بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئىككى مۇستەقىل سۆزنىڭ ئۆزئارا تەڭداش باغلىنىشىتىن باشقا باغلىنىشتا زىچ
بىرىكشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر بىرىككەن سۆزلەر دېيىلىدۇ، مەسىلەن،
مۇزايۋېشى، قاغىتۇمشۇق، ۋالاقتەگكۈر، تۆگىتاپان، سېرىقبۇيا قاتارلىقلار.
بىرىككەن سۆزلەر فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە قوشۇپ يېزىلىدۇ، بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ئاساسەن ساقلىنىپ يېزىلىدۇ، مەسىلەن:
قارىمۇچ، كۆزەينەك، قارىقات، ئەتىياز، بالىياتقۇ، يىڭناغۇچ.....
ئىككىنچى تەركىبى «ب» بىلەن باشلانغان بىر قىسىم بىرىككەن سۆزلەردە «ب» تاۋۇشى «ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە ئىملادا شۇنداق ئىپادە قىلىنىدۇ. لېكىن، كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرىدا بولسا، يۇقىرىقىدەك فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئىپادە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:
بەڭۋاش، مۇزايۋېشى، يېڭىۋاشتىن، بەلۋاغ؛
ئەمەتباقى، دۆلەتباغ، شامالباغ، سايباغ...
ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن قويۇلغان كىشى ئىسىملىرى قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ، يېزىقتا ئىككى تەركىبىي قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى سوزۇق، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ساقلانمايدۇ. مەسىلەن:
ئەمەتباقى، تۇرسۇنمۇھەممەت، مەمەتسىدىق، ئەركىنئاي...
«ئاخۇن، ئاكا، ئاچا، ھاجى، بەگ، قارىي، گاڭ، قىز، خېنىم، ئايلا» دېگەندەك سۆزلەر كىشى ئىسىملىرىغا قوشۇلۇپ ھۆرمەت
مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەندە، ئالدىدىكى ئىسىملاردىن ئايرىلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
توختى قارىي، مەمەت ھاجى، ئەنۋەر گاڭ، سەمەت ئاخۇن، زىۋىدە ئايلا، تىللا قىز.
ئۈچ ياكى تۆت سۆزدىن تەركىب تاپقان بىرىككەن سۆزلەردە بىرىكىشى مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئالدىنقى ياكى كېيىنكى ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ، ئۈچ ياكى تۆت سۆزنى قوشۇپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:
غاز قانات ئوت، ئېدىر غازقانات ئوتى، ئاقباش ئوت، ياۋا قامچىگۈل، كۆزەينەكلىك يىلان، بەشكەنت خانئېرىق، ئۇلۇغسۇ باشبۇلاق...
ئېنىقلاش - ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن يەر- جاي ناملىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئېنىقلىغۇچى سۆز ئايرىپ يېزىلغاندىن سىرت، باشقا يەر- جاي ناملىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇزى
جەنۇبىي قارا بورا كەنتى جەنۇبىي قارىبورى كەنتى
شىمالىي قوشئېرىق كەنتى شىمالىي قوشئېرىخ كەنتى
جام ئورمانچىلىق مەيدانى جام ئورمانچىلىخ مەيدانى
شەرقىي قاراماي يولى شەرقىي قارىماي يولى
يېڭىئۆستەڭ كەنتى يېڭىئۆستەڭ كەنتى
تاغارچىئېرىق كەنتى تاغارچىئېرىخ كەنتى
ھاجىئېغىل كەنتى ھاجىئېغىل كەنتى
يارباشلام كەنتى يارباشلام كەنتى
بېدىلىكقىشلاق كەنتى بېدىلىكقىشلاخ كەنتى
بۇلاقبېشى جىلغىسى بۇلاخبېشى جىلغىسى
تاشتۆپە يېزىسى تاشتۆپى يېزىسى
تاللىققوتان كەنتى تاللىققوتان كەنتى
بىرىنچى تەركىبى « ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان يەر- جاي ناملىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ، بىرىنچى سۆزنىڭ ئاخىردىكى « ئا، ئە» تاۋۇشلىرى، نۇتۇقتا «ئى» غا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى تەلەپپۇز
جاغداساي جاغدىساي
جىگدەمازار جىگدىمازار
دۈشەنبەبازار دۈشەنبىبازار

«بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : لېكسىكا ھەققىدە چۈشەنچە
كېيىنكىسى : كىلياڭ شېۋىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- پاتقاققا پاتقان پارخورلار-« پ » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى
- مىراخور مايمۇننىڭ مۇئەللەقتە موتوسىكلىت مىنىشى-« م » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە
- بەگمەتنىڭ بەخىتسىزلىكى-« ب » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى
- قېرىغاندا قەدەم قىسقىرايدۇ-« ق » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى
- «داموللا»دىكى «دا» خەنزۇچە سۆزمۇ؟
- تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىداش سۆزلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى
- كىلياڭ شېۋىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
- بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- لېكسىكا ھەققىدە چۈشەنچە
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- «داموللا»دىكى «دا» خەنزۇچە سۆزمۇ؟
- پاتقاققا پاتقان پارخورلار-« پ » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى
- مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- تىلىمىزدىكى سىمۋوللۇق مەنىداش سۆزلەر
- بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- كىلياڭ شېۋىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
- مىراخور مايمۇننىڭ مۇئەللەقتە موتوسىكلىت مىنىشى-« م » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە
- قېرىغاندا قەدەم قىسقىرايدۇ-« ق » ھەرپىدىن باشلانغان ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى
- مەنىداش سۆزلەرۋە مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار