ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-02-26 01:03:38 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

«ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»

    نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تىلىمىز ھازىر ھايات-مامات بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقان تىل. لېكىن مەن بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقارالىق تىل ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى،بۇ ئۇرۇنۇشۇم كۆپىنچە قېرىنداشلىرىمىزنى كۈلدۈرۈشى مۈمكىن.گەرچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىش تولىمۇ مۇرەككەپ ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ،لېكىن مەن ئاددىلا بىر مىسال ئارقىلىق نوقتىنەزىرىمنى ئىسپاتلىماقچى،چۈنكى پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن،پاكىت تۇرغان يەردە كۆپ نەزىرىيە سېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.خوش،ئەمىسە تېمىمىزغا كېلەيلى:
    مېنىڭ بىر مىليادىر دوستۇم بار،ئۇ ئادەتتە ئايلاپ-ئايلاپ ئىچىكىرىدە ياكى چەتئەللەردە تۇرۇپ تىجارەت قىلىدۇ(ئەلۋەتتە ھەممە يەردە تىجارەت تورى بار)،ھېيت-بايراملاردا پەيدا بولىدۇ.ئۇ يېزىدا چوڭ بولغان،تولۇقسىزغىچىلا ئوقۇپ تىجارەت يولىغا كىرىپ كەتكەن بولغاچقا ،چەتئەلچە ئەمەس خەنزۇچەدىنمۇ ئانچە ساۋادى يوق.تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۇنىڭ بەزى ئېسىل خىسلەتلىرى توغرىسىدا توختالغىم كېلىۋاتىدۇ.قىسقىغىنە توختىلىپ ئۆتەي.ئۇنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىگى مەندە بەك تەسىر قالدۇرغان،بىرى ئۇ ئىنتايىن تەقۋا،يەنە بىرى بىلىملىكلەرگە بەك ھەۋەس قىلىدۇ،ئۈچۈنچىسى بىر پۇڭنىمۇ ئورۇنسىز خەجلىمەيدۇ.بۇنىڭ پاكىتلىرى:نەچچە مىليونغا مەسچىد سالغان بولسىمۇ زادى قانچىلىك پۇل كەتكەنلىكىنى ھېچ كىمگە تىنمىغان،يىلدا نەچچە مىليونلاپ زاكات بەرسىمۇ كىمگە نەچچە پۇل تارقاتقانلىقىنى بوغالتىردىن باشقا ھېچكىمگە بىلدۈرمەيدۇ،تىجارەتتە بانكىدىن قەرز ئالمايدۇ،ئۆي ساتسىمۇ مۇئامىلىدارلارنى قەرز ئالماي ئۆي پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.مىليادىر بولسىمۇ،ئىلىم ئىگىلىرىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ،ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇشقا ئامراق.كەمتەر،ئاددى-ساددا،قىلچە كېبىرلىك يوق،بىلمەيدىغان ئادەم ئۇنىڭ مىجەزى ۋە تەقى- تۇرقىغا قاراپ ئۇنى مىليادىر دەپ ئويلىشى مۈمكىن ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىمۇ كۆپلەپ بىلىم ئالماي،تىجارەت يولىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئۆزىنى نادان ھېسابلايدۇ.لېكىن مەن  ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقى تۆھپىكارلىرىدىن بىرى دەپ ئويلايمەن،ھەم بۇ نوقتىنى ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بېرىشكىمۇ تىرىشىپ باقتىم. چۈنكى ئىقتىساد ئارقىلىقمۇ مىللەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ.
  ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك،مەن ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ بايلىق ياراتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن سۇئالنى تىلدىن باشلىدىم.يۇقۇرىدا دېگەندەك،ئۇ دوستۇم ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى ئاساسەن بىلمەيدۇ،لېكىن كۆپىنچە يات تىل مۇھىتىدا ياشايدۇ.مەن ئەسلىدە تەڭلىكتە قالارمۇ دەپ خىجىل بولۇپ سورىغان ئىدىم،لېكىن ئۇنىڭ پەخىرلىك جاۋابى مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.مەن ئەسلى ئۇنىڭ چەتئەللەردە تىل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى سورىغان ئىدىم،لېكىن ئۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىدەك بولدى:
-- مەن ھازىرغىچە دۇنيانىڭ نەرىگە بارسام ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىغا تايىنىۋاتىمەن.ئوتتۇرا ئاسىيا،كاپكاز رايونى ۋە تۈركىيەلەردە ئاساسەن ئۆزئارا تىل ئۇقتۇرۇشالايدىكەنمىز،روسىيەدە بولسا يۇقارقى رايون ۋە دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈركىي قېرىنداشلار سانسىز ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ شۇ جايدىكى مۇئامىلەدارلىرىمىزمۇ تۈركىي تىللارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۆزلىيەلەيدىكەن.گېرمانىيە ياكى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىمۇ ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش .شۇڭا مەن ئۇيغۇر تىلىمنى ئەسلى 20-30دۆلەتتە ئۆتىدىغان خەلقارا تىلكەنغۇ دەپ پەخىرلىنىدىغان بولدۇم. بۇنىڭغا قارىغاندا خەنزۇ تىلى ئۇ يەرلەردە زادى دېگۈدەك ئىشلىمەيدىكەن,خەنزۇ تىجارەتچىلەرگە تېخى ئۇيغۇر باللار تەرجىمانلىق قىلىپمۇ بېرىدۇ.......
  بۇ دوستۇمنىڭ جاۋابى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھاڭ تاڭ قالدۇردى،لېكىن پاكىت شۇنداق بولغاچقا ئىشەندىم ھەم ئۆز تىلىمدىن مەنمۇ پەخىرلەندىم.مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ چېگرا ئاتلاپ،خەلقارا تىلغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلماي ،ئەكسىچە ئۇنىڭ تەقدىرىدىن غەم قىلىپ يۈرۈپتىمىز ئەمەسمۇ. ئۆز تىلىمنىڭ قەدرىنى تونۇتقان بۇ دوستۇمغا ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىلىكىگە تېخىمۇ كۆپ  بەركەت ئاتا قىلسۇن،ئۇنى ھەممە يەردە ئۆز شاپائىتى سايىسىدا قىلسۇن.
   قېرىندىشىم،سىز قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتىسىز؟ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتامسىز ياكى ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتامسىز؟

مەنبە:مىسرانىم


««ئۇيغۇر تىلى خەلقارالىق تىل»»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى