ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-07-21 21:03:30 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ

دىلنۇر رەيھان
(فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ئۇنۋىرسىتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسسىس قىلىنغانلىغىنى خاتىرلەش ئۈچۈن Jeck بلوگى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن يىزىلغان )

ئۇيغۇر تىلىنىڭ فرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە رەسمى ھالدا دەرس قىلىپ بېكىتىلگەنلىك خەۋىرى ئۈندىدار، كوت-كوتقا ئوخشاش پاراڭ قۇتىلىرىدا تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن، بەزى ساۋاقداشلار ماڭا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تولۇقراق ئۇچۇر ۋە مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى سوراۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان جەك بلوگىمۇ مېنىڭ بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىيرەك ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ خەۋەرنى مەن رەسمى ئۇقتۇرۇش ئالغان ھامان، خوشاللىقىمنى باسالماي، فېيسبۇكتا ئېلان قىلغاچقا ۋە تەپسىلى مەلۇماتلارنى كېچىكىپ ئالغاچقا، پەقەت ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قىسقا ماقالە ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا مانا ئەمدى جاۋاپ ئېلىپ كېلەلىدىم.
بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئاخىرى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنىستىتۇتىدا رەسمى ھالدا تولۇق كۇرس دەرسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ ئۇنىۋېرسىت فرانسىيەنىڭ بىردىنبىر شەرقشۇناسلىق ئالى بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئوتتۇرا-شەرقتىن تا يىراق ئاسىياغا قەدەر بولغان بارلىق چوڭ-كىچىك دۆلەت تىللىرى ۋە مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇنىۋېرسىتقا كىرىش جەريانى
ئەلۋەتتە، ھېچقانداق بىر نەتىجە ئاسان ياكى بىر نەچچە كۈندە قولغا كەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتتا تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ يىللىق ھارماي-تالماي، زېرىكمەي قىلغان ئەجر-مېھنەت كەتتى دېسەم كەمتەرلىك بىلەن ئاددى تەرىپلىگەن بولىمەن. فرانسىيەگە يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا، كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇر دېسەم ھېچكىم ۋە ھېچكىمنىڭ مىسقالچىلىق تونۇشى يوق ئىدى. فرانسىيەگە كېلىش مەقسىتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، فرانسىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تونۇش ھاسىل قىلىدىغان بىر كەسىپنى ئىگەللەش ئىدى.
فرانسىيەگە كېلىپ، ئىككى-ئۈچ يىلدىن كىيىن فرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئاسىيا، شەرقى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا، ئافرىقا، جەنۇبى ئامرىكىدىكى 93 تىلنىڭ ئۆتىلىدىغانلىقىنى ئەمما ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم. كۈرد، تىبەت تىللىرىنىغۇ دېمەيلا قوياي، ھەتتا بىر نەچچە مىڭ كىشى تەرىپىدىن سۆزلىنىدىغان تۇۋا تىلىنىڭمۇ دەرس قىلىپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنچىۋالا تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. جەمىيەتشۇناسلىقنى باشلىغاندىن كىيىن، نۇرغۇن تۈركشۇناس ۋە جوڭگوشۇناسلار بىلەن تونۇشتۇم. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە 90-يىللاردا تۇنجى قېتىم تارىخى ئانالىز ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كىملىكى مەسىلىسىدە غەرپ ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرىغا كۆپ تەسىر قىلغان داڭلىق جوڭگوشۇناس فخاڭسوۋاز ئوبەڭنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تۈركى تىللار فاكۇلتىت مۇدىرىغا ئۇيغۇر تىلى تەسىس قىلىش تەكلىپى ئەۋەتكۈزدۈم. كەلگەن جاۋاپ قايىل قىلارلىق ئەمەس ئىدى. مۇدىرنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بىر قېتىم ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قاتناشقان ئوقۇغۇچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەرس تەسىس قىلىنمىغان. مېنىڭ ئانالىزىم بويىچە، فرانسىيەدە ئالى مائارىپقا بېرىلىۋاتقان دۆلەت ئىقتىسادى يارىدىمىنىڭ بارغانسېرى قىسىلىشى بىلەن، ئالى مەكتەپلەر بەزى بار كەسىپلەرنىمۇ قىسقارتىپ، ئامال بار ئوقۇتقۇچى توپىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ مەزگىللەردە، ئۇيغۇر تىلىنى دەرس قىلىپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىش ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەقىقەتەن بۇلار ئۈچۈن ئارتۇقچە يۈك ئىدى. نۇرغۇن تىللارغا شۇ تىللارغا ئىگە دۆلەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىنى چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ قازاق ۋە ئەزەرى تىللىرىنىڭ ئوقۇتۇلۇش چىقىمى قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئەلچىخانىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. باشقا تىللارغىمۇ ئۆز دۆلەتلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەمدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغلاردا مەن پەقەت ئاددى ماگىستىر ئوقۇغۇچى ئىدىم. ئالى مەكتەپتە دەرس بېرىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىسى بولۇشۇم كېرەك ۋە ئۇلارنى قايىل قىلالىغۇدەك قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبەم بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، فرانسىيەدىكى ئەڭ ئۇيغۇرپەرۋەر فرانسۇز دوستۇم، جەمىيەتشۇناسلىقتا بىللە ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشىم كېۋىن بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئىنسان پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ پائالىيەتتىن كەلگەن ياخشى ئىنكاسلار ۋە مۇۋەپپىقىيەتلەردىن ئىلھاملانغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىللە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇزنى قۇرۇپ چىقتۇق. تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر ئەمەسلەرگە ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئونغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس بەردىم. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق جوڭگوشۇناسلىرىنىڭ بىرى ھېساپلانغان ئېلىزابەت ئالەسمۇ بار ئىدى. ئېلىزابەت تەتقىقات ئوبېكتىنى بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. پارىژدىكى ئىنسان پەنلىرى ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ جوڭگوشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر قانچە ماقالىلىرى بار ئىدى. 2012-يىلى يېڭى يىلدا، بەختكە قارشى، ئېلىزابەت كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز 50 نەچچە ياشتىلا بىزدىن ئايرىلدى. ئۇيغۇر تىلى دەرسىمدە يەنە تۈرك تىللىرىغا ئاشق، ئەمما فرانسۇز تىلى دېسە ئۆرە قوپىدىغان 60 ياشلاردىكى بىر تىلشۇناسمۇ بار ئىدى. ئۇندىن باشقا ئىتالىيەدىن كېلىپ، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىل شارائىتى توغرىلىق دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ياش سارد قىزمۇ بار ئىدى. 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئىتالىيەنىڭ ساردەنىيە ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى توغرىسىدىكى بىر خەلقئارالىق ئىلمى تەتقىقات يىغىنىغا، ئۇيغۇر تىلىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بۇ بلوگدا بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغان ئىدىم. بۇ ماقالە بىر ھەپتە ئىچىدىلا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. تەقدىر دېگەن ئاجايىپ بولىدۇ. مەن ساردەنىيەدىن قايتىپ كەلگەن بىرىنچى ھەپتەم، ئۇيغۇر تىلى دەرسىم ئۈچۈن كېتىپ باراتتىم. مېترودا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. ئىتالىيە ئاھاڭى كۈچلۈك بولغان  بىر ياش قىز تېلېفوندا، ئۇيغۇر تىلى دەرسىگە قاتناشقۇسى بارلىقىنى ئېيىتتى. مەن ئۇنىڭغا ئادىرىسىنى ۋە ۋاقتىنى بەردىم. قىز كۆپ كېچىكمەيلا دەرسكە كەلدى ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر تىلىغا چىڭ يېپىشتى. بۇ قىز دەل مەن تېخى ئەمدى بېرىپ قايتىپ كەلگەن ساردەنىيە ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەركىزى كالىيارى شەھرىدىن بولۇپ، مەن قاتناشقان تەتقىقات يىغىنى ئېچىلغان كالىيارى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سىياسى پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. بۇ فاكۇلتېتتىن چىققان يەنە بىر سارد قىز ھازىر كانادادا ئۇيغۇر ئاياللىرى توغرىلىق دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ ۋە يازىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرستتا مەن ئۇيغۇر تىلى توغرىلىق ماقالە ئوقۇغاندىن كىيىن، يەنە شۇ سىياسى پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋە مېنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشتا رول ئوينىغان سارد دوستۇم فرانچېسكامۇ ماگىستىرلىق ماقالە تېمىسىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتتى.
ئوغۇز ئۇيۇشمىسىدا بەرگەن ئىككى يىللىق ئۇيغۇر تىلى دەرسىم ماڭا نۇرغۇن ئەمەلى تەجرىبىلەرنى بەردى. ئەلۋەتتە، دەرس ئۆتۈش جەريانىدا سورالغان سوئاللار، فرانسۇز تىلى بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىلار ماڭا فرانسۇز تىلى سۆزلىگۈچىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى قايسى يوسۇندا، قانداق شەكىلدە، قايسى ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈشنى ئۈگەتتى. ئەگەر ئىككى يىل ئۇدا ھارماي، زېرىكمەي، ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ھەقسىز (ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن يىلىغا 110 ياۋرو ئالدۇق، ئەمما بۇ پۇل پۈتۈنلەي ئۇيۇشمىغا بېرىلىدۇ) دەرس بېرىپ، دەرس ئورنىنى ھەقسىز ھەل قىلىپ، ئاخىرى بىر خوشاللىنارلىق نەتىجىگە ئېرىشتىم. ”ئەجرنىڭ تېگى ئالتۇن“ دەيمىز. ھەقىقەتەن شۇنداق. بولۇپمۇ ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن خالىسانە قىلىنغان ئەجرنىڭ تېگى ئالتۇندىمۇ مېھنەتلىك. ۋاقتىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلارنى فرانسىيەدە تونۇشتۇرۇشقا بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىمدىن ھەم سۆيۈنۈپ، ھەم كۆيۈنگەن ئۇيغۇر، فرانسۇز ۋە تۈرك دوستلاردىن نۇرغۇن قېتىم :“بۇنداق بىكارغا ئىشلىمەڭ، ھايات چىقىمىڭىزنى ماۋۇ قىز ماقەدەر مىللەت ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ دەپ بىرى بەرمەيدۇ. تەتقىقاتىڭىز ۋە شەخسى ھاياتىڭىز بىلەن بولۇڭ. سىزگە ئەسقاتىدىغىنى بىر مۇقىم خىزمەت، بۇ ھەقسىز ئىشلار ئۇلۇغ ئەمما سىزگە بىر تىيىن كىرمەيدۇ“ دەپ مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بەرگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. ئەمما فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر كومپىيوتىرشۇناس ۋارس جانباز ماڭا ھەرقېتىم دېگىنىدەك، بۇ مېنىڭ تۇغۇلۇشتىن قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن بىر خۇيكەن. مەن ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز قىلاي، ھەقلىق قىلاي، بۇ ئىشتىن مەڭگۈ قول ئۈزەلمىگۈدەكمەن. 
شۇنداق قىلىپ، 2012-يىلى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى بەرىكەتلىك بىر يىل بولدى. يىل بېشىدا بوغدو ئۇنىۋېرسىتىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق قوللىشى ۋە قىزىقىشىغا ئېرىشتۇق. ماي ئىيىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ بىر بولغان سىتراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىدا يەنە شۇنداق ئۇيغۇر بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتۇق. يىل ئاخىرىدىن ئېتىبارەن، بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى تۇنجى ئۈچ تىللىق (ئاساسلىق ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە) ئىلمى ۋە مەدەنىيەت ژورنىلى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدۇق. شۇئان بىز جىددى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن 2013-يىلى نويابىردا بىر ھەپتىلىك پارىژ ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ئۇيۇشتۇرماقچىمىز. بۇ ھەپتىلىكنى پارىژدىكى تۆت چوڭ ئالى مەكتەپ، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، مەتبۇئات- مېدىيالار بىلەن بىرلىشىپ چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر بايرىمى ئورۇنلاشتۇرماقچىمىز. پائالىيەتلىرىمىزدىن ھەتتا فرانسىيە يۇقىرى پارلامېنتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، بىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر-فرانسۇز خەلقلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ، مەخسۇس مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. ژورنىلىمىزنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئۇيغۇرپەرۋەرلەر ۋە فرانسىيەدىكى بارلىق ئىنستۇت، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كۈتۈپخانىلەرگە تارقاتماقچىمىز. بۇ فرانسىيەدىكى بىر دىنبىر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمى بىلىم ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. فرانسۇز تىلى سەھىپىلىرىمىزدە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر مەشھۇر كىشىلىرى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، فرانسۇز ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز. فرانسۇزچە بىلمەيدىغانلارغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، ھەر بىر ماقالىنىڭ يېنىغا ئۇيغۇرچە قىسقا چۈشەندۈرۈش بېرىمىز.
2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسىمگە قاتنىشىۋاتقان ۋە يېنىمىزدا ئوغۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان تۈرك ئىنىمىز ئاتىللا فرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇتۇپىغا ئوقۇشقا كىردى. مېنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى بۇ ئىنىستۇتقا ئۇيغۇر تىلى كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمنى بىلگەچكە، بىللە بۇ ئىشقا قايتا كۈچەش تەكلىپىنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، يەنە قايتىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركشۇناسلىق ۋە جوڭگوشۇناسلىقتىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق بىر پارچە تونۇشتۇرۇش يازدىم. توردا ئېلان بېرىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىش نىيىتى بار كىشىلەرنى توپلاشقا باشلىدىم. ئاتىللا سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىنى ئۇيغۇر تىلىنى فاكۇلتېتتىن بىرلىكتە تەلەپ قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ياۋرو-ئاسىيا قۇتۇپىنىڭ مۇدىرلىرىگە تەلەپنامە يازدۇق ۋە ئوتتۇزغا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىكىنى بەردۇق. ئارقىدىنلا مەن كەسپى تەرجىمىھالىم ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىش ئىلتىماسىمنى سۇندۇم. تەلىپىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئىچكى يىغىنغا قويۇلدى. بۇ مۇدىرلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە تۈركشۇناس ۋە جوڭگوشۇناس مېنىڭ تەلىۋىم بويىچە، شەخسى نامىدىن مۇدىرلارغا خەت يېزىپ، مەن بىلەن مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدا بىللە ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەسمى دەرس قىلىپ ئۆتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، مەكتەپ يەنە بىر قېتىم ئىچكى يىغىن ئېچىش ئارقىلىق، يانىۋارنىڭ ئوتتۇرى ئاخىرى ئۇيغۇر تىلى تەسىس قىلىش ۋە مېنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشۇم قارارىنى بىزگە ئۇقتۇردى. بۇ ئىشتا ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەمدە بولغان ۋە مەن بىلەن تەڭ كۈچىگەن ئىنىم ئاتىللاغا ئۇيغۇرلىرىمىز نامىدىن تەشەككۈرلىرىمنى سۇنىمەن.
ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئىلگىرى قۇرۇلۇپ باقمىغان بولغاچقا، ھازىرچە تۈرك تىلى فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇمى ھالدا تاللاش دەرسى قىلىپ بېكىتىلدى. دەرس ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بىر يېرىم سائەتلىك بولۇپ، ھازىرچە ئوقۇغۇچى سانىنى ئېنىق بىلمەيمەن. بىر –ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، ئۇنىۋېرستىتنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە پروگراممىلىرىنى ئېلان قىلىمەن. دەرس رەسمى ھالدا 28- يانىۋار باشلىنىدۇ. يىل ئاخىرىدا ”ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس“ دىپلومى تارقىتىلىدۇ. تۈرك تىلى ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، سىرتتىن ئۇيغۇر تىلىغا قىزىقىدىغانلار كېلىپ قاتنىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت.

فرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى
ئۇزۇن ۋە تولۇق ئىسمى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنىستىتۇتى (فرانسۇزچە قىسقارتىپ ئىنالكو دىيىلىدۇ) فرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بۇرۇنقى ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پارىژ شەھرىنىڭ 13-رايونىغا (دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مەھەللە) جايلاشقان. بۇ ئىنىستۇت 1669-يىلى فرانسىيە پادىشاھى لۈدوۋىك 14 دەۋرىدە ياشلار تىل مەكتىپى نامىدا قۇرۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئالى ئىنىستىتۇت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئاساسلىق ئوقۇتۇش تېمىلىرى ئاسىيا، ئافرىقا، شەرق ۋە شىمالى ياۋروپا، ئامرېكا ئەسلى خەلق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى مەركەز قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر جەمئى 93 تىل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن بۇنىڭدىن كىيىن 94 تىل ئۆتىلىدۇ.
مەكتەپ ئوقۇتىلىدىغان تىللار ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى، تىل گۇرۇپپىلىرى، دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ۋە تەتقىقات ھەجىمى قاتارلىق نۇقتىلارغا قاراپ، ئونبىر ئوقۇتۇش-تەتقىقات قۇتۇپىغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەپ تەتقىقاتى، جوڭگو تەتقىقاتى، ياپون تەتقىقاتى، رۇس تەتقىقاتى قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم بىر قۇتۇپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈرك تىللىرى دۇنياسى ۋە پارىس، كاۋكاز، بالقان تىللىرى ياۋرو-ئاسىيا قۇتۇپىنى  شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى باشقا تۈرك تىللىرىغا ئوخشاشلا، تەبىئىلا بۇ قۇتۇپتىن ئورۇن ئالدى.
بۇ مەكتەپنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، تەربىيىلىگەن داڭلىق تىلشۇناس، ئىنسانشۇناس، تارىخشۇناس، سىياسەتشۇناس، ئىقتىسادشۇناس، دىپلومات، تەرجىمانلاردىن باشقا يەنە پ.پ.دا.غا ئوخشاش فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە دېكتورلىرىمۇ، بېلگىيە مەلىكىسى مارىيا لورامۇ مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جوڭگوشۇناسلار ۋە تۈركشۇناسلار جوڭگو، تۈرك دۇنياسى ۋە فرانسىيە ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. تۈركىيەدە فرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ زور تەسىرى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئايرىپ قارالمايدۇ.
مانا كۆرگىنىڭلاردەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنىشى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىخلىنىشتىن راۋاجلىنىشقا قاراپ مېڭىشىنىڭ ئاساسى. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزۈش بۇنىڭدىن كىيىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىلمى نەزەرنى رەسمى قوزغاشتىن دېرەك بېرىدۇ. توغرا، ھازىرچە، ئۇيغۇر تىلى تېخى ئەمدى تەسىس قىلىندى. ئورنى ئاجىز ۋە دەرس سائەت سانى ناھايىتى ئاز. لېكىن، ئەگەر بۇ دەرسنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ياخشى ماڭغۇزالىساق، بىر-ئىككى يىلدىن كىيىن، ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدۇرالايمىز ۋە فرانسۇزلاردا ئۇيغۇرپەرۋەرلىكنى ھازىرقى بىخ ھالىتىدىن رەسمى سەۋىيەگە كۆتۈرەلەيمىز.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ مەكتەپكە كىرىشى ۋە مېنىڭ بۇ دەرسنى ئۈستۈمگە ئېلىشىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەھمىيىتى، ئەسلىدىلا ئەتراپىمدىكىلەرنى نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرپەرۋەر قىلىپ تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان مەن ئۈچۈن بۇ بىر خۇدايىم بەرگەن چوڭ پۇرسەت ۋە پاشالىق كەڭرى مەيدان. شۇ تاپتا ئوغۇز ئۇيۇشمىمىز تەييارلاۋاتقان ئىلمى ژورنال ”ئۇيغۇرلارغا نەزەر“ نى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلارغا تارقىتالايمىز. نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارىژ ئۇيغۇر ھەپتىلىكىمىز ئۈچۈن تەشۋىقات سەيناسى بولالايدۇ. فرانسىيە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇرپەرۋەرلىك مەركىزىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

ئارقا كۆرۈنۈشۈم
مېنى بۇرۇندىن تونۇيدىغانلار كىچىگىمدىن تارتىپ مېنىڭ قانچىلىك ئېتىكىم ئوتلۇقلىقىنى بىلىشىدۇ. يەتتە-سەككىز يېشىمدىن تارتىپ شېئىر يېزىش ئىشتىياقى بىلەن تا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر، مېنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق بىر ئەدىب بولۇپ چىقىشىمغا ھەممەيلەنننىڭ ئىشەنچى كامىل ئىدى. يېزىقچىلىق ، نۇتۇق ۋە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى جەھەتتە زور قىزىقىشىم ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر تالانتىم بار ئىدى. ئىلى گېزىتى، ئىلى دەرياسى ژورنىلى، ئاسىيا كىندىكى، شىنجاڭ ئىشچىلار گېزىتى….قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا شېئىر ۋە ھېكايىلىرىم چىقىپ تۇراتتى. لېكىن بىزنىڭ ئۇ يەرلەردە، ئىقتىسادى، ئىجدىمائى ۋە ئائىلە شارائىتى سەۋەپلىك ئويلىغان كەسىپنى ئوقۇيالمايمىز. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقىقى تالانتىغا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە كۆرمەكچى بولغان كەسىپ ئىگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرمىسىمۇ دوختۇرلۇق ياكى ئېنژىنىرلىق كەسىپلىرىگە تىزىملىتىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا، پارىخورلارنىڭ ئارقا ئىشىكلىرى بىلەن ئورنىنى شۇ باي ياكى ئەمەلدارلارنىڭ بىكار تەلەپ بالىلىرىغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى خالىمىغان بىر كەسىپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ ئىككىنجى خىل تىپتىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا، ئۆزۈم خالىمىغان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇپ قالدىم.
تۈركلەرنىڭ داۋاملىق تەكرارلايدىغان بىر جۈملە دىنى سۆزى بار، مەن فرانسىيەگە كەلگەندىن بېرى، بۇ سۆزنى دەستۇرلۇرۇمنىڭ بىرى قاتارىدا ناھايىتى كۆپ قوللىنىمەن: ”ھەر ئىشتا بىر خەير بار“. بۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇش جەريانىدا، بولۇپمۇ ئوقۇش ئاخىرىدىكى بىر نەچچە ئايلىق پىراكتېكا مەزگىلىدە، دۇنيادا خوشۇم يوق ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئاشق بولۇپ قالدىم. دېمەك باشتا ماڭا رەزىل بىلىنگەن بۇ قىسمەت ئەمدىلىكتە باشقا ئىشىكلەرنى ئېچىۋاتاتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئالدى بىلەن ئالى مەكتەپلەردىن، ئاندىن ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئىزدىدىم. ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا بىر مەزگىل بىكارغا دېگۈدەك قوشۇمچە دەرس بەرگەندىن كىيىن، فرانسىيەگە كەلدىم.
باشتا ئېيتقاندەك، مېنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىشتىكى مەقسىتىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئىدى. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى مەن قېتىمغىمۇ كىرگۈزمىگەن ئىدىم. تاللىغان يولۇم فرانسىيەنىڭ چوڭ گېزىت-ژورناللىرىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەش ۋە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىش ئىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن فرانسۇز تىلىنى ئىگەللەشكە كىرىشتىم. ئۇيغۇرلاردا مەن تىل تالانتى يوق ئادەمنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. پەقەت ئۇچراتقىنىم تالانتىغا يارىشا تىرىشچانلىقى يوقلار بولدى. فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىمۇ تىرىشقانلار مانا مەن دەپ بىلىنىدۇ. بىر يىلدىلا فرانسۇز تىلىنى شۇنچىلىك چىرايلىق، چەتئەل ئاھاڭى ئاز ھالەتتە سۆزلىيەلەيدىغان ساۋاقداشلار خېلى بار. نەچچە يىلغىچە سۆرەم پالاستەك سۆرەلگەنلەرمۇ كۆپ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يەنە باشقىچە. بۇ ھەقتە ئايرىم بىر ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.
