سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> تەتقىقات >> تۆھپىكارلىرىمىز

UKIJ تۆھپىكارى تۇرسۇنجان سۇلتان (ئالىپ) ئەپەندىم توغرىسىدا

تۈر : تۆھپىكارلىرىمىز | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-08-05 18:03:55 | كۆرۇلىشى :

UKIJ دائىمىي ئەزاسى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

 

(بۇ تېما ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلمىي جەمئىيتى تور بىتىدىن ئېلىندى)


1- سوئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئىسىم-فامىلەم: تۇرسۇنجان سۇلتان، ئۇيغۇر، 1975- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىدە توغۇلغان، 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكولتېتىدا تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. 1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1997- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى ھۆججەتلەرنى كىرگۈزۈش، تەھرىرلەش ئىشلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ، 1998- يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك يارىتىش يولىغا قاراپ مېڭىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە دەسلەپكى قەدەمدە كومپيۇتېردا مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى قۇردۇم، 2005- يىلى بۇ ئورۇننى كېڭەيتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتىم، ھەم مىللىي تىل يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش ۋە سېتىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن.

2- سوئال: سىز قىلغان ياكى ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىڭىز ۋە نەتىجىلىرىڭىز توغرىلىق قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

1998- يىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېردا مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى قۇرغاندىن بۇيان كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە نۇرغۇن ئېھتىياجلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردۈم. 1999- يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيا خۇاگۇاڭ» شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن Dos مۇھىتىدىكى مەتبۇئات يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا  Windowsمۇھىتىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللار ئۈستىدىمۇ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ باردىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭدىمۇ مىللىي تىل-يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش ۋە بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى توغۇلۇپ 2005- يىلى كومپيۇتېر مۇلازىمەت ۋە تەربىيىلەش مەركىزىنى شىركەتكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مەخسۇس كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئىشلەش ۋە تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياساپ پۈتتۈرۈشنى شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈنتەرتىپىگە قويشان ھەرقانداق بىر يۇمشاق دېتالنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئۇلى، ۋە شۇنداقلا بىرىنچى ئامىل دەپ قاراپ زور كۈچ ۋە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كۆپ خىل خەت نۇسخىلىرىنى ياساپ چىقتۇق. خەت نۇسخىلىرىمىز ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە قاتتىق سىنالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كۆپ ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەپ چىقتۇق، بۇ مەھسۇلاتىمىزنىڭ خەت نۇسخىلىرى ئۆلچەملىك ۋە كۆركەم بولغانلىقى ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇندىن كېيىن، يەسلى ۋە باشلانغۇچ يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىل يېزىقىدىن ساۋادىنى چىقىرىشى ئۈچۈن «ئېلىپبە» نامىدىكى كارتۇنلۇق VCD پىلاستىنكىسى ۋە خەنزۇ تىلىدىن دەسلەپكى ساۋادىنى چىقىرىدىغان «پىنيىندىن ساۋاد»  ناملىق كارتۇنلۇق VCD پىلاستىنكىسىنى ئىشلىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىرقىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ بازارلاشتۇردۇق. يېقىندا يەنە كومپيۇتېر ۋە چەتئەل تىللىرىدىن دەسلەپكى ساۋاد تەرىقىسىدە ئىشلىگەن كىتاب، يۇمشاق دېتال ۋە VCD شەكىللىرىدىكى مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ بازارلاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات يۈنىلىشىمدە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللار ۋە قېرىنداش مىللەت تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت ئىشلەش، سېلىستۇرما لۇغەتشۇناسلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تىل-يېزىق ئۈستىدە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى ئىسكىلاتى قۇرۇش، تىل ۋە كومپيۇتېر (كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى) ئۆگىتىش يۇمشاق دېتاللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش، شىركىتىمىزدە مەخسۇس ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىسى ئىشلەش بۆلۈمىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، توردا ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق بىرقانچە پىلانلىرىم بويىچە تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن.

3- سوئال: سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىرىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش قايسى، سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەندە، يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلىنىشى، ئىشلىتىلىشى ئاددىي ھەممىباب بولىشىنى، يۇمشاق دېتالغا ئىشلىتىلگەن سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ۋە ئىملاسىنىڭ توغرا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بىردەك ھەم كۆركەم، ئۇچۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، يۇمشاق دېتالدا سۆز-ئاتالغۇلارنى يېغىنچاق ۋە توغرا ئىپادىلەش، ئىملاسىنى توغرا ئىشلىتىش ئالدى بىلەن شۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىگۈچىنىڭ قانچىلىك سەمىمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە، يۇمشاق دېتالنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا باھا بېرىشتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگىدۇر.
يەنە بىر ئىش، ھازىرقى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالچىلىقىدا كىشىنىڭ دىلىنى ئەڭ غەش قىلىدىغان ئىش شۇكى، بىرقىسىم كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى خالىغانچە بۇزۇپ تارقىتىدىغان ئەھۋالدۇر. مۇشۇ ئەھۋال تۈپەيلى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇنلىغان توسقۇنلۇقلارغا ۋە قېيىنچىلىقلارغا يولۇقتى. ئەگەر ھازىرقى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىسى مۇشۇ تەرىقىدە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزۇپ تارقىتىشىغا ئۇچراۋەرسە، ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىۋاتقان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئىشلىگۈچى شىركەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىلىدۇ-دە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى قېيىنلىشىدۇ. بۇ مەسىلىنى جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئەكس تەھرىرلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمەسلىك ئېڭىنى كۆتۈرۈش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش يوللىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق قىسمەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن. ئەمما بۇنى بىردىن-بىر ياخشى ئامال دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچى، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ سانى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، نەشر قىلىش چىقىمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ھەر بىر يۈرۈش يۇمشاق دېتالنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى خېلىلا يۇقىرى. شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەكس تەھرىرلەنگىنى بولسا ناھايىتى ئەرزان ياكى ھەقسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا، يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچى بەزى خېرىدارلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياكى ئۆز مەنپەئىتىنى ئىستەپ ئەسلى نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتالنى سېتىۋالماي، قانۇنسىز ئەكس تەھرىرلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشكە رازىدۇر. ئىككىنچىدىن، ئەسلى يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەت ۋە شەخسلەر يۇمشاق دېتالنىڭ كومپيۇتېرغا قاچىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقىنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن، ئىشلىتىش قوللانمىسىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، تەشۋىقاتقا سەل قارىغانلىقى، ئەكس تەھرىرلەشكە ۋە ئەكس تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئوڭۇشلۇق تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئەكس تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىۋەتكەن. ئۈچىنچىدىن، يۇمشاق دېتال سېتىلغاندىن كېيىن سېتىشتىن كېيىنكى مەسلىھەت بېرىش ۋە مۇلازىمەتكە سەل قاراش سەۋەبىدىنمۇ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازارلىشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشتەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد.
بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، مېنىڭ قارىشىمچە يۇمشاق دېتال ئىشلەش بىلەن بىرلىكتە شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنىمۇ مۇكەممەل تۈزۈپ يۇمشاق دېتال بىلەن بىرلىكتە نەشر قىلدۇرۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا يۇمشاق دېتالنى سېتىۋالغۇچى خېرىدار يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىن سىرت يەنە مۇكەممەل بولغان ئىشلىتىش ۋە ئۆگىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۇمشاق دېتالنى تېز ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ. دېمەك، يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكۈچى خېرىدار پۇل خەجلەپ سېتىۋالغانغا لايىق يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىش قوللانما كىتابچىسىدىن ئۆزىگە نەپ ئالالىسا ۋە بىلىم ئىگىلىيەلىسە شۇ يۇمشاق دېتالدىن رازى بولىدۇ-دە، شۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنى رازى بولۇپ سېتىۋالىدۇكى، ئەكس تەھرىرلەنگەن يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئۇندىن باشقا، سېتىلغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەزى كىچىك تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارغا بىر يۇمشاق دېتالغا بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى قوشۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇ پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش سۆزلەنگەندىن باشقا، كومپيۇتېر ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارغا ئائىت ماقالىلەرنى ۋە مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندىلا، بەزىدە ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلار شۇ يۇمشاق دېتالدىن كۆرە ئۇنىڭ پايدىلىنىشچان كىتابچە شەكلىدىكى ماتېرىياللىرىغىمۇ قىزىقىپ سېتىۋالىدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ ئورالما قېپىنى بەك ھەشەمەتلىك ئوراشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئەمما ئورالما قاپقا ئىشلەتكەن سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئىملاسىنىڭ توغرىلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بەزىدە بىرەر خاتا يېزىلىپ قالغان سۆز سەۋەبىدىنمۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد. دېمەك، ئەڭ كىچىك سەۋەنلىكلەردىنمۇ خالىي بولغان ۋاقتىمىزدىلا خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيمىز.  شۇڭا، ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەكس تەھرىرلىگۈچىلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن چەكلىگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

4- سوئال: ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق؟ سىزنىڭچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى كېرەك؟

ئۇيغۇرلار ھازىر قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارغا ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى دەپ قارايمەن. ھازىر خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئالدىنقى بىرنەچچە يىلغا قارىغاندا خەلق تۇرمۇشىدا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ئىنتايىن تېز بولدى. ھازىر رايونىمىزنىڭ ئەڭ يىراق يېزا-قىشلاقلىرىغا جايلاشقان مەكتەپلەر، مەمۇرىي ئورۇنلارغىمۇ كومپيۇتېر ئومۇملاشتى. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم يۇمشاق دېتال مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاز بولۇشى، كەمچىللىكلەردىن خالىي بولالماسلىقى، تەشۋىقاتنىڭ يېتەرلىك بولالماسلىقتەك ئامىللار تۈپەيلىدىن، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىدارە، ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. ھازىر بەزى ئائىلەردە بولسا، كومپيۇتېر پەقەتلا بىر ئائىلە جابدۇقىدەكلا تىزىپ قۇيۇلماقتا. بەزى كومپيۇتېر سېتىۋالغان ئائىلەردە بولسا، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك، ئۆز ئانا تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كومپيۇتېر ساۋاتلىرىدىن خەۋەر بېرىدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى كومپيۇتېردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئامىللارنى بەزى ئىدارە - ئورگانلاردىكى ۋە چوڭ - كىچىك شىركەتلەردىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ھەم ھەۋەسكارلىرىغىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ.
مېنىڭچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى تەتقىقات يۆنىلىشىنى مۇنداق بىرنەچچە تەرەپكە قارىتىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

1) قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش: مەسىلەن، تور مۇھىتىدا ئىجرا بولىدىغان كىچىك تىپتىكى يېزىق ۋە جەدۋەل بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى ئىشلەش. كومپيۇتېردىكى خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئاتالغۇلارنى ۋە ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرچىگە ۋاقىتلىق تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ئېكران تەرجىمە قۇرالى يۇمشاق دېتالى ئىشلەش. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، رۇسچە كۆپ خىل تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ئىشلەش. سىستېما ھالقىغان كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى ئىشلەش، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش زۆرۈر. ھازىر مىللىي تىل-يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۈنىلىشى چوڭ ئىدارە-كارخانلارغا يۈزلەنگەنلىكتىن، خەلق ئاممىسىنىڭ كومپيۇتېر ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشى تولىمۇ ئاز بولىۋاتىدۇ، ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شىركەتلەر كۆپ خىل خەلققە پايدىلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقارغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارغا كەتكەن ۋاقىت كۆپ، كىرىم چىقىمنى تولۇقلىيالماسلىق سەۋەبىدىن بىرقىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچكە «ۋاقتى ئۆتكەن مال» لار قاتارىغا كىرىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ھازىرقى بار بولغان ئادەم ۋە مالىيە كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئاز كېتىدىغان، قوللىنىشچانلىقى ياخشى بولغان كىچىك تىپتىكى ئونۋېرسال يۇمشاق دېتاللارنى كۆپرەپ ئىشلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

2) ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى ئىشلەش: ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى ئىشلىگەندە يېڭى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ۋە ئەڭ ئاممىباب تىل بىلەن ئىپادىگىلى بولىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كومپيۇتېردىن تېز ساۋاد چىقىرىش ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى ۋە كومپيۇتېر مەشغۇلار سىستېمىسى، يېزىق، رەسىم بىرتەرەپ قىلىش قۇراللىرىدىن، تور ئاساسىي بىلىملىرىدىن ساۋاد بېرىدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى ئىشلەش لازىم. كەسىپچانلىقى بەك يۇقىرى بولغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەشنى ھازىرچە ئويلاشماسلىق لازىم.

3) ئىدارە-ئورگان، شىركەتلەر ئېھتىياجلىق بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش: بۇ خىل تېمىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەشتىن ئاۋۋال جەمئىيەت تەكشۈرۈش كېرەك، ئىھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ تەلىپى ۋە زاكاس مىقدارىغا قاراپ ئىشلەش لازىم، قارىغۇلارچە ئىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

5- سوئال: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىلىق پىكىرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مائارىپ ۋە بەزى ئىدارە جەمئىيەتلەردە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇيغۇرچە ۋە باشقا مىللىي تىل-يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك. ئەمما، مىللىي تىل-يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ پەقەتلا تەتقىقاتنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە مۇلازىمەتكە سەل قاراش تۈپەيلىدىنمۇ مىللىي تىل-يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىدارە ۋە شەخسلەر دەل ۋاقتىدا ئۇچۇرغا ئىگە بولالماسلىقى ۋە نەدىن، قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمىگەنلىكى، سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ يۇمشاق دېتالنى ساتقان شىركەت پەقەت سېتىش ۋە قاچىلاپ بېرىش مۇلازىمىتىنىلا قىلىپ، سېتىشتىن كېيىن ئىشلىتىشنى قىسقىچە ئۆگىتىش، كاشىلىلارنى بىرتەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلىرىگە سال قارىغانلىقىدەك سەۋەبلەردىنمۇ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسى بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى بار، يۇشۇرۇن كۈچى زور، بىراق شۇ يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەر جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قانچىلىك ئىگىلىدى، شۇ ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن ھەقىقىي تۈردە چىقالامدۇ دېگەن مەسىلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك ئەلۋەتتە.
يەنە بەزى ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى بار بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مائارىپ ۋە بەزى ئىدارە جەمئىيەتلەر ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس كومپيۇتېر ۋە خادىم ئاجراتقان بولسىمۇ، لېكىن بىرەر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنى تېپىپ شۇ كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىش شۇ كومپيۇتېرغا مەسئۇل خادىمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىدۇر. چۈنكى، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى يوق دېيەرلىك بولغانلىقىدىنمۇ ئېھتىياجلىق ئورۇنلار ئۇچۇر مەنبەسىگە ئىگە بولالماسلىقى، بەزى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشر ۋە تەستىق نومۇرى بولمىغانلىقىدىنمۇ كومپيۇتېرغا قاچىلاشتىن ئەنسىرەش مەسىلىسى مەۋجۇد، بەزى قانۇنلۇق ۋە ئىشەنچلىك دەپ قارالغان يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىن كېيىن مۇلازىمىتىنىڭ سۇس ياكى يوق دېيەرلىك بولۇش سەۋەبلىرىدىنمۇ يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. كۇندىلىك تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇمشاق دېتالغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ بازارلاشتۇرۇش ئېھتىياجمەنلەرنى ھەرتەرەپلىمە قانائەتلەندۈرۈش باسقۇچىغا يەتكىنى يوق. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بازارلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا ئايرىۋېتىشى زۆرۈر، ھەمدە ھەر ئىككىلىسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئەكس تەھرىرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېھتىياجمەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئىشلىگەن يۇمشاق دېتالىنى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈشى ۋە نەشر نومۇرى، تەستىش نومۇرى ئېلىپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدىشى، مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئېھتىياجمەنلەرنىڭ قولىغا تىگىپ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن تەشۋىقاتقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر كومپيۇتېر شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ھەقىقەتەن ئۆزى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى بازارلاشتۇرۇش ھەم مۇلازىمەتلىرىگە يېتىشەلمىگەن بولسا، يۇمشاق دېتالنى سېتىشنى ۋە ياكى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى باشقا بىر كومپيۇتېر شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، داۋاملىق يېڭى تېما ئۈستىدە تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن مەخسۇس سېتىپ بېرىدىغان ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىگە، ئېلان-تەشۋىقاتلىرىغا ئىگە بولىدىغان شىركەتلەر بارلىققا كېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇندىن كېيىنكى بىرقانچە يىل يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىشى، باھاسىنىڭ داۋاملىق ئەرزانلىشىشى قاتارلىق ئامىللار ھازىر رايونىمىزدا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىنى يېڭى بىر بالداق كۆتۈردى، بۇندىن كېيىن كومپيۇتېر تېخىمۇ تېز ئومۇملىشىشىدۇ. دېمەك، جەمئىيىتىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللارغا بولغان ئېھتىياجى ھەرقانداق بىر ۋاقىتلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ياخشى شارائىتتا، ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشى، يۇمشاق دېتال سېتىشنى ئاساس قىلغان شىركەتلەر بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ سېتىش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلسىلا، ئىشىنىمەنكى يۇمشاق دېتال بازىرىمىز ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ.

6- سوئال: UKIJ نىڭ قۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولاي دېدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا بولغان تەسىرى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر بەرسىڭىز؟


مەن UKIJ نى كېچىكىپ بىلگەن بولساممۇ، ئەمما مەن بىلگەندىن بۇيان UKIJ نىڭ ناھايىتى ساغلام ۋە ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز تەرەققىيات يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىدىن خوش بولدۇم. شۇنداقلا، UKIJ نىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم. UKIJ كومپيۇتېر ساھەسىدە ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىۋاتقان ھەرساھە كىشىلىرىنى ئۆزىگە جەم قىلىپ، تولىمۇ كۆپ پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كۆپلىگەن كىشىلەرگە كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا كومپيۇتېر ساھەسىدە يېڭىدىن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئىستىكىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا، UKIJ نىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا بولغان تەسىرىمۇ زور بولماقتا، UKIJ گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا يېتىشكەن زاتلاردۇر، ئۇلار UKIJ تور بېكىتدە كەسىپداشلار ئارا كومپيۇتېر بىلىملىرى ئۈستىدە يېڭى-يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىپ تۇرۇشى، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت سوئاللارغا دەل ۋاقتىدا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ تۇرۇشى، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان شىركەتلەر ۋە شەخسلەر يولۇققان تېخنىكىلىق قېيىن مەسىلىلەرگە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشتەك تۈرلۈك ياخشى ئىشلار UKIJ نى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىغا ئىگە قىلدى. بۇندىن كېيىن UKIJ بەرپا قىلغان ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ مول ۋە ئەتراپلىق بولۇشى ئۈچۈن، UKIJ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇمشاق دېتال ئىشلەش، ھەمكارلىشىپ بازارلاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇندىن باشقا يەنە، UKIJ نىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇشىنى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلار يولۇققان قېيىن مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ تۇرۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

7- سوئال: سىز 2006- يىلىنىڭ بېشىدا UKIJ خەت نۇسخىلىرى (www.ukij.org/fons) تۈزۈشكە ئىنتايىن كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدىڭىز. بۇ فونتلارنى ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر رازىلىق بىلەن ئىشلەتمەكتە. خەت نۇسخىسى ياساشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىز ۋە خەت نۇسخىسى ياساش تېخنىكىسى توغرىسىدا ئاممىماب قىلىپ سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

2006- يىلىنىڭ باشلىرى مەن UKIJ تور بېكىتىدە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ نامىنى ۋە ئۆلچەملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە ئىشتىراك بولۇپ قالدىم، شۇنداقلا UKIJ نامىدىكى خەت نۇسخىلىرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلارنى تۈزىتىپ يېڭىلاش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدىم، ھەم قول تۇتۇپ بۇ خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىشكە قاتناشتىم. مەنمۇ دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى، شۇنىڭ بىلەن UKIJ دىكى بۇ مانازىرە مېنىڭ ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا شەرت شارائىت يارىتىپ بەردى. مېنىڭ شەخسەن قارىشىمچە، ھازىرقى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا خەت نۇسخىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش تەخىرسىز بىر ئىشتۇر، ئەگەر مۇشۇ ئۇل ياخشى ئېلىنمىسا، كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەرقانداق بىر ياسىلىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلمەي قالمايدۇ، ئەگەر خەت نۇسخىمىزدا مەسىلە بار بولسا، دېمەك يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىمۇ ئىشەنچلىك دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. مەن ھەرقانداق بىر يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەي ياكى ياساشقا كىرىشەي ئالدى بىلەن فونتنىڭ ئۆلچەملىك ۋە گۈزەل بولغان-بولمىغانلىقىغا دېققەت قىلىمەن.
شۇڭا، مەن UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزۈم ياسىغان بىر قىسىم خەت نۇسخىلىرى ۋە ئەسلىدە بار بولغان خەت نۇسخىلىرى ئاساسىدا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئۆلچەم ۋە بىرلىكلەر بويىچە تۈزىتىپ رەتلەپ چىقتىم، ھازىر ئويلىسام شۇ ۋاقىتلاردا كۆپ كۈچ چىقىرالمىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خېلى مەسىلىلەر دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىنغانلىقى كېيىنكى خىزمەتلىرىمگە خېلى كۆپ ياردىمى بولدى.
مېنىڭ خەت نۇسخىلىرىغا بولغان قىزىقىشىم مەن كومپيۇتېر بىلەن تونۇشقان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن باشلانغان ئىدى، مېنىڭ رەسىم بىرتەرەپ قىلىش، فىلىم ئىشلەش، مەتبەئە سىستېمىلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقىتلىرىم كۆپ ئىدى، بۇ خىل شارائىتتا مەندە خەت نۇسخىلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقىم تېخىمۇ ئاشتى، بەزىدە ناچار خەت نۇسخىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن قىلغان ئىشلىرىم كۆڭلۈمدىكىدەك بولماي قالاتتى، بۇ ۋاقىتلاردا شۇ فونتلارنى ياسىغۇچىلارغا تۈزىتىش پىكرى بەرگۈم كېلەتتى، ئەمما كېمنى ئىزدەپ، كېمگە پىكىر بېرىمەن، پىكرىمنى ئاڭلايدىغانلار چىقارمۇ؟ دەيتتىم. ئاخىرى، مەن 95- يىللىرى دوس مۇھىتىدا ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە مەتبەئەچىلىك سىستېمىسىنى ئىشلىگەن ۋە ساتقان ئورۇنغا بېرىپ، خەت نۇسخىسى ۋە سىستېمىغا ئائىت بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئۇلارمۇ پىكىرىمنى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەشتە بەلگىلىك قېيىنچىلىقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەنمۇ ئىكىلەنمەستىنلا ياردام قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «گىگانت ئادەم 6407» نىڭ دوس مۇھىتىدا فونت ياسايدىغان قۇرالىنى قانداق ئىشلىتىشنى ماڭا ئۆگىتىپ قويدى، مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ سىستېمىدىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوڭشاپ چىقتىم، خەت نۇسخىلىرى يېڭىلانغاندىن كېيىن بۇ سىستېمىدا بېسىلغان كىتاب-ژۇرناللاردىن ئۆزۈممۇ رازى بولدۇم، ئۇلارمۇ مەمنۇن بولدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەت نۇسخىلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان يېڭى بىر قىزىقىشىم مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلىدى، شۇ ۋاقىتلاردا كومپيۇتېر دوس مۇھىتىدا بەت ياساش ۋە بەت تىزىش ناھايىتى تەس ئىش ئىدى، شۇنداقتىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا كۆپ ئومۇملاشقان بىرقانچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بېيدافاڭجېڭ، خۇاگۇاڭ، سەنلى، «گىگانت ئادەم 6407» قاتارلىق مەتبۇئات سىستېمىلىرىنىڭ خەت نۇسخىلىرى ناھايىتى ئۆلچەملىك ۋە كۆركەم ئىدى، بۇ سىستېمىلارنىڭ بەزىلىرى تاكى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. كېيىن ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ھەر خىل كودلارنىڭ ۋە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا كود پاخاللىقى ۋە خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىدەك ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون خىل كودلاش ئۆلچىمى ۋە نەچچە يۈز خىل خەت نۇسخىسى بارلىققا كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردىكى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئاددىي بەت ياساش ۋە ماقالە بېسىپ چىقىرىشقىلا ئېھتىياجى يېتەتتى. كىتاب ۋە ژۇرناللارغا ماس كەلمەيتتى، ئاقىۋەت كەسپىي نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭمۇ ئېھتىياجىدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىندوۋس مۇھىتىدىكى خەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتىمۇ ئاستا ۋە قانۇنىيەتسىز بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يۇنىكود ئۇقۇمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كود ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىش باسقۇچىنى تاماملىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قاتار كود ئورنى مۇقىملاشقان خەت نۇسخىلىرىمۇ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، بۇنى بىز يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى دەپ ئاتىدۇق. خەلقئارا يۇنىكود تەشكىلاتىغا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ بەلگىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىنىشى ۋە بېكىتىلىشى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كودلاش ئۆلچەملىرىگە ئائىت ئۆلچەملەرنى قارارلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كودلاش ئۆلچەملىرى بۇرۇنقى كۆپ خىللىقتىن ھازىرقى بىردەكلىككە كەلدى. خەت نۇسخىلىرىمۇ يۇنىكود كودلاش ئۆلچىمى ئاستىدا يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا كەلدى. ئەمما، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ باسما ئۆلچەمگە چۈشۈش شەرتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋە بۇ باسما ئۆلچەمگە بېرىلگەن بىر ئېنىق تەبىرنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىلىرىنىڭ نەشرىيات ۋە باسما ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىشى كەڭ دائىرىلىك بولالمىدى. پەقەتلا خەلق ئاددىي يېزىق بىرتەرەپ قىلىش قۇراللىرىدىلا ئىشلىتىپ كەلدى.
قانداق قىلغاندا، باسما ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق بىر خەت نۇسخىلىرى بولغان بولسا، بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشدىكى يېزىق بىرتەرەپ قىلىش ئېھتىياجىمىزدىن كۆڭۈلدىكىدەك چىققان بولاتتى. بۇ مەسىلىنىمۇ مەن خېلىدىن بېرى ئويلاندىم، چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق بىر ئۆلچەملىك ۋە كۆركەم خەت نۇسخىسىغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋىندوۋس ۋە لىنوكس مۇھىتىدا خەت نۇسخىسى ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۈگىنىشكە باشلىدىم، ھەم دەسلەپكى قەدەمدە بىرقانچە خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. مۇشۇ خەت نۇسخىلىرى ئۆلچەملىك بولدى دەپ قارىمىدىم، داۋاملىق بۇ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قۇسۇر ئىزدىدىم، ئازراق مەسىلە بايقىسام تۈزەتتىم، بىلمىگەنلىرىمنى ئۆگىنىپ يەنە تۈزەتتىم، مۇشۇ تەرىقىدە ئىشلەپ يۈرۈپ خەت نۇسخىسى ياساش جەھەتتە ئۆزۈمگە بىلىپ-بىلمەي خېلى كۆپ تەجرىبىلەرنى توپلىۋالدىم. كېيىن مەن بۇنداق ئاز-ئازدىن تۈزىتىشنى توختاتتىم، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدىكەن، ئاخىرى خەت نۇسخىسىنى ئېچىپ قويۇپ خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەھلىل قىلدىم، ئاخىرىدا مەسىلەرنى بىرمۇ-بىر ھەل قىلىش پىلانى ۋە ئىشلەش پرىنسىپىنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، شۇ تەرىقىدە بۇ يىل ئاخىرقى ھېسابتا كۆڭلۈمدىكىدەك خەت نۇسخىسى ئىشلەپ چىقالىدىم.
مەن خەت نۇسخىسى ئىشلىگەندە تولاراق Font Creator 5.0 بىلەن FontLab 4.6 نى ئىشلىتىمەن، بۇ ئىككى قۇرال خەت نۇسخىسى ياساشتىكى بىر قەدەر ياخشى يۇمشاق دېتاللاردۇر، بۇ ئىككىسىنى تەڭ ئىشلەتكەندە بىر-بىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
ئەڭ ئالدى بىلەن كود ئورنىنى تەكشۈرۈش بۇ بەك مۇھىم، مەن تەكشۈرۈش داۋامىدا قازاقچىدىكى ھەمزىنىڭ كود ئورنىنىڭ خاتا ھالدا «0621» بېكىتىلىپ قالغانلىقىنى، ئەسلىدە «0674» ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، يۇنىكود بېكىتكەن يۇنىكودنىڭ 4.0 ۋە 5.0 نەشرلىرىدە قازاقچىدىكى ھەمزىنىڭ كود ئورنى «0674» دەپ كۆرسىتىلگەن. كېيىنكى قەدەمدە، Microsoft VOLT تىن پايدىلىنىش، بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان يېزىقلارغا ئۇلىنىش پارامېتىرلىرىنى بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ نۆۋەت خەت نۇسخىسىدا قازاقچە كىرگۈزۈش جەريانىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان 二义性 مەسىلىسىمۇ Microsoft VOLT دىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ھەل قىلىندى. قازاقچىدىكى 二义性 مەسىلىسى، بۇرۇن بىز قازاقچە «ٴبىر» سۆزىنى كىرگۈزۈشتە ئاۋال ھەمزە «ٴ» نى، ئاندىن ب ى ر نى باساتتۇق، يەنە «ٶرۇم» دېگەن سۆزنى ئاۋال ھەمزە «ٴ» نى، ئاندىن و ر ۇ م نى باساتتۇق، ئەمما بۇ خىل كىرگۈزۈش توغرىدەك بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى سىتاتىستىكا خىزمىتىدە خاتالىق پەيدا قىلىدىكەن. يەنى، قازاقچىدە ٸ (i)، ٵ (ä)، ٶ (ö)، ٷ (ü) لار قوشما ھەرپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەرپلەر سۆزنىڭ بېشىدا كەلگەندە ھەمزە قويۇلىدۇ، ئەمما سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا كەلگەندە ھەمزە بەلگىسى قويۇلمايدۇ، ئەگەر بىز قازاق تىلىدىكى بۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتماي يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن «ٴبىر» دېگەندەك سۆزلەرنى كونا پېتىچە كىرگۈزۈۋەرسەك، كېيىن قازاق تىلىدىكى شۇ ھەرپلەرنى سىتاتىسكىلىغان ۋاقتىمىزدا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا «ٴبىر» دىكى «ى» ( ï ) نى كومپيۇتېر ھەرگىز «ٸ» (i) دەپ تونىمايدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنى توغرا كىرگۈزۈشتە ئاۋۋال ھەمزە «ٴ» نى ئاندىن Shift+ى)) ٸ، ئاندىن ر نى بېسىپ كىرگۈزسەك توغرا بولىدىكەن، شۇنداقلا ٵ (ä)، ٶ (ö)، ٷ (ü) لارنىمۇ Shift بىلەن قوشۇپ بېسىلىدىغان قىلىپ لايىھەلەش كېرەك ئىكەن. بۇ ھەرپلەرنى VOLT تىن ئۆتكۈزگەندە سۆزلەرنىڭ بېشىدا كەلگەندە ھەمزە بىلەن، سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدا كەلگەندە ھەمزىنى تاشلىۋەتكەن شەكلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدۇق.
يېڭى بىر خەت نۇسخىسى ھۆججىتى ئېچىۋېلىپ، بۇنىڭغا لازىم دەپ قارالغان ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر، سان-سىفىرلار، شەرتلىك بەلگىلەر، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە (بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرىدا ئەرەبچە ھەرپلەر يوق ئىدى، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ماتېرىياللاردا ئەرەبچە كىرگۈزۈشكە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ نۆۋەت ئەرەبچە ھەرپلەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى) ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقتىم. ئاندىن، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ ئەڭ ئىگىز ھەرىپى بىلەن ئەڭ پەس ھەرىپلىرى «ڭې»، «لې» نى ۋە لاتىنچىدىكى ئەڭ ئىگىز ھەرپ «Ä» ۋە ئەڭ پەس ھەرپ «g» نىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكىنى بېكىتىۋېلىپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە ھەرپلەرنى بىرمۇ-بىر ئېچىپ سىكانېرلاش جەريانىدا پەيدا بولغان ھەرىسىمان بۆلەكلىرىنى تۈز بولسا تۈز، ئەگرى بولسا ئەگرى ھالىتىدە سىلىقلاپ تۈزىتىش كېرەك. يەنە، ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر ۋە سان-سىفىرلارنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غول قىسمىغا توغرىلاش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر ۋە سان-سىفىرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىردەك چىقىدۇ. پەش-چېكىت، شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ ئالدى-كەينىگە قويۇلىدىغان بوشلۇقمۇ يېتەرلىك نىسبەتتە ياخشى تەڭشىلىشى كېرەك. ھەر بىر خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ خەت نۇسخىسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكىگە بېرىلىدىغان پارامېتىرلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما پەرق بەك چوڭ بولماسلىقى كېرەك، كۆرۈلىدىغان ھەرپلەرنىڭ ئەڭ ئىگىز چېكى ۋە ئەڭ تۆۋەن چەكلىرى بېكىتىلگەن يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېھتىيات سىزىقلىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، ئەگەر ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمى يېزىق بىرتەرەپ قىلغاندا ۋە بېسىپ چىقارغاندا چىقماي قالىدۇ. ئادەتتە، فونت ياساش قۇراللىرىدا خەتلەرنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان قارا سىزىق يۇقىرى ئېھتىيات سىزىقى، خەتنىڭ ئاستىغا توغرا كېلىدىغان قارا سىزىق تۆۋەنكى ئېھتىيات سىزىقى، تۆۋەنكى ئېھتىيات سىزىقىنىڭ سەل ئۈستىگە تارتىلغان قىزىل سىزىق ئاساسىي غول سىزىقى ھېسابلىنىدۇ.
ئاخىرىدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تور بېكەتلەردە ۋە يۇمشاق دېتال ئىشلەشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەم ۋېكتورلۇق ھەم توچكىلىق خەت ئامبىرى بار بولغان خەت نۇسخىسى ئىشلەش. بۇ خىزمەت ئەڭ زېرىكىشلىك ھەم سەۋىرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت، بۇ مەشغۇلات لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىغا Fontforge نى قاچىلاپ مۇشۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىدە تاماملىنىدۇ. خەت نۇسخىسىدىكى ھەر بىر ھەرپ-بەلگىنىڭ ئوخشىمىغان نومۇرلۇقلىرىغا قاراپ بىر-بىرلەپ توچكا ئۇرۇپ چىقىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە مەن ئىككى خىل ۋېكتورلۇق ۋە توچكىلىق خەت ئامبىرى بار خەت نۇسخىسى ياساپ چىقتىم، بىرى ھازىر بار بولغان UKIJ Tuz Tom غا 8، 9، 10، 11، 12، 13، 14، 15 پىكسىللىق 8 خىل نومۇرلۇقتىكى توچكىلىق خەت ئامبىرىنى قوشتۇم، خەت نۇسخىسىدىكى جەمئىي ھەرپ-بەلگىلەر 400 بولۇپ، بۇ خەت نۇسخىسىنى تور بەتلەردە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىقلاشتۇردۇم. يەنە بىرى 宋体 خەت نۇسخىسى، بۇنىڭغا 12، 13، 14، 15، 16، 18 پىكسىللىق 6 خىل نومۇرلۇقتىكى توچكىلىق خەت ئامبىرىنى قوشتۇم، خەت نۇسخىسىدىكى جەمئىي ھەرپ-بەلگىلەر 22628 بولۇپ، بۇ خەت نۇسخىسىنى ۋىندوۋس ۋە لىنۇكسلارنىڭ سىستېما خەت نۇسخىسى قىلىشقا، كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ سىستېما خەت نۇسخىسى قىلىشقا ماسلاشتۇردۇم. بۇ ئىككى خىل خەت نۇسخىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ياسىلىشى بىلەن خەتلەر ئەڭ كىچىك بولغاندىمۇ ئوقىغىلى بولىدىغان قىلىندى.
خەت نۇسخىسى ئىشلەش تېخنىكىسىمۇ بەك تەس دېگۈدەك مەشغۇلاتمۇ ئەمەس، مەشغۇلات قائىدىلىرىمۇ بەك ئاددىي، بىرنەچچە قېتىم كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈۋالسىلا خەت نۇسخىسى ياساش مەشغۇلاتىنى ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ تەس دېيىلسە، خەت نۇسخىسى ئىشلەشكە سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت ۋە سەۋىرچانلىقتۇر، بەزى پروگراممېرلار شۇڭا بۇ خىزمەتنى قارا ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچىمۇ مەن بۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى خەت نۇسخىسى ئىشلەش داۋامىدا ئىگىلىگەن تېخنىكىغا كەتكەن ۋاقىتتىن، خەت نۇسخىسى ياساشقا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت نەچچە ھەسسە ئارتۇق بىلىندى، مۇشۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىتنى باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان بولسام بىرنەچچە خىل تىلنى كۆپرەك ئىگىلىۋالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئىدى، ئەمما مېنىڭ خەت نۇسخىسى ئىشلەشكە باشقىچىلا ھېرىسمەنلىكىم بار، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئاچچىقى ۋە ھالاۋىتى بولغىنىدەك، ھەر قېتىم بىر خەت نۇسخىسىنى پۈتتۈرگىنىمدە باشقىچە شادلىققا چۆمۈلىمەن.

8. سوئال: قەدىمكى يېزىقىمىز بولغان ئۇيغۇر ئورخون يېزىقىنى يۇنىكودقا كىرگۈزۈش جەريانىدا پروفىسسور ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ باردىڭىز، بۇ تەتقىقات تۈرى توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


2006- يىلى يىل ئاخىرى مەن پروفىسسور ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنى يۇنىكودقا كىرگۈزۈش ئىشىغا ھەمدەمدە بولدۇم، ئالدى بىلەن ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرقايسى مەنبەلەردە بېرىلگەن ئېلىپبەلىك جەدىۋەللىرىدىن ئەڭ توغرىلىرىنى تاللىۋېلىش، تەكرار ھەرپلەرنى يېغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش، ھەرپلەرنىڭ توغرا ئوقۇلىشىنى بېكىتىش، بۇ يېزىقنىڭ ئېنىق، توغرا نامىنى بېكىتىش، ئاندىن ئاخىرقى بېكىتىلگەن ھەرپ-بەلگىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقىش ئىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىغا دائىر ماتېرىياللاردىن ۋە مېنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقات تەجربىلىرىمگە ئاساسەن ھەرپ-بەلگىلەر جەدۋىلىنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم، خەت نۇسخىسىنى قانداق ياساش توغرىسىدا ئانالىز قىلدىم. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەييارلانغان ماتېرىياللار مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىسىدا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىختا ۋە ھازىر ئاتالغان ناملىرىنىڭ ھەرخىل بولۇشى (ئۇيغۇر ئورخۇن يېزىقى، ئورخۇن-يېنىسەي يېزىقى، كونا تۈرك يېزىقى، تۈرك-رۇنىك يېزىقى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان)، بۇ نۆۋەت بۇ يېزىقنىڭ يۇنىكودقا كىرگۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن نامنى توغرا بېكىتىش كېرەكلىكى ئۈچۈن تىلشۇناس مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېزىقنىڭ توغرا ئاتىلىشىنىڭ «ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى» ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرى 64 دانە قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ 64 ھەرپ-بەلگىگە ئاساسەن مەن ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقتىم، ھەر بىر ھەرپنىڭ كود ئىزاھاتىغا لاتىن يېزىقىدا ھەرپنىڭ ئوقۇلۇش ئىزاھاتى بېرىلدى. بۇ ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرى پروفىسسور ھوشۇر ئىسلامنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۇنىكودقا ئىلتىماس قىلىندى، بۇ قەدىمكى يېزىقنىڭ كود ئورنى تەستىقلىنىش ۋە بېكىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ يېزىقنىڭ يۇنىكودقا ئىلتىماس قىلىنىشى ۋە بېكىتىلىشى ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىغا دائىر تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تارىخچى ۋە تىلشۇناسلارغا تېخىمۇ ياخشى قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى.


خەتكۇچ : UKIJ تۆھپىكار تۇرسۇنجان سۇلتان ئالىپ ئەپەندى توغرىسىدا
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار