ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-11-04 23:34:00 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى


ئاپتورى: ئابدۇرېھىم راخمان


تارىختا بىزگە ئوخشاش كۆپ دىنغا چوقۇنغان، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت بولمىسا كېرەك. بىزدە ھەقىقەتەن «ئىسلاھات» روھى كۈچلۈك، ھەرقانداق زامانغا، ھەرقانداق ئىشقا ئاسانلا كۆنۈپ قالىمىز، بۇ خىل «كۆنۈش» بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خاسلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپ ھەققىدە سۆزلەشكە تىلىمىز قىسىلىدۇ. باشقىنى قويۇپ 50 يىلدىن بۇيانقى تىل – يېزىق ئىسلاھاتىغا نەزەر سالساق، ھەيرانلىقتا قالىمىز. بىز 50 يىلدا ئالتە قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردۇق. 1951-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. 1958-يىلىغا كەلگەندە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىسى بار» دەپلا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانلاشتۇردۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا جۇڭگو – سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىزمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تاشلاپ لاتىن ھەرپلىرىگە يۈزلەندۇق. 1000 يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ، تىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ كەلگەن يېزىق سىستېمىسىنى «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئارىمىزدىن ھەيدەپ چىقاردۇق.

ھازىر، كونا يېزىقتا ساۋاتى چىقىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ بىزدىكى تىل – يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تۈپكى ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ تايىنلىق، شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا قانچىلىك تەلەپ قويالايدۇ؟ ياق، ئۇلار خېتىنىڭ سەت، ئىملاسىنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك بولماسلىقىنى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ياپماسلىقى كېرەك.

بىر چاغلاردا «خەلق گېزىتى» گېزىت يۈزىدىن تۆت خاتا خەت تاپقانلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئۇلار ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشەنگەن. بىراق، بىزنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىمىز ھېچقاچان مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقالىغىنى، بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق، بىزنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىمىزدىن كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ ئىملا خاتالىقىدىن بەش – ئوننى تاپقىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «تىل – يېزىق نىزامى» (1994-يىل) نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. لېكىن تاكى ھازىرغىچە ھەر خىل ۋىۋىسكا ، ماركىلار، ھەتتا گېزىت – ژۇرناللاردىكى ئىملا خاتالىقلىرى ئۈچۈن ياكى يېزىقىمىزنى خاتا، ھېچبولمىغاندا ناھايىتى سەت يازغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ئۈچۈن قاتتىقراق گەپ قىلىنغىنى يوق. «ئىملا قائىدىسى»، «تەلەپپۇز قائىدىسى» دەپ تۈزۈپ قويغىنىمىز بىلەن، شۇلارغا ئەمەل قىلمىغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ھېچيەردە قاتتىقراق تەنقىد قىلىنغىنى يوق، ھازىرمۇ ئەتراپىمىزدا ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان شەكىللەرنىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق» ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردا بەزى كىشىلىرىمىزدىن ھېچبىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ يۈرىمىز.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساشقا باي تىل ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 1000 يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن ئاتالغۇلار ياساپ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. ئەمدى بولسا 1000 يىل بۇرۇن ياسالغان «باغىرداق» نىڭ ئورنىغا «لىپتىك» نى، «ئەڭلىك» نىڭ ئورنىغا «لەۋ سۇرۇخ» ياكى «كوخۇڭ» نى ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتىگە، ھېچبولمىغاندا ۋاقىت مەسىلىسىگە سەل قارالغانلىقتىن، نۇرغۇن ئاتالغۇلار باشقا تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشتى ياكى ياسالغان تەقدىردىمۇ يېزىق تىلىدىلا قوللىنىلىپ، جانلىق تىلدا يەنە باشقا تىلدىكىسى قوللىنىلماقتا، ھەتتا بەزى ئاتالغۇلار ئىككى تىلدىن كىرىپ ھەر ئىككىسى ئۆزلەشتى.

مۇشۇنداق بىپەرۋالىق تۈپەيلى، خەنزۇ تىلىدىن باشقا، رۇس تىلى ۋە خەلقئارا تىللاردىن 50-، 60-يىللاردا كىرىپ ئۆزلەشكەن 3000 دىن كۆپرەك ئاتالغۇ تىلىمىزدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا. تېببىي ۋە تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى ھەم ئارمىيىدە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلاردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇ ھال بىزنىڭ تەبىئىي پەندىكى ئاجىزلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ، ئۇيغۇر تىلىنى «كارغا كەلمەس تىل» قاتارىغا ئىتتىرمەكتە. بۇ بۇ جەھەتتىكى ئاتالغۇلارنى خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت تىللىرىدىن شۇ پېتى ئەكىلىپ ئىشلىتىۋەردۇق. ئۆتكەندە بىرى، «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش رېلىسلاشتۇرۇش» دېمەي «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش لىنىيىلەشتۈرۈش» دەپ تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. لېكىن تاھازىرغىچە ھېچكىممۇ «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى»، «لەنجۇ-شىنجاڭ تاشيولى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلمىدى. لەنجۇنىڭ بىر شەھەر، شىنجاڭنىڭ بىر ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوبدان بىلسىمۇ، بىر شەھەر بىلەن بىر ئۆلكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى، بۇ ئاتالغۇنىڭ سىياسىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، لوگىكىلىق مەنا جەھەتتىنمۇ باغلانمايدىغانلىقىنى، باغلانماسلىقى لازىملىقىنى ھېچكىم ئويلاپ قويمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە «ئامېرىكا ۋاقتى» ياكى «فرانسىيە ۋاقتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دېگەننىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ ۋاقتى» دەپ قوللىنىپ كەلدۇق.

60-يىللاردا «ئەدەبىيات»، «ھېساب» دېگەنلەرمۇ ««يۈۋېن»، «سۈەنشۇ» دەپ ئۆزگەرتىلدى. شۇ چاغلاردا ئاشۇنداق ئاتىيالىغانلار «زىيالىي»، «بىلىملىك» دەپ قارالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇ ئىشلىرىمىزدىن نومۇس قىلىمىز. بىراق، «مەدەنىيەت» نىڭ ئورنىغا «سىۋىلزاتسىيە»، «ئىنسانپەرۋەرلىك» نىڭ ئورنىغا «گۇمانىزم»، «ئىملا قائىدىسى» نىڭ ئورنىغا «ئورفوگرافىيە» دېگەنلەرنى ئىشلەتكەنلەر ئارىمىزدا مەيدىسىنى كېرىپ يۈرىدۇ. جانلىق تىلدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، بەش يىلنىڭ ئالدىدا «دوستلۇق»، «دۆڭكۆۋرۈك»، «قىزىلتاغ» دېگەن يەر-جاي ناملىرىنى خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشمۇ تەس بولۇپ كەتتى.

بىرسى مەندىن « <شىنجاڭ ئۆكتەبىر تراكتور زاۋۇتى> دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئۇيغۇرچە؟» دەپ سورىغاندا، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قىزارغانىدىم. «بۇنداق مىساللار لازىم بولسا كۈرمىڭى تېپىلىدۇ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

بۇلار يەتمىگەندەك، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئاسمىنىنى قاپلاپ، قۇلاق-مېڭىنى يەپ تۇرىدىغان ساپاسىز ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى دېمەمسىز! ئەنئەنىۋىي خەلق ئاھاڭلىرىنى بۇزۇپ ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغىنىنى ئاز دەپ، «يالتىراپ چاقناپ تۇرغان، بۇلاقتەك قارا كۆزۈڭگە»، «بىز كۈيلەيمىز، سىز ئوينايسىز، بىر، ئىككى، ئۈچ، بۇ نېمە؟» دېگەندەك قاملاشمىغان مىسرالارنى تىزىپ خەلققە ساتماقتا.

تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان جۈملىلەر:

- بۇ ھەپتە دالىبەيمۇ، شولىبەيمۇ؟ (بۇ ھەپتە چوڭ ھەپتىمۇ، كىچىك ھەپتىمۇ؟)

- شىبېيلۇدا چۈشۈپ، 7-يولغا ئولتۇرۇپ، گوڭشۆيۈەندە چۈشۈپ قالساڭ باۋۇگۇەننى تاپالايسەن. (غەربىي شىمال يولدا چۈشۈپ، 7-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سانائەت ئىنستىتۇتىدا چۈشۈپ قالساڭ، مۇزېينى تاپالايسەن.)

- شىندادا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى پاڭ-پاڭدى، شەھەرلىك نوڭخاڭغا بۆلۈنۈپتۇ. (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى سېمىز، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بۆلۈنۈپتۇ.)

1000 يىل بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز ئەرەب-پارس تىللىرىدا ئەسەر يازسا، ئەرەبچە – پارسچە سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ سۆزلىسە «ھۆرمەت» تاپقان ئىدى. شۇ دەۋردە ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت، ھۆرمەت سۇسلاشقان، زىيالىيلىرىمىز ئەرەب-پارس تىللىرىغا جېنىنىڭ بارىچە يېپىشقان، چوقۇنغان ئىدى. نەتىجىدە تىلىمىزدا ئەزەلدىن بار بولغان «باقى» نىڭ ئورنىغا «تارازا» نى، «بالىق» نىڭ ئورنىغا «شەھەر» نى، «تۆشەك» نىڭ ئورنىغا «كارىۋات» نى، «بېتىك» نىڭ ئورنىغا «خەت» نى، «كەڭ» نىڭ ئورنىغا «غەزەپ – نەپرەت» نى، «يازۇق» نىڭ ئورنىغا «گۇناھ» نى، «ئۇجماق» نىڭ ئورنىغا «جەننەت» نى ئالماشتۇرغان، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم، دەپتەر، كىتاب، گۇۋاھ ، گۆر، گۈل، مەھكەم، مۇراد، مەۋجۇدات، ناشتا، ناتىق، يايلاق، ھاۋا، ھەيئەت، ۋىلايەت، ۋەزىر، ۋاقىت، كىبىر، غەرب، شېرىن، سىركە، راست، دوست، خىجىل، خەۋەر، تەھدىت، ئايۋان، ئېلان، ئەسلى … دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئەرەب – پارس تىلىدىن ئېلىپ ئۆزلەشتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرىغا چىققان فونېتىكا، لېكسىكا جەھەتتىكى بىر تالاي قالايمىقانچىلىقلار ئەنە شۇ ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە تىللاردىن كىرگەن سۆزلەردىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ، شۇ تارىخ يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋېرىدىغان بولساق، 100 يىلغا بارماي تىلىمىز «راست گېپىنى ئېيتىدۇ»، ئۇ چاغدا «ۋاي» دېسەك ئۈلگۈرمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا زىيالىيلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن مەن ئۇنداق كىشىلەرنى ئۆز سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن ياش تۆكسۇن، دېمەكچى ئەمەسمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئەسلىشى، ئانا تىلىغا بولغان بىپەرۋالىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ئانا تىلىنىڭ سۈپىتى، ساپاسى، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشى، شۇلار ئاساسىدا ياشلارنى ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن، بۇنىڭدىن ئىجتىمائىيىتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرى مەنپەئەت كۆرىدۇ .

مەن ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىپ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن، ئۆلگىنىگە 1700 يىل بولغان ئىبراي تىلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن يەھۇدىي تىلشۇناسى ئېزىز يەھداغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، «تىل-ئىككىنچى ۋەتەن» دېگەن ئەقىدە ھەربىر يەھۇدىينىڭ كاللىسىغا مىختەك ئورناشقان، شۇڭا ئۇلار ئۆلگەن تىلىنى تىرىلدۈرۈپ، قايتا دۇنياغا كۆتۈرۈپ چىقتى. بىز بولساق، بارنى يوق قىلىشقا، كۆپنى ئاز قىلىشقا باشلىدۇق.

بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قاراپ باقايلى، دۇنياغا نەزەر سالايلى، خەق تىلىمىزنى ئۆگەنگىلى، تەتقىق قىلغىلى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىلىمىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە نېمىلەرنى ئويلاپ قالار؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ بىر چاغلاردىكى ئەنئەنىۋىي گرامماتىكا نەزەرىيىلىرىنى سۆزلەپ يۈرىمىز، 60-يىللاردا قازاقىستاندا تۈزۈلگەن ئىككى قىسىملىق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» بىلەن خەمىت تۆمۈر ئەپەندى يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» دىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك گرامماتىكا كىتابىمىزمۇ يوق، ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق قائىدىلىرى بىلەن ئون يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (دەرسلىك) نىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى. لېكىن بىز شۇلارنى يەنە سۆزلەۋاتىمىز، سۆزلەيمىز… ئەھۋال مۇشۇنداق بولىۋەرسە، بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ سەن بىزگە نېمە بەردىڭ؟ نېمە قالدۇردۇڭ دېسە، نېمە دەيمىز؟ 1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!

1996-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى


«ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


ئالدىنقىسى : تىل ۋە بىزدىكى يوقىتىش

كېيىنكىسى : كۆز يېشى