سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> فونېتىكا

تاۋۇشلارنىڭ فونىتىكلىق ئۆزگىرىشلىرى

تۈر : فونېتىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:22:01 | كۆرۇلىشى :

تاۋۇشلارنىڭ فونىتىكلىق ئۆزگىرىشلىرى


تىل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتغا ئەگىشىىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۆزگىرىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. يىلنىڭ ماددىي پوستى بولغان تىل تاۋۇشلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندا تىل تاۋۇشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەلەپپۇز قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى    بىر- بىرىگە ئۇلاپ، سۆز ۋە جۈملە شەكىلدە تەلەپپۇز قىلىدۇ. بۇ جەرياندا تاۋۇش سىستىمىسىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانونىيتىگە ماسلىشىش ۋە تەلەپپۇنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىل تاۋۇشلىرىنى تىل ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش زۆرۈرىيتى تۇغۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تىل تاۋۇشلىرىدا بەزى فونىتىكلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىدۇ. بۇ خىىل ئۆزگىرىش ناھايتى ئااستا، لىكىن ئۈزۈلۈكسىز بولۇپ تۇرىدۇ.

تاۋۇشلىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگەرىشلەرنىڭ بەزىلىرى تىلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا شەكىللەنگەن بولسا، بەزىلىرى تىلىمىزنىڭ مەلۇم بىر دەۋىردىكى (ھازىرقى دەۋىردىكى)نوتۇق ئىقىمىدا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا،تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فونىتىكلىق ئۆزگىرىش ھادىسىىنى ئالدى بىلەن تارىخىي فونىتىكلىق ئۆزگىرىش ۋە نوتۇق ئىقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى دىگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.


خەتكۇچ : تاۋۇش فونىتىكا ئۆزگىرىش
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار