سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> فونېتىكا

تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش

تۈر : فونېتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:24:18 | كۆرۇلىشى :

تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش


تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش، يەنى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگەرىشى تىلنىڭ تەرەققىيات جەرياندا يۈز بەرگەن ھەر خىل فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە قارىتلغان. بۇنداق ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا بولغاچقا، ئۇنى ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن سەزگىلى بولىدۇ.

دىمەك، يىل تاۋۇشلىرىنىڭ بىر دەۋىردىن يەنى بىر دەۋىرگىچە بولغان ئۆزگىرىش ھادىسىسى تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش دىيلىدۇ.

تىل تاۋۇشلىرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى يەككە- يەككە يۈ بەرمەستىن بەلكى بىر يۈرۈش، سىستىمىلىق يۈز بىرىدۇ. قالايمىقان يۈز بەرمەستىن، بەلكى قانونىيەتلىك بولىدۇ؛سەۋەبسىز يۈز بەرمەستىن، بەلكە شەرتلىك يۈزبىرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىسى تاۋۇش ئۆزگىرىش قانونيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تىلىمىزدائەسلى يوق تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى چەت ئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزلىشىپ قىلىشى تىل تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي يۈزلىنىش بولسىمۇ، لىكىن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى سەۋبلىك بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزى بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئوخشايدىغان ئىككىنچى بىر تاۋۇشقا قوشۇلۇپ كىتىشىدەك ھادىسلەرمۇ مەۋجۇت.

تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، بەلكى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، يۇقىرىدامىسالغا ئىلىنغان تەمسىلدىكىevdekiسۆزىھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆيدىكى» دەپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ. بۇ سۆزدىكىvئەسلىدەbبولۇپ، تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا سۆز ياكى بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەنbتاۋۇشىvغائۆزگەرگەن،vدىنيەنەzغا ئۆزگىرىشتەك جەريانلارنى بىسىپ ئۆتكەن.

تىل تاۋۇشلىرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىش باشقا تىللارنىڭ تەسىرىدىن يىڭى تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كۆپلەپ قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن تىلىمىزدا «ق»تاۋۇشى پەيدا بولىدۇ.


خەتكۇچ : تارىخىي فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار