سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> فونېتىكا

تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيتى

تۈر : فونېتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:19:25 | كۆرۇلىشى :

تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيتى


ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزوق تاۋۇشلارتاۋۇش چىقىرش ئورن ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇ سۇل جەھەتتىن، شۇنڭدەك ئۇزۇك تاۋۇشلار جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولوش جەھەتتىن سوز لەردە،بولوپمۇ سۆزلەر گە ياسىغۇچى ۋە تۇرلگۇچى قوشومچلارئۇلا نغاندا، بىر-بىر گە ماسلىشىپ كىلىدۇ. مانابۇخىل فونىتىكىلىق مۇ ناسىۋەت تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى دىىيلىدۇ .

 تاۋۇشلارنڭ ماسلىشىش قا نۇنىيتى سوزوق تاۋۇشلاردىمۇ ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.

   دىمەك، سۆزتەركىبىدىكى سوزوق تاۋوشنڭ ھەمدە سۆزنىڭ ئا خىرىقى بوغۇمىدىكى سوزوق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە تەر كىبىدىكى سوزوق تاۋۇشنڭ تىل ئورنى ياكى لەۋھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا بىرلىككە كىلىشى- سسوزوق تا ۋۇشلارنڭ ماسلىشىش دەپ ئىككى تۇرگە بۆلۈنىدۇ .

1.       تىل ئورنى جەھتتىكى ماسلىشىش

 ئۇيغۇر تىلىدا خىلى بىر قىسىم قوشومچلار سۆزنڭ ئاق خىرقى بوغۇمىدىكى سوزوق تاۋۇشنڭ تىل ئالدى ياكى تىل كەينى بولۇشىغا قاراپ ئۆزىنڭ شۇنۇڭغا ماس كىلىدىغان ۋارىيانتى بىلەن قوشۇ لىدۇ .

1)               تىل ئالدى سوزوق تاۋۇشلارنڭ ماسلىشىشى ،مەسىلەن ،

 ئۈزۈم-ئۈزۈملەر، ئۈزۈمگە، ئۈزۈملۇك.

بىرىك-بىرىكتۇر،بىرىكتۇرمەك ،بىرىككەن.

كەل-كەلمەك،كەلگەن،كەلسە، كەلتۇرىش .

ئالاقە - ئالاقىلەر، ئالاقىگە،ئالاقىلەشمەك ، دىگەنلەرگە ئوخشاش .

2 ) تىل كەينى سوزوق تاۋۇ شلارنىڭ ماسلىشىشى، مەسىلەن.

قۇرۇل- قۇرۇلغان،قۇرۇلسا ،قۇرۇلۇشلار

قول- قو للار،قوللانماق، قوللانغان .

تەقسىمات- تەقسىماتقا، تەقسىماتقا.

باش- باشلاش،باشتا،باشلانغان دىگەنلەرگە ئوخشاش.

لىكىن بىرقىسىم سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا بۇخىل قانۇنىيەتكە بىقىنمايدۇ . مەسىلەن .

تىل-تىللار، تىلغا ؛ قىل - قىللار، قىلغا دىگەنلەرگە ئوخشاش.            

2. لەۋ ھالىتى  جەھتتىكى ماسلىشىش

1 ) لەۋلەشكەن سوزوق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋەلەۋلەشكەن سوزوق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان كوپ بوغۇملۇق سوزلە ر گە قوشومچلارنڭ لەۋلەشكەن  سوزوق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن .

يۈز-  يۈزۈم ، يۈزلۇك ؛ سۆز-سۆزۇڭ ، سۆزلۇك .

يولۇق- يولۇقۇپ؛ قول- قولۇم ، قوللۇق. 

سۈزۈ ل- سۈزۈلدۈرۇپ؛ كەلتۇر- كەلتۈرۈپ .

2)    لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۇزۇلگەن بىر بوغۇملۇق سۆز لەرگە ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزوق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.  مەسىلەن .

 باغ- باغلىق، بىغىم؛ سەل- سەلگە،سەلدە.

 ئال – ئىلىپ، ئالغان؛ قوللان - قوللانماق.

كۆرسەت - كۆرسەتمەك، كۆرسەتكەن . . .


خەتكۇچ : تاۋۇش ماسلىشىش قانۇنىيەت
ئالدىنقى تېما : ئىنتۇناتسىيە
كېيىنكى تېما : نوتۇق ئىقىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار