تىل ۋە بىزدىكى يوقىتىش
كەچلىكى بۇ نومۇردىن يەنە تېلىفۇن كەلدى، پاراڭلاشسام ئەسلى بىر ئۇيغۇر ئىكەن، ھەيران قالدىم، ئاۋازىدىن خەنزۇمىكىن دەپتىكەنمەن ئەسلى. بۇنى بىلگندىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆزلىسەم ئۇيغۇرچە گەپ قىلالماي يەنىلا خەنزۇچە سۆزلىدى.
ئەتىسى يەنە تېلفۇن قىلدى بۇ ‹مىڭكاۋخەن › بالا، مەندىن بىر ئۆتۈنۈشى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن قوشۇلدۇم، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئاران-ئاران مەقسىتىنى چۈشەندۈردى : ‹‹ مەن خەنزۇچە ئوقۇغاچقا ئاپام مەندىن بەك ئەنسىرەيدۇ، يەنى مېنى باشقا مىللەتتىن قىز تېپىۋالامۇ دەپ بەك ئەنسىرەيدۇ، لېكىن مېنىڭ ئۇيغۇر قىزلار بىلەن توي قىلىش نىيىتىم بار ، شۇڭا ئاپامنىڭ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئاپامنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تېلفۇن قىلىپ بېرەلەمسىز؟ ئاپام ئۇيغۇر قىز دوستۇم بارلىقىنى بىلسە بەك خوشال بولىدۇ......›› ئۇ يەنىلا خەنزۇچە سۆزلىسە ئوبدانراق چۈشەنگۈدەكمەن. مەن ماقۇللۇق بىلدۈردۈم، بۇ بالىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاران-ئاران قىلغان سۆزى شۇنداق يېقىمسىز تۇيۇلدىكى، بۇ بالا خەنزۇچە سۆزلىسە بەئەينى خەنزۇ، ئۇيغۇرچە سۆزلىسە يات مىللەت ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندەك ئادەمنى تولىمۇ بىئارامسىزلاندۇراتتى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ بالىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايدىغان بولدۇم، ئانا خوشال بولسا مەندىن كېتىدىغىنى شۇ تېلىفۇننىڭ نەچچە موچەن پۇلىكەن ئەمەسمۇ ؟
بۇ يېڭى تونۇشقان بالا يان تېلىفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىغان ئاپىسىنىڭ قول تېلىفۇن نومۇرىنى باستىم، سەل كەچ بوپ قالغاچقىمۇ قارشى تەرەپتىن سادا يوق، يەنە بىر قېتىم تېلىفۇن قىلدىم. قارشى تەرەپتىن يېقىملىق بىر ئاۋاز كەلدى. ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم....مەن جىددىيلىشىپ تېزلا ۋەلەيكۇم ئەسسالامنى ئاران دېدىم. ئۇ ئايال ‹‹ سىز....... ›› دەپ بولغىچە مەن: ‹‹ ياخشمۇسىز ئاپپاي، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، مەن ئوغلىڭىزنىڭ دوستى بولىمەن دېدىم. توۋۋا ھەرھالدا خاتا گەپ قىپ سالمىدىم. ئۇ ئايال بىردىنلا شۇنداق قىزغىن بولۇپ كەتتى..... مەندىن ئەھۋال سوراپ بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلدى، ئانا ئەمەسمۇ، قىزى بولمىغاچقا قىزغا ئامراق ئوخشايدۇ، ئەپسۇس مۇشۇنداق بىر ئانىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان بالىنى تەربىيلىگىنىدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىپ بۇ ئاپپاينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئانا تىلىمدا تەبرىكلەپ، يېڭى دوستۇمنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىدىم، ئانىمۇ بالىسىدىن خوش بولۇپ قالدى، ئۆزۈممۇ بىر خىل خوشال بوپ قالدىم، ئانىلار خوشال بولسا بىزمۇ خوشال بولىمىز ئەمەسمۇ؟
بۇ دوستۇم ئانىسىغا تېلفۇن قىلغاندا ئانىسى شۇنداق قىزغىن بولۇپ كېتىپتۇ، ئىلگىرى ئانچە كۆپ سۆزلىمەيدىكەن ، مەن تېلفۇن قىلىپ شۇنداق خوش بولۇپ جىق گەپلەرنى قىپتۇ، دېمەك ئانا ئوغلىدىن ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم بولغان ئىدى، ھەي تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ..............
شۇ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان يىگىتلىرىمىز.......... ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى..... چوڭلار بىزدىن ئۇيۇلۇپ قالمىسۇن، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا كەمتۈكلىشىپ قالمىسۇن!!! گۈزەل ئانا تىلىمىزدا چوڭلىرىمىز بىلەن گەپلەشسەك، ئۇلارمۇ خوشال بولىدۇ، مەيلى بىز باشقا تىلنى ھەرقانچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىسەكمۇ يەنىلا ئانا تىلنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان بارلىق مېھنەتكەشلەر بىز ئۈچۈن مىللىتىمىز ئۈچۈن تىرىشماقتا................
بىز تىرىشساق بىزنىڭ قولىمىزدىن نۇرغۇن ئىشلار كېلىدۇ، بىز قەدرىنى قىلمىغاننى شۇنچە يىراقتىكى چەتئەللىكلەر قەدرىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇنتۇپ قالمايلى :
تىل
ئۆلگەن
جايدا
مىللەتنىڭ
ھاياتى
خازان
بولغان
بولىدۇ
مەنبە: http://bbs.alkuyi.com/thread-20692-1-2.html
«تىل ۋە بىزدىكى يوقىتىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : خاتا ئىملادىن كېلىپ چىققان «يۇمۇرلار»
كېيىنكىسى : ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- «ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»
- ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟
- يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
- ئۇيغۇرچە,سۆزلىشىش
- ئانا تىلنى سۆزلەشنى ئائىلىدىن باشلايلى
- كۆز يېشى
- ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
- تىل ۋە بىزدىكى يوقىتىش
- خاتا ئىملادىن كېلىپ چىققان «يۇمۇرلار»
- سۆزى ئىززەتلىكنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
- 300پارچە خەت ۋە ئانا تىل
- ئانا تىلنى سۆزلەشنى ئائىلىدىن باشلايلى
- ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ
- خاتا ئىملادىن كېلىپ چىققان «يۇمۇرلار»
- تىل ۋە بىز
- ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت--ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى
- كۆز يېشى
- يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار