سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

UKIJ تۆھپىكارى ئابلەت ئۆمەر توغرىسىدا

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:00:30 | كۆرۇلىشى :

UKIJ دائىمىي ئەزاسى ئابلەت ئۆمەر ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

 

(بۇ تېما ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلمىي جەمئىيتى تور بىتىدىن ئېلىندى)


1- سوئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

     مەن ئۆزەم خوتەن شەھىرىدىن . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئانا يۇرتۇم خوتەندە تاماملىغان . 2003 – يىلى دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ۋۇخەن ئۇنۋېرىسىتىتى مېخانىزىملارنى لاھىيلەش ياساش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىگە ئۆتۈپ كەلگەن . 2003 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىدا خەنزۇتىلى تەييارلىق كۇرسىدا ئوقۇدۇم . 2005 – يىلىدىن بۇيان ۋۇخەن ئۇنۋېرىستىتىدا ئۆزەمنىڭ كەسپىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . مەن كومپىيۇتېر بىلەن تولۇقسىز 3- يىللىق ۋاقىتلىرىمدا يەنى 1999- يىللىرىدىن 2000 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تونۇشقانمەن . دەسلەپتە ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ئاستىدا يازلىق تەتىل ۋاقىتىدا كومپىيۇتېر تەربىيلەش كۇرىسىغا قاتنىشىپ كومپىيۇتېر Windows 95,98  Office 97  سېستىمىلىرى بىلەن تونۇشتۇم . كېيىن ئۆيگە كومپىيۇتېر سېتىۋېلىپ ئۆگەندىم ، ھەمدە دەسلەپتە ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان VB5 توغرىسىدىكى كىتابنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ Visual Basic  دىن ئىبارەت بۇ پىروگرامما تۈزەش تىلىغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالدىم ، تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم ئاساسەن Vb بىلەن جەڭلىشىپ ئۆتتىغۇ دەيمەن . ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم ، ئۇ ۋاقىتلاردا تورغا چىقىش ئۇنچىۋالا قولاي بولمىغاچقا ، ھەمدە كىتاب ماتىرىياللار ئاز ، بولغانلىرىمى خەنزۇچە بولغانلىقتىن بەزى ۋاقىتلاردا ناھايىتى قىينىلاتتىم ، لېكىن 2~3 يىل ئەتراپىدا ئۆگىنش ئارقىلىق پىروگرامما تۈزەشكە بولغان قىزىقىش ھەمدە ئاساسىم بىر قەدەر كۈچەيدى . تەييارلىق ئوقۇش باسقۇچىدا مەن تەكشىلىكتە لاھىيەلەش يەنى photoshop بىلەن تونۇشتۇم ، ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىۋالغان Priemer دا سۈرەت كىرىشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىرىمنى پۇختىلىدىم . مەن تور دۇنياسىغا 2000 – يىللىرى ئەتراپىدا كىرگەن . دەسلەپتە تەكلىماكان تور بېكىتى ۋە چايخانىسىنى كومپىيۇتېر ئوقۇتقۇچۇم ئېچىپ بېرىپ چىقىپ كەتكەندە ، تور دېگەن مۇشۇنداق نەرسە ئىكەن دەپ قاراپ ئولتۇرغىنىم ھەرگىزمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ  . كومپىيۇتېرغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن تونۇشتۇم . پىروگرامما تۈزەش ، تەكشىلىكتە لاھىيەلەش ، فىلىم كىرىشتۈرۈش ھەمدە ئاخىرىدا تور بەت تۈزۈش ۋە ياساش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللاندىم .
     پىروگراممىدىن ئاساسىم بولغاچقا تور بەت پىروگراممىلىرىغىمۇ ئانچە مۇنچە قىزىقىپ قوياتتىم ، تەييارلىق ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمىزدىمۇ ، قىزىقىدىغان بالىلار بىلەن ئاددى ئاددى تور بېكەتلەرنى ياسايتتۇق . ۋۇخەنگە كەلگەندىن كېيىن رەسمى ھالدا تور بەت ياساشنى ئۆگەندىم . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، دىلزىبا ، ماكانىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن ھەمكارلاشتىم ، كېيىن ئۇيغۇرلاردا تىبابەت تورى بىلەن قىسقىغىنە بىر مەزگىل ھەمكارلاشتىم ، ئاخىرىدا تىبابەت تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنى نۇرمۇھەممەتنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى ئاستىدا ئۆزەمنىڭ تۇنجى شەخسى تور بېكىتى زەپەر تورىنى قۇرۇپ چىقتىم . زەپەر تورى 2006 – يىلى 6 – ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ھەم بىر تەرەپتىن ئىشلەش قاتارلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى ، ھەرقايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى ئۇچرىغان سوغۇق مۇئامىلىلەرگە مەنمۇ ئۇچرىدىم ، تور بېكىتىمنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھەربىر چوڭ باشلىققا ئېگىلدىم ، سۆزلىدىم ھەم تەشۋىق قىلدىم . ھەمدە بازار ئىگەللىدىم،ئۇيغۇر تور ساھەسىدە قانداق بېكەتنىڭ باش بولۇپ ماڭالايدىغانلىقى ھەمدە قايسى تۈردىكى بېكەتلەرنىڭ ئەڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ تور بېكىتىمنى شۇ يولغا باشلىدىم . ھەمدە يىل ئاخىرىغىچە زەپەر تورىنى Alexa تەرتىۋى بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئىچىدە 10 كۈچلۈك دېگەن قاتارغا باشلاپ كەلدىم .

گەرچە كېيىن مۇلازىمېتىر سەۋەبلىك ھەمدە بېكەت خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبلىك زەپەرنىڭ زىيارەت ئەھۋالىدا ياكى ئومۇمىي تەرتىۋىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ تور بېكەتنى ياساش جەريانىدا ئۆزەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىگەللىدىم ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم دەپ قارايمەن . زەپەر تورى بېكىتى ھازىرمۇ Google PR  قىممىتىنى 4 قىممەت بىلەن كىشىنى خوشاللاندۇرۇپ كېتىپ بارىدۇ .

2- سوئال: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا كۈزىتىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مەن كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشقان بۇ قىسقىغىنا 8 يىل مابەينىدە ، ئەڭ دەسلەپ تونۇشقان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بولسا ، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى بازارغا سالغان دېتاللار بىلەن ئالماس كومپىيۇتېر شىركىتى بازارغا سالغان دېتاللار ئىدى. مېنىڭچە بۇنىڭدا ئاساسلىق ساقلانغان مەسىلىلەر شىركەت كارخانىلارنىڭ بازارنى ئىگەللىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى ياكى تەشۋىقات يېتەرلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تورساھەسى تەرەققىي قىلغان بۇ قىسقىغىنا نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئەھۋال كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ئاساسەن ئومۇملاشقان ھەقىقى نەشىردىكى يۇمشاق دېتالنى نەچچە يۈز ، نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەپ سېتىۋالغاندىن ، بازاردىن 5 يۈەنگە سېتىۋالغان ئوغرىلانغان نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ئېقىمى بىزنىڭ كومپىيۇتېرچىلىقىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ سېتىلىشىغىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمەن . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇركومپىيۇتېر شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى خالايدىيۇ لېكىن يەنە بىرەر قەھرىماننىڭ ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى يېشىۋېتىپ تارقىتىشىنى بولسا ھەقسىز، ھېچ بولمىسا ئەرزانراق ئېرىشىشنى ئويلايدۇ . مېنىڭچە ھازىر بىزدە بىرەر يۇمشاق دېتالنىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ، يۇمشاق دېتال ئىشلەپ چىقارغان شىركەتلەرنى قوللايدىغان ، ھەمدە شىركەتلەر تەمىنلىگەن ھەقىقىي مۇلازىمەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىدىغان ئىدىيە ھەمدە ئاڭ كەمچىل. ھەمدە شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارشى تۇرۇش تېخنىكىسىنىمۇ كۈچەيتىشى زۆرۈر ، بۇ توغرىسىدا مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشىراق .
  ھازىر ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىغى مەيلى يۇمشاق دېتال بولسۇن ياكى تور ساھەسى بولسۇن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ .ئۇيغۇر كومپىيۇتېر شىركەتلىرى ئالدىنقى مەزگىللەردە ئېچىلغان "ھەمكارلىق 2007" يىغىنىغا ئوخشاش پۈتۈن كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ھەمدە ئاخبارات ئۇچۇر ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان يىغىن ياكى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ھەمدە مەبلەغ چاقىرىشى كېرەك .

3- سوئال: ھەقسىز تارقىتىلغان بەزى يۇمشاق دېتاللار راستىنلا بەزى شىركەت ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ سېتىلىشىغا ئەكىس تەسىر بېرىۋاتامدۇ؟


     مېنىڭچە ھەقسىز تارقىتىلغان يۇمشاق دېتاللار ھەقىقەتەن شىركەت ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرى مەبلەغ سېلىپ تارقاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى ئىسىتىمال سەۋىيەرىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ھەقىقىي نەشىردىن چىققان  يۇمشاق دېتاللارنى قىممەت پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەندىن، 5 يۈەنگە بازاردىن دېسكىسىنى سېتىۋېلىپ ئىلىتىش ياكى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىش مېنىڭچە 80% كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ تاللىشى بولسا كېرەك . مېنىڭچە بۇ يالغۇز بىزدىكى ئەھۋال ئەمەس . بېل گەيتىس ئەپەندىنىڭ دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىنكى قاتتىق ئەپسۇسلىنىشى ھەمدە ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان بەزى ئوغرىلىنىشقا قارشى بولغان يېڭى ياماقلارنى ئېلان قىلىشى بىزدىكى ھازىرقى ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال ياكى مەھسۇلاتلارنى ھەقسىز تارقاتقاندىن مېنىڭچە مەلۇم مىقداردا ئەجىر ھەققى بولسىمۇ يېغىپ ، ئۇنى يۇمشاق دېتالنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ياكى مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئىشلەتسەك ، مېنىڭچىمۇ بىزدە كەلگۈسىدە دۇنيا بازىرىغا يۈزلەنگەن IT كارخانىلىرى ۋە شىركەتلىرى بارلىققا كېلىدۇ . يۇمشاق دېتاللارنى ھەقسىز تارقىتىش يۇمشاق دېتالنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ياكى ئومۇملىشىشىنى ۋاقتىنچە ئىلگىرى سۈرگەن بىلەن ، لېكىن يىراق كەلگۈسىنى ئويلاشقاندا ئۇ يۇمشاق دېتال يەنىمۇ ئېچىلىشى ، يېڭى نەشىرلىرى ئېلان قىلىنىشى ، ھەمدە ئىقتىدار جەھەتتىن يېڭىلىنىشى كېرەك ، ئاددىسى Microsfot شىركىتىنىڭ Windows مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ ھەپتە ئون كۈن ئىچىدە بىرەر يامىقى ئېلان قىلىنىپ تۇرىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ھېچقانداق يۇمشاق دېتال ئۇنداق مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ . ئۇ قانچىلىك ئومۇملىشىشى ياكى تارقىلىش جەريانىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ ، ئەگەر بۇنى تارقاتقۇچى ئورۇن ۋاقتى ۋاقتىدا بۇ خاتالىقلارنى قوبۇل قىلىپ تۈزىتىپ ماڭمىسا ، ھامان بىركۈنى خەلق ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ . مېنىڭچە ھەقسىز دېتال ئىشلەپ كومپىيۇتېرچىلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغان قەھرىمانلار كۆپرەك زېھنى ۋە ۋاقتىنى دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە يامىقىنى ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىش كېرەك . نۆۋەتتە بىلىك ياكى UKIJ مۇنبەرلىرىدە بۇ توغرىسىدىكى قىزىقىش ياكى ئىزدىنىشلەر ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ .
     ئۇنىڭدىن باشقا شىركەت كارخانىلارمۇ چوقۇم يۇمشاق دېتالنىڭ سېتىلىشتىن كېيىنكى مۇلازىمېتىنى ھەمدەسېتىشتىن ئاۋالقى تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، ئۆزىنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان شۇ نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللار بىلەن قانداق پەرقى بارلىقىنى ئاممىغا ئېنىق بىلدۈرىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن .

4- سوئال: ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق؟ سىزنىڭچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى كېرەك؟

     90 – يىللاردا كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئەمەلگە ئاشقاندىن بۇيانقى 10 نەچچە يىلدىكى  ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارايدىغان بولساق 2000 – يىللارغىچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ياكى تارقىلىشى ناھايىتى ئاستا 2000- يىللاردىن كېيىن ناھايىتى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . مەلۇم بىر دېتالنىڭ ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە نەشىرنىڭ بارلىقى ئۇدېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرنىڭ تەتقىقات قىلىنىشى ياكى ئېلان قىلىنىشىغا بولغان تەسىرى مېنىڭچە چوڭ ئەمەس. مەسىلەن Google دۇنياغا داڭلىق ئىزدەش تور پونكىتى. ئۇ مەيلى ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ھەتتا ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىزدەپ تاپالايدۇ ، لېكىن دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئامما يەنىلا Baidu دىن ئىبارەت ئۆزىدىن چىققان ئىزدەش تور پونكىتىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ . Baidu تورىنىڭ Google غا قارشى چىقارغان بىر ئېلانىدىكى مەلۇم بىر سۆز مېنىڭ دىققىتىمنى بەكراق تارتىدۇ " خەنزۇچىنى يەنىلا خەنزۇلار ، ئېنگىلىزلارغا قارىغاندا ياخشىراق چۈشىنىدۇ " گەرچە بۇ بىرتەرەپلىمە قاراش بولسىمۇ ، لېكىن  ئانا تىلىمىزنى يەنىلا بىز ھەرقانداق شەخىس ۋە مىللەتتىن ئوبدانراق چۈشىنىمىز . بىز يەنىلا ئۇيغۇر تىلىغا ھەقىقىي ماس كېلىدىغان ، ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدىغان ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ تىلى ئارقىلىق مەخسىتىمىزگە تېخىمۇ ئاسان يېتەلەيدىغان يۇمشاق دېتاللارغا مۇھتاج . MicroSoft Office  دېتاللىرى نۆۋەتتە كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللىشىپ دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىۋاتىدۇ ، لېكىن دۆلىتىمىدىكى ئالتۇن تاغ گۇرۇھىنىڭ ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان WPS Office  سېستىمىسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىۋاتىدۇ . پەقەت بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزمۇ بازارنى ياخشى ئىگەللەپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق يۇمشاق دېتاللارىنى ئىشلەپ چىقارسا ، ھازىر بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن دېتاللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان نەشىرى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ ھەمدە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ . ئىلگىرى ئېلان قىلىغان "كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش " ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم سانىدا مۇنداق بىر جۈملە بار " تورغا ئۇلانمىغان كومپىييۇتېر خۇددى قويۇق ئورمانلىققا توختىتلىپ قويۇلغان ئېسىل بىر ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ  " دېمەك نۆۋەتتە تور دۇنياسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ توردا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار ياكى تورنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازارنى ئىگەللىشى ياخشىراق . ھەمدە بۇ بىر يۈزلىنىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز كۈندىلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئېچىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ئاساسەن تور ساھەسى بىلەن بىرلەشكەن يۇمشاق دېتاللار تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشى زۆرۈردۇر . ئەلۋەتتە خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى 1مىليارد 200 مىليۇن كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بازىرى بار ، لېكىن بىزنىڭمۇ 10 مىليۇن كىشىگە يېقىن خەلقىمىز ھەمدە بىزنى قوللايدىغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز بار. مەن بەزى كومپىيۇتېر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىۋاتقىلىنى ۋە ياكى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر بازىرىدىن ۋاز كېچىپ بازىرى تېخىمۇ چوڭ بولغان خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلىقىنى كۆردۈم . بىزنىڭ كومپىيۇتېرچىلىقىمىز خەنزۇلارنىڭكىدىن كېمىدە 20 يىل كەينىدا تۇرىدۇ . ھازىرقىدەك تەرەققىيات بويىچە ئېلىپ ئېيتساق نەچچە يىلغىچىلىك بىز چوقۇم ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز ھەمدە ئېشىپ كېتىشىمىزدە ئۈمىد بار . ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچلىغى ياكى تورچىلىقى يەنىلا دۆلىتىمىزدە خەنزۇلاردىن قالسىلا ، ئاز سانلىق مىللەتلار ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ .
     نۆۋەتتە خەنزۇتىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ يېڭى ئەۋلاد ياشلاردا ھەمدە 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان كىشىلەردە خەنزۇتىلىدا ئىشلەنگەن دېتال ۋە ماتىرىياللاردىن ئاساسەن پايدىلىنىش مەخسىتىگە ئېرىشىلدى ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدە يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەخسەتكە يېتەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا بىز كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى ياكى بولمىسا ھەقىقىي ئۇيغۇرچەنەشىرىگە يەنىلا ئېھتىياجلىق . ھازىر ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى كومپىيۇتېر پۈتۈنلەي ۋە ياكى ئاساسەن تونۇتۇلدى ، ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت ، ئۇيغۇرچە OCR سېستىمىلىرىمۇ ئىشلىنىپ پۈتۈلدى ، شۇڭلاشقا ئەمدى يېزىق ئالماشتۇرۇش دېگەن ئۇ كونا بوراننى يوق قىلىپ پۈتۈن دىققەت بىلەن ئۇيغۇرچە ئەرەپ يېزىقىدىكى ھەمدە قوشۇمچە ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىقىدىكى دېتاللارنىڭ ئىشلىنىشىغا كۈچىشىمىز كېرەك .

5. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىلىق پىكىرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

      دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ، ھەرقايسى ئىدرە ئورگانلاردا دۆلىتىمىز بېكىتكەن GB2312 ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللار ئىشلىتىلىدۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپ قىسمى ياكى ھەممىسى دېگۈدەك خەلقئارالىق Unicode ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن . بۇ ئىككى خىل فورماتتىكى ھۆججەت ۋە ماتىرىياللارنى بىۋاستە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش قولايسىز بولغانلىقتىن ، نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى شىركەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. ئالدىنقى قېتىملىق ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپتىن بۇيان بەزى كىشىنى خوشال قىلارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ ، بەزى شەھەر ۋە ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى تور بېكىتى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . دېمەك بىز قۇرۇق قاقشاپ ئولتۇرغاندىن ، ئۆز ئارائۇيۇشۇپ ئورۇنلۇق ۋە قانۇنلۇق ئاساستا ئۆزىمىنىڭز تىلىمىزنى ئۆز يېزىقىمىزنى قوغداش ۋە ئاسراش ئۈچۈن ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز ناھايىتى ياخشى ئىش .
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكى نەتىجىلىرىگ دىققەت قىلىپ باقايلى :
1999- يىلى بېيجىڭ داياڭ رەقەملىك سۈرەت چەكلىك شىركىتى ۋە 2000- يىلى چېڭدۇ سوبىي يېڭ سۈرەت چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، تېلىۋىزىيەدە ئىشلىتىدىلىغان ئۇيغۇرچە قازاقچە ۋە قىرغىزچە يېزىق بىرتەرەپ قىلىش سېستىمىسى نۆۋەتتە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جايلاردىكى تېلىۋىزيە ئىستانسىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
2005 – يىلى شىنجاڭ رۈيلى ئېلىكتىرون شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئايرودورۇملاردا ئىشلىتىدىلىدىغان "ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە رادىئو ئاڭلىتىش " يۇمشاق دېتالى ھازىر ھەرقايسى ئايرودورۇملاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
2006 – يىلى جۇڭگۇ سودا سانائەت بانكىسى ، جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، شىنجاڭدىكى بارلىق ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنلىرىدە ئۇيغۇرچە ھەمدە خەنزۇچە ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىنىپ ئومۇملىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .
     دېمەك ، تېلىۋىزىيە ، بانكا ۋە ئايرودرۇم قاتارلىق ھەل قىلغۇچ ئورۇنلادا ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپتى ھەمدە جارى قىلدۇردى ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ھەمدە ئىدارە ئورگانلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئەلۋەتتە ئورۇن بار، مەسىلە شۇكى بۇنى قانداق بايقاش ھەمدە ئۇيغۇرچە ھەمدە خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچەنى نورمال قوللايدىغان شۇنداقلا ئۆزئارا يەكلىمەيدىغان يۇمشاق دېتاللار كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنىشى ھەمدە تەتقىقات قىلىش زۆرۈردۇر.

6. ئۇيغۇر تور ساھەسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟

ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىن خالىغان بىرنى ئېچىپ قارايدىغان بولساق ، ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئىچىدە ناخشا مۇزىكا ، MTV ، كىنو تور بېكەتلىرى بەتنىڭ ئالدى ياكى ئۈستىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ . ھەمدە ئاساسلىق تور بېكەتلەرنىڭ 1\3 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ . شىركەت كارخانا ياكى مەكتەپ تور بېكەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مېنىڭچە ھەرقانداق بىر ئۇنۋېرسال ماركىسىنى ئاسقان تور بېكەتنىڭ ياكى كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتىنى ناخشا مۇزىكىدىن ئايرىلالمايدۇ . لېكىن ئۇيغۇر تور ساھەسىنى پەقەت ناخشا مۇزىكا بىلەن كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بىلەنلا بېيىتىپ كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولغىلى بولامدۇ ؟! ھەقىقەتەن ئىلگىرى مەنمۇ تور بېكىتىمنى مۇشۇ ساھەگە باشلىغان ھەمدە ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەرنىمۇ مۇشۇ ۋاقىتلاردا قازانغان . لېكىن بىز تور بەتنى قۇرۇپ مىللىتىمىزگە قانداق ئۇچۇرلارنى ياكى قولايلىقلارنى تەمىن ئەتتۇق دېگەن سوئالغا مېنىڭچە بىلىك، ئىنتىل ئىزدىنىش ئەپەندىدىن باشقىلارنىڭ جاۋاب بېرەلىشى تەسرەك بولىشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا شەخسى تور بېكەت نامى بىلەن قۇرۇلۇپ ھازىر شىركەتلىشىپ كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ھەمدە كەسپىلەشكەن تۇيغۇنى ئاتا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لىنىيەسى ياكى دىيارىم ، شەبنەم ، سەلكىن تور بېكەتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە يۆلىنىشىنى تاپتى دەپ قارايمەن .
  ئۇيغۇرلاردا ئۇنۋېرسال ، ناخشا مۇزىكا تور بېكەتلىرىدىن سىرت يەنە مۇنازىرە مۇنبىرىمى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان سېستىما بولۇپ قالدى . زادى قانچىلىك ئۇيغۇر كۈندە تورغا چىقىپ مۇشۇ سان ساناقسىز مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ بولالايدۇ ؟! زادى قايسى مۇنبەرلەر كىشىلەرگە ھەقىقىي نان بېرىۋاتىدۇ ؟! مېنىڭچە بۇ ھەرقايسى تور بېكەت باشلىقلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ، شەبنەم ، بىلىك مۇنبىرىدە ئېلان قىلىغان جەۋھەرلەرنى يۆتكەپ ئۆزىمىزنىڭ بېتىدە ئېلان قىلىۋېرىش مېنىڭچە بۇ ياخشى تاللاش ئەمەس. ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە بىلىك كۇلۇبىدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش دېگەن تېمىدا خېلى مۇنازىرە بولدى . مېنىڭچە ئۇيغۇرلار تور بېكەتلىرى ھەقىقەتەن بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى بىرلەشتۈرۈلىشى كېرەك . ئۇيغۇرلاردا تور مۇنازىرىسى خېلىلا پاخاللىشىپ قالدى . لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلاردا تور بېكەتلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە مول ياكى تولۇق ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . كىشىگە ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدىغان ، ياكى كەسپى مەخسۇس تور بېكەتلەر يەنىلا ئاز ساندا ، ياكى ئىشىك ئالدى چۆلدەرەپ قالغان . ئاناتىلىم تورى مانا بۇنىڭ تىپىك مىسالى .
مېنىڭچە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمىي جەمىيتى باش بولۇپ ئۇيغۇر تور ساھەسىگە ھەمدە پۈتۈن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىگە ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .

7. ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز ئىچىدىكى سىز «كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسەتكەن» دەپ قارايدىغان كىشىلەر قايسىلار؟


نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىغىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇر Font نى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك . كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشقىدىم بۇيان قانچىلىغان ئوخشىمىغان چىرايلىق ناملاردا ، قانچىلىغان ئوخشىمىغان نەشىرلەردە ئېلان قىلىغان ھەرخىل كىرگۈزگۈچلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىمنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگىنىمنى بىلەيمەن ، لېكىن Font لارنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا باسقان ئەسەر ماقىلىلەرنى قارشى تەرەپنىڭ كومپىيۇتېرىدا تونۇمايدىغان ، يېنىمدا كىرگۈزگۈچ ياكى Font نى بىللە ئېلىپ يۈرۈدىغان بۇنداق ئاۋارىچىلىق كۈنلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن . خەنزۇلارنى ئالساق 70 يىللاردا 5 سىزىقلىق كىرگۈزۈش ئۇسسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن بۇيان كومپىيۇتېر ساھەسىدا ئالاھىدە چوڭ ئىلگىرىلەشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . مېنىڭچە بۇنى يەنىلا باشلىنىش نۇقتىسى كومپىيۇتېرغا خەنزۇچە يېزىقنى نورمال تونۇشتىن دەپ قارىساق بولىدۇ . ئەگەر ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ياكى يۇمشاق دېتالچىلىقىغا ئالاھىدە زور تۆھپە قوشقان دەپ قارالسا مەن ۋارىس . ئا . جانباز  ئەپەندىنىڭ UKIJ نامىدا تارقاتقان ئويغان Unicode لۇق كىرگۈزگۈچىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمەن . چۈنكى بۇ دېتال ئۆزىنىڭ قولايلىق ھەمدە ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى Font لىرىنىڭ UKIJ فونتلىرى ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە قوللاشقا ئېرىشمەكتە . ھەمدە مېنىڭ باشقىلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ ئالدىن قاچىلاپ بېرىدىغان كومپىيۇتېردا كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن .
ئۇنىڭدىن باشقا مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى كېيىن تارقاتقان تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ JS كودى ھەمدە يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچىمۇ مېنىڭ ئالدىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ياكى ماڭا ياردىمى چوڭ بولغان يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ .
غەيرەت توختى . كەنجى ئەپەندى تەتقىق قىلىپ تارقاتقان ئۇيغۇر ئېدىت يۇمشاق دېتالى
مەنزىل سوفىت تارقاتقان Windows XP نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بىلەن ، بىلىك ئىنتىل گۇرۇپپىسى تارقاتقان ئۇيغۇرچە نەشىرى .
بۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىغىمىزدا نۇرغۇنلىغان كۆزگە كۆرۈنەرلىك دېتاللار ياكى نەتىجىلەر تۇرۇپتۇ . ئۇيغۇرچە OCR  دېتالىنىڭ تەتقىقات قىلىنىپ چىقىشى ، ھەمدە Windowsxp  نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى ھەمدە پەقەت ئىزدەنسەكلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭ يوقلىقىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بەردى .
ئۆزۈم ياشتا كىچىك ، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم كۆپ ئەمەس ، ئەقىلدە كالتە ، يۇقاردىكىلەر ئۆزەمنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرى ، بەزى قاراشلىرىم بەلكىم تورداشلار بىلەن ئوخشىماسلىقى بولىشى مۇمكىن . لېكىن نىيەت ئىرادەم شۇكى ئۆز مىلىتىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇش . مېنىڭچە ھەربىر ئۇيغۇر يىگىت قىزلىرىمۇ مەندەك ئويلايدۇ دەپ قارايمەن ، بەلكىم قاراشلىرىمىز ياكى ئىپادىلەش ئۇسسۇلىرىمىز ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن نىيەت يەنىلا بىردۇر . مىللىتىم ۋەتىنىم دەپ ئىزدىنىۋاتقان ھەربىر دوستلىرىمىز بىلەن داۋاملىق سۆھبەتتە بولۇشنى خالايمەن . كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىگە تەشنامەن .

    ئالاقىلىشىش ئۇسسۇلىرى
         تېلىفون : +8613476238330   027-87888539  
MSN: Mr.ablet@hotmail.com      Gmail: Mr.Ablet@gmail.com   QQ:64013810  


خەتكۇچ : UKIJ تۆھپىكار ئابلەت ئۆمەر توغرىسىدا
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار