ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا لېكسىكا گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توغرىس

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-20 00:48:45 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

 قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا لېكسىكا گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا


تۇرنىسا روزى


بىزگە مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر تىل ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىر تىلنى تەشكىل قىلغان فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق تەركىبلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ شۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى فونېتىكا، لېكسىكا گرامماتىكا، جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلىپ، بېيىپ، بۇگۇنكى دەرىجىگە كەلدى. بۇ ئۇزۇن دەۋر جەريانىدا تىلىمىزنىڭ فونېتىكا سېستىمىسىدا، لېكسىكا سوستاۋىدا ۋە گرامماتىكا قۇرۇلىشىدا بىر مۇنچە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۇرۇش ھەمدە ئۆز تىلىنىڭ تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر خىل سېستىمىدىكى يېزىقلاردىن، جۈملىدىن ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. ئۇلار: كۆك تۇرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بەش خىل يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىقلار Ⅱ ئەسىرلەردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئومۇمىيۇزلۈكرەك ۋە بىر قەدەر ئۇزۇنراق قوللانغان يېزىقلاردۇر. سوغدى يېزىقى ئىرامىزنىڭ ئالدى- كەينىدىن باشلىنىپ Ⅴ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. كۆك تۇرك يېزىقى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولۇپ ئۈچ يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق.IX – XIII ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان. شۇڭا، بۇ يېزىقنى ئوتتۇرا دەۋرنىڭ ئۆلچەملىك يېزىقى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىلىرى بويىچە يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن رايونلىرى، يازغۇچىلارنىڭ مەنسۇپ بولغان قەبىلىلىرى ئوخشاش بولمىغانلىق سەۋەبلىك، بۇ ئەسەرلەردە يەرلىك تۈركىي تىل دىئالېكتىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن. مەلۇمكى، يېزىق تەرەققىياتى مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئەينى دەۋردىكى تۈركىي خەلقلەر ئورتاق ئىشلەتكەن تىل بولۇپ، ئۇ Ⅶ ۋە IX ئەسەرلەردە ئورخۇن – يىنسەي ۋادىلىرىدا ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشلاردا ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان، يازما يادىكارلىقلاردا ئۇچرايدىغان تۈرك- رونىك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن يېزىق ئەدەبىي تىلى ۋە X-XIII ئەسىرلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى (قىسمەن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى) بىلەن يېزىلغان يازما يادىكارلىقلاردىكى يېزىق ئەدەبىي تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى «تۇركىي تىللار دىۋانىي» دا «خاقانىيە تىلى» ياكى «تۈرك تىلى» دەپ ئاتىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تۈركىي تىللارنى فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا جەھەتلاردىن سېلىشتۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي تىللارنىڭ ۋە شىۋىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن، ھەمدە دۇنيادا بىرىنجى بولۇپ تۈركىي تىللارنى ئىلمىي ئاساستا تۈرلەرگە بۆلگەن (كلاسسىفىكاتسىيىلەشتۈرگەن). شۇنداقلا ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن خاقانىيە تىلىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككى تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ تىللارنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى شەرھلىگەن. شۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىققا ئاساس سالغان. «دىۋان» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ تىلىدا ئەدەبىي يېزىق تىلى بىلەن خەلق جانلىق تىلىنىڭ تەركىبلىرى ئارىلاش ئىپادىلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» دا ئالغان مىساللار ئاساسەن خەلق جانلىق تىلىغا يېقىن. ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» دېگەن ئەسىرىنىڭ تىلىمۇ خەلق جانلىق تىلىغا يېقىن. قالغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى بولسا، ئاساسەن يېزىق ئەدەبىي تىلى ئۆلچىمىدۇر. مەھمۇد قەشقىرى يەنە «دىۋان» دا «ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا تىل پەقەت شۇ بىرلا تىلنى بىلىپ، پارسلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش- كىلىش قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىلىدۇر»، «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە، لېكىن ئۆز- ئارا سۆزلىسىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، تۈركىي تىللارنىڭ فونېتىكا جەھەتتىكى پەرقى، ئەينى دەۋردىكى تۈركىي تىللارنىڭ (ئۇيغۇر تىلىنىڭ) ئىچكى قىسمىدىكى شىۋىلىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. چۈنكى ئەينى دەۋردىكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر بىرلا ئەدەبىي تىلدا سۆزلەشكەن، كېيىن ھەر خىل ئىجدىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر پۈتۈن تۈركىي تىل ئايرىم- ئايرىم تىل بولۇپ شەكىللىنىشكە يۈز تۇتقان، مانا ھازىر بۇ تىللار قېرىنداش تىللار (يىلتىزداش تىللار) دەپ ئاتالماقتا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكا، لىكسىكا، گرامماتىكا جەھەتتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ. لېنىن: « ئىجدىمائىي پەن مەسىلىسىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل شۇكى ... ئاساسى تارىختىكى باغلىنىشنى ئەستىن چىقارماسلىق، بەلكى ھەر بىر مەسىلىگە نىسبەتەن مەلۇم ھادىسىنىڭ تارىختا قانداق يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدا قانداق ئاساسىي باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە ئاساسلىنىپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇنىڭ بۇ خىل تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ بۇ ھادىسىنىڭ ئەمدى زادى نىمىگە ئايلانغانلىقىنى كۆزىتىش لازىم » دەپ كۆرسەتكەنئىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكىلىق تۈزۈلىشى يەنى ئۇنىڭ ماددى پوستى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ تارىختا ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى بىشىدىن كەچۈرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى فونىتىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىلىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ماھىيىتىنى, ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى، يېزىش ئۇسۇلىنى، شۇنداقلا ئوقۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتىكى ھادىسىلەرنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.1. فونىتىكا جەھەتتەسوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش سىستېمىسىنى، تاۋۇشلارنىڭ سانى، تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىنى ۋە سۆز يىلتىزى ياكى ئۆزەك بىلەن قوشۇمچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن.① سوزۇق تاۋۇشقەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەردە « ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ » قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلار كۆرۈلىدۇ. بۇلاردىن « ئې » تاۋۇشى تىل ئالدى تار، لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش « ئى » نىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى بولۇپ، بەزى سۆزلەردە مەنە پەرقلەندۇرسىمۇ، باشقا تاۋۇشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەنە پەرقلەندۇرۇش ئالاھىدىلىكى ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس، شۇڭا ئۇنى مۇستەقىل فونىما دېيىش سەل تەسرەك. قالغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مەنە پەرقلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا ئۇلار مۇستەقىل فونېما ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئات ← ئات، ئەت ← گۆش، باش ← باش، بەش ← بەش، قېن ← جازا، كىن ← كېيىن، ئوغرې ← ئوغرى، ئۆگرى ← خۇشال بولماق، ئون ← ئون، ئۇن ← ئۇن، قول ← قول، قۇل ← قۇل، كۆن ←كۆنمەك، كۈن ← كۈن، سۆز ← سۆز، سۈز ← سۈزمەك... قاتارلىقلار. كۆكتۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دەۋرىدە: « ئى، ئې، ئا، ئە »؛ ئەرەب يېزىقى دەۋرىدە: « ئى، ئې، ئا، ئە » بارلىق سوزۇق تاۋۇشلار Ⅷ— Ⅸ ئەسىردىن XV XVI —ئەسىرگىچە ئۇلارنىڭ ئوقۇلىشىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا قاراپ سوزۇلما سوزۇق تاۋۇش ۋە قىسقا سوزۇق تاۋۇش دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بوغۇمى كەڭرى ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش « ئا، ئە » دىن تەركىب تاپقان، ئىككىنچى بوغۇمى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش « ئۇ، ئۈ » دىن تەركىب تاپقان قوش بوغۇملۇق سۆزلەربىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى تەرققىيات داۋامىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن: يارۇق ← يورۇق، ئەتۈك ← ئۆتۈك، بەدۈك ← بۈيۈك، ئازۇق ← ئوزۇق.بىرىنچى بوغۇمى كەڭرى ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش « ئا، ئە » دىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭغا يانداش بوغۇمى تار سوزۇق تاۋۇش « ئى، ئى » دىن تەركىب تاپقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىكى « ئا، ئە » تاۋۇشلىرى يېرىم تار، ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش « ئې » غا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: ياشىل ← يېشىل، ئەمىزگۈ ← ئېمىزگۈ، تەڭىز ← دېڭىز بەزى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى « ئۇ » سوزۇق تاۋۇشى « ئا، ئە » گە ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: سۆگۈت ← سۆگەت، ئۆتنۈ ← ئۆتنە، ئوردۇ ← ئوردا، قوشۇغ ← قوشاق،ئۇيغۇر تىلىغا خاس بىر بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى « ئا، ئە » قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ مەزكۇر تاۋۇشلار ئوچۇق بوغۇم ئاخىرى بولۇپ قالغاندا « ئې » غا، كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى « ئا، ئە » يۇقىرقى شەرت ئاستىدا « ئى » گە ئاجىزلاشقان. مەسىلەن:بارىپ ← بېرىپ، كەلىپ ← كېلىپ، ئاتاسى ← ئاتىسى، چەچەك ← چېچەك، ئەشگەك ← ئېشەك، كەچىك ← كېچىك.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزى تاۋۇش ياكى بوغۇملار چۈشۈپ قالغان. يەنى قىسقىراش بولۇپ، سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىيلاشقان. مەسىلەن: قوغۇرساق ← قورساق، تابىشقان ← توشقان، قۇلغاق ← قۇلاق، تاغىقۇ ← توخۇ.سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئالدىغا « ھ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان. مەسىلەن : ئاردۇق ← ھاردۇق، ئىد ← ھىد، ئۆل ← ھۆل. ② ئۈزۈك تاۋۇش قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىسى سوزۇق تاۋۇش فونىمىلىرىدىن كۆپ مۇرەككەپ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەيدانغا كەلگەن 18 ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىسى « ق، ك، غ، گ، ت، د، ب، پ، ل، م، ن، ر، س، ڭ، ج، ش، ز، ي » ھەر قايسى دەۋرلەرگە ئورتاق بولغان فونىمىلاردۇر. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، يېزىقنىڭ ئالمىشىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى، يات تىللارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىلىرىدىمۇ بەزى پەرقلەر بولدى. مەسىلەن، تۈرك يېزىقى دەۋرىدىكى دىماق تاۋۇشى « نۈ » قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قاتاردىن چۈشۈپ قالغان. قەدىمكى تۈرك تىلىدا « قوي » نى ئىپادىلەيدىغان سۆز « كونۈ » دەپ يېزىلماي بەلكى « قوي » دەپ يېزىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى دەۋرىدە قوش لەۋ تاۋۇشلىرىدىن « ز، خ، ۋ» دىگەن 3 ئۈزۈك فونىمىسى قوشۇلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە يۇقىرىقى 3 ئۈزۈك تاۋۇشتىن باشقا يەنە 4 ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىسى كۆپەيگەن. « ج، ف» بۇ ئىككى فونىما قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ناھايىتى ئاز قوللۇنۇلغان. XV ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. « ه » چىش ئارىلىغى تاۋۇشى « ز » XV ئەسىردىن كېيىن كالپۇك چىش تاۋۇشى « ۋ » قوش لەۋ تاۋۇشى w نىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن. چىش ئارىلىغى تاۋۇشى « ز» يوقالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىسى 24 گە يەتتى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى سۆزنىڭ ھەر قانداق جايلىرىدا يەنى سۆز بىشى ياكى سۆز ئاخىرىدا كېلىۋەرمەي دەۋرنىڭ ئالمىشىشىغا قاراپ ئۆزگەرگەن. مەسىلەن، تۈرك يېزىقى دەۋرىدە « د، گ، غ، ڭ، ني، ر، ز » قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار سۆزنىڭ بىشىدا كەلمىگەن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دەۋرىدە « د، ر، ز » لار سۆزنىڭ بىشىدا كىلىدىغان بولغان. باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار « ني » دا ئۆزگىرىش پەيدا بولغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە « د » يەنىلا سۆزنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن. مەسىلەن، ئاند – قەسەم، ئۇد – كالا، «ب» سۆزنىڭ ئاخىرىدا كەلمەي، ئۇنىڭ ئورنىدا « ۋ » كەلگەن. مەسىلەن: سۇب – سۇۋ؛ ئەب – ئەۋ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى جەھەتتە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى « تا، تە، دا، دە » لەرنى مىسالغا ئالساق، « تا، تە » ئادەتتە، ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان ئىسىملارنىڭ كەينىگە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېلېن + تە ← ئېلىدە، سۇۋ + تا ← سۇدا. « دا، دە » سوزۇق تاۋۇش ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئىسىملارنىڭ كەينىگە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەۋ + دە ← ئۆيدە، ئېلىگ + دە ← قولدا.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەرەققىي قىلىپ، بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلاردا ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەردە ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىلىغىدا كېلىدىغان ۋە بوغۇم ياكى سۆز ئاخىرىدا كېلىدىغان « د » قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە « ز » گە، XV ئەسىردىن كېيىن « ي » گە ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: ئاداغ ← ئازاق ← ئاياق؛ بەدۇك ← بەزوك ← بويۇك؛ بەدرەم ← بەزرەم ← بەيرەم، بايرام، قادغۇ ← قازغۇ ← قايغۇ، قود ← قوز ← قوي. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تېكىستلەردە سۆز ئاخىرىدا كېلىدىغان « غ، گ» جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزىنىڭ جاراڭسىز جۈپلىرى « ق، ك » گە ئۆزگەرگەن. مەسىلەن : سارىغ ← سېرىق، سۇزۈگ ← سۇزۈك، ئانداغ ← ئانداق. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردە ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىلىقىدا كېلىدىغان ياكى ئىككى جاراڭلىق تاۋۇش ئارىلىقىدا كىلىدىغان « ب » تاۋۇشى قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە « ۋ » گە ئۆزگەرگەن.XV ئەسىردىن كېيىن چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن: سۇب ← سۇۋ ← سۇ... قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تېكىستلەردە كۆرۈلىدىغان « ن، ڭ » دىماغ تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن قوش كالوۇك، پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇش « ب » كېيىن قوش كالپۇك، دىناغ تاۋۇشى « م» غا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: بەن ← مەن، بىڭ ← مىڭ، بۇڭ ← مۇڭ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار ئالدى بىلەن تەۋەلىك ئۈچىنچى شەخس بىلەن تۈرلىنىپ، ئاندىن يەنە كېلىش قوشۇمچىلىرى ( ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىشتىن باشقا ) بىلەن تۈرلەنسە، تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىش قوشۇمچىسى ئارىلىقىدا « ن » تاۋۇشىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىدەك قائىدە بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېيىن يوقالغان. مەسىلەن:ئەۋىنگە ← ئۆيىگە، كۆلۈلۈنچە ← كۆڭلۈچە، ئۇياسىنتاقى ← ئۇۋىسىدىكى.تۈركىي تىللىرى ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدا تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھادىسى خېلى گەۋدىلىك كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھادىسە. بىز قەدىمكى چىقىش كېلىش قوشۇمچىسىنى مىسال قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئادەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 خىل ۋارىيانتى كۆرۈلىدۇ. بۇلار تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى تۇغقان تىللار دەۋرىگە كەلگەندە خېلىلا قېلىپلاشقان ۋە بۇ قوشۇمچىلارنىڭ ۋارىيانتلىرىمۇ خېلىلا ئازايغان. بۇنىڭدىن بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھادىسىسىنىڭ قەدىمدە خېلىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، بارغانسىرى ئازايغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە. 1. قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇش سۆز قۇرۇلمىسى تەركىبىدىكى تاۋۇشقا نىسبەتەن كۆپرەك ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، « دان، دەن، تان، تەن، دىن، دېن، تىن، تېن،دۇن، دۈن، تۇن، تۈن ». بۇ خىل قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ سۆزنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى تاۋۇشلارغا ماسلىشىش ئىھتىياجىدىن بولغان. 2. سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلىشى بىلەن سۆزنىڭ ئەسلى يىلتىزى ياكى ئۆزىكىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۇرغۇ يېڭى قوشۇلغان قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا يۆتكىلىدۇ، بۇ ئۇرغۇنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن ئەسلى ئۇرغۇ ئورنىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركىي تىللىرىدا ئۇرغۇ چۈشكەن سوزۇق تاۋۇش ئۇرغۇ چۈشمىگەن سوزۇق تاۋۇشقا نىسبەتەن كۆپرەك ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، ئاتلاغ ← ئىسىملىك، ئاتلىغ ← ئىسىملىك، ئاتلغچا ← ئىسىملىك ( كىشى ) گە، ئالايىن ← ئىسسالاي، ئاليىن ← ئالاي.3. سۆز قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن تاۋۇش سۆز قۇرۇلمىسىنىڭ باش بوغۇملىرىدا كەلگەن تاۋۇشقا نىسبەتەن كۆپرەك ياكى ئوڭايراق ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، ئىكى ← ئىككى، ئىكىگۈ ← ئىككىيلەن، ئىكەگۈنۈڭ ← ئىككىيلەننىڭ، ئىكەگۈكە ← ئىككىيلەنگە، ئەكەگۈنۈڭ ← ئىككىيلەننىڭ.تۈركىي تىللىرىدا سۆز يىلتىزى بىلەن سۆز ئۆزىكى دېگەن ئىككى ئۇقۇم مەنە جەھەتتىن ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئىككى چەكنى ئايرىماق ئانچە ئوڭاي ئەمەس. چۈنكى، ھازىرغىچە تۈركىي تىلنىڭ ئەڭ قەدىمكى سۆز يىلتىزلىرى زادى بىر بوغۇملۇقمۇ، ياكى بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق ئارىلاش شەكىلدىمۇ دىگەن مەسىلىلەر ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن، ھەم ئەمەلىي تەھلىل قىلىش جەھەتتىن تولۇق يورۇتۇپ بېرىلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن قوشۇمچىلارنىڭ ئۆزىمۇ تېخى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە تەھلىل قىلىنغىنى يوق.4. ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىلىقىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش باشقا ئورۇنلاردا كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇشقا نىسبەتەن ئوڭايلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. مەسىلەن، ئىگەلەپ ← ئىگىلەپ، ئىگىلەپ ← ئىگىلەپ، ئىيەسى ← ئىگىسى، ئىيەسىن ← ئىگىسىنى، ئەيەسى ← ئىگىسى.5. سوزۇق تاۋۇش ياكى بوغۇمنىڭ چۈشۈپ قېلىشى. ئادەتتە تۈركىي تىللىرىدا ھەر بىر سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇمغا ۋەكىللىك قىلغاچقا، بىر سوزۇق تاۋۇش چۈشۈپ قالسا، بىر بوغۇم چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىدىغان بولساق، قوش لەۋ تاۋۇشلىرى، لەۋ چىش تاۋۇشلىرى ۋە چىش ئۇچى تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن سوزۇق تاۋۇشلار نىسپىي ھالدا قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، تىترىگۈچى تاۋۇش « ر »، قوۋۇز تاۋۇشى « ل » شۇنداقلا تىل تۈۋى « خ، گ، ك » ۋە كىچىك تىل تاۋۇشلىرى « ق، غ » نىڭ ئالدىدا كەلگەن سوزۇق تاۋۇشلار نىسپىي ھالدا سەل سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا « ك، ق، گ، غ، ر، ل » قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلاردا تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆپرەك ئۇچرايدۇ . مەسىلەن: ئالايىن، ئاليىن ← ئالاي، ئەشكەك ← ئېشەك، ئەشكەكچى ← ئېشەكچى، ئەشەكنى ← ئېشەكنى، كەرگەك، كەرەك ← كېرەك، لازىم، ئاياغقا تەگىملىگ، ئاياغا تەگىملىگ ← ھۆرمەتكە سازاۋەر، تولغاق ← تولغاق كېسەل، تولاپ ← تولغاپ. ..6 قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سۆز بىشىدا تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىق تىلىدا ئاغاچ ← ئاغاچ ( ئادەم ئىسمى )، ھازىر ياغاچ ← ياغاچ، ئارى ← ھەرى، ھازىر خەرى ← ھەرى، سۇب، سۇبنۇڭ ← سذ، سۇۋداقى ← سۇدىكى، سۇۋساماق ← ئۇسسىماق، سۇۋاق ← ئۇسسىماق، سۇۋاپ ← سۇغارماق، سۇۋساماق ← ئۇسسىماق، سۇۋسۇشىن ← ئۇسسۇلۇققىنى، سۇۋسۇس ← ئۇسسىاش، ھازىر ئۇسسۇ ← ئۇسسۇماق. 7. ئوخشاپراق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز ئارا ئوڭايلا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن، « ز » بىلەن « س » نىڭ نۆۋەتلىشىشى، بىز ← بىز، بىزنىڭ، بىسنىڭ ← بىزنىڭ. پېئىلنىڭ بۇيرۇق- تەلەپ مەيلى تەۋەلىك ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى « زۇن »، « سۇن » غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن، بولزۇن، بولسۇن ← بولسۇن.8. لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار « ئا، ئە »، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار « ئۇ، ئۆ » گە ئايلانغان. بۇ خىل ئۆزگىرىشتە تاۋۇشلارنىڭ ماشلىشىش قائىدىسىدە ئاساسەن تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە رول ئوينىغان. مەسىلەن، تەمىر ← تەمىر، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ← تۆمۈر. 9. تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىدە، تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىش بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە ئىزچىلراق بولغان، لەۋ ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىش نىسبەتەن ئاجىزلاشقان. بۇنىڭدىمۇ ئاساسەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىدە تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە رول ئوينىغان. مەسىلەن، بورلۇقنىڭ، بورلۇقنۇڭ ← ئۈزۈملۈكنىڭ، تويىنچوغنۇڭ، تويىنچوغنىڭ ← تويىنچۇقنىڭ، ئاداقتا ← ئاياقتا، ئالا ← ئالا، چاملاسار ← جېدەل قىلسا، قىلتىم ← قىلدىم، بىشىغ ← پىششىق، بالىق ← شەھەر، تامغالىغ ← تامغىلىق، تامغا بېسىلغان، تىتاغىنتا ← سەۋەبىدە.10. ئۇنىڭدىن باشقا قىسمەن بولسىمۇ يۇقىرىراق ياكى يۇقىرى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تۆۋەنرەك ياكى تۆۋەن سوزۇق تاۋۇشلارغا نۆۋەتلەشكەن ياكى ئۆزگەرگەن ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسىي ئۆزگىرىش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىدە تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە رول ئوينىغانلىقتىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئىكى ← ئىككى، ئىكىگۈتە ← ئىككىيلەندە، ئىكەگۈنۈڭ، ئەكەگۈنۈڭ ← ئىككىيلەننىڭ.11. بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدىغا بەزى تاۋۇشلار قوشۇلۇپ قالغان، بوغۇم ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا بەزى تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان، بەزى تاۋۇشلارنىڭ سۆز ياكى بوغۇمدىكى ئورنى ئالماشقان. مەسىلەن: ئالايىن، ئاليىن ← ئالاي، ئارام ئاي، ئارم ئاي ← ھەرەم ئاي، بىرىنچى ئاي. 12. « ب » نىڭ « م » غا نۆۋەتلىشىشى قاتارلىق دىماغلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. مەسىلەن، بەنگۈ بىلەن مەڭگۈ ← مەڭگۈ. 13. بەزى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار لەۋلىشىدۇ، لەۋ تاۋۇشى ھېسابلانمايدىغان تاۋۇشلار لەۋ تاۋۇشلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى ۋاقىتتا « كۈن،شۇ ، تۇت، قوي » قاتارلىق سۆزلەرنى پۈتۈن تۈركىي تىللىرىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا تەلەپپۇز قىلغاندا، ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئارقىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن مەلۇم دەرىجىدە لەۋلىشىدۇ. خۇسۇسەن جانلىق تىلدا ھەر قانداق بىر ئۈزۈك تاۋۇشنى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىغا قويۇپ تەلەپپۇز قىلساق، ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە لەۋلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: ئەب، ئەۋ ← ئۆي، ئائىلە، ئەۋئىمتەكى ← ئۆيۈمدىكى، ئەۋئۈمتەكى ← ئۆيۈمدىكى.14. جاراڭسىزلىشىشتا « د »، « ت » غا « ز »، « س » غا، جاراڭلىقلىشىشتا « ت »، « د » غا نۆرەتلىشىدۇ. مەسىلەن، بالدىز، بالتىز ← ئىگىچە ، سېڭىل، سۆزلەرى، سۆسلەرى ← سۆزلىرى، ئاتامىزنىڭ ← ئاتىمىزنىڭ، ئاداسى ← ئاتىسى.15. پارتلىغۇچى – سىرلاڭغۇ تاۋۇش« ح » سىرلاڭغۇ تاۋۇش « ش » غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن، ئىچدىن، ئىشتىن ← ئىچىدىن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلنىڭ فونتىكا سېستىمىسىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ لېكىن فونتېكا سېستىمىسىنىڭ ئاساسى تاكى ھازىرغىچە يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە. 2. لېكسىكا جەھەتتە تىلنىڭ تەرەققىياتى ئەلۋەتتە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان لۇغەت بايلىقىدا ناھايىتى سەگەك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي ئىجتىمائىي ۋە ئېتنىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بىرقەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. بولۇپمۇ باشقا تىللاردىن كۆپلەپ سۆز قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان نۇرغۇن سۆزلەر ئىستېمالدىن چۈشۈپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلغان سۆزلەر ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش بولغان. مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردا ئۇچرايدىغان «يى~ يە » پېئىلىنى ئاساس قىلغان « يىمىش ~يەمىش »- مىۋە، « يىمىشلىك » مىۋىلىك باغ، « يىمىشچى » باغۋەن، باققال سۆزلىرى بىر سىستېمىغا ئىگە ئىدى. بىراق بۇ سىستېما يۇقىرقى سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ، مېۋە ( ئەرەبچە )، باغ ياكى مېۋىلىك باغ، باققال (ئەرەبچە ) دېگەن يېڭى سىستېمىنى شەكىللەندۇرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئادەم ئىسىملىرى ناھايىتى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، ئالاھىدە بىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئىسىملارنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇلار مەنبە جەھەتتىن ئانا تىلغا خاس سۆزلەر ۋە باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەنبەدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسالغان سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئانا تىلدىكى سۆز يىلتىزلىرى ياكى سۆز ئۆزەكلىرىگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى، شۇنداقلا سۆزلەرنى بىرىكتۇرۇش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەردىن باشقا، چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرگە ئانا تىلدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن، ئانا تىلغا خاس سۆزلەردىن: ئاداق ← ئاداق، ئادىغ ← ئادىغ، ئارىغ ← ئارىغ، ئارسلان ← ئارسلان، ئاغاچ ← ئاغاچ، ئاي ← ئاي، بارس ← بارس... قاتارلىقلار. چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر: ئابىتا ← ئابىتا، ئاچارى ← ئاچارى، ئانانت ← ئانانت، ئانتسو ← ئانتسو قاتارلىقلار. ئانا تىلدىكى سۆزلەرنى بىرىكتۇرۇش يولى بىلەن ۋە سۆزلەرگە ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلۇپ ياسالغان سۆزلەر: ئاچبۇقا ← ئاچبۇقا، ئارتمىش ← ئارتمىش، ئالپىش ← ئالپىش، ئالتمىشاق ← ئالتمىشئاق، ئەبچى ← ئەبچى، ئەدگۈ ← ئەدگۈ، ئەشگەكچې ← ئېشەكچى، ئەلچى ← ئەلچى، باغچى ← باغچى، بەدېزچې ← بەدىزچى قاتارلىقلار. باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى بىرىكتۇرۇش يولى بىلەن ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇلۇپ ياسالغان سۆزلەر: ئابىچۇق ← ئابىچۇق، موڭغۇلچېن ← موڭغۇلچىن قاتارلىقلار.مەلۇمكى، لېكسىكا تىل ئامىللىرى ئىچىدە ئەڭ ئۆزگىرىشچان ۋە نازۇك كېلىدۇ، دەۋر- زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى، يۇرت- ماكاننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ سوستاۋىدا ھەمىشە تۈرلۈك دەرىخىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇپ تۇرىدۇ. بەزى سۆزلەر دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزىگە بەزەن يېڭى مەنىلەرنى يۈكلەپ ماڭىدۇ، يەنە بەزى سۆزلەر بولسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بەزى ئابىستراكت مەنىلەرنى يوقىتىپ، قىسمەن كونكىرېت مەنىسىنىلا ساقلاپ قالىدۇ، يەنە بىر بۆلەك سۆزلەر بولسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىنى پۈتۈنلەي ياكى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، ئاشۇ ئەسلىدىكى مەنىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا يېڭى مەنە ئاڭلىتىدىغان سۆزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، ئومۇمەن بىر بوغۇملۇق ۋە ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەردىن ياكى ئۈچ بوغۇملۇق ۋە تۆت بوغۇملۇق سۆزلەردىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن: كۈڭ ← دېدەك؛ يازۇق ← گۇناھ؛ تانۇقلا ← ئىسپاتلىماق؛ ئالاقىرىش ← ۋاقىرىماق.سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى دېگەندە، ئۇنىڭ قانداق مورفېمىلاردىن تۈزۈلگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما تىپلىرى تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە تۇراقلىق بېرىكمىلەردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۈپ سۆز: تۈپ سۆزلەر ئىخچام تاۋۇش شەكلى ئارقىلىق ئەڭ ئاساسىي ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگەچكە، يېڭى سۆزلەرنى ياساشقا ئاساس بولالايدۇ. تۈپ سۆز قۇرۇلما جەھەتتىن مەنىلىك بۆلەكلەرگە يەنى مورفېمىغا بۆلۈشكە بولمايدىغان، پەقەت بىرلا مۇستەقىل مورفىمىدىن تەشكىل تاپقان سۆزلەردۇر. مەسىلەن: ئىچى (~ ئەچى ) ← ئاكا، تاغا؛ ئۆگ ← ئانا، ئاپا؛ قاڭ ← ئاتا، دادا؛ قايۈ ← قايسى؛ مۈن ← جىنايەت، گۇناھ؛ ئۆت ← نەسىھەت. ياسالما سۆزلەر: بىر مۇستەقىل مورفىما ۋە بىر ياكى بىر قانچە ياردەمچى مورفىمىدىن تۈزۈلگەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل مورفىمىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان، يېڭى لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ياسالما سۆزدۇر. ياسالما سۆزلەر لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرىدىغان مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تۈپ سۆزلەرگە ئەگەشمە مورفېمىلارنى ياكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆزلەر بارلىققا كەلگەن.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار: « دەم، دام، ساق، سەك، سۇق، سۈك، سېق، سىگ، سېغ، ئېنچ، ئىنچ، ئۇنچ، ئۈنچ » قاتارلىقلار بولۇپ، « دەم، دام » قوشۇمچىسى ئىسىملارغا قوشۇلسا، ئىسىمدىن ئىسىم ياكى سۈپەت ياسايدۇ. مەسىلەن، ئەر+ دەم ← ئەقلاق، پەزىلەت؛ تەڭرى + دەم ← تەڭرىلىك، ئىلاھىي. « ساق، سەك، سۇق، سۈك، سېق، سىگ، سېغ » قوشۇمچىلىرى ئىسىملارغا قوشۇلسا، ئىسىم ياكى سۈپەت، سۈپەتلەرگە قوشۇلسا ئىسىم ياسايدۇ. مەسىلەن، باغىر + ساق ← سۆيۈملۈك، قەدىرلىك؛ باغار + سۇق ← ئىچكى ئەزا؛ ئوغلان + سىق ← ئوغۇلدەك؛ توق + سىغ ← توقلۇق. « ئېنچ، ئىنچ، ئۇنچ، ئۈنچ » بۇلار پېئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ، ئۆزلۈك دەرىجىدىكى پېئىل ئوزەكلىرىگە قوشۇلۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئابستراكت ئىسىملارنى، تەرتىپ سانلارنى ياسايدۇ. مەسىلەن، تۇتۇل + ئۇنچ ← جەڭ قىلماق، ئېلىشماق، ئۇرۇشماق، سېۋ + ئىنچ ← خوشال، خۇرسەن؛ تۆرت + ئۈنچ ← تۆرتۈنچى؛ ئون + ئۇنچ ← ئونىنچى؛ توقۇز + ئۇنچ ← توققۇزىنچى.تۇراقلىق بېرىكمىلەر: ئۇزۇن مۇددەت قوللىنىش جەريانىدا تۇراقلىشىپ پۇتۇنلۇككە ئايلانغان ۋە جۈملىدە بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان سۆزلەر تۇراقلىق بىرىكمە دېيىلىدۇ. تۇراقلىق بىرىكمىلەر ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تۇراقلىشىپ كەتكەن ماقال- تەمسىل، ئىدىيۇم قاتارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى پارچىلاشقا ياكى سۆزلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ سۆزلەر تۇراقلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يادىكارلىقلاردا تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى جۈملە شەكلىدە ۋە سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ئۇچىرتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: يىتى باشلېغ يەل بۆكە ← يەتتە باشلىق يالمامۇز؛ سىت ساتان قىل ← ھېلىگەرلىك قىلماق؛ تۆرت يولى بوش بول ← يولى ئوچۇق. مېڭ يىل تۈمەن كۈن ← مەڭگۈ، ئۇزۇن مۇددەت.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە بىر مەنىلىك سۆز، كۆپ مەنىلىك سۆز، مەنىداش سۆز، ئاھاڭداش سۆز ۋە قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەرمۇ شەكىللەنگەن.بىر مەنىلىك سۆزلەر: بىرلا مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىر مەنىلىك سۆزلەر دېيىلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بىر مەنىلىك سۆزلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئايا ← ئالقان؛ كۈدەن ← مېھمان؛ بۇسان ← قايغۇرماق؛ قاغېز ← قەيسەر؛ جىدا ← نەيزە؛ چەبەر ← چىۋەر. كۆپ مەنىلىك سۆزلەر: بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دىيىلىدۇ. سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىگە ئىگە بولۇشى تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. بىر سۆز يېڭى پەيدا بولغاندا بىرلا مەنىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق ئەڭ دەسلەپكى لېكسىكىلىق مەنە ئەسلى مەنە دېيىلىدۇ. كېيىن يۈكلەنگەن يېڭى مەنە كۆچمە مەنە دىيىلىدۇ. ئەسلى مەنە بىلەن كۆچمە مەنىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش نەتىجىسىدە كۆپ مەنىلىك سۆزلەر پەيدا بولىدۇ. كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئومۇمەن بىر مەنبەنى دەۋر قىلغان ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: تۈزۈن ← توغرا، ھەق، لىللا، راست، چىن، ياخشى؛ ساغ ← ساق، ساغلام، ساپ؛ ئاي ← ئېيتماق، سۆزلىمەك، دېمەك، سورىماق. تە ← دېمەك، ئېيتماق. ئاھاڭداش سۆز: ئوقۇلۇشى ئوخشاش، ئەمما ئىپادىلىگەن لېكسىكىلىق مەنىلىرى تامامەن ئوخشىمايدىغان سۆزلەر ئاھاڭداش سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. ئاھاڭداش سۆز دېگەندە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلىدۇ: بىرى، يېزىلىش شەكلىمۇ، مەنىسىمۇ ئوخشىمايدىغان، ئەمما تەلەپپۇزى ئوخشايدىغان سۆزلەر؛ يەنە بىرى، يېزىلىش شەكلىمۇ، تەلەپپۇزىمۇ ئوخشايدىغان، پەقەت مەنىسى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر. مەسىلەن: ئوغۇر ← ۋاقىت، سەۋەب؛ چاق ← ۋاقىت، چاغ؛ قالېق ← ئاسمان، دەرۋازا، راۋاق. مەنىداش سۆز: فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى ياكى تەلەپپۇزى ئوخشىمايدىغان ئەمما مەنىلىرى بىر- بىرىگە ئوخشايدىغان ياكى يېقىن كېلىدىغان بىر گۇرۇپپا سۆزلەردىن ئىبارەت. مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش بولىدۇ ياكى يېقىن بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەنىسى، تۇس مەنىسى ياكى قوللىنىش دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بىر گۇرۇپپا مەنىداش سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىر سۆز تۈركۈمىگە تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر گۇرۇپپا مەنىداش سۆزلەر جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىلىرىدە ئورتاق سىنتاكسىسلىق رولىغا ئىگە بولۇپ، ئورتاق بىر جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرىدە ئىنچىكە پەرق بار بولىدۇ. مەسىلەن: چېراغ، ئۆڭلۈگ، كۆرگ ← چىراي، رەڭ، تۇرق، جامال؛ قاماغ، ئامارې، ئالقۇ، يۇمچې ← بارلىق، ھەممە، پۈتۈن؛ كۆرۈكلۈك، نەپسىكى ← چىرايلىق، كۆركەم، نەپىس؛ سۈرمە ← شاراپ، ھاراق.قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر: مەنە جەھەتتىن بىر- بىرىگە قارشى بولغان سۆزلەردۇر. قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ. ئۇلار بىر- بىرىگە زىت تۈرلۈك- تۈمەن شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى، ھەرىكەت- ھالەتلىرىنى، ۋاقىت، ئورنىنى ۋە باشقىلارنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ روشەن سېلىشتۇرما خارەكتېرگە ئىگە بولۇپ، پىكىرنىڭ ئېنىقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن: ئاچسېق توسېق ← ئاچلىق توقلۇق؛ ئۆل قۇرۇغ ← ھۆل قۇرۇق؛ ئۇتشۇز ئالپ ← ئاسان تەس؛ قارې، يالش ← قېرى، ياش. 3. گرامماتىكا جەھەتتە گرامماتىكا تىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ ئامىلنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىلنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇنڭدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولماي قالمايدۇ. تەبىئىيكى تىلنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان گرامماتىكا سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلنىڭ باشقا تەركىبى قىسمى يەنى فونېتىكا ۋە لېكسىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى ئاستا بولىدۇ . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ شەخس، سان، كېلىش كاتىگورىيىلىرى بىلەن تۇرلىنىشى، پېئىللارنىڭ شەخس، زامان، دەرىجە بىلەن تۈرلىنىشى شۇنداقلا سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما تىپلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئىسىمنىڭ تەۋەلىك شەخس كاتېگوريىسى: ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ مەلۇم شەخسكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە ئىسىمنىڭ تەۋەلىك شەخس كاتېگوريىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك كاتېگورىيسى ئىسىمغا تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان تەۋەلىك شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك شەكىللىرىمۇ تەۋەلىگۇچىنىڭ شەخس تۈرىگە مۇۋاپىق ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى شەخستىن ئىبارەت ئۇچ شەخسگە بۆلۇنىدۇ. شۇنداقلا سان جەھەتتىن پەرقلىنىپ، بىرلىك ۋە كۆپلۇككە بۆلۇنىدۇ.ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك بىرىنچى شەخس بىرلىك قوشۇمچىسى «ئىم، ئېم، ئۇم، ئۈم » قوللىنىلغان. مەسىلەن: ئەلىگ + ئېم ← قولۇم، قا + م، قاداش + ئىم ← ئۇرۇق- تۇققانلىرىم، ئۇرۇغ + ئۇم ← ئۇرۇق- ئەۋلادىم، يۈزلۈك + ئۈم ← يۈزلۈكۈم، يېر + ئېم ← يېرىم. تەۋەلىك بىرىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىسى « ئىمىز، ئېمېز، ئۇمىز، ئۈمېز » قوللىنىلغان. مەسىلەن: ئوغۇل + ئۇمىز ← ئوغلىمىز. مەن يرپ ياڭا- نېڭ ئەدگۈنۈڭ ئېچېمېز ئېنېمېز قامىز قاتاشىمىز ئوغۇلۇمىز قېزېمىز ئايىتمازۇن ئېستەمەزۈن ← مەن يارت ياڭانىڭ ( ۋە ) ئەدگۈنىڭ ئاكىمىز، ئىنىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، ئوغۇل- قىزلىرىمىز ( يەرنى ) سورىمىسۇن، تەلەپ قىلمىسۇن. تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس بىرلىك قوشۇمچىسى «ئىڭ، ئېڭ، ئۇڭ، ئۈڭ » قوللىنىلغان. مەسىلەن: تۇرى بېرېمېڭنې مەن بېرۈرمان ← تۇرى قەرزىڭنى مەن تۆلەپ بېرىمەن. تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس، كۆپلۈك قوشۇمچىسى « ئىڭلار، ئېڭلەر، ئۇڭلار، ئۈڭلەر»لار قوللىنىلغان. مەسىلەن، بۇ مەنېڭ يتې قىلىچىمىن كۆرئۈڭلەر ، ئەت ئۆزۈڭلەرنى بىچىپ ئۆڭې ئۆڭې كەمېشەيېن ← مېنىڭ بۇ ئۆتكۈر قېلىچىمغا قاراڭلار، جىسمىڭلارنى تىلىپ پارچە- پارچە قىلىۋېتىمەن. ئول ئۆدۈن قاڭى قان يارلىغ يارلىغقادى؛ كېم تالۇيقا بارايىن تېسەر، كېرېڭلار، ئوغلۇن تېكېنكە ئەش بولۇڭلار ← دادىسى خان دېڭىزغا ( دەرياغا ) بېرىشنى خالىغانلار كىرىڭلار، ئوغلۇمغا ھەمراھ بولۇڭلار دەپ بۇيرۇق چىقاردى. تەۋەلىك ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى « سئ، سى » تەۋەلىك ئۈچىنچى شەخس ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا يەنە چەكلىمە ئۇقۇمىنىمۇ ئىپادىلەپ، ئۆزى قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسىم خارەكتېرلىك سۆزلەرنى ئېنىقلىغۇچىلىق رولىغا ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن: قاڭى قان ئېنچە تېپ يارلىغقادى: ئامراق ئۆگۈكۈم سېنې ئېنچە سەۋەر مەن، ئاياداقى يېنچۈ مونچۇق تەگ. ← ئاتىسى خان مۇنداق دېدى: ئامراق ئوغلۇم مەن سېنى خۇددى ئالقىنىمدىكى ئۈنچە- مەرۋايىتلاردەك ياخشى كۆرىمەن. ئەۋ + ئې ← ئۆيى، تۆرۈ + سې ← قانۇن بويىچە، چىرقۇش + ئى ← چوقۇشى، قايۇ + سى ← قايسى، نەگۈ + سې ← نېمىسى. ئىسىمنىڭ سان كاتېگورىيىسى: ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ سان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە.ئىسىملار ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىرلىك ۋە كۆپلۈكتىن ئىبارەت گرامماتىكىلىق مەنىنى بىلدۈرۈپ كېلىش بىلەن ئىسىملارنىڭ سان كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىسىملار جۈملە تەركىبىگە كىرگەندە، بىرلىك ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىرلىك شەكىلدە كېلىدۇ ياكى كۆپلۈك ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان كۆپلۈك شەكىلدە كېلىدۇ. سان- مىقدارى ئېنىق ئېيتىلغان كۆپ سانلىق شەيئىلەر ئىسىمنىڭ بىرلىك شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: كەنە يولدا بەدۈك بىر ئۈي كۆردى ← ئۇ يولدا ئىگىز بىر ئۆينى كۆردى. ئىنچىپ سەكىز ئون ياشايۇر قارى ئەرتى، يەنە ئىككى كوز- ع كورمەز ئەرتى ← ئۇ سەكسەن ياشلىق بوۋاي بولۇپ، ئىككى كۆزى كۆرمەيتتى.ساناشقا بولىدىغان شەيئىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى بىر تىپتىكى شەيئىنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەلۇم بىر توپىنى بىلدۇرىدۇ. مەسىلەن: كۈنلەردەن سوڭ كەچەلەردەن سوڭ يېگېت بولدى ← كۈنلەر ئۆتۈپ، تۇنلەر ئۆتۈپ، ئۇ يىگىت بولدى.بۇندا كەلگەنلەر كېك كۆپ كۆپ، بۇندا ئۇچقانلار قۇز كۆپ كۆپ ئەرتى ← بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىدى، قۇشلار ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. قىرىق كۈن قىرىق كەچە ئاشادىلار ئېچتېلەر، سەۋېنچ تاپتىلار ← قىرىق كېچە- كۈندۈز توي بولدى، ئىچىشتى، يىيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. ئىسىمنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسى: ئىسىمنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۇرۇپ، ئىسىمنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. ئىسىم ۋە ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدە كېلىپ، باشقا سۆزلەر بىلەن تۈرلۈكچە مۇناسىۋەتلەر ھاسىل قىلىشى ۋە جۈملىدە بىرەر سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىنى زىمىسىگە ئېلىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرەر كېلىش شەكلىگە ئىگە بولۇشىغا باغلىق. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسىدە باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، چىقىش كېلىش، ئورۇن كېلىش، ۋاسىتە كېلىشتىن ئىبارەت يەتتە كېلىش بار بولۇپ، بىر قانچە يۈرۈش گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. 1. باش كېلىش: باش كېلىشنىڭ ئۆزىگە خاس قوشۇمچىسى يوق. ئۇ باشقا كېلىشلەر بىلەن بولغان قارىمۇ قارشىلىق مۇناسىۋىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا باش كېلىشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى نول شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ دەيمىز.باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە ئاساسەن ئىگە بولۇپ كېلىدۇ ۋە خەۋەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا باش كېلىشتە كېلىپ ئىگە بولغان ئىسىم، سان ۋە شەخس جەھەتتە خەۋەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. مەسىلەن: تانۇق سۇۋان توتۇق ← گۇۋاھچى سۇۋان تۇتۇق. بۇ تامغا بىز ئوزمىشنىڭ، تۈكەلنىڭ ئېكېگۈنۈڭ ئول ← بۇ تامغا بىز ئوزمىش ( ۋە ) تۈكەل ئىككىيلەننىڭدۇر. 2. ئىسىمنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىلىرى: « ئىڭ، ئېڭ، ئۇڭ، ئۈڭ، ئىن، ئېن، ئان، ئەن، ئېگ، ئىك »؛ « ناڭ، نەڭ، نېڭ، نىڭ، نۇڭ، نۈڭ » قاتارلىق ئىككى يۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ قوشۇمچىلار ئىسىمنىڭ شەخس قوشۇمچىسى بىلەن ماسلىشىپ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ. مەسىلەن، بۇ بورلۇقنۇڭ سىچىسى ئۆڭدۈن يىڭاق باسا توغرىلنىڭ بورلۇق ئادىرار ← بۇ ئۈزۈملۈكنىڭ تۆت ئەتراپىنى شەرقتىن باسا توغرىنىڭ ئۈزۈملۈكى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئول بېتېك ئوغۇلۇمنىڭ ← ئۇ كىتاب ئوغلۇمنىڭ، 3. ئىسىمنىڭ چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىلىرى: « ئىغ، ئىق، ئېگ، ئېك ئېق، ئۇغ، ئۈق، ئۈگ ئىگ، ئاغ، ئەگ، غ، ق، گ، ك »؛ « ئېن، ئىن، ن، ئۇن، ئۈن »؛ « نئ، نى » قاتارلىق ئۈچ يۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى يۈرۈشتىكى قوشۇمچىلار ئادەتتە ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلمىغان، ئەمما كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن، ياكى سانلار بىلەن ئېنىقلانغان ئۆزەك شەكلىگە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، تاۋار+ ئىغ ← تاۋارنى، مال+ دۇنيانى، بۇ يۈز قانپۇ+ غ ← بۇ يۈز قانپۇنى. « ئېن، ئىن، ن، ئۇن، ئۈن » بۇ قوشۇمچە ئاساسەن ئۈچىنچى شەخستە كەلگەن ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، بورلۇق+ ئى+ ن ← ئۈزۈملۈكنى، ساتىغ+ ئىن ← باھاسىنى، كۈچ+ ئىن تۇتۇپ ← كۈچنى تۇتۇپ، كۈچىگە تايىنىپ. « نئ، نى » بۇلار كۆپرەك ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغان، ئەمما كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنمىگەن ئۆزەك شەكلىگە قوشۇلىدۇ. ئەمما، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ خىل شەكىل قېلىپلىشىپ، ئىسىمنىڭ بىرلىك شەكلىگىمۇ ۋە كۆپلۈك شەكلىگىمۇ قوشۇلىدىغان بولغان. مەسىلەن، بورلۇق+ نى ← ئۈزۈملۈكنى، بورلۇق+ ئۇمنى ← ئۈزۈملۈكۈمنى، بۆز+ نې ← بۆزنى، رەختنى، قاراباش+ ئىمنى ← قۇلۇمنى، ئوغۇل+ نى ← ئوغۇلنى، ئوغۇل+ ئۇمنى ← ئوغلۇمنى. 4. ئىسىمنىڭ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى: « غا، قا،گە ، كە »؛ « غارۇ، قارۇ، گەرۈ، كەرۈ، را، رە، رۇ، رۈ، ڭارۇ، ڭەرۈ، ڭار » قاتارلىقلار ئىككى يۈرۈش بولۇپ، بىرىنچى يۈرۈشتىكى قوشۇمچىلار ئاساسەن سۆز يىلتىزىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنىغا قاراپ قوشۇلغان. مەسىلەن، ئاغىلىق + قا ← خەزىنىگە، ئەۋ + كە ← ئۆيگە، ئەنىچۈك + كە ← ئەنىچۈككە، بودۇن + قا ← خەلقكە، « غارۇ، قارۇ، گەرۈ، كەرۈ، را، رە » قوشۇمچىلىرى سۆزلەردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ سۆز يىلتىزىغا قوشۇلغان. مەسىلەن، ئىچ + گەرۈ ← ئىچكىرى، ئوردا ئىچى، تابغاچ + غارۇ ← جۇڭگوغا، تابغاچقا، ئىل + گەرۈ ← ئالدىغا، تاش + را ← سىرتقا، كەس + رە ← كەينىگە. 5. ئىسىمنىڭ چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى: « دىن، تىن، دېن، تېن، دۇن، تۇن، دۈن، تۈن، دان، تان، دەن، تەن، » بۇلار تىل ئورنى، لەۋ ھالىتى، كەڭ- تارلىق، ئوچۇق- يېپىقلىق، جاراڭلىق- جاراڭسىزلىق جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. مەسىلەن، تەمۈر + تىن ← تۆمۈردىن، كۈن + تېن ← كۈندىن، كۆز + دەن ← كۆزدىن، تاش + دىن ← سىرتتىن، قان + تان ← خاندىن، ئوغۇز + دان ← ئوغۇزدىن، ئۆڭ + تۈن ← شەرقتىن، كۈن + دۈن ← كۈن چىقىشتىن. 6. ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى: « دا، تا، دة، تە » لەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇن كېلىش ئۇقۇمى ھەرىكەت يۈز بەرگەن ئورۇن، ۋاقىتنى بىلدۇرگەن. مەسىلەن، بالىغ + تا ← شەھەردە، ئۆد + دە ← ۋاقىتتا، ئىلىگ + تە ← قولدا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرىكەتنىڭ چىقىش مەنىسىنىمۇ ئىپادىلەپ كەلگەن. مەسىلەن، قىلمىشتا كېن ← قىلغاندىن كېيىن. 7. ۋاستە كېلىش قوشۇمچىسى: « ئېن، ئىن، ئۇن، ئۈن، ئان، ئەن، ن » قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋاستە كېلىش، ھەرىكەتنى ئورۇنداشتىكى ۋاستە، ئۇسۇل، ھالەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئوقىن ئۇرتى ← ئوق بىلەن ئاتتى. بەزەدىم كىتابنى ناۋادىر سۆزۈن ← كىتابنى ئەڭ ئېسىل سۆزلەر بىلەن بېزىدىم.پېئىلنىڭ تەۋەلىك شەخس كاتېگورىيىسى: پېئىلنىڭ ھەرخىل مەيىل تۈرىدىكى خەۋەر شەكىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگىدە، جۇملىدىن ھەرخىل ھال- زامان تۈرىدىكى خەۋەر شەكىللىرىدە كۆرۇلىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىدۇر. پېئىلنىڭ بىرىنچى خىل تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى شەخس ئالماشلىرىدىن كەلگەن. « مەن، بىز، سەن، سىز، سىلەر،ئۇ ، ئۇلار » قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسلىك شەكىللىرىمۇ شۇ خىل شەخس ئالماشلىرى بىلەن ئوخشاش. بۇلار ئادەتتە ھۆكۈم ياردەمچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما، قىسمەن تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى بولغان. بۇلار ئاساسەن پېئىلنىڭ شەرت مەيلى، ئارزۇ- تىلەك مەيلى، ھازىرقى زامان، كېلىدىغان زامان قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: تۇت + سامەن ← تۇتىسام، تۇت + سارمەن ← تۇتسام، كەچۈر + سەرمەن ← كېچىكتۈرسەم، بول + غايمەن ← بولغايمەن، بېرېربېز ← بېرىمىز.پېئىلنىڭ ئىككىنچى خىل تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى ئىسىمنىڭ تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئىسىمنىڭ شۇ خىل شەخس شەكىللىرى بىلەن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. پېئىللارنىڭ ئاددىي ئۆتكەن زامان قوشۇمچىسى « دى، دې، دۇ، دۈ، تى، تې، تۇ، تۈ » قاتارلىقلارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان شەكلى بولۇپ، بۇلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۈرى سەل مۇرەككەپ. مەسىلەن: تەۋەلىك بىرىنچى شەخس بىرلىك قوشۇمچىسى « م »: ئال + دى + م ← ئالدىم، بىر + دى + م ← بەردىم. تەۋەلىك بىرىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىسى « مىز، مېز، مۇز، مۈز »: ئاتاش بول + تۇ + مۇز ← ئاداش ( دوست ) بولدۇق، بېر + تېمېز ← بەردۇق، سۆزلە + شدېمېز ← سۆزلەشتۇق، ئۈسۈش + دۈمۈز ← توختاتتۇق، كەستۇق.پېئىلنىڭ زامان كاتېگورىيىسى: پېئىللاردا ئىپادىلەنگەن ئىش- ھەرىكەتنىڭ سۆز قىلىنغان ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاددىي ئۆتكەن زاماننىڭ قوشۇمچىسى « دى، دې، دۇ، دۈ » بولۇپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەخستە شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ، ئۈچىنچى شەخستە ھېچقانداق شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلمايدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى شەخس بىرلىك شەكلى: ئال + دىم ← ئالدىم، ئال + تىم ← ئالدىم، بېر + دېم ← بەردىم. بىرىنچى شەخس كۆپلۈك شەكلى: ئال + دىمىز ← ئالدۇق، ئال + تىمىز ← ئالدۇق، سۆزلەش + دېمېز ← سۆزلەشتۇق، ئۈسۈش + دۈمۈز ← ئۇزۇشتۇق، توختاتتۇق. يۇقارقى مىساللارنىڭ ئاخىرىدىكى شەخس قوشۇمچىلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا « دۇق، دۈك » بولۇپ ئۆزلەشكەن. ھازىرقى زامان، كېلىدىغان زامان قوشۇمچىسى « ئار، ئەر، ئىر، ئېر، ر » بۇ خىل قوشۇمچىلارنىڭ رولى كۆپرەك. ئادەتتە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېخى مەيدانغا كەلمىگەن، ئەمما، سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا قارار قىلىنغان، مەخسەتكە كەلگەن، ئومۇمەن سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىن باشلاپ بولىدىغان ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: ئالىپ قالىرمۇسەن تېسەرمەن، يوق ئەرسە ئۆسگە كېشېكە قودارمەن تېسەرمەن ← سەن ئېلىپ قالامسەن؟ بولمىسا باشقا كىشىلەرگە قالدۇرىمەن دېسەم. تۇتارمەن ← تۇتىمەن، ساقلايمەن، بېتېگ بىرۈرمەن ← ھۆججەت بېرىمەن، ئۈنەرمەن ← ئۈنىمەن، پەيدا بولىمەن.بۇ قوشۇمچىلار كېلىدىغان زامان ئۇقۇمىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، دائىم بولىدىغان ياكى قانۇنىيەتلىك ھالدا بولۇپ تۇرىدىغان ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنى بىلدۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ خىل مەنە خېلى كۆپ تىللارنىڭ گرامماتىكىسىدا « كەڭرى زامان » دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئادىرار ← ئايرىيدۇ. يېرنېڭ سىچىسى ئۆرۈ يىڭاق ئالپ ( تاش ) سىڭقۇر ساڭۇننىڭ يېرې ئادىرار ← يۇقىرى تەرەپتىن ئالىپ تاش سىڭقۇر ساڭۇننىڭ يېرى ئايرىيدۇ. قوچو كېدېنېتە يورىر ← قوچو بازىرىدا ئۆتىدىغان. يۇز كېدېن يورىيۇر ئونار چىغ تامغالغ قۇنپۇقا ← بازاردا ئۆتىۋاتقان ھەر ئون چىسىغا تامغا بېسىلغان يۈز قانپۇ. ئالدىنقى جۈملىدە « ئار » پەقەت زامان مەنىسىنىلا ئىپادىلەپ كەلەگەن. ئەمما، كېيىنكى جۈملىدىكى « ر » قوشۇمچىسى زامان جەھەتتىن ھازىرقى كېلەر زامان يەنى كەڭرى زامان ئۇقۇمىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بەلكى جۈملىدە سۈپەتداش رولىدا « يۈز قانپۇ » دېگەن ئىسىمنى ئېنىقلاپ كەلگەن. شۇڭا بۇلارنى ھەر ئىككى كاتېگورىيىگە تەۋە دەپ قاراشقا بولىدۇ. پېئىلنىڭ دەرىجە كاتېگورىيىسى: پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئىگە بىلەن بولغان ھەر خىل مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. ھەرىكەت بىلەن ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەر خىل بولۇشىغا قاراپ، پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ مەنىلىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. بۇ ھەر خىللىق ھەر خىل قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل دەرىجىلىرى تۆۋەندىكىدەك بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئەسلى دەرىجە، مەجھۇل دەرىجە، مەجبۇرىي دەرىجە، ئۆزلۈك دەرىجە، ئۆملۈك دەرىجە. ئەسلى دەرىجە: ئۆزىگە خاس مورفولوگىيىلىك قوشۇمچىسى بولمىغان، جۈملىدە ئىگە بولۇپ كەلگەن شەخس ياكى نەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان پېئىل دەرىجىسى ئەسلى دەرىجە دېيىلىدۇ. ئەسلى دەرىجىدىكى پېئىللار پېئىلنىڭ باشقا مورفولوگىيىلىك كاتېگورىيىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۆز بورلۇقۇمنى باسا توغرېلقا توغرۇ توملېدۇ سادتېم ← ئۆز ئۈزۈملۈكۈمنى باسا توغرىلقا مۇۋاپىق- لايىقىدا ساتتىم. مەجھۇل دەرىجە: جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ نامەلۇم شەيئى تەرىپىدىن ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل دەرىجىسى پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى دېيىلىدۇ. مەسىلەن:قاتئىلمازۇنلار ← قېتىلمىسۇن، ئارىلاشمىسۇن؛ يارئىلسار ← يېزىلسا.مەجبۇرىي دەرىجە: جۈملە ئىگىسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتنى مەلۇم شەخسكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئورۇنلاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان پېئىل دەرىجىسى مەجبۇرىي دەرىجە دېيىلىدۇ.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە شەكلى « دۇر، تۇر، د، ت، گۈر، كۈر، ئۇر، ئۈر » قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن: ياندۇرۇ بېرېپ ← ياندۇرۇپ بېرىپ. مەن بگ بارس قۇتلۇغ توڭاقا ئايىتىپ بېتېدېم ← مەن بەگ بارس قۇتلۇق توڭاغا سۆزلەتكۈزۈپ ( سوراپ ) يازدىم. ئاتىن كېشېكە ئۆتكۈرۈ ساتسۇن ← باشقا كىشىگە ئۆتكۈزۈپ ساتسۇن؛ ئۆسگە كېشې كۆرگۈرمەزمەن تېمېش ئۈچۈن ← ئۆزگە كىشىنى كىرگۈزمەيمەن دېگەنلىكى ئۈچۈن. چاۋنى ئوغۇل تېگېن يەڭگەمېزكە ياز، كۈز كېم كەلسەر تەگۈرۈپ بېرۈربېز، تەگۈرۈپ بېرمەسەربېز بۇ بېتېگنې كېم ئالىپ كەلسەر نەگۈكەمە تىلدامايىن بۈدۈرۈپ بېرۈربېز ← بۇ ( چاۋ ) پۇلنى ئوغۇل تىكىن يەڭگىمىزگە ياز ( ياكى ) كۈزدە كىم كەلسە، شۇنىڭدىن يەتكۈزۈپ بېرىمىز. يەتكۈزۈپ بېرەلمىسەك، بۇ ھۆججەتنى كىم ئېلىپ كەلسە، ھېچقانداق باھانە- سەۋەب كۆرسەتمەستىن تولۇق بېرىمىز. ئۆملۈك دەرىجە: ھەرىكەتنىڭ بىر قانچە شەخس تەرىپىدىن ئورتاق ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل دەرىجىسى ئۆملۈك دەرىجە دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ئاغىشساربېز ← ئاغساق، ئۆز ئارا تېنىۋالساق؛ سۆزلەشدېمېز ← سۆزلەشتۇق؛ تەشگۈرۈشۈپ ← ئالماشتۈرشوپ. ئۆزلۈك دەرىجە: بىرەر ئىش ھەرىكەتنىڭ جۈملە ئىگىسى تەرىپىدىن ئورۇنلانغانلىقىنى ۋە ھەرىكەت شۇ ئىگە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ياكى شۇ ھەرىكەتنى ئورۇنلىغۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل دەرىجىسى ئۆزلۈك دەرىجە دىيىلىدۇ. مەسىلەن: چام چارىم قىلغالى ساقىنسارلار بۇ بورلۇق تەڭېنچە ئېكى بورلۇق باسا توغرىلقا يارادۇ بېرېپ يۇلۇپ ئالزۇنلار تانۇق بۇرخان ← دەتالاش قىلماقچى بولسا، بۇ ئۈزۈملۈكتەك ئىككى ئۈزۈملۈكنى باسا توغرىلغا تەييارلاپ بېرىپ، ( ئاندىن ) قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن. گۇۋاچى بۇرخان. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ھازىرقى بىر قىسىم جۈملىلەر بىلەن شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش ياكى ئاساسەن ئوخشاش. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تەڭداش قوشما جۈملىلەر خېلى كۆپ.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بېقىندا قوشما جۇملە شەكىللىرى، مۇرەككەپ ھالەت بىرىكمىسى ۋە تىركەلمە بىرىكمىسى ئارقىلىق مۇرەككەپ ئوي- پىكىرلەرنى ئىپادىلىگەن.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆرسىتىش ئالماش بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەردە باش جۈملە بىلەن تارماق جۈملىنى باغلاش رولىنى ئوينىغان. مەسىلەن: ئوشۇل قىز ئانداغ كۆرۈكلۈگ ئەردى كىم، كۈلسە تەڭرى كۈلە تۇرۇر، ئېغلاسا، تەڭرى ئېغلا تۇرۇر. ← ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە، تەڭرىمۇ قوشۇلۇپ كۈلەتتى، ئۇ يىغلىسا، تەڭرىمۇ بىللە يىغلايتى.بۇ بېقىندا قوشما جۈملىدە، « كىم» دىن كېيىنكى تارماق بېقىندا جۈملە باش جۈملىدىكى « كۆرۈكلۈگ ئەردى » دېگەن قوشما خەۋەرنىڭ « ئانداغ » دېگەن كۆرسىتىش ئالماش بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇرەككەپ يېپىق جۈملە ۋە قوشما جۈملىلەردە « قالتى » باغلىغۇچى باش جۈملە تەركىبىدە كېلىپ، سۆز بىرىكمىسى بىلەن سۆز بىرىكمىسىنى ياكى باش جۈملە بىلەن تارماق جۈملىنى ۋاقىت جەھەتتىن بىر- بىرى بىلەن باغلاپ كېلىدۇ. مەسىلەن: قالتى ئالتى كۈن ئەرتىپ باردى، ئۆڭى قاڭى، ئاتلىغى يۈزلۈگې ئىغلايۇ، بۇسايۇ تۇرغۇرۇپ نەڭ ئۇنامادى ← ئالتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئانىسى، دادىسى ۋە ئەمەلدارلار يىغلاپ- قاقشاپمۇ ( ئۇنى ) ئورنىدىن تۇرغۇزالمىدى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرىمۇ ئىگە- خەۋەرلىك، باشقۇرۇش- باشقۇرۇلۇش، ئېنىقلاش- ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەم تەڭداش مۇناسىۋەتتە بىرىككەن. مەسىلەن: چامات چاق← ئاچچىقى كەلمەك، تېن بوسقاق ← دېمى سىقىلماق ( ئىگە خەۋەرلىك مۇناسىۋەت )؛ چەرىگ چەك ← قوشۇن چىقارماق، باش چالۇن ← بويۇن سۇنماق (باشقۇرۇش- باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋەت )؛ كۈلچىرە يۈز ← ئىسسىق چىراي، يەلمە ئەر ← ئاتلىق ئادەم (ئېنىقلاش- ئېنىقلىنىش مۇناسىۋەت )؛ قېرېق شىرە، ق, ېرېق بەندىڭ چاپتۇردى ← قىرىق ئورۇندۇق، قىرىق جوزا ياساتتى، يىگ ئەر، ئاش، سۈرمە تىلەدى ← خام گۆش، ئاش، مەي تەلەپ قىلدى ( تەڭداش مۇناسىۋەت ). قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «-ئۇ » ئىمكانىيەتنى بىلدۈرگۈچى ياردەمچى پېئىلى كۆپىنچە تۈرلۈك مەزمۇننى ئىپادىلىگۈچى ھال پېئىللارنىڭ كەينىگە كېلىپ، ھال پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەندىن سىرت يەنى راي، زامان، بولۇشلۇق- بولۇشسىزلىق شەكىللەردە تۈرلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن: قىلۇ ۇ ← قىلالا، بولغالى ۇ ← بولالا.موغوچلار ئول تاشىغ ئالىپ ئۆز ئەت ئۆزلەرى كۆتۈرگەلى ئۇماتىلار، يىلقىقا يۈتۈرسەر، يىلقى كۆتۈرۈ ئۇماتى ← ئۇ تاشنى موغۇچلار كۆتۈرەلمىدى، ئۇلاققا ئارتسا، ئۇلاقلارمۇ كۆتۈرەلمىدى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى پېئىل « تۇر » ئىسىم خارەكتېرلىك سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، جۈملىدە قوشما خەۋەر بولۇپ كېلىپ، ئۆزى بىرىكىپ كەلگەن ئىسىم خارەكتېرلىك سۆز ئىپادىلىگەن شەيئى ۋە بەلگىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنى ھال پېئىللار بىلەن بىرىكىپ، ھال پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا، ئورۇن كېلىشتىكى ئىسىم خارەكتېرلىك سۆزلەر بىلەن بىرگە كېلىپ، شۇ ئىسىم خارەكتېرلىك سۆز ئىپادىلىگەن شەيئى ياكى بەلگىنىڭ ئىزچىل ھەرىكەت ئىچىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: ئېتېل دەگەن بەدۈك بىر مۈرەن تۇرۇر ← ئىتىل ( ۋولگا ) دەرياسى دېگەن بىر چوڭ دەريا بار ئىدى. يىلقىلار كۈتەيە تۇرۇر ئەردى، ئاتلارغا مېنە تۇرۇر ئەردى، كېك ئاۋ ئاۋلايا تۇرۇر ئەردى ← يىلقىلارغا قارايتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى. ئەركەك بۆرى چەرىگنىڭ تاپۇقلارىدا يۈرۈگۈدە تۇرۇر ← ئەركەك بۆرى قوشۇننىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتاتتى. مانا بۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش، بىزنى بەزى فونىتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گرامماتىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ كېلىش مەنبىئى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشنى، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكا قائىدىلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان شەكىللەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تەتقىقات قانچە چوڭقۇرلاشسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تەتقىقات شۇنچە مول مېۋە بېرىدۇ.

پايدىلانمىلار: ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىقلار تۈزگەن « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984- يىل 4- ئاي 1- نەشرى

ئابلىمىت ئەھەت قاتارلىقلار تۈزگەن « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989- يىل 1- ئاي 1- نەشرى.

تۇرسۇن ئايۇپ « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1998- يىل 10- ئاي 1- نەشرى.

كۈرەش مەھمۇتجان رەئىسى قاتارلىقلار تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل 4- ئاي 1- نەشرى



«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا لېكسىكا گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توغرىس»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر