سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> فونېتىكا

ئۈزۇك تاۋوشلارنىڭ ماسلىشىشى

تۈر : فونېتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:20:43 | كۆرۇلىشى :

ئۈزۇك تاۋوشلارنىڭ ماسلىشىشى


ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بىر قەدەر ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، ئاساسەن سۆز ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىنىڭ بىىشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش خاراكىترىدە بولۇپ كىلىشىدە، يەنى جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇش جەھەتتە ماسلىشىپ كىلىشىدە ئىپادىلنىدۇ.

ئادەتتە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىزلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن،

بار-بارغان، بارغۇچە، بارىدىم؛ باغ-باغدىن، باغدا.

گىلەم –گىلەمگە، گىلەمدە، گىلەمدىن؛ئۆي-ئۆيدىن، ئۆيگىچە.

ئات-ئاتقان، ئاتقۇچە، ئاتتى؛ كەس- كەسكەن، كەسكۇچە.

مەكتەپ- مەكتەپكە، مەكتەپتىن؛كۆك-كۆككە، كۆكتىن.

لىكىن بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د، ب» تاۋۇشلىرى جانلىق تىلدا«ت، پ»تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، يىزىق تىلىدا يەنلا«د،ص»يىزىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاشتا تەلەپپۇزغا ئاساسەن جۈپلۈك تۈرى بولغان قوشۇمچىلاردىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، كىتاپ-كىتاپقا، كىتاپتا، كىتاپتىن؛ھىساب-ھىسابقا، ھىسابتا، ھىسابتىن؛جەنۇپ- جەنۇپقا، جەنۇپتا، جەنۇپتىن.


خەتكۇچ : ئۈزۇك تاۋوش ماسلىشىش ئۈزۈك تاۋۇش
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار