ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 23:07:38 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان

پەرھات جىلان


    تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات دەۋرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشتا ھەرقايسى تىللار تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تىلشۇناسلىقتىكى تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ھېسابلايمەن. تۈركىي تىللارنى شۇ تىللاردا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە، قەدىمكى تىللارنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى ھەم شۇنداقلا ھازىرقى تىللارنىڭ تەۋەلىك ئورنىنى بىرقەدەر ئىشەنچلىك ئاساسلار بىلەن دەلىللەپ كۆزەتكىلى بولىدۇ. تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرىنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىكى جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.



مەلۇمكى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسىرلەر داۋامىدا يايلاق، سۇ قوغلىشىپ، ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ يۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك قەبىلىلەر ۋە ئۇرۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى توختاۋسىز ئۇرۇشلار، ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى، يايلاقتىكى خەلقلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ھاياتىدىكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان زور سىياسىي-ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە، ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلىشىشى ۋە بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ، يېڭى-يېڭى خانلىقلار ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بارلىققا كېلىپ ياكى پارچىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرغان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، يېڭى-يېڭى ئېتنىك تەركىبلەر ئۆز دەۋرىدە تەدرىجىي زورىيىپ، كۈچىيىپ ۋە گۈللىنىپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە يەنە تەدرىجىي زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئاخىرى تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، كېيىن يەنە يېڭى ئېتنىك تۈركۈملەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات يوللىرىنى باشلىغان.



قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئەنە شۇنداق قوشۇلۇش ۋە بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرى مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى تىللار ۋە شېۋىلەرنىڭ قوشۇلۇش، بۆلۈنۈش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە تىللار ۋە شېۋىلەرنىڭ خاسلىقى تەدرىجىي شەكىللەندى. بۇنداق خاسلىقلارنىڭ پەرقلەندۈرگۈچى ئامىللىرى دەسلەپتە پارچە-پۇرات ھادىسە خاراكتېرلىك ئالامەتلەردە كۆرۈلگەن بولسا، كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا ماھىيەتلىك پەرقلەر ئاساسىدىكى قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، مۇئەييەن تارىىىي دەۋردە بىر قاتار تىللار ۋە شېۋىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بىرقەدەر كەڭ دائىرىدىكى ئورتاق تىل قائىدىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇنداق ئورتاق تىل قائىدىلىرى تەدرىجىي تۇراقلىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ ، گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى بىرقەدەر پىششىقلانغان ۋە باي لېكسىكا فوندىغا ئىگە بولغان ئەدەبىي تىللارنى شەكىللەندۈردى. بۇنداق ئەدەبىي تىللار ئۆز نۆۋىتىدە ئېتنىك تەرەققىياتنىڭ مىللىيلىك ئالامەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىدى ۋە ئاخىرى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە زۆرۈر بولغان بۇ مۇھىم شەرتنى ھازىرلىدى.



دېمەك، مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى تىلنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇمىي تۈركىي تىللار سىستېمىسى ئىچىدىكى بىر قاتار مىللىي ئەدەبىي تىللار مۇئەييەن مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۆز فۇنكىسىيىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەدەبىي تىللار يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، تىللار ۋە شېۋىلەرنىڭ كۆپ قېتىم تەكرار قوشۇلۇش ۋە بۆلۈنۈش جەريانلىرىدا پىششىقلىنىپ يېتىلىپ، يىراق ئۆتمۈش زامانلاردىكى يېگانە بوۋا تۈركىي تىلدىن شاخلىنىپ چىققان.



تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى يازما يادىكارلىقلار دەۋرى 7-ئەسىردىكى كۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئىلىم ساھەسىدە « ئورخۇن – يېنىسەي تۈرك(رۇنىك) يېزىقى» دېگەن شەرتلىك نام بىللەن ئاتالغان يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىلىرى ئەنە شۇ كۆكتۈرك تىلىغا مەنسۇپ، ئالىملارنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇ تىلنىڭ تەركىبلىرىدە ، گەرچە شېۋە ئالامەتلىرى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق تىلى ئىدى.



8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئىلگىرىكى كۆكتۈرك تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق تىلى بولۇپ قالدى. بۇ تىل ئىچىدىمۇ گەرچە قىسمەن شېۋە ئالامەتلىرى ساقلانغان بولسىمۇ ، بۇنداق ئالامەتلەر يەنىلا سېستىمىلاشمىغان ھادىسە خاراكتېرلىك پەرقلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىر پۈتۈن ئورتاق تىل دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيتتى. ئەينى دەۋردىكى مەزكۇر ئورتاق تىل ياۋروپا ۋە رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە « ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىي تىلى» دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتالدى. بۇنداق ئاتاش مەزكۇر تىلنىڭ شۇ دەۋردىكى ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ۋە ئوغۇزلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي گەۋدىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يادرو قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق « توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتىلاتتى. دېمەك، شۇ دەۋردە « ئوغۇز» دېگەنلىك « ئۇيغۇر » دېگەنگە باراۋەر ئىدى. قەدىمكى ئەپسانىۋى ئۇيغۇر قاغاننىڭ « ئوغۇزخان» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغىنىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.



8-،9- ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت مەڭگۈ تاشلار ___ ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىي تىلىنىڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى يادىكارلىقلاردىن « مايتىرى سىمىت»، « ئوغۇزخان» داستانى، « ئالتۇن يارۇق»، « تۇرپان تېكىستلىرى»، « مانىخەيلەرنىڭ تۆۋە دۇئالىرى» قاتارلىقلار بۇ تىلنىڭ بىرقەدەر راۋاجلانغان دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10-ئەسىردە ئوغۇز قەبىلىلىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تۈركۈمى ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، غەربكە كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇ تىل ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى. 14-، 15-ئەسىرلەردە شەرقىي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن جەنۇبتىكى خاقانىيە تىلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئەرەبچە-پارسچە سۆزلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر –ئوغۇز تىلى گرامماتىكا، فونېتىكا، لېكسىكا جەھەتلەردە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر ئەينى دەۋردە پۈتۈن شىنجاڭغا ئورتاق بولغان « چاغاتاي ئەدەبىي تىلى» غا قوشۇلدى.



قاراخانىيلار دەۋرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەمىلى قوللىنىلغان ئەدەبىي تىلنى تەتقىقاتچىلار شەرتلىك ھالدا « قارلۇق-ئۇيغۇر» ياكى « ئۇيغۇر-قارلۇق» تىلى دەپ ئاتىغان. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى تەخمىنەن 10-ئەسىردىن باشلاپ قاراخانىيلار خانلىقى دائىرىسىدە بارلىققا كېلىپ راۋاجلانغان ۋە بۇ خانلىق تەۋەسىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئەدەبىي تىل ئىدى.



شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇ دەۋردە قارا قوچۇ( تۇرپان) ۋە بەشبالىق( جىمىسار) نى قوش ئاستانە قىلغان ئىدىقۇت خانلىقىدا قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلار دەۋرلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەنئەنىسى ئىزچىل تۈردە ساقلانماقتا ئىدى. مىلادىيە 744-يىلىدىن 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئوغۇز قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى ۋە « توققۇز ئوغۇز » دەپ ئاتىلاتتى. شۇڭا، ئۇ دەۋرلەردىكى مەڭگۈ تاشلاردا ئىپادىلەنگەن تىلنىڭ ئالىملار تەرىپىدىن « ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى» دەپ ئاتىلىشى ئورۇنلۇق بولغان.



مىلادىيە 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك قايتىدىن تەقسىملىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى. بىر قىسىم قەبىلىلەر ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ھەر تەرەپلەرگە كۆچۈپ كەتتى. يەنە بىر قىسىم ئۇرۇق-قەبىلىلەر باشقا ئېتنىك تۈركۈملەرگە ، جۈملىدىن قىرغىزلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى، جۈملىدىن توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكىنى بۇزماي، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قانداش قەبىلىلەر ياشايدىغان جايلارغا كېلىپ ماكانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر-ئوغۇز ئەدەبىي تىلى ئۆزىنىڭ شېۋە ئاساسىنى بۇزمىغان ھالدا تارىخىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇردى.



10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە يەنە بىر قېتىم قايتىدىن تەقسىملىنىش جەريانى كېلىپ چىقتى. بۇ قېتىمقى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈش-يۆتكىلىش ھادىسىلىرى ئىچىدە ئوغۇزلارنىڭ ھەرىكىتى ھەممىدىن گەۋدىلىك بولدى. ئوغۇز قەبىلىلىرى غەربكە كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى ۋە خۇراسان قاتارلىق جايلاردا بۈيۈك سالجۇقلار سۇلالىسىنى تىكلىدى ۋە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر-قارلۇق ئەدەبىي تىللىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئوغۇز-قىپچاق تىلىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ تىل ئاساسىدا يېڭى بىر ئەدەبىي تىل ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ تىل غەرب ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە « ئوغۇز-سالجۇق» ياكى « ئوغۇز-تۈركمەن» ئەدەبىي تىلى دېگەن نام بىلەن ئاتالدى.



شۇنداق قىلىپ، 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە بارلىق تۈركىي تىللار ئۇيغۇر-ئوغۇز، ئۇيغۇر-قارلۇق ۋە ئوغۇز-تۈركمەن دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان ئۈچ ئەدەبىي تىلغا مەركەزلەشتى. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » سەرلەۋھىلىك نادىر ئەسىرى ئەنە شۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا كاشىغەر( قەشقەر) ۋە بالاساغۇننى قوش ئاستانە قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇر-قارلۇق ئورتاق تىلى مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ يەردە شەرتلىك ھالدا « ئۇيغۇر-قارلۇق» دەپ ئاتىلىۋاتقىنى ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلار زېمىنلىرىنى ماكان قىلغان بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىللىرى ۋە شېۋىلىرىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.



مەزكۇر قەبىلىلەر تىزىملىكىدە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى تۈركۈمدىكىلىرى ، يەنى شىمال تەرەپتىكىلىرى ئاساسەن ئوغۇز-قىپچاق تىلى دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خاقانىيە تىلىنىڭ ئىگىلىرىنى جەنۇبتىكى ئىككىنچى تۈركۈمدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈركۈمدىكى غەربتىن سانىغاندا چىگىللەردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى توخسى قەبىلىسى بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقانىدى. ياغمىلار بولسا، ئىلىدىن قەشقەرگىچە بولغان يەرلەرگە تارقالغان. بۇ تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كۇچانىڭ شەرقىدىن قۇمۇلغىچە بولغان يەرلەرگە جايلاشقان. ياغما ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ ئارىلىقىدا خاتىرىلەنگەن ئوغراق، چارۇق، چۇمۇل قەبىلىلىرى ، ئېھتىمال، قەشقەردىن قارا شەھەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەرلەردە ياشىغان بولسا كېرەك. بۇ قەبىلىلەر باشقا مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن قالغان يادىكارلىقلارمۇ يوق. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خاقانىيە تىلىنىڭ ئىگىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى مەنسۇخ قىلىشقا بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە تەھلىل قىلغاندا، قەشقەرنى مەركەز قىلغان خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ياغما قەبىلىسىدىن ئىبارەت بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا « خاقانىيە تۈركچىسى» دەپ تونۇشتۇرۇلغىنى ۋە دەۋرىمىز ئالىملىرى « ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى» دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتىغىنى دەل ئاشۇ ياغما قەبىلىسىنىڭ شېۋىسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي تىل دېگەن كۆزقاراشنى توغرا دېيىش لازىم.

بۇنداق يەكۈن تارىخىي پاكىتلارغا تامامەن ئۇيغۇن. قاراخانىيلار خانلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ ھارپىسىدا توققۇز ئوغۇز خەلقى تارىم ۋادىسىدا قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ مەزگىلدە ئەنە شۇ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ياغمىلار قەشقەرنى ئىشغال قىلغان ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان رۇسىيىلىك ئاكادېمىك ۋ. ۋ. بارتولد:« ئەينى دەۋردە ياغمىلار قارلۇقلارنى قەشقەردىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزلىرى شۇ شەھەردە ماكانلاشقان» دەپ كۆرسىتىدۇ. [7]

تۈركىيە ئالىمى رىشات گەنج ئۆزىنىڭ « مەھمۇد كاشىغەرىگە كۆرە تۈرك دۇنياسى» ناملىق كاتتا ئەسىرىدە يۇقىرىقىدەك كۆزقاراشنى راۋاجلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«... تارىخىي ئەسەرلەردە ياغما ھۆكۈمدارلىرىنىڭ توققۇز غۇز( توققۇز ئوغۇز= ئۇيغۇر) ھۆكۈمدارلىرى ئۇرۇقىدىن بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قوۋمى بولغان ياغمىلار ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربكە كۆچۈپ، قەشقەر دىيارىغا كەلگەن ۋە بۇ شەھەرنى قارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ ئۆزلىرى ماكانلاشقان بولۇشى ئېھتىمال. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ خان ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ شۈبھىسىز». رىشات گەنج يۇقىرىدىكى بايانلىرىغا ئۇلاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركچە ياكى خاقانىيە تۈركچىسى دېگىنى شۇ ياغمىلارنىڭ شېۋىسى بولسا كېرەك. »[8]



10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان « ھۇدۇدۇلئالەم»( ئالەمنىڭ چېگرىلىرى ) ناملىق ئەرەبچە ئەسەرنىڭ مەخسۇس ياغمىلار توغرىسىدىكى 13-بابىدا ، ياغمىلارنىڭ يەرلىرى توققۇز ئوغۇزلار ۋە قارلۇقلارنىڭ چېگرىلىرىغا تۇتىشىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە: « ئۇلارنىڭ ( ياغمىلارنىڭ ) خانلىرى توققۇز ئوغۇز خانلىرى بىلەن ئۇرۇقداش» دەپ قەيت قىلىدۇ. شۇ بايانلارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر، ئاتۇش ۋە يەنە قايسىدۇر بىر نامى ئېنىق يېزىلماي قالغان شەھەر ياغمىلارنىڭ يۇرتلىرى دەپ كۆرسىتىلىدۇ.[9]



« جۇڭگو تارىخ خەرىتىلىرى» توپلىمىنىڭ 36-، 37-بەتلىرىدىكى « بەش دەۋر، ئون دۆلەت» ( مىلادىيە 907__ 960-يىللىرى) خەرىتىسىدە قارلۇقلارنىڭ ماكانى ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىي بويلىرىدا، ياغمىلار ياشىغان يەرلەر بولسا ، پامىر تاغلىرىدىن تارتىپ ئاتۇش، قەشقەر ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا كۆرسىتىلگەن. دېمەك، « ھۇدۇدۇلئالام» دىكى مەلۇمات بىلەن مەزكۇر خەرىتىدە كۆرسىتىلگىنى تامامەن ئوخشاش. « ھۇدۇدۇلئالەم»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ۋاڭ جىلەي ئەپەندى كەلتۈرگەن نەقىلدە يەنە: « مەجمۇئەتۇل تەۋارىخ» تا ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بۇنىڭدىنمۇ خاقانىيە خەلقىنىڭ ياغما ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چۈنكى قاراخانىيلارنىڭ « بۇغراخان » دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ خانلىرى قەشقەردە ئىدى. باشقا جايلاردىكى خانلار « ئىلىكخان»، « تابغاچخان» دېيىلگەن بولسىمۇ، « بۇغراخان» دەپ ئاتالمىغان. يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئەينى دەۋردە ياغمىلارنىڭ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا ياشىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.



بىر قىسىم ئالىملار « ياغمىلار قەشقەردە ياشىغان» دېگەن ھۆكۈمگە قوشۇلالمايدۇ. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل-ئىسپات كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت « مەھمۇد كاشىغەرى ئىلى ۋادىسىدا ياغمىلار ياشايدۇ دەپ كۆرسەتكەن» دېگەننىلا تىلغا ئالالايدۇ. دەرۋەقە، « تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 124- ۋە 531-بەتلىرىدە ياغما، توخسى، چىگىل قەبىلىلىرىنىڭ ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ مەلۇماتتىن 10-، 11-ئەسىرلەردە ئىلى دەريا بويلىرىدىمۇ ياغمىلارنىڭ بىر بۆلۈكى ياشىغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ « قەشقەر ۋە ئاتۇشتا ياغمىلار يوق» دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ.



ئەمدى بىز دېققىتىمىزنى « تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مەخسۇس تۈركىي تىللار توغرىسىدا ئېيتىلغان مەلۇماتلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. مەھمۇد كاشىغەرى تۈركىي تىللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئەينى دەۋردىكى قەبىلىلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى « ساپ تۈركچە تىلدا سۆزلىشىدۇ» دەپ زىكىر قىلىدۇ. بۇلار: ئۇيغۇر، قىرغىز، قىپچاق، ئوغۇز، توخسى، ياغما، چىگىل، ئوغراق، چارۇق. دېمەك ، بۇنىڭدىن خاقانىيە تىلى، يەنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئىپادىلەنگەن تىل مانا مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرىگە ياكى بىر قىسمىغا تەئەللۇق دېگەن مەنە چىقىدۇ.

يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن دەللىللەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، « دىۋان»دا ئىپادىلەنگەن تىل ياغما شېۋىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ، دېگەن پىكىر بىرقەدەر سالماقلىق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى خاقانىيە تىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىكى ياغما كۆزقارىشىنى توغرا، لېكىن تولۇق ئەمەس دەپ ھېسابلايدۇ.



مۇنداق بىر پاكىتقا دىققەت قىلايلى، مەھمۇد كاشىغەرى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: « تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى...» بۇنىڭدا « يېنىكى» ۋە « توغرىسى» دېگەن ئېنىقلىغۇچىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. « يېنىك» دېگىنى، ئېھتىمال، تەلەپپۇز قىلىشقا ئاسان دېگەنلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك. « توغرا» دېگىنى، شۈبھىسىزكى، ئەدەبىي تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، توخسى ۋە ياغما قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىنى « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.



بىز خاقانىيە تىلىنى ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى دەپ ئاتىدۇق. لېكىن مەھمۇد كاشىغەرى تۈركىي قەبىلىلەرنى تونۇشتۇرغاندا بولسۇن ۋە ياكى تۈركىي تىللارنى چۈشەندۈرگەندە بولسۇن، قارلۇقلارنى تىلغا ئالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى شۇنداق دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، 11-ئەسىردە قارلۇقلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى جىددىيلىك بىلەن خاقانىيە ئاھالىسىگە قوشۇلۇپ، ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقان بولغاچقا، مەھمۇد كاشىغەرى ئۇلارنى « خاقانىيە تۈركلىرى» گە ئوخشىمايدىغان باشقا خەلق دەپ ھېسابلىمىغان بولسا كېرەك. شۇنداقلا، قارلۇق ئۇرۇقلىرىنىڭ تىلى بىلەن قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدا تىلغا ئالغۇدەك پەرق كۆرۈلمىگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارلۇقلارنىڭ ئىسسىقكۆل ۋە ماۋارا ئۈننەھىردە ئولتۇراقلاشقان بىر قىسمى __ چىگىللەر قەشقەردىن چەتتەرەك بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا ئۇلار مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ قەبىلىلەر تىزىملىكىدە ئايرىم كۆرسىتىلگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، قارلۇقلارنىڭ خاقانىيە ئاھالىسىگە قوشۇلۇپ كەتمەي ئايرىلىپ قالغىنى ئاشۇ چىگىللەردىن ئىبارەت بولسا كېرەك. 8-، 9- ئەسىرلەرگە ئائىت مەڭگۈ تاشلاردا قارلۇقلار « ئۈچ قارلۇق» دېگەن نام بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ نام قارلۇقلارنىڭ ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. چىگىللەر ئەنە شۇ ئۈچ قەبىلىنىڭ بىرى ئىدى. ھالبۇكى، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ ئۈچ قارلۇق قەبىلىسىدىن پەقەت چىگىللەرلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، باشقا ئىككى قەبىلە يوقالغان. ئېھتىمال ، ئۇلار تارىم ۋە ئىلى ۋادىلىرىدىكى تائىپىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.



ئاخىرىدا خۇلاسە تەرىقىسىدە يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، « تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مەلۇماتلار بىلەن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي ئېتنىك ۋە تىل تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، خاقانىيە تىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇر، قىرغىز، قىپچاق، ئوغۇز قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ تىللىرىنى « ساپ تۈركچە» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما ، پەقەت ياغما ۋە توخسى تىللىرىنىلا « توغرا» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق دېگىنى، ئەلۋەىتتە، يېزىق تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ، دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ تەبىرگە ئاساسەن بىز 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلارنىڭ ئەدەبىي تىلىدىن ئىبارەت بولغان ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئوغۇز ۋە قىپچاق تىللىرىغا سېلىشتۇرۇلغان خاقانىيە تىلىنى توخسى ۋە ياغما قەبىلىلىرىنىڭ شېۋىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دەپ ئېيتالايمىز.



ئىزاھلار:

[7]« ۋ. ۋ.بارتولد ئەسەرلىرى» ( رۇسچە) 315-بەت

[8] رىشات گەنج:« مەھمۇد كاشىغەرىگە كۆرە تۈرك دۇنياسى» ( تۈركچە)، ئەنقەرە، 1997-يىل نەشرى، 20-بەت

[9] « ھۇدۇدۇلئالەم» ( خەنزۇچە تەرجىمىسى) 1983-يىل نەشرى، 66-بەت.



مەنبە: شىنجاڭ پەلسەپە،  ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى


«11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر