ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟
ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟
-ئانا تىل بايرىمى كۈنىدىكى ئەندىشە
ئەزىز ئەيسا
1->تۇلۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا 2013-يىلى ئاقسۇ شەھرىدە خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار 4000مىڭدىن ئاشىدىكەن .ئاقسۇ شەھرى 5-ئوتتۇرا مەكتەپنى مىسال ئالساق ،5-ئوتتۇرا مەكتەپتە 1000ئۇقۇغۇچى بار .دىمەك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتەك ئۇيغۇر مەكتەپتىن تۆت مەكتەپ يۇقۇدى...(بۇ جۈملىنىڭ داۋامىنى ئۈزىڭىز ئويلاڭ...)
2->ئاقسۇ شەھرىدە پارتىيە ھۈكىمەت ۋە مەكتەپ ياكى بارلىق كەسپى ئۇرۇنلارنىڭ ھەرقاندىغىدا يىغىن ،ياكى ئالاقە خەنزۇ تىل-يىزىقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇ ئەھۋال ھېلىقى ئېقى قەغەز ،قارىسى سىيا تازىلىق قەغىزى ئورنىدىكى ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا خىلاپ بولسىمۇ...كۈچى بىلەن شۇنداق دەپ تۇرايلى . ئەمدى كۈندۈلۈك تۈرمۇشتا قانداق سۆزلەش، تىلىمىزنى قانداق ھىمايە قىلىش ئۆز ئىختىيارىمىزدىكى ئىشقۇ؟ ئەھۋال قانداق بۇلىۋاتىدۇ قاراپ باقايلى ؛بىرئاي ئاۋالقى مەلۇم مەرىكە زالىدا كەچتە مەسلىھەت چاي.ھەممە مېھمان ئۇيغۇر .ئۈچ نەپەر 50ياشلار ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا سوت خادىمى بىلەن جەمى تۇققۇز نەپەر كىشى بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ قالدىم .بۇ ئۈچ نەپەر كادىر خەن تىلىدا شۇنداق پاراڭلىشىپ كەتتىكى ...ئېھتىمال بەك سەۋىيىسى باركەن دەپقالسۇن دەپ ئويلىدىمۇ قانداق ،تاكى مەن بۇ جوزىدىن قۇپۇپ كەتكۈچە كالدىرلىدى. ئىچىمدە ئويلىدىم؛خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان ياش بالىلارنىغۇ شۇنداق سۆزلىدى –دىسەك .ئەمدى بۇ 50ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە نىمە بولدى...؟بۇ ئىختىيارى تۇرمۇشقۇ ؟!!تازىلىق ئۈيىدە بىر يىل ياشىغان كىشى گەندىنىڭ پۇرىقىنى ئەتىر دەپ ئويلاپ قالامدىغاندۇ؟
3->يېقىندا ئارمان شىركىتىنىڭ ئانا تىلنى قەستەن چەتكە قاققانلىغى –ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس .(بۇ ئۇلىنىشقا قاراڭ http://bbs.misranim.com/thread-118395-1-1.html) دىمەك ئارمان شىركىتىمۇ ھەقىقەتكە، مىللى مەنپەتكە ئەمەس پايدا ،نەپنىڭ قاش قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىدىغانلىغىدەك پۇرسەت پەرەسلىگى شەرەپسىزلىگى ئاشكارىلاندى. مۇشۇنداق بىر شىركەت ئازغۇنلۇقتا،ئادالەتسىزلىكتە باش بۇلىۋاتسا ....
4->ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچى ياكى بىر زىيالىدىن سوراپ باقاي ؛بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇتىۋاتامسىز ياكى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇقۇتىۋاتامسىز؟ مىنىڭچە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنى مۇھىم بىلىپ ئۇقۇتىۋاتقانلارمۇ...بۇ يولدا ئەجىر قىلىۋاتقانلارمۇ بار .ئەمما يەنىلا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇتىۋاتىدۇ. سەۋەپ ناھايتى ئاددى –"ئۇيغۇر مەكتەپلەردە سۈپەت بەك تۈۋەن"(تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ سۈپىتى بەك تۈۋەن ياكى ئۇقۇتۇش سۈپىتى ياخشى مەكتەپلەردىكى تۇللۇقسىز سىنىپقا بالا قۇبۇل قىلىش ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.)."ھەرقانداق ئىشتا خەنزۇتىلىنى بىلمىسە زادى بولمايدۇ.",”خەنزۇ تىلىنى بىلمىسە خىزمەت تاپقىلى بولمايدۇ"(ئۇيغۇر تىلىنى كىشىلەر كۆپ ئىشلەتمەيدۇ)"…
5-ئاقسۇدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ، ھەتتا يەسلىگىچە "قوش تىل"(ئەمىلىيەتتە يەككە تىل،خەنزۇ تىلى-دۇنياۋى ئالدامچىلىق )ئۇقۇتۇش 100%ئەمەلگە ئاشتى دىگەن خەۋەرنى ئۇقۇدۇم ...ئاخشاملىرى ھەممىمىز ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئولتۇراق رايۇنىدىكى گۈللۈكتە تۇرۇپ كۈزىتىمەن .كۆز ئالدىمدا 20-30چە ئۇيغۇرنىڭ بالىسى ئويناۋاتىدۇ...بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلىمەيدۇ ..."ئەييا ...لېي سىلا..."،"بۇياو پاۋ ...خۇي..لەي..."...
ئۆزئىچىمدە ئىزتىراپ چىكىمەن...بىز مۇشۇ 50-40ياشلاردىكى ئۇيغۇرلار يەنە 10يىل،15يىلدىن كىيىن …كەتسەك ...كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىلىدا سۆزلىمىگەن شۇ بالىلار بالاغەتكە يەتكەندە سۆزلەرمۇ ...ئانا تىلنى ئىشلىتەرمۇ؟شۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقى ئانا تىلدىكى گېزىت –ژورناللار...نىڭ تەقدىرى ،ئىسىل مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ تەقدىرى نىمە بۇلار...كىم بىزنى شۇ ۋاقىتتا ئاساسەن ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كەتكەن،تىلى يىزىقى ئاساسەن يۇقۇلۇپ بولغان ئىلىمىزدىكى 2-مانجۇلار بۇلۇپ قالمايدۇ –دىيەلەيدۇ!!...شۇ ۋاقىتتا بىر قۇلىمىزدا ئېغىزىمىزنى يەنە بىر قۇلىمىزدا كۈتىمىزنى تۇتقان ھالدا شۇ يۇقۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى نەدىن ،يەنە كىمدىن ئىزدەيمىز؟ مەن شۇنداق ئويلايمەن .تارىختىن بۇيانقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر باخىتسىزلىگى سىرتنىڭ تەسىرىدىن كۈرە ئۈزىمىزنىڭ ئۆز-ئۈزىمىزگە گۆر كولاشتەك ئازغۇنلۇقىمىزدىن، مۇناپىقلىقىمىزدىن كىلىپ چىقمىغانمۇ؟
بىر كۆركەم قەسرىم بار ئىدى رەستىدە.
قەسرىمنى قۇزغۇنلار ئۆرۈش قەستىدە.
ھەي ئىسىت شۇ قەسرىم غۇلىدى بىردىن
ئىچىدىن تۈگەشكەن ئىكەن ئەسلىدە.
مەنبە:مىسرانىم
«ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
كېيىنكىسى : «ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
- ئانا تىل - مۇھەممەتئېلىجان2012-06-12
- جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى2012-06-12
- ئانا تىلىم--رەسول ھەمزەتوف (داغىستان ئاۋار شائىرى)2012-06-12
- ئانا تىلىم – دانا تىلىم2012-06-12
- ئانا تىلىم جان تىلىم2012-06-12
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- ئانا تىلغا خىيانەت تۇز كورلۇق ،ھەم جىنايەت
- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا لېكسىكا گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توغرىس
- تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز
- ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈت يېزىقى
- «ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»
- ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟
- يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
- ئۇيغۇرچە,سۆزلىشىش
- ئانا تىلنى سۆزلەشنى ئائىلىدىن باشلايلى
- كۆز يېشى
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
- 300پارچە خەت ۋە ئانا تىل
- ئانا تىلنى سۆزلەشنى ئائىلىدىن باشلايلى
- ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ
- «ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»
- خاتا ئىملادىن كېلىپ چىققان «يۇمۇرلار»
- تىل ۋە بىز
- ئانا تىلىمىز يەنە قانچە ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ؟
- ئانا تىلنى ئۇنتۇش مەڭگۈ خىيانەت--ھايۋانچىلىك بولالىدىڭىزمۇ؟
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار