ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-20 00:47:38 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز


ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى


 تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى. ئىنسانلار تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ۋاسىتىسىدە بىر – بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئوي – پىكىرلىرىنى، ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈش، قايىل قىلىش تىلنىڭ گۈزەل، يېقىملىق، ئىلمىي، مەدەنىي بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق. بىر ئادەمنىڭ تىل قابىلىيىتى ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، تىلىنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك ۋە پاساھەتلىك بولۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنسە، ئۇنىڭ تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلەش ئادىتى ئىشلەتكەن سۆزىنىڭ ئىلمىي، گۈزەل، ساپ، ئاۋازىنىڭ يېقىملىق، تەلەپپۇزىنىڭ سىلىق ھەم جاراڭلىق بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇلار ئورتاق مەۋجۇت بولغاندا، سۆزىمىزنىڭ تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىراق، ئارىمىزدا سۆزلەشكەندە مەقسەتنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان، قوپال، تاققا – تۇققا، غەيرىي تەلەپپۇزدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇلارغا دىققەت قىلىنمىسا، ئاسانلا ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىق ۋە رەنجىشلەرنىڭ روي بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تىل بايلىقىمىزنى بېيىتىپ، ياخشى سۆزلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، تىل مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.


   سۆھبەتدىشىڭىزغا باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بېرىشكە تىرىشىڭ. مەيلى باي ياكى نامرات، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، سۆز – ھەرىكەتتە ھەممىگە باراۋەر بولۇش گۈزەل ئەخلاق جۈمىلىسىدىندۇر. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئۆزئارا ئالاقىدە بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىگە يول قويۇپ كەلگەن. كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، چوڭلار بالىلارنى، ئاياللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان گۈزەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: چوڭلار گەپ قىلغاندا كىچىكلەر ئېغىز غېرىچلىماي ئەستايىدىل ئاڭلاپ، يول قويۇش، ئەرلەر سۆزلەشكەندە ئاياللار گەپ قىستۇرماسلىق، ئاياللارنىڭ پارىڭىغا ئەرلەر قوشۇلۇۋالماسلىق، ئەرلەر ئاياللار ۋە بالىلار ئالدىدا قالايمىقان گەپ قىلماسلىق، ئويلىنىپ سۆزلەش دېگەندەك ئەنئەنىلەرنى يارىتىپ، چوڭلار ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە پەردىشەپنى ساقلاپ كەلگەن.


   باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سۆھبەتدىشىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ھۆرمەت قىلساق، بۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە، كىشىلەرنىڭ ياشاش يولى، ئىجتىمائىي ئورنى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئوخشىمايدۇ. بۇلار ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىسىدا بەلگىلىك پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمما، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەملەر بىلەنلا ئالاقە باغلاپ، شۇلار بىلەنلا سۆزلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. كىشىلىك ھايات، ئىجتىمائىي تۇرمۇش داۋام قىلىدىكەن، مۇقەررەركى، ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش، پاراڭلىشىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. يەنە ھەر قانداق ئادەم سۆزلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشنى، باشقىلارنى رەنجىتىپ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قوزغىۋېلىشنى، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىشنى خالىمايدۇ، بەلكى باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە، قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پاراڭلاشقاندا يېقىملىق، گۈزەل، ئىلمىي سۆزلەر ئارقىلىق سۆھبەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، ئازادە پاراڭلىشىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


   سۆھبەتتە قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئورۇنغا قويۇش تۇيغۇسى بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنى ئاسانلا تەسىرلەندۈرگىلى، قايىل قىلغىلى، كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ھۆرمىتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. ئەگەر گۈزەل، يېقىملىق، ئىلمىي بولغان سۆز مەدەنىيىتىگە ئوبرازلىق، جانلىق، يۇمۇرىستىك تىل سەنئىتى قوشۇلسا، سۆزنىڭ قۇدرىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ. يەنە پاراڭلاشقاندا باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇۋاپىق سۆز قوشۇپ كۈچەيتىش، تولۇقلاش، ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىقلارمۇ قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق ئادەملەرمۇ بار، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدۇ. ئۆزىنى جاھاندىكى جىمى ئىشلارنى بىلىدىغان ئەۋلىيا كۆرسىتىپ، تىنماي سۆزلەپ قۇلاقنى گاس قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ بىلىگە تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن سۆز تارتىۋالمىغۇچە ئارام تاپمايدۇ. بۇنداق سۆزلەش ئادەتلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، زېرىكتۈرىدۇ، بىئارام قىلىدۇ.


   خەلقىمىز ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى، كىبىر كۆرسىتىشنى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى يامان كۆرىدۇ ۋە بۇنى ‹‹گۇناھ›› ھېسابلايدۇ. سۆھبەتتە، قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق، مۇلايىم بولغاندا، سۆزلىگۈچى بەزىدە قەلبىدىكى ھېس – ھاياجىنىنى، خۇشاللىقىنى ۋە قايغۇ – خاپىلىقىنى ئايانماي ئىپادىلىشى، قارشى تەرەپكە پايدىلىق مەسلىھەت بېرىشى، بىرەر ئىشنى قوللاش، دەردىگە دەرمان بولۇش، خۇشاللىقلىرىغا ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، سۆزلىگەندە سۆزنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۇسۇلىغا، يەتمەكچى بولغان نىشان ۋە سۆز مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ، كۆپتۈرۈپ سۆزلەشتىن، يالغان – ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن، بۇ سەۋەبلىك ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.


   بەزى كىشىلەردە باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە راست – يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان ئادەت بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ‹‹قالتىس››لىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ئابرۇيىنى تۆكۈۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇقسان، ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئادەتتە، ئاياللار بىر يەرگە جەم بولغاندا كۆپرەك كىيىم – كېچەك، ئائىلىسى، ئېرى، توي – تۆكۈن...لەر ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. بەزى ئاياللار ئۆيىدە ئېرىنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىگىنى بىلەن، ‹‹ئەر ئەردەك، ئايال ئايالدەك بولۇشى كېرەك›› دەپ قارايدىغان ئاقكۆڭۈل، پەزىلەتلىك ئاياللار ئېرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بۇنداق ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ‹‹بىشەم››، ‹‹ھازازۇلكەن›› دەپ قارايدۇ.


   جانلىق، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك سۆزلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنى جەلپ قىلىشنىڭ ئىپادىسى تىل سەنئىتى بولۇش، ئىپادىلەشكە، بايان قىلىشقا ماھىر بولۇش، سۆزلەر ئاز، ساز، مېغىزلىق، چۈشىنىشلىك، سۆز – جۈملىلەر راۋان، بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق، پىكىرنىڭ ئېنىق بولۇشىغا سەل قارىماسلىق لازىم. كىشىلەرنىڭ ئوي – پىكرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. ھەر كىم ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە لايىق سۆزلەيدۇ. ھەر كىمنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئۆزىگە ئايان. شۇڭا، نۇتۇق قابىلىيىتى تۆۋەنلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئاساستا سالماق بولۇپ، دېمەكچى بولغانلىرىنى ئاۋۋال ئويلىنىپ، ئاندىن ئالدىرىماي بايان قىلسا، ئۆزىدىكى نۇتۇق ئاجىزلىقى ۋە كەمتۈكلۈكىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ.


   ئومۇمەن، تىل بايلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىك تىل سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، تىل قابىلىيىتى، سۆزلەش، بايان قىلىش، ئىپادىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندە ۋە يۇمۇرىستىك، جانلىق ۋە ئوبرازلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، تىلىمىز تېخىمۇ تاكاممۇللىشىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، تىل بايلىقىمىز ئاشىدۇ.


   ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەردە خەنزۇ تىلى بىلەن، ئانا تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ سۆزلەيدىغان ئادەت بار. بۇ ھەر ئىككى تىلنىڭ ساپلىقىغا، گۈزەللىكىگە، تەرەققىياتىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر تىلغا ئوخشىمايدىغان ۋە ھېچقانداق بىر تىلنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە سۆزلىشىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.


   تىلنىڭ گۈزەللىكى ۋە ساپلىقى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ساپلىقىدۇر. تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى مىللەتنىڭ ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. ئەجدادلار ياراتقان تىل بايلىقىنى توغرا ئىشلىتىپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىگە ئىگە تىل مەدەنىيىتى بىلەن نۇرلاندۇرساق، تىلىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ



«تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر