سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> فونېتىكا

نوتۇق ئىقىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى

تۈر : فونېتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:26:49 | كۆرۇلىشى :

نوتۇق ئىقىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى



تىل تاۋۇشلىرىنى بىر-بىرىگە قوشۇپ تەلەپپۇز قىلغاندا، ئۆز ئارا تەسىر قىلىش نەتىجىسدە ھاسىل بولغان فونتىكىلىق ئۆزگىرىش نوتۇق ئىقىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى دىيلىدۇ.

بۇ خىل ئۆزگىرىش ئاساسەن، ئىزچىل نوتۇق جەرياندا، بىرەر تاۋۇشنىڭ قوشتا تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى، ئۆزىنىڭ نوتۇق ئىقىمىدا تۇتقان ئورننىڭ ئوخشىماسلىقى، سۆزلەش سۈرىتىنىڭ تىز ياكى ئاستا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نوتۇق ئىقىمىدا يۈز بىرىدىغان مۇھىم تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسلىرى؛ئاسسىلىياتسىيە، دىسسىمىلياتسىيە جاراڭسىزلىشىش، تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، چۈشۈپ قىلىشى، قوشۇلۇپ قىلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

1.                     ئاسسىملياتسىيە

ئاسسىلىملياتسىيە، لاتىن سۆز بولۇپ، «ئوخشىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ »دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇىدۇ.

تاۋۇش چىقىرىش ئورنى بىلەن تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تاۋۇشنى ئارقىمۇ-ئارقا تەلەپپۇز قىلغاندا، بىر تاۋۇش ئۆزگىرىش ئاسسىمىلياتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاسسمىلياتسىيە ئاساسەن جانلىق تىلدا كۆرلىدۇ. مەسىلەن،

مەن+مذ=مەممۇ، ئون+يەتتە =ئوييەتتە

ظو+بەش =ئومبەش، ئۆتۇق+لۇق =ئۇتۇغلۇق

كۆرۈپ+باق =كۆرۈپپاق، بالا+سى =بالىسى

ئاسسىلىملياتسىيە ئاسسىلمىلياتسىيىلىشىش دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىسمەن ئاسسىملياتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

نوتۇق ئىقىمدا بىر تاۋۇشنىڭ يىنىدىكى يەنە تاۋۇشنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئوخشىتىۋىلشى- تولۇق ئاسسىملياتسىيە دىيلىدۇ.

بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيدە، بىر تاۋۇش قوشنا بولغان ئىككىنچى بىر تاۋۇشنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ. مەسىلەن:

يامان+لىق =ياماللىق، تۇز+سىز =تۇسسىز

مارجان+لا =ماجاللا، قاراپ+باق =قاراپپاق

قوش+سا =قوسىسا، ئىچ+سە =ئىسسە

نوتۇق ئىقىمىدا بىر تاۋۇشنىڭ ينىدىكى يەنە بىر تاۋۇشنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزىگە نىسپىي ئوخشىتىۋىلىشى قىسمەنئاسسىملياتسىيە دىيلىدۇ. مەسىلەن:

يىزىق تىلدا                                تەلەپپۇزدا

شەنبە                                        شەمبە

ئون بىر                                      ئومبىر

جانغا                                         جاڭغا

يۇقىرىقى «شەنبە، ئون، ئون بىر»سۆزلىرىنىڭ تەركىبىدىكى «ن»تاۋۇشى قوش لەۋ تاۋۇشى «ب»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەلەپپۇزدا قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، قوش لەۋ تاۋۇشى«م»غا ئۆزگەرگەن. «جانغا»سۆزىدە«ن»تاۋۇشى تىل تۈۋى تاۋۇشى «غ»نىڭ تەسىرى بىلەن قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنپ، تىل تۈۋى تاۋۇشى«ڭ»غا ئۆزگەرگەن.

ئاسسملياتىسيە يەنە قايسى تەرەپكەيۈزلەنگەنلىكىگە قاراپ ئوڭ(ئىلگىرلىمە)ئاسسىمىلياتسىيە ۋە تەتۈر (چىكىنمە)ئاسسىمىلياتسىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

نوتۇق ئىقىمىدا ئىككى تاۋۇش بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەندە ياكى سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، ئەگەر ئالدىنقى تاۋۇش كىيىنكى تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالسا ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان قىلىۋالسا، بۇ خىل ئۆزگىرىغ ئاسسىمىلياتسىيە دىيلىدۇ.

مەسىلەن:

قاراپباق –قاراپپاق، سۆزلەپباق—سۆزلەپپاق

يىزىپ+ بەر =يىزىپبەر، ئىشلەپ+ بەر=ئىشلەپبەر

تىلىمىزدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتى، يەنى سۆزنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشلىرى بىلەن قوشۇمچىنىڭ بىشىدىكى (تەركىبىدىكى) تاۋۇشنىڭ تىل ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئارا ماسلىشىپ كىلىشى ئەمەلىيەتتە ئوڭ ئاسسىملياتسىيە تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئات+تا =ئاتتا، يات+قان =ياتقان

كەل+ گەن =كەلگەن، كۆز+ۈم =كۆزۈم

نوتۇق ئىقىمدا ئىككى تاۋۇش بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەندە، كىينكى تاۋۇش ئالدىنقى تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالسا ياكى ئۆزىگە كىتىدىغان قىلىۋالسا، بۇ خىل ئۆزگىرىش تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە اىيلىدۇ. مەسىلەن «سەنمۇ، توقسان بەش، چىلىكىم، ئىشسىز» قاتارلىق سۆزلەرگە جانلىق تىلدا «سەممۇ، توقسامبەش، چىلىگىم، ئسسىز»دەپ تەلەپپۇز قىلنىشى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش سەۋەبىدىن بولغان.

2 دىسسىملياتسىيە(ياتلاشتۇرۇش)

دىسسىملياتسىيە لاتىنچە سۆز بولۇپ،«ياتلىشىش»دىگەن مەنىنى بىلدۇرۇىدۇ.

تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشايدىغان ياكى سەل ئوخشاپراق كىتىدىغان ئىككى تاۋۇشنى ئارقىمۇ- ئارقا تەلەپپۇز قىلغاندا، بۇ تاۋۇشلارنىڭ بىر تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسسى دىسسىملياتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

دسسىملياتسىيە ئادەتتە ئالدىدىكى ياكى ئارقىدىكى تاۋۇشنىڭ ئۆزگەرگنلىكىگە قاراپ ئوڭ دسسىملياتسىيە ۋە تەتۈر دسسىملياتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر تىلدا دسسىملياتسىيە ھادىسسى ئانچە كۆپ ئەمەس. مەسىلەن،

«ياغاچچى، ئوقتۇرۇش» دىگەن سۆزلەر جانلىق تىلىدا «ياغاشچى، ئۇختۇرۇش»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

ئاسسىمىلياتسىيە ھادىسىسى تەلەپپۇزىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن كىلىپ چىقسا، دسسىملياتسىيە تەلەپپۇزىدا تىل قولاشماي قىلىش مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.دەپ قارلىدۇ.

2.       تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى

تەلەپپۇز جەرياندا، ئاۋاز كۈچنىڭ ئاجىزلىشىش تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان تاۋۇش سۈپىتىنڭ ئۆزگىرىش ھادىسسى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى دىيلىدۇ. مەسىلەن:

ئات+ع =ئىتى، باغ+ىم =بىغىم

بەل+ع =بىلى، ئەت+ىپ =ئىتى

ئاتا+سى = ئاتىسى، تىلىەك+ع =تىلىكى

تىلمىزىدا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادسسى ئومۇمەن، سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كىيىن، قوشۇمچىنىڭ بىشىدىكى تاۋۇزشنىڭ سۆز ئاخىردىكى (بوغۇمدىكى)تاۋۇشنى ئاسسىملياتىسىيە قىلىش تۈپۈيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ. تاۋۇشلار ئاجىزلاشقاندا تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى، جاراڭلىقلىشىشى، نۆۋەتلىشىشى ياكى چۈشۈپ قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ.

1)        سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى

تىلىمىزىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسىن ئوچۇق (تۆۋەن)سوزۇق تاۋڭشنىڭ يىپىق ياكى يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىشىدە ۋە يىپىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلنىشىدا ئىپادىلنىدۇ.

(1)بىر بوغۇملۇق سۆز تەركىبىدكى ئوچۇق ۋە يىرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش «ظا،ظة» قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كىيىن ئورغۇسنى يوقاتسا، ئاجىزلىشىشى يىرىم يىپىق سوزۇق تاۋۇشى «ظئ»غا نۆۋەتلىشىدۇ.

ئەگەر «ظا،ظة»تاۋۇشلىرى سۆزنىڭ ئىككنىچى ۋە ئۇنڭدىن كىيىنكى بوغۇملىرىدا كەلسە(يۇقىرى شەتلەر ئاسىتدا) ئاجىزلىشىپ، يىپىق سوزۇق تاۋۇش «ظع»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

باش+ع =بىشى، جان+ى=جىنى

كەل+ئىپ =كىلىپ، دة+دى =دىدى

بالا+لار =بالىلار، قارا+ ماي =قارىماي

ئۆگەن+ ئىش =ئۆگىنىش، كۆرگەزمە+ دە =كۆرگەزمىدە

(2)يىپىق سوزۇق تاۋۇش «ظع،ظذ،ظى» قاتارلىقلار جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن بىرىككىندە ئاجىزلىشىپ، جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسلەن، ئۇششاق، پىكىر، پىستە، پۈتۈن، تۇتۇن....

2)        ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى

تىلمىزىدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ئاساسەن جاراڭىسز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارغا، پارتىلغۇچى تاۋۇشلارنىڭ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلنىدۇ.

(1) جارڭسىز، پارتىلغۇچى تاۋۇش «ق، پ،ك »بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تەلەپپۇزىدا ئاسسىمىلياتسىيە تۈپەيلىدىن بۇ تاۋۇشلار ھەم جاراڭلىقلىشىپ، ھەم سىيرىلاڭغۇلىشىپ«غ،گ، ۋ،» قاتارلىق تاۋۇشلاغا ئاجىزلىشدۇ. مەسىلەن:

ياتاق+ع =ياتىغى، قۇلاق+ىم =قۇلىغىم

چىلەك+ ع =چىلىگى، كىرەك+لىك =كىرەگلىك

مەكتەپ+ ىڭ =مەكتىۋىڭ، كاتىپ+ع =كاتىۋى

(2) بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن پارتىلغۇچى تاۋۇش«ق»ۋە پارتىلغۇچى سىيرىلاڭغۇتاۋۇش«چ»ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بوغۇملارنىڭ ئالدىدا كەلگەندە، كۆپىنچە «خ»،«ش» قاتارلىق سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:

يىزىق تىلىدا                                 جانلىق تىلىدا

تۇراقسىز                                         تۇراخسىز

ئاقسۇ                                             ئاخسۇ

ئاقساقال                                         ئاخساقال

كەچكىچە                                         كەشكىچە

كۈچلۈك                                          كۈشلۈك

ئۇچلۇق                                           ئۇشلۇق

ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ.

4.تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى

بىزى سۆزلەر باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا ياكى قودۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ تەلەپپۇز قىلنغاندا، ئەسىلدە بار بولغان بەزى تاۋۇش ياكى بوغۇملار چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى دىيلىدۇ.

تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ. بەزىدە بوغۇملارمۇ چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن .

1)                 سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى

 تىلىمىزىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى، يىپىق، قوش بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى بوغۇمدىكى يۇقىرى (يىپىق)سوزۇق تاۋۇش «ظع،ظى،ظذ»قاتارلىقلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۈلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنىغاندا، ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قىلىشىدا ئىپادىلنىدۇ.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى يىزىق تىلدىمۇ ئىپادە قىلىنىدۇ.مەسىلەن:

پىكىر+ىم =پىكىرىم، سىڭىل+ع =سىڭلى

كۆڭۈل+ ع =كۆڭلى، ئۆمۈر+ع =ئۆمرى

ئوغۇل+ۇم =ئوغلۇم، بۇرۇن+ع = بۇرنى

2)                 ئۈزۈك تاۋۇشلارنڭى چۈشۈپ قىلىشى

ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قىلىشىدا مۇنداق ئىكىكى خىل ئەھۋال بار :

(1)«مەن، سەن»ئالماشلىرى چۈشۇم كىلىش ۋە ئىگىلىك كىلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، بۇ ئالمااشلارنىڭ ئاخىرىدىكى «ن»تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە يىزىق تىلدىمۇ ئىپادىلنىدۇ. مەسىلەن:

مەن+نى =مىنى، سەن+نى = سىنى

مەن+نىڭ =مىنىڭ، سەن+نىڭ =سىنىڭ

(3)سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «ر، ل،ھ،ت» قاتارلىق تاۋۇشلار ئومۇمەن، شۇ سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلنىغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل چۈشۈپ قىلىش يىزىقتا ئىپادە قىلنمايدۇ.مەسىلەن:

بازار-بازارغا، كۆر- كۆگەن

قال- قاسۇن، كەل-كەمىدى

ئاگاھ- ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ- گۇناكار

دوست-دوس-بۇرادەر، قەسىت- قەسلىمەك

3)        بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قىلىشى

بۇ خىل ھادىسە ئاساسەن،«پ»رەۋىشدىشى بىلەن ياردەمچى پئىللارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش جەرياندا رەۋىشداش تەركىبىدىك ئاخىرىقى بۇغۇمنىڭ ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قىلىشىدا ئىپادىلنىىدۇ. بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قىلىش يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن:

يىزىق تىلىدا                           تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالغان بوغۇم
ئىلىپ+كەتتى                          ئىپكەتتى\ ئەكەتتى(لع\لىپ)

قوتۇپ+قويدۇ                          قوپقويدۇ\قوقويدۇم (يۇ \يۇپ)

ئىلىپ+چىقىپ+كەتتى               ئىپچىكەتتى\ئىلىپ چىكەتتى(لع\قىپ)

1.                              تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى

ئىزچىلىق جەرياندا بەزى سۆزلەرگە ئايرىم تەلەپپۇز قىلغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇق قالىدۇ.بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى دىيلىدۇ،

تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلشى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ كۆرلىدۇ.

1)   ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى

تىلىمىزىدا بۇ خىل ھادىسە ئوچۇق بوغۇملوق بىر قىىسىم سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالىدىغا بىر «ي»تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى بىلەن ئىپادىلنىدۇ. مەسىلەن:

ئىمزا+ىم =ئىمزايىم، جاپا+ىڭ =جاپايڭ

پولۇ+ ۇم =پولۇيۇم، سذ+ع =سۇيى

دة+ئىش =دىيىش، يذ+ذش= يۇيۇش

بۇ خىل ھادىسە يىزىق تىلىدىمۇ ئىپادىلنىدۇ.

2)   سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى

3)تىلمىزىدا قوشما ئۈزۈك تاۋۇشلار بوغۇم بىشىدا كەلمەيدۇ، لىكىن چەت ئەل تىللىرىدىن (ئاساسەن رۇس تىلدىن)قوبۇل قىلنغان بىر قىسىم قوشما ئۈزۈك تاۇۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەر تىلمىزنىڭ ئادىتى بويىچە تەلەپپۇز قىلنىغاچقا، بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى قوشما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئەسلى شەكلى                              تىلمىزدىكى تەلەپپۇزى

RuiaH(پلان)                           پىلان

CTON(ستوك)                         ئۇستەل

TPAKTOP(تراكتور)               تاراكتور              

KBAUPAU(كۋادرات)             كۇۋادىرات

بۇ مىساللارنىڭ ئالدىنقى ئىككى سۆزدىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يىزىق تىلىدا ئىپادىلنىدۇ. كىيىنكى سۆزلەردىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يىزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ.



خەتكۇچ : نوتۇق ئىقىم تاۋۇش ئۆزگىرىش
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار