سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> ئىلمىي ماقالىلەر

«بازارلىق سۆزلەر»توغرىسىدا پاراڭ

تۈر : ئىلمىي ماقالىلەر | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 22:26:00 | كۆرۇلىشى :

«بازارلىق سۆزلەر»توغرىسىدا پاراڭ

 

توختى باقى ئارتىشى

 

”كادىرلار ئىدارىسى نەزەرنى تۆۋەنگە قارىتىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەنگە چۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىشنى ئېلىپ بېرىپ، خىزمەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىش، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقىنى چوقۇم ھەل قىلىشنى ئورۇنلىدى…“

بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن گەپلەر يېقىندىلا گېزىت يۈزىدىن كۆچۈرۈۋېلىنغان پارچىلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. كادىرلار ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئۇسۇللىرى ۋە شۇ ئۇسۇل بىلەن ھاسىل قىلغان نەتىجىلىرى ئوبدان بايان قىلىنغان بۇ خەۋەر كۆڭۈلقويغان ھەرقانداق ئوقۇرمەننى خۇشال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.كەمىنە قەلەم ئىگىسىمۇ شۇ قاتاردا كادىرلار ئىدارىسىنىڭ شۇنداق ئىشلىشىدىن كۆڭلۈمدە رازىمەن.لېكىن،گېزىتتىكى شۇ خەۋەرنى ئوقۇش بىلەن بىللە كۆڭلۈمگە كەچكەن يەنە بىر تەسىرات بۇ ھەقتە ئاز- تولا ”بىر نەرسە دېيىش“كە مەجبۇر قىلىپ قالدى. شۇ گېزىت قولۇمدا يوق، پەقەت ”تۆۋەنگە ئەۋەتىشنى ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ“، ”تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ“،“تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئېلىپ بېرىپ“، ”قوبۇل قىلىش“نى، ”ئەمەلىيلەشتۈرۈش“نى، ”ھەل قىلىش“ نى ”ئورۇنلىدى“ دېگەنگە ئوخشاش سۆز- ئىبارىلەر خاتىرەمدە تۇرۇپتۇ.

بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى بەزى ھادىسىلەرنىڭ دىققەت- نەزەرىمىزدىن چەتتە قېلىۋاتقانلىقى، تىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇش تەرىپىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملىرىمىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەندىشە ئاساسسىز، ئورۇنسىز ئەمەس. ئاتا- بوۋىمىزدىن تارتىپ ئەنئەنە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ راۋانلىقى ۋە يېقىملىقلىقى بىلەن ”تىل ئادىتى“ بولۇپ قېلپلىشىپ قالغان بەزى سۆز ئادەتلىرىمىز غەلىتە بىر يولغا كىرىپ، تىل ئادىتىمىز بىلەن ”يات“لاشماقتا.

بۇ يەردە گەپنى پەقەت سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈش ئادىتى جەھەتكىلا مەركەزلەشتۈرەي. بىز ئادەتتە «مۇزاكىرە قىلايلى» ياكى «مۇزاكىرىلىشەيلى»، «ئىشلەيلى»، «خىزمەت قىلايلى»، «تەربىيە بېرىش لازىم»، «ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك»، «…نى تەتقىق قىلىپ» ، «نى…داۋالاپ»… دېگەندەك قېلىپتا سۆزلەپ ياكى يېزىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىدا ھەممىمىز ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ئەنئەنىۋى تىل ئادىتى ئىدى. لېكىن، بۇ قېلىپ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان باشقىچە بىر ھالەتكە ئۆزگەرمەكتە. مانا قاراڭ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى»، «خىزمەت ئېلىپ بارايلى»، « تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىم»، «تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ…»، «داۋالاش ئېلىپ بېرىپ»… دېگەندەك تەقلىدتىكى سۆزلەر كۆپەيمەكتە. «…رەھبەرلەر بايرامنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان كېسەللەردىن ھال سوراش ئېلىپ باردى»، «غەربىي قىسىمنى ئېچىشنى يولغا قويۇپ…»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش…»، «…دورىنى قالايمىقان ئىچىۋەرسە، دورىغا قارىتا خۇمار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «قانۇنغا بولغان تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىش لازىم»، «…دوختۇرخانىسى ئىچىدىن داۋالاش بىلەن تېشىدىن داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ…»، «ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى سۆھبەت ئېلىپ باردى»،     «..ئېلىپ باردى»، «ئېلىپ بېرىلدى»، «ئېلىپ بارايلى»…مۇشۇ تەقلىدتىكى سۆزلەرنى ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە توغرىلاپ تۈزىتىپ كۆرەيلى.«‹ئېلىپ بېرىش›لارنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ»، «ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ» دەيدىغان قاراشلارنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىپ، شۇنداق گەپ- سۆزلەرنى ئۆز لايىقىدا ئۆزگەرتىدىغان بولساق، مەن ئويلايمەنكى، تىلىمىز، سۆزىمىز تېخىمۇ پاساھەتلىك، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ تۈزۈلۈشى مۇقەررەر. چۈنكى، شۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى ئەنئەنىۋى تىل ئادىتىمىزنىڭ تەلىپى ھەم ئېھتىياجى. «ئوزۇقلۇق تەركىبى كۆپ بولغان قاتتىق دادۇرغا قارىتا يۇمشاق چايناش ئېلىپ بېرىلسا ئاسان ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگىنىمىز تۈزۈكمۇ ياكى «ئوزۇقلۇق تەركىبى كۆپ بولغان قاتتىق دادۇرنى يۇمشاق چاينىغاندا ياكى: چايناپ يېگەندە ئاسان ھەزىم بولىدۇ ياكى ھەزىم قىلغىلى بولىدۇ» دېگىنىمىز تۈزۈكمۇ؟ كېيىنكىسى تۈزۈك، ئەلۋەتتە.

لېكىن، ھازىر ئەھۋال باشقىچە بولۇۋاتىدۇ. تىل ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان ئېلىپ بېرىش تەقلىدىدىكى سۆز ياساش «قېلىپى» بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. «بازارنى بىرلا ئالىدۇ»غان ئەلپاز بىلەن شاپاشلاپ ماڭماقتا. كىيىم پىچىش- تىكىش ئۈچۈن بويىغا قاراپ ئەندىزە تەييارلاش ـــ بۇ ئومۇمىي قانۇنىيەت. لېكىن تىلدا، بولۇپمۇ بىز توختىلىۋاتقان بۇ تىل ھادىسىسىدە ئىش تەتۈر بولماقتا. بەزىلەر ئاۋۋل «ئەندىزە» تەييارلاپ، ئېگىز بويغىمۇ، پاكار بويغىمۇ، سېمىز بويغىمۇ شۇ «ئەندىزە»نى توغرىلاپ كىيىم پىچىدىغان، تىكىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنداق « ئەندىزە»نى ئۆرنەك قىلىپ تىكىلگەن كىيىم بۇيرۇتقان ئادەمگە يارىشىۋاتامدۇ ياكى ياراشمايۋاتامدۇ (خۇددى ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار فورمىسىدەك ــ تەھرىردىن)، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، پەقەت «ئەسلى تېكىست شۇنداق»، «ئەسلىگە سادىق بولۇش كېرەك» دەيدىغان «قائىدە»نى دەستەك قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: تەلۋىلەرچە شوئار توۋلاش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە يىراق يېزىدىن شەھەرگە كېلىپ قالغان بىر دېھقان توپ- توپ ئادەملەرنىڭ ئۇ يەردىمۇ، بۇ يەردىمۇ «ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ قەدىردان…»، «ئەڭ قىزىل، ئەڭ قىزىل، ئەڭ قىزىل، ئەڭ قىزىل قۇياش…» دەپ توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كېكەچ ئوخشايدۇ، ئەجەبمۇ كېكەچلەيدىكىنا؟» دەپ ھەيران قالغانىكەن ۋە شۇ سۆز ئۈچۈن «قىزىل قوغدىغۇچى»لاردىن دۇمبا يەپ، ئاخىرىدا «كېلىپ چىقىشى» كەمبەغەل دېھقان بولغانلىقى ئۈچۈن ئامان قالغانىكەن. ئۇ دېھقان گەپتە سۆزلەرنىڭ يىك باسمىغانلىقىغا، تىل ئادىتىگە چۈشمىگەنلىكىگە ھەيران بولغان بولسا، «قىزىل قوغدىغۇچى»لار تىل ئادىتىگە خىلاپ بولغان، ئادەملەرنى «كېكەچ» قىلىپ تۇرغان سۆز «ئەندىزە»سىگە رودىپايدەك چاپلىشىۋالغان. شۇ چاغلاردا مەن «ئىسيان » بەلگىلىك «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە «بىر ئوچۇم» ئۇنسۇرلارغا نەزەربەند بولۇپ ئىشلەيتتىم. «ماۋجۇشىنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىي لۇشيەنى»،«قىزىل لۇشيەن» دېگەن سۆز- ئىبارىلەر قاتارىدا «بۇرژۇئا ئەكسىيەتچى لۇشيەن»، «قارا لۇشيەن» دەيدىغان سۆز- ئىبارىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايتتى. خەنزۇ تىلىدىكى «لۇشيەن » دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا «يول»،«سىزىق» دېگەن ۋە شۇنىڭغا تەڭداش كەلگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتىدىكى ئىلمىي تەرجىمە شۇنداق. لېكىن، ئەپسۇسكى،«يول»ياكى«سىزىق» دېگەن سۆزلەر «ماۋ زېدۇڭ سىشياڭى»غا باب كەلمەيدۇ دېگەن «پەتىۋا»لار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭغا، «بىر ئوچۇم»بۇرژۇئا دۇمباقچىلىرى «ھەم توم، ھەم سېسىق قارا بۇرژۇئا قارا لۇشيەنى»تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن دېگەنگە ئوخشاش سۆز- ئىبارىلەرنى ئاساس قىلىپ كۆرسىتىشتى. «يول»نى «توم» دەپ سۈپەتلىگىلى بولمايدۇ، راست شۇنداق. مۇشۇنداق پەتىۋا تۈپەيلىدىن «بىر ئوچۇم بۇرژۇئا دۇمباقچىلىرى ھەم توم، ھەم سېسىق بۇرژۇئا قارا يىپىگە باغلىنىپ قالدى» دەيدىغان گەپلەر پەيدا بولدى. دېمەك،بىرلا «توم» دېگەن سۆزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، «يول» دېگەن سۆز « يىپ»قا ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە كونكرېت سۆز مۇھىتىدا، تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىش- كەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، زورمۇزور دەۋر سۈردى. بۇ خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ماۋ زېدۇڭ جۇشى پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسىغا قارشى ئادەملەرنى دۆلىتىمىزدە پەقەت «بىر چىمدىم»دۇر دېسە، بىزدە «بىر چىمدىم»نى «بىر ئوچۇم»غا ئايلاندۇرۇۋالغانغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئالغاندا، 10 چىمدىم بىر قوشۇق بولىدۇ. 10 قوشۇق بىر ئوچۇم بولىدۇ؛ تېرىقنى بارماق بىلەن 100 چىمدىم ئالسىڭىز ئاندىن بىر ئوچۇم يىغقان بولىسىز. دېمەك بىرنى 100 گە كۆپەيتىۋەتتۇق. بىر «ئەكسىيەتچى»نىڭ ئورنىغا 100 ئادەمنىڭ «ئەكسىيەتچى» بولۇپ دەرد تارتىشىغا زامىن بولدۇق دەپ ئېيتساق مۇبالىغە بولماس.

بىز توختىلىۋاتقان تىل ھادىسىسى ھازىرقى كۈندە بارغانسېرى كۆپلىگەن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. گېزىت-ژۇرنال، رادىئو- تېلېۋىزورلاردا، ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبەرلىرىدە، مەكتەپ دەرسخانىلىرىدا، تىياتىر سەھنىلىرىدە، ھەتتا كەسىپداشلار ۋە دوستلار ئارا ئولتۇرۇشلاردىكى «تىل- يېزىق»قا دائىر پاراڭلاردا «گېپىمىزنى ئوڭلاپ قىلايلى»،«ئانا تىلىمىزنى تېپىۋالايلى»، «تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ئاسرايلى » دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى نىدالارنى، سادالارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە ئەمەس. دېھقان ۋاقتى كەلگەندە زىرائەتلىرىنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسىتى ھوسۇلنى كۆپ ئېلىش.تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھارام شاخلارنى پۇتاپ تاشلاش زۆرۈر بولۇپ قالغاندەك، ئۇنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالغاندەتۇرىدۇ. دۇنيادا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ. تىل تەرەققىياتىدىكى «ھارام شاخ»لار سولچىللىق دەۋرىدىكى مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكىنى ھىمات قىلغان يوقىلاڭ پەتىۋالارنىڭ سايىسىدا باراقسان بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ دەۋر تەكرارلانماس بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش دەۋرىدە تۇرماقتىمىز. تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئەزەلدىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەرەققىيات قانۇنىيىتى بار، خەلقىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى تىل ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن تىل ئادىتى بار. بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر ئەنە شۇنداق قانۇنىيەت، ساۋات، ئادەتلەرنىڭ تىل تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى روشەن ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.

گېزى كېلىپ قالغاندا شۇنى ئېيتماي تۇرالمىدىمكى، بۇ يەردە كونكرېت تىلغا ئېلىنىۋاتقان تىل ھادىسىسى، ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇمكى،خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان غەيرى نورمال ھادىسىدۇر. غەيرى نورمال ھادىسە بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان شۇ تەقلىدتىكى كونكرېت گەپ- سۆزلەرنى ئىخچاملاپ، ئانا تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىنى، ئادىتىنى ئۆلچەم قىلىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «ھارام شاخ» ئىكەنلىكى روشەن گەۋدىلىنىپ چىقىشىدا شەك بولمىسا كېرەك. مەن تىلشۇناس ئەمەس، تىلنىڭ تەرەققىيات يوللىرى توغرىسىدا ئىلمىي نەزەرىيىۋى بىلىملەرگە ئاجىزمەن. لېكىن، تىل ئادىتىنى تىل دۇنياسىنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ۋە تەبىئىي ئۇسۇلى دەپ چۈشىنىمەن. بەزىدە تىل ساھەسىدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، چوڭقۇر نەزەرىيىلەردىن نەقىل ۋە دەلىل ئىزدەشكە ئاجىزمەن. مۇتلەق كۆپ شارائىتتا ئەمەلىيەتتىن يول تېپىپ، ئەمەلىي تەجرىبىدىن ھاسىل قىلىنغان ساۋاتقا ئاساس قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنمەن. بىرمۇنچە ئادەملەر سۆز قىلغاندا، ماقالە يازغاندا ئۇ يەردىن بۇ يەردىن، ئۇنىڭدىن– بۇنىڭدىن نەقىل ئېلىپ، شۇ مەشھۇر سۆز- ئىبارە ۋە نەقىللەرنى ۋاسىتە قىلىپ بايان قىلىشقا خۇشتار. ئەمەلىيەتتە، شۇنداق مەشھۇر سۆز- ئىبارىلەرمۇ ئەمەلىيەتتىن چىققان ساۋاتلارنىڭ شەرھسىدۇر. شۇ ساۋاتلار بارا- بارا توپلىشىپ، بارا- بارا ئومۇمىي ئېتىراپقا ئېرىشىپ، ھەممە ئادەم ئىخلاس قىلىدىغان نوپۇزلۇق بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان. مەلۇم بىر كونكرېت گەپ- سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، شۇ سۆزنىڭ خەنزۇ تىلىدا چوقۇم شۇنداق تەقلىدتە بايان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدا چوقۇم مۇنداق (بۆلەكچە) تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى، «شۇنداق» بىلەن «مۇند اق» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىل ئادەتلىرىگە دائىر ساۋاتنىڭ ياردىمى بىلەن چۈشىنىپ كېتىش تامامەن مۇمكىن.

ساۋاتلىق بولۇش ئۈچۈن، شۇغۇللىنىۋاتقان مەشغۇلاتنىڭ، كونكرېت ئېيتقاندا، تەرجىمىڭىزنىڭ ئەمەلدە خەتمۇخەت، ھەرپمۇھەرپ باراۋەر چىقىشىغا ئەمەس، نېمە ۋە قانداق مەنىنى بىلدۈرىۋاتقانلىقىغا قاراش ۋە مەنىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

تىل ساۋاتى مول بىر بۇرادىرىمنىڭ تىل- يېزىق توغرىسىدا گەپ ئارىلاپ قالغان بىر سۆھبەتتە مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى ئېسىمدىن چىقمايدۇ: ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر كۈنى ماگىزىندا سۇلياۋ (يالتراق) خالتىنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق خۇشخەت بىلەن يېزىلغان، ئالتۇندەك ۋالىلداپ تۇرىدىغان «ئۈزۈم قۇرۇقى» دېگەن سۆزلەرنى ئۇچرىتىپتۇ. يەنە بىر كىتابتا يېڭى تويى بولغان يىگىت بىلەن قىزنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش- بولماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ، «ھازىر بالا ئالماسلىق بىر خىل يېڭى مودىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. يەنە «قىزلار ئوغۇللار بىزنى قوغلىسىكەن دەيدۇ، ئەرلەرمۇ تەبىئىتىدىنلا قوغلاشقا ماھىر» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپتۇ. بىزنىڭچە، ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلىدا «ئۈزۈم قۇرۇقى» دەيدىغان مېۋە نامى بولمىسا كېرەك. ئەر- خوتۇن پەرزەنت كۆرۈش- كۆرمەسلىك توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، «بالا ئالمايمىز» دېمەس، چۈنكى بالا بازاردىن سېتىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. بويىغا يېتىپ قالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ناز بىلەن سۆزلىسىمۇ «ئوغۇللار قوغلىسىكەن. ئەرلەرمۇ تەبىئىتىدىن قوغلاشقا ماھىر.. » دېگەندەك غەلىتە، چالا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇرادىرىم «بۇ تەرجىمان ئانا تىلىدىن ساۋاتسىز ئىكەن، چالا موللا ئىشنى بۇزۇپتۇ»، «تەرجىمىدە تىل ئادىتىگە رىئايە قىلىش بۇ تولىمۇ مۇھىم ساۋات» دەيدۇ. ئېغىزدا شۇنداق دېمەك ئاسان، ئەمەلدە شۇنداق قىلىش تەس. چۈنكى تەرجىمىنى ساپ ئانا تىل ئادىتى قېلىپىغا چۈشۈرۈپ دەڭسەپ كۆرۈش تەرجىمىدىكى كەسپىي ئەخلاق. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشتىن قاچماسلىق كېرەك. ھەرپنى ھەرپكە توغرىلاپ شەكلەن تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزىدىن ئىشنىڭ قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلەنگەنلىكى، ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساپلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش بۇ ياقتا قېلىپ، پەقەت «بازار»نىلا نىشان قىلغانلىقى روشەن مەلۇم بولۇپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا يەنە شۇنى تەكرارلىغۇم كېلىدۇ:

«قاتتىق دادۇرغا قارىتا يۇمشاق چايناش ئېلىپ بېرىلسا، ئاسان ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك تەقلىدتە سۆز قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى.

مەنبەسى:”تىل ۋە تەرجىمە“ژۇرنىلى 2003- يىللىق 3- سان


خەتكۇچ : بازار سۆزلەر توغرىسىدا پاراڭ
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار