سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> رىئاللىقتىكى تىل

ئىشەنچ ئانا تىلدىن باشلاپ يىمىرىلىدۇ

تۈر : رىئاللىقتىكى تىل | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-10 23:57:34 | كۆرۇلىشى :

ئىشەنچ ئانا تىلدىن باشلاپ يىمىرىلىدۇ


--جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە ئىشەنمەسلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چەتئەللەرگە ياخشىچاق بولۇش پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىشەنچنى تىكلەش جەريانى تارىخنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ خىل چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ قوبۇل قىلغان مائارىپ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مېنىڭ ئامېرىكا بولتۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رۇسىيىلىك خىزمەتدىشىم پىرافىسۇر ساخاروف بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئەننا ساخاروف ئائىلىسىدە پەقەت رۇسچىلا سۆزلىشەتتى، ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. پەقەت سىرتتىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندىلا ئاندىن ئېنگىلىزچە سۆزلىشەتتى. ئەننا مۇنداق دەيدۇ: ”رۇس تىلى ئۇلارنىڭ ئانا تىلى، بىز چوقۇم بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشىمىز، ئۇلارغا ئانا تىلنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن ئۇنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.“
جوڭگوغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خەنزۇ تىلىمۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر گۈزەل تىلغا ئوخشاش گۈزەل تىل بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىياتلارغا ئىگە. بىراق چەتئەلدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بولۇپمۇ بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن پەقەت ئېنگىلىس تىلىدىلا سۆزلىشىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ ئېنگىلىزچىسى ۋە ياكى بىزنىڭ ئېنگىلىسچىمىز قانچىلىك راۋان بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، تىلىمىزدا يەنىلا خەنزۇ تىلىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى بار. بەزى كىشىلەر تىلىغا پەقەت خەنزۇ تىلىنىڭ ئاھاڭىنى ئارىلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىك شىۋە ئاھاڭلىرىنىمۇ تەڭ قوشۇپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئەڭ ئاددىي ئىشلارنىمۇ يېرىم-ياتا ئېنىگىلىز تىلىدا سۆزلەشلىرىنى ئاڭلىغاندا، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى پەرەز قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزگە ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان ھېسسىياتىمىزنى قانداق ياراتقانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالايمىز.
جوڭگولۇقلار ھەققىدە گەپ قىلمىساق بولمايدىغان بولۇپ قالدى. جوڭگولۇقلار گەرچە سان جەھەتتە دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6/1 قىسمىنى ئىگەللىسەكمۇ، بىراق بەلكىم دۇنيادىكى ئۆزىگە ئەڭ ئىشەنچىسى يوق كىشىلەر بولىشىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆز سالاھىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ بالىلارنى ئېنگىلىس تىلى ئۆگەنمەڭلار دەپ تەشۋىق قىلغىنىمىز ئەمەس. چەتئەلدىكى جوڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنگىلىس تىلىنى ئۆگىنىشى شەرت. يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ھەتتا خىزمەتتىمۇ ئۇلار جەزمەن ئېنگىلىس تىلىنى قوللىنىشى كېرەك، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېنگىلىس تىلىدا سۆزلىشىشى ۋە ئېنگىلىس تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىشى ناھايىتى تەبئىي ئىش. ئەسلىدە ئائىلىدە خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىش ناھايىتى تەبئىي ئىش بولسىمۇ، بىراق شۇنداق كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە خەنزۇچە سۆزلىمەسلىكىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ يوقلىقىنى، خەنزۇ تىلىغا بولغان كەمسىتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ تىلىغا ۋە مەدەنىيەت سالاھىيىتىگە بولغان تەشۋىشلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەمسىتكىنى ۋە پەس كۆرگىنى يەنىلا ئۆزىدىن ئىبارەت.
بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى، ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەلكىم جوڭگونىڭ نەچچە يۈز يىللىق سىرتلىقلارغا ياخشىچاق بولۇش پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. غەرىپنىڭ كۈچلۈكلىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاجىز پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا  كۈچلۈكلەرگە قارىتا ھەم غەزەپلىنىش ھەم قورقۇش ھەم ئۈمىدلىنىشتەك ئا Q لارچە  پىسخىكىنى شەكىللەندۈرگەن. جوڭگولۇقلار ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنلا ئامېركىنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،  شۇڭا ئۇلار ئائىلىسىدە ھەرگىزمۇ خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر ئۆيدە خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشسەك بالىلار مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن باشقىلار كۆزگە ئىلماي قويارمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز پىسخىكىسىنىڭ ئەكسى ئېتىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان.
مەن دائىم ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بىر بالا چوڭ بولغاندا قانچىلىك بىچارە بولۇپ قالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر ئانا بالىسىغا بالا بوۋاق ۋاقتىدا ئاڭلاپ كۆنگەن تىلدا سۆزلىمىسە، ئۇنىڭ بالىسى كەلگۈسىدە روھىي جەھەتتە سەرسان بولغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، نۇرغۇنلىرى روھىي سەرسانلىقتىن ئىبارەت بۇنداق رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق خىيالنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.
پەقەت ئۆز تىلىغا ئىشەنچىسى بار ئادەملا، ئۆز مەدەنىيىتىدىن دادىللىق بىلەن پەخىرلىنەلەيدۇ. بىراق جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار تېخى بۇنداق ئىشەنچنى تەييارلىغىنى يوق. ئىشەنچ تەلۋىلىكتىن ئەمەس، بەلكى تارىخنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشتىن كېلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشمەسلىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىشتىن باشلاپ سۆزلىسەك، جۇڭگولۇقلارنىڭ قورقۇنچاق روھىي-ھالىتىنى ۋە ئاجىز پىسخىكىسىنى، چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى پەس كۆرۈش، ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكىنى، ھەم شۇنداقلا بۇ خىل ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئۇلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئېلىنغان مەنبە___ شىنخۇا ئاۋىئاتسىيىسى 2012-يىل 2-سان (ئومۇمى ساننىڭ 132-سانى)
تۈزگۈچى شېنرۈي بىلوگى  يازغۇچى/شېن رۈي  
تەرجىمە قىلغۇچى: ئايشەمگۈل يولۋاس

مەنبە:تەكلىماكان مۇنبىرى


خەتكۇچ : ئىشەنچ ئانا تىل يىمىرىلىش
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار