سودا يۇمشاق دېتاللاردا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن ئۇنىۋېرسال يۇمشاق دېتاللاردا ئامما مەنپەئەتنى ئويلاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش؛ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا بەزى تېخنىكىلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ بەزى تۈرلەر تەكرار بولۇش، بەزى تۈرلەردە تەتقىقات يوق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ ياساش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك.

5. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىلىق پىكىرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېر جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا، جۈملىدىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا-كارخانا ساھەلىرى، مائارىپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا سىڭىپ كىردى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كومپيۇتېر ھامان يۇمشاق دېتال ئاساسىدا ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ يۇمشاق دېتال چوقۇمكى مەلۇم بىر تىل-يېزىقنى ۋاسىتە قىلغان بولىدۇ. باشقىچە ئېيتساق، يۇمشاق دېتال روشەن مىللىي خاراكتېرگە ئىگە، ئۇنىڭغا مەلۇم مىللىي تىل-يېزىقنىڭ تامغۇسى بېسىلغان بولىدۇ. كومپيۇتېرنى بىر ساھە دېسەك، بۇ ساھەدە مەلۇم تىل-يېزىقنىڭ قانداق ئورۇن تۇتۇشى، شۇ تىل-يېزىقنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى(رولى)نىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، كومپيۇتېردا (يۇمشاق دېتالدا) ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئورنى مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى  قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال بولماسلىق، بولسىمۇ ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇد. بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللار سەۋەبچى:
1)        مۇھىم سۇبيېكتىپ ئامىل شۇكى، خېلى كىشىلەر خەنزۇچە بىلىدىغان بولغاچقا خەنزۇچە يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنى قۇلايسىز كۆرىدۇ ياكى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ.
2)        كۆپىنچە يۇمشاق دېتاللار ئەسلى خەنزۇچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغانلىرى ناھايىتى ئاز، ئۇيغۇرچىلاشۇرۇلغانلىرىمۇ خېلىلا كىيىن بارلىققا كەلگەچكە خەنزۇچىسىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچىسىنى ئالماشتۇرۇش قىيىن. زۆرۈر بولغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار كەمچىل.
3)        ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش شارائىتى تۇلۇق ئەمەس، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش يىتەرسىز. ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئومۇملىشىشى زۆرۈر بولغان شەرت-شارائىتتىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، كومپيۇتېردا ئومۇملاشقان تىل-يېزىق خەنزۇ تىل-يېزىقى بولۇپ مۇتلەق ساندىكى كومپيۇتېرلارغا خەنزۇچە سىستېما قاچىلانغان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ خەنزۇچە بىلىدىغانلىرى كۆپرەك، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ھۆججەتلەرمۇ يەنىلا خەنزۇ تىل-يېزىقىدا. بۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىش تېخنىكا، ئۆز-ئارا قوللاش، بىر ماشىنىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرچە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلى-يېزىقىنىڭ ئورنى، ئىشلىتىلىش دائىرىسىگە ئائىت قائىدە-تۈزۈملەر يوق، كۈچلۈك بولغان قوللاش خاراكتېرىدىكى سىياسەت-بەلگىلىمە تېخىمۇ يوق.  
قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئومۇملىشىشىدىكى مەسىلىلەرنى «خالىماسلىق، يوق بولۇش، قىيىن بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مەۋجۇت بولىۋاتقان ئەھۋاللار، بۇنىڭغا قاراپلا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدسىز قارىساق بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىشنى ئىلگىرىلەتكىلى بولىدىغانلىقى، يۇمشاق دېتاللارنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش لازىملىقى توغرىسىدا تورداشلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ۋە بۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.

6. UKIJ نىڭ قۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولاي دېدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا بولغان تەسىرى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر بەرسىڭىز؟

UKIJ قۇرۇلغاندىن بىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كودىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنى ۋە ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، كومپيۇتېر يېزىقى لايىھىسىنى تۈزۈش، كومپيۇتېردا ئۇيغۇر يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. دەسلەپكى ئىككى-ئۈچ يىل ۋاقىت يېزىق كىرگۈزۈشكە ئوخشاش ئاساس خاراكتېرلىك بەزى ئىزدىنىشلەرنى قىلىش بىلەن ئۆتتى، ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بۇ ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ UKIJنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمەن UKIJ ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ قىزىق مۇنبىرىگە ئايلاندى. ئەمما، مۇھاكىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بەلگىلىك ساھەگىلا مەركەزلىشىپ قالدى. يېقىنقى بىر يىلدا UKIJ نىڭ خىزمەتلىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى قىسمەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. بولۇپمۇ رەئىس سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، UKIJ باشسىز تەنگە ئوخشاش ئالغا باسالمىدى، يېتەكچىلىكمۇ ئانچە ياخشى بولمىدى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭمۇ رايى قايتىشقا باشلىدى. مېنىڭچە، بۇندىن كېيىن UKIJنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشىلايمىز دەيدىكەنمىز، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ:
1) رەئىس سايلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇكەممەلرەك بولغان باشقۇرۇش مېخانىزىمى ۋە ئىش تەقسىماتى ئورنىتىش كېرەك.
2) مۇمكىن بولسا UKIJ نى بىرەر تارماققا قاراشلىق رەسمىي جەمئىيەت ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىش. UKIJنىڭ توردىكى مەۋھۇم جەمئىيەتلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
3) تەشۋىقات ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش كېرەك. ھازىر UKIJ تور بېتىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، مۇھاكىمىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئامال قىلىپ بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئەڭ مۇھىمى، بىر قىسىم ئەزالار باشلامچى بولۇپ ئاكتىپ ئىشلىشى، خالىس تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى UKIJ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ ۋە ئوينىشى كېرەك.

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى، تىل-يېزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى كەڭ ياشلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىگە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە مۇھتاج. ئېيتقانلىرىم تورداشلارغا ئازتولا ئىلھام-مەدەت بولسا، كۆپچىلىكىنىڭ مېنى، شۇنداقلا بۇ ساھەنى تېخىمۇ چۈشىنىشىگە تۈرتكە بۇلالىسا چەكسىز خۇشال بولغان بۇلاتتىم. تورداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، مۇلاھىزە قىلىشنى سورايمەن.
ئېلخەت ئادرىسىم: tilchin@hotmail.com


خەتكۇچ : UKIJ تۆھپىكار سەمەت ئەپەندىم توغرىسىدا
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار