ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت--ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-08-24 18:18:41 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش



ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت





ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟


ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار قېنى تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ،ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ. سىز ئاشۇ ئاڭسىز ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟



ئىت چېغىدا تانماس ئىتلار قەۋمىدىن،

ئەلمىساقتىن ياشاپ كەلگەن قاغىمۇ.

ئاڭلىغان يوق ئات ئىشەكتەك ھاڭرىماس،

ئۆز زۇۋاندا چېلىنىدۇ ناغرىمۇ.



شاتۇت دوراپ مەھرۇم بولدى ئەسلىدىن،

كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ياشار قەپەزدە.

گەر سايرىسا بۇلبۇل بۇلۇپ شۇ كاككۇك،

ئۇچالامتى كۆك ئاسماننىڭ قەھرىدە.



كۆپ تىل بىلىش شەرەپ دېگەن ئەجدادىم،

ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت.

ئۆز تىلىدا چىللار خۇراز ھەر سەھەر،

ئۇيمۇ قىلماس مۆرىشىگە خىيانەت.


بالام دىسە ئانىلار سىزنى ھەردەم،

ئانا تىلدا سۆزلىگەن ئەمەسمىتى.

ئۇرغۇي دېسە باشقىلار زاڭلىق قىلىپ،

بۆرە جېنىدا ھۇۋلاپ كەتكەنمىتى.



ئويلاپ بېقىڭ سۈيۈملۈك قېرىندىشىم،

ئىت ئىشەكتەك سىزمۇ ھەم بولدىڭىزمۇ،

ئانا تىلنى ھەرۋاقىت جان دەپ بىلىپ،

ئانا تىلغا تۆھپىلەر قوشتىڭىزمۇ؟


مەنبە:http://bbs.misranim.com/thread-108687-1-1.html



«ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت--ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر