ئاناتىل
ۋارىسجان قاسىم
(قاغىلىق ناھىيلىك مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى )
مەن قازا قىلىپ تېنىم كۆيدۈرۈلگەندىمۇ ،تىلىم كۆيمەي ساقلىنىدىغان بولغاي
- كۇماراجىۋا
ھاياتنىڭ كۆركى -سۇلتانى ،بەخت پەرۋانىسى تىلدۇر ،
جاۋاھىر كانىنىڭ ئەقىل دۇردانىسى تىلدۇر .
كۆڭۈل گۈلشەنىنىڭ سولماس ئەبەدلىك لالىسى تىلدۇر ،
گۈزەللىكنىڭ ئىلاھى پاك ،نازاكەت قامۇسى تىلدۇر ،
ۋىسالغا تاج ،رەقىبلەرگە ئەجەل پەيكانىسى تىلدۇر .
پىكىرلەر جىسمىغا تىل جان ،تەپەككۈر ئىلمىغا ساپ قان ،
ئۇنىڭسىز سۆزلىمەس .ئنسان ،مىسالى ئەينى بىر ھايۋان ،
ۋىسال بوستانىغا خۇش ھىد چېچىپ تۇرغان گويا رەيھان،
يىگىت قىز ئشقى ئىزھاردۇر تىرەن ھىكمەت بىلەن ھەر ئان ،
مۇھەببەت رىشتىنى چاتقان بۈيۈك دىل تارىسى تىلدۇر ،
يېقىملىق شاش ھارارەتتىن ئېرىيدۇ باغرى تاش جاھىل،
كەشىپ شۇڭقارى خەلقىمگە ،جاھاننىڭ ئەھلى لال قايىل ،
ئىجاد مەيدانىدا شۆھرەت كەمەرى ،تاجىغا نائىل ،
نە شەربەت تۈنجى ئوغۇزدۇر ،پۈتۈن قۇدرەت ئاڭا مايىل ،
قۇياشنىڭ قىبلىسى شىرىن ناۋائاستانىسى تىلدۇر .
تۇغۇپ تۇپراقنى ئىنسان پەخرىگە ،دەسلەپ ۋەتەن بولغان،
پاناھلىق ئىزدىگەندە روھىغا نۇرانە تەن بولغان ،
بېرىپ ئىدراكقا ئازماس سۈت ،جەسۇر قەيسەر چىمەن بولغان ،
ئۆسۈپ قەقشەر ،ئىلى ،ئاقسۇ ،قۇمۇل ،تۇرپان ،خوتەن بولغان،
سۆيۈشنىڭ ھەم سۆيۈلمەكنىڭ يىتۈك ئەللامەسى تىلدۇر ،
زەپەر كارابىدا ئەجداد ،كۈرەش ئوكيانىدا ئاققان ،
پاراسەت جامىدا كەۋسەر ئىچىپ ،پەن مىغزنىن چاققان ،
بۈيۈك دىۋاننى تاق قىلىپ ،ئاناتىل ياشىغان تاققان ،
ماھارەت كۆكىدە چاقماق چېقىپ نۇردەك قانات قاققان ،
مەرىپەت ئەھلىنىڭ سۆيگەن گۈزەل جانانىسى تىلدۇر .
كۆيۈپ ھەر سۆزگە چەكسىز ،مىھرىگە يۈكسەك جانان بەرگەن ،
گوياكى تەڭرىدەك مەڭگۈ ئېقىپ –پۈتمەس زامان بەرگەن ،
تاشار قات-قات ،يېڭىلمەس ئۆركىشىدە يېڭى قان بەرگەن،
باھادىر –جەڭگىۋار ،سۇنماس كامان بەرگەن،ئىمان بەرگەن،
ئۇلۇغلۇق بۇرجىنىڭ ھەركەتتىكى سەييارىسى تىلدۇر،
زاماننڭ جانى –سانى ،ئوتتا كۆيمەس ،سۇدا ئاقماستۇر ،
تىرىكلىك نۇرىدۇر ،ئازغۇن كۆڭۈلگە زەررە باقماستۇر ،
تىكەنلىك سوغ دەۋرنىڭ تاشبورانى ھېچ سوقالماستۇر ،
ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ ،دەۋەرەپ تۇرار مەغرۇر ،يوقالماستۇر ،
بىلىشنىڭ ئىپتىداسى ھەم ەۆھەر يالدامىسى تىلدۇر ،
قۇتاتماقتىن بوۋام يارقىن شەرق گۈلزارىنى كۆرگەن ،
جاھاننامە قىلىپ تىلنى ناۋائىي يارىنى كۆرگەن ،
ئۇچۇپ ئالەم كۆزىدە بەر كامال رۇخسارىنى كۆرگەن ،
ئۇلۇغ مەنزىل داۋانىدا جۇدالىق نارىنى كۆرگەن ،
نەپىس سەنئەت مۇنارىنىڭ كى ئالماس پايىسى تىلدۇر ،
زەلىلى قۇم كېچىپ كەلسە ،قەلەندەر، نەۋبىتى چاقنار ،
نىزارى قايغۇسى گۈلخان ،مۇڭىدا ھىرقىتى چاقنار ،
ئۇپۇققا ئاتسا گۇمنامنى ،كى مەشرەپ غۇربىتى چاقنار ،
تەجەللى ھەم بىلال نازىم ،تۇمارىس ھەسرىتى چاقنار ،
زەبەردەست كەچمىشىڭ ئەڭ تىرىك سەرمايىسى تىلدۇر ،
خىجالەت ئەيلىدى ھۆسنى سىھىرلەپ كۈي خۇداسىنى ،
ۋۇجۇد ئاسمانىغا چاچتى مۇھەببەتنىڭ جۇلاسىنى ،
تالايلاپ تاشلىدى پۈكلەپ جاھالەتنىڭ بالاسىنى ،
بۇ تارىخ تۇغدى ھۆر تىلدىن مەدەنىيەت ئاناسىنى ،
يوقالماس روھى مىللەتنىڭ ،تۇغى –ئابىدىسى تىلدۇر
غۇرۇرلۇق سۆزلە ،‹‹ئۇرخۇن تاشلىرى ئەل ئىپتىخارى››دەپ ،
‹‹جاراڭلاپ چىن ئۇيۇشماقنىڭ يىقىلماس تۆھپىكارى ››دەپ،
‹‹رەزىللىك تىل تۇمارىغا ،غەزەپنىڭ زۇلپىقارى ›،دەپ ،
يوقالماس قەھرىمان خەلقىم تاۋابگاھى –مادارى ››دەپ ،
يارالماقنىڭ-ياراتماقنىڭ ئاقار يىلنامىسى تىلدۇر ،
ئانا تىل تۈندە ئەڭگۈشتەر –چىۋەر يولچى ،باھاسى يوق ،
ئانا تىل سۆيمىگەنلەرنڭ ئەزەلدىن شاد ناۋاسى يوق ،
ئانا تىلسىز تەپەككۈر باغى سولغۇن ،ساپ ھاۋاسى يوق ،
تىلىنى خارلىغانلار نەس كېسەل ،مەڭگۈ داۋاسى يوق ،
پەزىلەت جەۋھىرىنىڭ چىن شاھادەتنامىسى تىلدۇر،
پەلەككە قول ئۇزاتقانلار ئاڭا تىغلار چاپالمايدۇ ،
ئەزىم توپان ئىلاھىمۇ قارا پەردە ياپالمايدۇ ،
غۇرۇر –ۋىجداننى ساتقانلار ئانا تىلنى ساتالمايدۇ ،
بالاغەت ،جىلۋە ،كەڭلىكتە قۇسۇر –نۇقسان تاپالمايدۇ ،
كى ئىنسان ئىدراكىنىڭ ئەڭ قەدىم غەمخانىسى تىلدۇر ،