فرانسىيەنىڭ ھەر ساھە مۇخبىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، مەتبۇئاتلىرى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا، مۇخبىرلىق كەسپىنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئۇلۇغۋار ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. فرانسۇزچە-تۈركچە قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىتتىمۇ مۇخبىر بولۇپ ئىشلەپ باقتىم. غەرپ مۇخبىرلىقى بىلەن جوڭگودىكى بىز كۆرگەن مۇخبىرلىق ئەلۋەتتە ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ. بۇ يەردە ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق نەرسە شۇ پېتى، ھۆكۈمەتتىن ئايرىم ھالدا تەنقىدى ئانالىزنىڭ ئوبىكتى بولالايدۇ. ھەرقانداق بىر سەتچىلىك ئىختىيارى، ئەركىن ئېلان قىلىنىدۇ. لېكىن مەتبۇئاتلار، مېدىيالار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىلەرنىڭ تېمىسى ۋە سۈرئىتى جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ، سۈپەتكە دەخلى يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك گېزىتلەر ۋاقىت ئۇتۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر مەسىلە توغرىلىق چوڭقۇر تەھلىللىك ماقالىلەرنى ئەمەس، بەلكى تېز خەۋەر ياكى يۈزەكى ئۇچۇر-ئانالىزلارنى بېرىدۇ. تېما تاللاش جەھەتتىمۇ مۇخبىرلار مەتبۇئات مۇدىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىپ، بەزى تېمىلارنى ئۆلگۈدەك خەۋەر قىلسا، بەزىلىرىگە ناھايىتى ئاز ئورۇن بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىش شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن تەس: بىرىنچىدىن ئۇيغۇرلار، دۇنيادىكى باشقا ئۇششاق دۆلەتلەر ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش غەرپ دۆلەتلىرىگە ئۇزاق، غەرپ كىشىلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىسىز ھېساپلىنىپ، پەقەت ئۇلارغا ئالاقىدار ناھايىتى چوڭ ئىشلار (بولۇپمۇ تراگىدىيەلىك توقۇنۇشلار) بولغاندىلا، بەس- بەستە ئۇيغۇرلارنى ئىزدىگىلى، ئۇلار ھەققىدە خەۋەر بەرگىلى تۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بەرگەن خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى جىق بولسا ئىككى-ئۈچ بەت، مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ناھايىتى يۈزەكى ۋە ئېچىنارلىق. بىز ھەققىدىكى گېزىت خەۋەرلىرى شۇنچىلىك ئاز، بارلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى بىر-بىرى بىلەن ئوپئوخشاش. خۇددى ھىندىستان كىنولىرىنىڭ بېشىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئاخىرىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىغىنىمىزدەك، بۇ ماقالىلەرنىڭ بىرىنچى قۇرىنى كۆرۈپلا، ئاساسلىق مەزمۇنىنى بىلىپ بولالايمىز.
شۇنداق قىلىپ، مۇخبىرلىقتىن ۋاز كېچىپ، تەتقىقات ساھەسىگە كىرىشنى نىيەت قىلدىم. چۈنكى پەقەت جەمىيەتشۇناسلىقتىلا، بىر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە سۈرىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تارىخى، ئىجدىمائى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىقتىسادى تەسىرى، ئىچكى ۋە سىرتقى دۇنياسى…قاتارلىق ھەر تىپتىكى ئېلمىنتلار ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە چوڭقۇر ئانالىز ئارقىلىق، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنداق قىلىپ، فرانسىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەمىيەتشۇناس بولۇش ئۈچۈن، تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىدىم. مەقسىدىم دوكتۇرلۇقنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، فرانسۇز ئۇنىۋېرسىتلىرىدا جەمىيەتشۇناسلىق دەرسى بېرىش ۋە ئامال قىلىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتلارغا ئۇيغۇرياش تەتقىقاتچىلارنى ئېلىپ كېلىش ئىدى. مېنىڭ بۈگۈنكى ھەممىدىن چوڭ غايەم بىركۈنى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتلىرىدا، جەمىيەتشۇناسلىقتىن ئۇيغۇرچە دەرس بېرىش. مېنىڭ ھايات دەستۇرلۇرۇمدىن يەنە بىرى: ”ياخشى نىيەت، يېرىم دۆلەت“!


مەنبە: http://jeckblog.com/uyghur-language-will-never-die/


«ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر