سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

UKIJ تۆھپىكارى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى توغرىسىدا

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:09:39 | كۆرۇلىشى :

UKIJ تۆھپىكارى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى توغرىسىدا

 

(بۇ تېما ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلمىي جەمئىيتى تور بىتىدىن ئېلىندى)

 

1- سوئال: ئوزىڭىز توغرىسىدا ئازراق سوزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئىسمىم ۋارىس ئابدۇكەرىم، فامىلەم جانباز. 1977-يىلى پەيزاۋات ناھيىسىنىڭ جانباز يېزىسىدا تۇغۇلغان. بەلكىم فامىلەمگە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇ مەن تۇغۇلغان يېزىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش. مەن ئۇ نامنى 2000-يىلى ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ ۋە فامىلە ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي تونۇپ يېتىپ رەسمىي قوللىنىشقا باشلىغان. كېيىنچە، پاسپورتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئىسپات/ھۆججەت لەردىمۇ لاتىنچە يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئىسمىمنىڭ پىنيىن بىلەن يېزىلىشىنى ئەمەس "ۋارىس ئابدۇكەرىم جانباز" دەپ ئىشلىتىپ كەلدىم. ئەلبەتتە بۇ جەرياندا ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا قانۇندىن ساۋاد سۆزلەشكە توغرا كەلدى.

مەن 1994-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (سۆزۈمنىڭ داۋامىدا: Sh.U.) كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقتا ئوقۇدۇم. ئوقۇش جەريانىدا 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە كۆپىنچە تورداشلارغا تونۇش بولغان دۆلەتلىك 863 تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ش.ئۇ. تارمىقىدا مىللىي تىل-يېزىق يۇمشاق دېتاللىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندىم. ئەشۇ 4 يىل داۋامىدا، ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئىگىلەش، نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولۇش ۋە 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئوقۇش جەريانىدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگەندىم ۋە فرانسۇز تىلىغا دەسلەپكە ئاساس يارىتىپ، 2002-يىلى ئىيۇلدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلدىم. بىر يىل تىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، 2003-يىلى “كۆپ تىللىق ئىنجىنېر” (ئىڭېنىئەرىئە مۇلتىلىڭۇئە/مۇلتىلىڭۇئال ئەڭىنەئەئەرىڭ) لىق كەسپىدە ئوقۇپ بىر يىلدىن كېيىن “ئالىي مۇتىخەسسىس”(دەسس) دىپومىغا ئېرىشتىم. ھازىر پارىس سائىنت-دەنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنىڭ 2-يىلىنى ئوقۇغاچ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.


2- سوئال: UKIJ نىڭ قۇرۇلۇشىغا قانداق زۆرۈرىيەت سەۋەب بولغان؟ (قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز)


بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ئۇ ل ي) ھەم ئۇيغۇرچە يۇنىكود فونتلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە جەريانلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ ل ي: ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى كومپيۇتېر ساھەسىدە بولسۇن ياكى باشقا بەزى ساھەلەر بولسۇم لاتىن ھەرپلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە يېزىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن لاھىيىلەرنىڭ ھەم لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە كۆپ خىللىقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى بىر زۆرۈرىيەت.

ھەممىمىزگە مەلۇم، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار كەم دېگەندە 15 خىل ئوخشىمىغان لاھىيە/ئېلىپبە ئىشلىتەتتى. شۇ چاغدا مەن ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلىرىم ۋە بىر قىسىم دوستلىرىم بىلەن ئەشۇ 15 خىل ئوخشىمىغان لاھىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار يوقلۇقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنىدىم. بىراق مېنىڭ ئېرىشكەن جاۋابىم «ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس … ئۇنداق ئىشنى قىلغاننىڭ پايدىسى يوق …» دېگەن ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلاندى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش» ئىستىكىم قوزغىلىپ ھېچ بولمىغاندا كىشىلەرگە بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپى بېرىپ بېقىش خىيالىمنىڭ بارلىقىنى ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ھوشۇر ئىسلامغا بىلدۈردۈم. ئۇ كىشى مېنىڭ پىكىرىمى قوللايدىغانلىقىنى ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى چاقىرىپ مۇھاكىمە يىغىنىغا تەشكىللەشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلىتىلگەن ئوخشىمىغان لايىھىلەرنى توپلىدىم. تىلشۇناسلىق ۋە يېزىق لايىھىلەش بىلىملىرى توغرىسىدا ئىزدەندىم. قېرىنداش مىللەتلەر بولغان ئۆزبەك، قازاق، تۈركمەن، تاتار، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ يېزىق لايىھىلىرىنى ۋە تەجىرىبە-ساۋاقلىرىنى تەتقىق قىلدىم.

ئىككى ئايلىق ئىزدىنىش، تىلشۇناسلاردىن پىكىر ئېلىش ۋە ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق 2000-يىلى نويابىر ئېيىدا «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا دەسلەپكى تەشەببۇسنامە» نى يېزىپ چىقىپ پروف. ھوشۇر ئىسلامنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىپ ئاخىرى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ شۇ يىلى 24-نويابىر ش.ئۇ. كۇتۇپخانىسىدا 1-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى، ئەھمىيىتى توغرىسىدا قىزغان مۇنازىرىلەر بولدى. كېيىنكى يىغىنلاردا ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى ئىبراھىم مۇتىئى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، خەمىت زاكىر، قاتارلىق ئاتاقلىق تىلشۇناسلارنىڭ ھەم http://www.ukij.org/teshwiq/U K Y_Heqqide (كونايەزىق).ھتم دا تىلغان ئېلىنغان ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ئۇ ل ي نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىئىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يىغىننىڭ تەپسىلاتلىرى ئىنتەرنەت ئارقىلىق ئاشكارلانغان بولغاچقا، يىغىنغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بىراق بۇ تېمىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن تورداشلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. توردا بېرىلگەن پىكىرلەرمۇ ئۇ ل ي نىڭ بىرلىككە كېلىشىچە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. ئاخىرىدا 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2001-يىلى 3-ئىيۇل كۈنى ئۇ ل ي ئاخىرى بىرلىككە كەلدى. بۇ جەھەتتە ئابدۇرېھىم ۋە مەمەت ئەردەم ئەپەندىلەر ۋە ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بەزى تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە 3-نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتناشقان بەزىبىر تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان لايىھەگە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى»(ئۇ ك ي) دەپ نام بېرىش ماقۇل كۆرۈلگەن ئىدى. شۇنداق نام بېرىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان: 1) بۇ يېزىق دەسلەپتە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. 2) ئەگەر «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئالساق بەزىلەرگە «يەنە يېزىق ئىسلاھاتى قىلىدىكەنمىز…» دېگەندەك خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 3) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىگە ۋە بەيجىڭغا تەكلىپ يازغاندا قوللاشنى ئاسانراق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە بىرلىككە كەلگەن بۇ لايىھە 2001-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق (Sh.U.A.R.) خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاندى. ئارقىدىن، سابىق Sh.U.A.R. رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتمۇ بۇ تەكلىپكە قاراپ چىقىش ئۈچۈن «مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقاردى: «ھازىرچە بىرلىككە كەلگەن ئۇ ك ي نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى ياخشىلاش كېرەك».

شۇ تەكلىپ بىلەن ئۇ ل ي كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىش ھەم تەشۋىق قىلىنىشقا باشلاپ ھازىرقىدەك بىرلىكنى ياقىلاشتەك ياخشى ھالەت شەكىللەندى. خاتا چۈشەنچىلەر بارغانسېرى يوقاپ، كىشىلەر ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان لايىھەنىڭ جەۋھىرى بولغان ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرى توغرىسىدا مەتبۇئاتلار (تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللار) خەۋەر بەگەن بولسىمۇ، تەشۋىقات يەنىلا يېتەرسىز. شۇڭا مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى كونا يېزىققا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەنلىكىنى داۋاملىق ئەسكەرتىش زۆرۈر. ئۇ ل ي نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس.

قىستۇرما سوئال: ئۇيغۇر لاتىن يەزىقى (ئۇ ل ي) نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟


ئۇ ل ي نىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1) بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاچقا، ئۇ ل ي ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (ئۇئەي، ياكى كونا يېزىق) دا يازغان ھەر قانداق سۆز ۋە ئىبارىلەرنى ئېنىق يېزىشقا بولىدۇ. ئۇ ل ي ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلغاندا، سۆزلەرنىڭ باشقا مەنە بېرىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.

بۇ خىل ئالاھىدىلىك رەسمىي تىپتىكى بىر قەدەر مۇھىم خەۋەر، ماقالە ياكى كىتابلارنى ئۇ ل ي دا يازغاندا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلىدۇ. يەر ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارنى چەت ئەل تىلى ياكى لاتىن يېزىقىدا يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئۇ ل ي نى ئىشلەتسە ئاتالغۇلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھازىر ئىڭلىز تىلى ياكى باشقا تىللاردا يېزىلغان كىتاب ياكى ماقالىلەردە ئۇيغۇر يەر نامى ياكى خاس ئىسىملىرى ئۇ ل ي دا يېزىلىشقا باشلىدى.

2) ئۇ ل ي نى ئىشلىتىش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلىك رول ئوينايدۇ.

ئىككى ئايرىلالماسلىق: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ !!!

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە (سۆزۈمنىڭ داۋامىدا ئوئاد) كەم دېگەندە 500،000 ئۇيغۇر بار. ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرلىكە كەلگەن ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقىنى (ئۇ س ي) نى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. يېزىقمۇ تىلغا ئوخشاش ئۇچۇر ۋاسىتىسى. ئوخشىمىغان دۆلەتتە ياشايدىغان بىر مىللەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان يېزىقلارنىڭ (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقى) مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نوقۇل ھالدا بىر مىللەتنىڭ بۆلۈنۈپ، يىراقلىشىپ ياكى ئازراقىنىڭ يوقىلىپ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ئۇئەي نى بىلمەيدۇ ياكى ئۆگىنىشىمۇ تەس، يەنە بىر تەرەپتىن Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى ئۇ س ي نى بىلمەيدۇ ياكى بىلىدىغانلار ئاز. قىسقىسى، ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ۋە Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى يېزىق ئارزىقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىلىشەلمەيدۇ. ئۇ ل ي مانا شۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بۇندىن كېيىن كومپيۇتېر ساھەسىدە، ئۇئەي دا تارقىتىلغان ماتېرىياللار ئۇ ل ي دىمۇ تەڭ تارقىتىلسا ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ س ي دا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۇ ل ي دىمۇ تارقىتىلسا Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىپ ئاللىبۇرۇن ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى توردىكى ئەمەلىيەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

UKIJ دىكى نەزەر دائىرىسى كەڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۇئەي، ئۇ ل ي ۋە ئۇ س ي نى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش قوراللىرىنى ياسىغاندا ئەنە شۇ مۇھىم نۇقتىلارمۇ كۆزدە تۇتقان.

3) تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

ئۇ ل ي ئېلىپبەسى بىلەن باشقا لاتىن يېزىقىنىمۇ ئىشلىتىدىغان تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز (ئۆزبېك، ئازەربەيجان، تاتار، تۈركمەن، تۈركىيە تۈركلىرى) ئىشلىتىدىغان ئېلىپبەلەر ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار كۆپ. بۇ ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاشتۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. (مىسال: http://www.omniglot.com/writing/uyghur.htm دىكى "رەلاتەد لاڭۇئاگەس " دىكى تىللارغا ۋە ھەر بىر تىلغا ئائىت "لىنكس" دا كۆرسىتىلغان ئۇلىنىشلارغا قاراڭ)

4) كومپيۇتېر ساھەسى ۋە باشقا ساھەلەردە ئۇئەي نى ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە ئۇ ل ي ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ.

كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ بەزى ئورۇنلاردا ئۇئەي نى مۇكەممەل قوللىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ل ي نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەتتۇر.

5) ئۇ ل ي ئۇيغۇرچە ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارغانسېرى دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارمۇ كۆپەيمەكتە. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر نەچچە ئېغىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىشتە ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئۇئەي غا قارىغاندا تېزراق بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتۇر.

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان، بىراق ئۇئەي دا ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلارغا ئۇ ل ي نى ئۆگىنىش ھەم ئىشلىتىش ئاسانراق بولىدۇ.

يۇنىكود: بىر خەلقئارا ئۆلچەم بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىگە بىردىنبىر رەقەم/كود بېرىپ كومپيۇتېردا ئۆز-ئارا پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇرچە ھەرپلەر، http://www.oyghan.com/yunikod/yunikod_FAQ.htm دا كۆرسىتىلگىنىدەك، پروف. ھوشۇر ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ئىسو غا تەكلىپ يوللىشى بىلەن 1998-يىلىلا يۇنىكود قا تولۇق كىرىپ بولغان. ھالبۇكى بۇ ئۆلچەم مەن 2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇنجى قېتىم يۇنىكود ئۆلچىمى ئىشلەتكەن ساپ ئۇيغۇرچە فونت ياساپ ھەقسىز تارقاتقىچە ۋە يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشتىكى تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرمىگىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمىيلاشمىغان ھەم ئىشلىتىلمىگەن.

شۇ چاغلاردا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قوزغايدىغان ئىككى ئىللەت مەۋجۇت ئىدى:

1) ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى «يېزىق ئۆزگەرتىش» دەپ خاتا تەشۋىق قىلىپ ئۆزىنىڭ كونا يېزىققا ئالاقىدار يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ خېرىدار ئىزدەش.

2) ئۆزلىرى ياسىغان فونتلىرىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىگە قارىماي باشقىلارنى ئۆزى ئىشلەتكەن «ئۆلچەم» نى ئىشلىتىشكە چاقىرىش، نەتىجىدە ھېچكىم ھېچكىمنىڭكىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلماي ئوخشىمىغان «ئۇسلۇب» يارىتىش.

بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردىن ئانچە خەۋەرسىز كىشىلىرىمىز نېمە قىلىشىنى، قايسى يولغا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى، بۇ خىل ۋەزىيەت 2003-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. ئۇندىن كېيىن غەيرەت ت. كەنجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراقنى كۆرەلەيدىغان ياراملىق تەتقىقاتچىلىرىمىز يۇنىكودنى ئىشلىتىشنى رەسمىي قوللىدى ھەم يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ بىرلىك ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتتى. نەتىجىدە توغرا يولنى تونۇپ يەتكەن نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇختىلىق ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش بازىلىرى دەپ قارىلىدىغان ش.ئۇ. 863 تەتقىقات گورۇپپىسى ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىمۇ يۇنىكودنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتتى.

UKIJ: 2004-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرچە يۇنىكود نى ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ئۇيغۇرچە فونت تۈرلىرى 30 خىل غا، فونت ناملىرى 200 خىلدىن كۆپكە يەتتى. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ يۇنىكود فونت ناملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى، فونتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق بولماسلىقى يەنە باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ھاكىمىيەت ۋە مەجبۇرلاش قوقۇقىغا ئىگە بولغان Sh.U.A.R. خەلق ھۆكىمىتى، تىل-يېزىق كومىتېتى، پەن-تېخنىكا كومىتېتى ... بۇ ئىشقا كۆڭۈل بەرمەي پاسسىپ ھالەتتە تۇردى؛ شۇلارغا تەكلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارالغان ش.ئۇ. 863 تەتقىقات گورۇپپىسىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىدى. ئەشۇ ئورۇنلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنىڭ بولماسلىقى «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى»نىڭ توغرا ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

Sh.U.A.R. نىڭ ھازىرقى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تورلىرىنى (gov.cn بىلەن ئاخىرلاشقان) ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. مەزكۇر شۇئارىدىكى «ياخشى باشقۇرۇپ» دېگەننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ «ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئىشلەپ ياخشى باشقۇرۇش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغان كىشىلەر ئۇ شۇئارغا ھازىرغىچە ئاۋاز قوشمىدى.

مۇشۇنداق شارائىتتا، پارتىزان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ تىل ۋە يېزىقىمىزنى قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ بولمىسا بومايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. شۇڭا، ئۇ ل ي نى توغرا تەشۋىق قىلىش، يۇنىكودنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش ھەم فونت نامىنى تەرتىپكە سېلىش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا تۆھبە قوشۇش ئۈچۈن مېنىڭ تەشەببۇسۇم ۋە ھازىرقى UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن 2004-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات -- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) قۇرۇلدى.

ئەسلىدە UKIJ نى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات سۈپىتىدە رەسمىي تىزىملىتىشنى ئويلاشقان ئىدۇق. بىراق http://www.mca.gov.cn/artical/content/PMJN/2003122285837.htm دىكى 3-بۆلۈمدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچىنچى ۋە بەشىنچى شەرتلەرنى ھازىرلاش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا ھازىرچە مۇستەققىل، دۆلەت چىگراسى يوق توردىكى تەشكىلات بولۇپ تۇردۇق.


3- UKIJ نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلىرىمىزنىڭ كەسپىي ئىشلىرىغا قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟


UKIJ بىرلىشىشنى خالايدىغان تەتقىقاتچى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتى. ئۇ ھازىرچە توردىكى بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن توردا ۋە بەزىدە ۋەتەن ئىچىدە ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. UKIJ باشتا قۇرۇلغاندا تەشۋىقاتنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان. 2004-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەمتىمىن ئاليار ئەپەندىنىڭ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشى، بىلىك كۇلۇبى (http://www.bilik.cn/) نىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن UKIJ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىندى. شۇ ئارقىلىق UKIJ قايتا جانلىنىپ ئۇيغۇرچە يۇنىكودقا ئالاقادار بەزى كېلىشىملەر ھاسىل قىلىندى، كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن http://www.ukij.org/fonts دىكى 44 خىل ئۇيغۇرچە يۇنىكود فونت ياسىلىپ فونت نامىمۇ بىرلىككە كەلدى، فونتلارنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشىلاندى. بۇ فونتلارغا نىسبەتەن تېخنىكىلىق تەلەپلەر بىر قەدەر قاتتىق بولغاچقا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ۋە تور بەت ياسىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشتى.


UKIJ قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىزان ھالەتتىكى كومپيۇتېرشۇناسلارنى ئىتتىپاقلاشتۇردى. UKIJ غا در. ئەركىن سىدىق، پروف. ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق ئالىملار، ئابدۇرېھىم، ئالىم ئەھەد، غەيرەت ت. كەنجى، مۇھەممەد ئابدۇللا قاتارلىق ياراملىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىلا بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.


UKIJ كۆپ قېتىم توردا يىغىن ئېچىپ ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئوتيۈرەك ئەزالار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىم يۈز تۇرانە كەسپىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ زور ئىجتىمائىي تەسىر ھاسىل قىلدى. UKIJ دائىمىي ئەزالىرى تەشكىلات نامىدىن مىروسوفت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلار ۋىندوۋستا ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزۈش قورالىغا نىسبەتەن تەكلىپلەرنى بەردى. مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىدا UKIJ غا ئەزا بولۇپ كىرىپ ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ خالىسانە كۈچ چىقىرىشى ۋە 2005-يىلى UKIJ نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى UKIJ نىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، UKIJ خالىسانە تەشكىللەنگەن ياراملىق ئەزالىرى بىلەن خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى سوۋغات قىلىدۇ، ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يۇمشاق دېتاللارنى تېخنىكىلىق سىنىغاچ، نازارەتچىلىك رول ئوينايدۇ. قالغان تەپسىلاتلارنى UKIJ نىزامنامىسى http://www.ukij.org/html/nizam.htm دىن كۆرۈڭ.


4- بىر چاغدا شىنجاڭ گېزىتىدە بولۇپ ئۆتكەن ئۇ ل ي ۋە ئۇئەي توغرىسىدىكى ناباپ تالاشمىدا يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تور بېتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئاددىي مەسىلىگىلا تاقاپ قويۇلغان، ھىس قىلىشىمىزچە مەسىلە ئۇنداق ئاددىي بولمىسا كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولمىغان مۇھىم ساھەلىرىدىن بىرنەچچە مىسال كەلتۈرۈپ ئۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتسىڭىز؟


ئۇچۇرلاشتۇرۇش نوقۇل ھالدا توربەت ياساشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، توربەت ياساشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كىچىك بىر قىسمى دەپ قارىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى مەسىلىسى بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى باغلاشتۇرۇپ قارىغاندا، كونكرېت مىسال بىلەن ئېيتساق مەتبۇئات، مائارىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، پوچتا-تېلېگراف ۋە باشقا تارماقلاردا ئۇيغۇر يېزىقىنى (مۇ) ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىش كېرەكلىكى «ئاساسى قانۇن»، «ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدا ئېنىق ئېيتىلغان.

ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولالمىغان ساھەلىرى ئىنتايىن كۆپ. شۇنىڭ بىر قىسمى بولغان تور بېكەت مەسىلىسىدىن مىسالغا ئالساق، ئەڭ تىپىك مىساللارنى Sh.U.A.R خەلق ھۆكۈمىتى http://www.xinjiang.gov.cn/, شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى http://www.xju.edu.cn/ ۋە Sh.U.A.R تىل-يېزىق كومىتېتى http://www.xjyw.gov.cn/ نىڭ تور بېكىتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت، تىل-يېزىق تەتقىقات ۋە ئىجرائىيە ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئېغىر دەرىجىدە چەتكە قېقىلىپ ھېچقانداق مەزمۇن كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئەنە شۇلاردىن باشلاش كېرەك.

ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالدىنقى شەرت بولغان «ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى» نى توغرا ئىجرا قىلىش كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم.

دۆلىتىمىز قانۇن-تۈزۈملۈك دۆلەت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىمۇ (ج ك پ) «ئاساسلانغۇدەك قانۇن بولۇش، قانۇن بولغانىكەن ئاساسلىنىش»نى ئەزەلدىن تەكىتلەپ كەلگەن. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى يۈرگۈزۈلگەن بىر قىسمى. دېمەك ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. شۇنداق بولغانىكەن قانۇننى توغرا ئىشلىتىپ، ھوقۇقىمىزدىن دادىللىق بىلەن بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت تورى توغرىسىدا Sh.U.A.R. رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەپەندى تۆۋەندىكىدەك چاقىرىق قىلىپ بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتەي:

ئەمدىكى مەسىلە، قانۇن بەرگەن ھوقۇقتىن قانداق پايدىلىنىش ۋە قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىشتىلا قالدى. شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، سىز، مەن، بىزنىڭ قانۇننىڭ توغرا ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمىز بار.

دۆلىتىمىز Sh.U.A.R. نىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۇل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا مەبلەغ ئاجرىتالايدىغانلىغىغا مەن ئىشىنىمەن، تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئۇيغۇر يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قىيىنچىلىق يوقلۇقى ۋە ياراملىق خادىملىرىمىزنىڭمۇ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان.

قايتا تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى» نى توغرا ئىجرا قىلىش كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم.


5-سوئال: ئۇ ل ي لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىرغىچە 5 يىلدەك ۋاقىت بولۇپتۇ، نىزامنامەڭلاردە دېيىلگەن "ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش يېزىق ئوزگەرتىش ئەمەس" دېگەننى مۇشۇ 5 يىل ئىچىدىكى قايسى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلايسىلەر؟ ئۇئەي تەرەققى قىلىپ كومپۇتېردا بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋاقىت كەلسە، يەنى ئۇ ل ي نىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىسا ئۇ ل ي تەبىئى ھالدا كۈچتىن قالسا بولامدۇ؟ بۇ نىزامنامەڭلەردە بارمۇ؟


جاۋاپ: ئۇ ل ي بىرلىككە كەلگىنىگە گەرچە 5 يىل بولسىمۇ، ئالدىنقى 3 يىل ئاساسەن ئۇ ل ي نى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنى خاتا تەشۋىق قىلغانلار بىلەن جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. كېيىنكى 2 يىلدا ئاسەسەن چۈشەنچىلەر ھەل بولۇپ، بىر قىسىم تەرەققىيات بولدى. بۇ جەرياندا تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق:

1) ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرغانلار.

ئا. ئۇ ل ي نى ئىشلىتىش يېزىق ئىسلاھاتى دەپ قاراپ ئېھتىيات قىلغانلار؛

ب. ئۇ ل ي بىرلىككە كېلىپ قالسا ھەم ئىشلىتىلسە كېيىنچە ئۇئەي نىڭ ئورنىنى بېسىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلار؛

. ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايدىغانلار؛

د. ئۇ ل ي نى «يېزىق ئۆزگەرتىش» دەپ تەشۋىق قىلىپ ئۇئەي غا ئائىت يۇمشاق دېتاللىرىنى داڭلاپ پايدا تېپىۋېلىشنى كۆزلىگەنلەر؛

ئە. ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى (ئوئاد) ئۇيغۇرلار ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەنلەر.

2) ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنى قوللايدىغانلار.

ئا. ئوخشىمىغان لاتىن يېزىق لاھىيىسىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى تونۇپ يەتكەنلەر؛

ب. يېزىق ئىسلاھاتى قىلىپ ئۇ ل ي نى ئۇئەي نىڭ ئورنى دەسسىتىشنى ئويلايدىغانلار؛

. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ئۇئەي نى ئىشلىشتە قىينالغانلار، ھەم ئۇ ل ي ۋە ئۇئەي نى ماسلاشتۇرۇپ ئېھتىياجغا قاراپ تەڭ ئىشلىتىش ياكى تاللاپ ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار؛

د. ئۇئەي نى ئوقۇيالمايدىغانلار (ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇمىغانلار، ئوئاد ئۇيغۇرلىرى، باشقا مىللەتلەر)؛

3) ئىپادە بىلدۈرمىگەنلەر.

ئا. ئۇيغۇرچە ئىشلەتمەي باشقا تىللارنى (خەنزۇچە،رۇسچە…) ئىشلىتىدىغانلار؛

ب. ھازىرقى ئەھۋالنى داۋاملىق كۆزىتىپ باقماقچى بولغانلار؛

. ساۋادسىز ئۇيغۇرلار(ئۇئەي ياكى ئۇ ل ي دا خەت يازالمايدىغانلار)؛

د. باشقىلار.

يۇقىرىدىكىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ل ي نى قوللايدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلاردىكى ئورتاقلىق: ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

ئەرەب يېزىقى ئىشلەتسە «ئەرەب ياكى مۇسۇلمان» لىشىپ قالىدىغان، لاتىن يېزىقى ئىشلەتسە «كاپىر ياكى ئىڭلىز، فرانسۇز…» لىشىپ قالىدىغان ئىش يوق. تىل بىرلەمچى، يېزىق ئىككىلەمچى. بىز ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى قوغداش ھەم شۇ ئاساستا كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

مۇشۇنداق شارائىتتا بىزگە ئۇئەي نى ئىشلىتىشتىن سىرت ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان بىر پايدىلىق شارائىت بولغاچقا 5 يىل بۇرۇن ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى باشانغان. ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ 2-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتىكىدەك نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. 5-قېتىملىق يىغىننىڭ ھەممىسىدە ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يەزىق ئۆزگەرتىش ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. تۆۋەندىكى بىر قىسىم خىزمەتلەر بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ:

1) ھەر قېتىملىق يىغىن تەپسىلاتى ۋە ھازىرغىچە قىلىنىۋاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ ئامال بار ئۇ ل ي ۋە ئۇئەي دا تەڭ تارقىتىلىشى ( http://www.ukij.org/ غا قاراڭ)؛

2) 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە UKIJ ئەزالىرى (ئابدۇرېھىم، غەيرەت ت. كەنجى( uyghuredit.oyghan.com), مىسران تورى، مۇھەممەد ئابدۇللا(يۇلغۇن.وم)، ۋارىس ئا. جانباز(ئويغان.وم) ۋە باشقىلار) ياسىغان ئۇ ل ي، ئۇئەي، ئۇ س ي لارنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش قوراللىرى، UKIJ ئەزالىرى ياساپ چىققان يۇنىكود فونتلىرى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قوراللىرى ۋە توردا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچىغا ئائىت ھەر خىل تور قوراللىرى

3) UKIJ ئەزالىرىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ئۇ ل ي دا بولۇشى ياكى ئۇئەي دا بولۇشى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي يىغىندىكى قارارلاردا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن تاللاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

UKIJ يېتەكچىلىك ئورۇندىكى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ھۆججەت تەرىقىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى داۋاملىق ئۇئەي ۋە ئۇ ل ي دا تەڭ يازىدۇ ( http://www.ukij.org/ ) ۋە ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ http://www.ukij.org/html/nizam.htm . UKIJ تورىنىڭ مېھمانلىرى قايسى خىل يېزىقتىكى مەزمۇندىن پايدىلىنالىسا شۇنى تاللىۋالسا بولىدۇ..

ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى SH.U.A.R دىكى ئۇيغۇرلار ئۇئەي نى ھەر قانداق ئورۇندا بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ل ي يەنە داۋاملىق ئوئاد دىكى ئۇيغۇرلارغا (كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنىڭ ياردىمىدە) ۋە ئۇئەي ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئۇئەي دا يېزىلغان مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ل ي يەر ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارنى لاتىن يېزىقىدا يېزىشقا توغرا كەلگەندە بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ ل ي پاسپورت قاتارلىق كىملىك ئىسپاتنامىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى لاتىنچە يازغاندا قوللىنىدىغان ئۆلچەم سۈپىتىدە ئىشلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئەگەر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسا، UKIJ نىڭ نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتىش تەبىئىي ئەھۋال.


6. سوئال: ھازىرغىچە شۇغۇللانغان تەتقىقاتلىرىڭىز ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىز، شۇنداقلا ھازىرقى تەتقىقات تېمىڭىز توغرىسىدا تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ (ئويغان تور بېتى توغرىسىدىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز)


مەن يۇمشاق دېتال ساھەسىگە 1997-يىل ئوتتۇرىلىرىدا قەدەم قويغان. شۇ چاغلاردا قىزىقىش ۋە كەسپىي زۆرۈرىيەتكە ئاساسەن كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگرامما تۈزۈش قوراللىرىدىن ۋ، VB، دەلپھى، ASP, ++ بۇئىلدەر ... لەرنى ئۈگەنگەن ئىدىم. 1998-يىل بېشىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تۈزۈشكە قىزىقىپ ۋىندوۋسقا كۆچۈرۈپ/چاپلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان قورال ياساپ ئوينىغان. شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىر قىسىم چەت ئەللىك تىلشۇناسلار (كېيىن ئۇقسام ئۇلار دىن تارقاتقۇچىلار ئىكەن) ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان تاجىك يېزىقىنى (ئەسكەرتىش: Sh.U.A.R تاجىكلىرىنىڭ شۇ يىلىغىچە قېلىپلاشقان يېزىقى يوق ئىدى) ۋىندوۋسقا كىرگۈزۈش قورالىنى توختاملىشىپ ياساپ چىققان. شۇلارنى قىلىش ئارقىلىق فونت ۋە ۋىندوۋسقا پروگرامما يېزىش توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولغان. 1998-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ «863» تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەسمىي تەتقىقاتچى ئەزا بولۇپ كىرگەندىن باشلاپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا پۈتۈن زېھنىمنى بېرىشكە باشلىدىم ۋە 1999- يىلى نويابىرغىچە ئىشخانا تەلەپ قىلغان تۈر «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى» (تولۇقسىز ئوتتۇرا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە) نى تاماملىدىم. شۇ جەرياندا، ساۋاقداش، خىزمەتداش، يېتەكچى ۋە ئۇستازلىرىم بولغان ئىلھام غىياس، تۈرگۈن ئىبراھىم، ھوشۇر ئىسلام، ئابلىمىت، مىجىت ۋە ئىبراھىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلاردىن تېپىلغۇسىز ساۋادلارنى ئۆگەندىم. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى (بەزىلىرى 1000 رمب دىن ئېشىپ كەتكەن) بولۇۋاتقان مەزگىللەر بولغان 2000-يىلنىڭ بېشىدا ۋىندوۋس 2000 گە ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە كىرگۈزگۈچ ياساپ 2001-يىلىغىچە شۇ چاغدىكى ئەڭ تۆۋەن باھادا تارقاتتىم. 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۇنى http://www.oyghan.com/ دا ھەقسىز تارقاتتىم. 2001-يىل بېشىدا شج.ئۇ. كۇتۇپخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىنى ئىشلەشكە قاتناشتىم. «863» تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 2001-يىل مايدىن ئاۋغۇستقىچە Sh.U.A.R. خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىچكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى» نى ئىشلەشكە قاتناشقان ئىدىم، بىراق بۇ تۈر شۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن داۋاملاشمىدى. 2002-يىل يانۋاردىن مايغىچە «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە پروگرامما باشقۇرۇش سىستېمىسى» نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولدۇم ھەم بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بۇ تۈرنى تاماملىدىم. بۇ سىستېما ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىشلىتىلمەكتە. يۇقىرىدىكىلەر دەرستىن سىرت ئىشلىگەن تۈرلەر بولۇپ، ئوقۇش ۋە شەخسىي تەتقىقاتىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. ئۆلچەملەشتۈرۈش ساھەسىدە مېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇم بار ئىدى. بىرى 2000-يىللاردا ئىشلىتىلىۋاتقان 15 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لاھىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ يەنە بىرى، خەلقئارا ئۆلچەمگە 1998- يىلىلا كىرگۈزۈلگەن (ئانچە مۇھىم بولمىغان ئې ۋە ئى ھەرپىنىڭ ئەمزىلىك-ئوتتۇرا-شەكىللىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا؛ يۇنىكود 2.1 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىغا قاراڭ) ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كودلاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇيغۇرچە يۇنىكود فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ياساپ ئۇيغۇرچە فونتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە يۇنىكودنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىدى.

بىرىنچى ئارزۇيۇم http://www.ukij.org/teshwiq/U K Y_Heqqide (كونايەزىق).ھتم دە ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر، UKIJ ئەزالىرى ۋە باشقا زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەمدەم بولۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. ئىككىنچى ئارزۇيۇم، 2002-يىلىدىن باشلاپ (گەرچە 4 يىل كېچىكىپ ئىش باشلىغان بولساممۇ) تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە يۇنىكود ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ساپ ئۇيغۇرچە يۇنىكود فونت ياساش ۋە ھەقسىز تارقىتىشنى يولغا قويۇش، تېخنىكىلىق چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاشكارىلاش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ جەرياندا غەيرەت ت. كەنجى، مۇھەممەد ئابدۇللا قاتارلىق ئەپەندىلەر يۇنىكود ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇرچە كودنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قوللاپ ۋايىغا يەتكەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئەمەلىي قوللايدىغىنىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەد ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرچە كودنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تور يىغىنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشنى ۋە UKIJ بىلەن زىچ ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە UKIJ گە رەسمىي ئەزا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، 2004-يىل 15 -دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ 2005-يىلىدىن باشلاپ بارلىق يۇمشاق دېتاللىرىدا يۇنىكود ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ( http://www.uyghursoft.com/uyghur/news/20041215.htm ) ئۇيغۇرچە فونت ئۆلچىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شج.ئۇ. دىكى ياراملىق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان ئەركىن باتۇر ئەپەندىمۇ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە يۇنىكودنى ئىشلىتىشكە ئاۋاز قوشتى. بىلىك كۇلۇبى ۋە ئاليار ئەپەندى تەشۋىقاتتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى. شۇ ۋەجىدىن يۇقىرىدىكى ئەپەندىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.

ئويغان.وم 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ مەقسەت ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىشتىن ئىبارەتلا ئىدى. ئۇ بېكەتنىڭ قۇرۇلمىسى ئانچە چىرايلىق، مەزمۇنى مول بولمىسىمۇ ئۇيغۇرچە يۇنىكود ۋە ئۇ ل ي تەرەپتىن ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ۋاسىتىسىلىق رول ئوينىدى. ئويغان ئۇيغۇر يۇنىكود كىرگۈزگۈچىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە يۇنىكودنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2002-يىلدىن بۇرۇن تارقاتقان بارلىق ئۆلچەمسىز يۇمشاق دېتاللار ۋە مەزمۇنلار بىردەك چىقىرىپ تاشلاندى. ئەكسىچە، ئۆلچەمسىز مەزمۇنلارنى ئۆلچەملىك كودقا ئايلاندۇرۇش قوراللىرى تەمىنلەندى. ھەرگىز، ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئەكسىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۆلچەمسىز نەرسىلەرنى يوقاتمىغىچە بىرلىككە كېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ھازىر ئويغان.وم دا يېڭى مەزمۇنلار بولمىسىمۇ، ئۇنى شۇ پېتىچە ساقلاپ قالغۇم بار. ھازىر بار مەزمۇنلارنى پايدىسىز ياكى ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارىغاندا ئۇنى http://www.ukij.org/ غا قارىتىپ قويۇشىم مۇمكىن.

مەن 2002-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيەگە كەلگەندىن بۇيان شارائىت، ئوقۇش ۋە چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقانلار ياخشىراق چۈشىنىدىغان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا ئانچە بېرىلىپ كېتەلمىدىم. 2003-يىلى فرانسۇز تىلى ۋە تىلشۇناسلىق ئۆگەنگەچ بوش ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيەسىنى ئانالىز قىلالايدىغان قورال ياسىغان ئىدىم، ئۇ پەقەت تىلشۇناسلىق جەھەتتە ئانالىز قىلىش قورالىلا بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دەرھال ئىشلەپ كەتمەيدۇ. كېيىنچە ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ قالسام ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ئانالىز قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇپ كۆپ خىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يانداش ئىشلىتىش قورالغا سۈپىتىدە ئىشلىتىشىم مۇمكىن. بۇ جەھەتتىن تەپسىلىي پىلان تېخى يوق. ئەپسۇسكى، ھازىرقى خىزمىتىمنىڭ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. تەتقىقاتىم چوڭ تىپتىكى ئاmbaرلاردىن ئۇچۇر قېزىش (داتا مىنىڭ) بولغاچقا ئۇيغۇرچىغا پايدىسى تېگىشى ناتايىن. بىراق، مەن پۇرسەت بولىدىكەن يەنىلا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمەن.

مەن ئادەتتە باشقىلار قىلغاننى قايتا قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. توغرا يۆنىلىشكە ماڭغان ھەر قانداق تەتقىقاتنى قوللايمەن ھەم ياردىمىمنى ئايىمايمەن. ئۆلچەمسىز، باھاسى نامۇۋاپىق ياكى توغرا ئىستىل بىلەن ياسالمىغان يۇمشاق دېتاللارنى بايقىسام شۇنداق يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئوخشاش تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ بۇرۇنقىدەكلا ھەقسىز تارقىتىمەن.

ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلارنىڭ بەلگىلىك رولى بار. شۇڭا، كەسپداشلىرىمنى ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىدىكى ئېچىلمىغان ساھەلەرگە يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىمەن.
جاۋابلىرىمدا نامۇۋاپىق كەتكەن يەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ oyghan#gmail.com غا خەت يېزىپ تەنقىدىي تەكلىپ بېرىشىنى داۋاملىق قارشى ئالىمەن. سۆھبەتنىڭ داۋامىنى UKIJ دىكى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ قىممەتلىك جاۋابىدىن كۆرۈڭ، رەھمەت.


خەتكۇچ : UKIJ تۆھپىكار ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى توغرىسىدا
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار