ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈت يېزىقى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-05-20 00:47:12 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈت يېزىقى


مەھمۇد نىزامى



    تۈبۈتلەر ھازىرقى تىبەت (زاڭزۇ)لەرنىڭ ئەجدادى بولۇپ، ئۇلار قەدىمدە شىزاڭ ئېگىزلىكى، چىڭخەي ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇقلارغا بۆلۈنگەنىدى. تىبەتچە ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شىزاڭنىڭ شەننەن (تاغ جەنۇبى) رايونىدا ئەڭ دەسلەپ ئۇرۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «بۆ»لەر دەپ ئاتىلىدىغان ئالتە قوتاز قەبىلىسى شەكىللەنگەن. «كېيىنكى خەننامە»دىكى «غەربىي چياڭلار تەزكىرىسى»دە بۇلار «فاچياڭلار» دەپ ئاتالغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىلادىيە 6- ئەسىردە تاغ جەنۇبىدىكى يالۇڭ قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «بۆ» دەپ ئاتىلىدىغان قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى خانلىق قۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى «زەنبۇ» دەپ ئاتايدۇ. بۇ «خان، بەگ» دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈبۈت خانلىرى «زەنبۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سۇڭزەن گەنبۇ (ئەسلى ئىسمى چىزۇڭ يىزەن بولۇپ، سۇڭزەن گەنبۇ ئۇنىڭ خانلىق ئىسمى ھېسابلىنىدۇ)پۈتۈن شىزاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈبۈت خانلىقىنى قۇرىدۇ ۋە لخاسانى پايتەخت قىلىدۇ. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نەۋرىسى چىماڭ لۇنماڭزەن (650 ــ 676- يىللار) تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. چىماڭ لۇنماڭزەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چىدۇڭسۇڭ ــ چىنۇشىنۇڭ (676 ــ 704- يىللار) تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. چىدۇڭسۇڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى چىديې زۇزەن (704 ــ 754- يىللار) تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. دەل مۇشۇ مەزگىللەردە، يەنى مىلادىيە 8- ئەسىردە تۈبۈتلەر ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، مىرەن رايونى، تۇرپان ئويمانلىقى بىلەن بەشبالىقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار بۇ جايلارنى مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلار بۇ جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. تۈبۈتلەر بۇ جايلاردىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ جايلاردا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
     كېيىنكى چاغلاردا ئۆز ۋاقتىدا تۈبۈتلەر بىر مەزگىل ئىگىلەپ تۇرغان يۇقىرىقى جايلاردىن مىلادىيە 9- 13- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان كۆپلىگەن ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە خەت- چەكلەر، مەمۇرىي ئالاقىلەر، رەمماللىق ۋە تېبابەتچىلىك، شۇنىڭدەك دىن ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت ھۆجقەتلەر بار (فرانكىنىڭ «تېپىلغان تىبەتچە ھۆججەتلەر» دېگەن كىتابى بىلەن شۇ بەينىڭ «بېرلىندە ساقلىنىۋاتقان تۇرپان يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى تىبەتچە ھۆججەتلەر» دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ). تۈبۈتلەر بۇ جايلاردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى دەۋرگە ئائىت ھۆجقەتلەرنىڭ تېپىلىشى بۇ جايلاردا بىر قىسىم تۈبۈتلەرنىڭ كەتمەي تۇرۇپ قالغانلىقى ۋە تۈبۈت يېزىقىنىڭ بۇ جايلاردا خېلى يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدىكى مىلادىيە 9- 13- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان بۇددا دىنىغا دائىر ھۆججەتلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. كىشىنى ئالاھىدە قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى، بۇددا دىنىغا دائىر ھۆجقەتلەر ئىچىدە «بۇددا دىنى دەرسلىكى» دەپ ئاتالغان بىر پارچە دەرسلىك كىتاب بولۇپ، بۇ دەرسلىك كىتاب تۈبنۈت يېزىقىدا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى (ماۋ ئې بىلەن لىر بوئىن بىرلىشىپ يازغان «بىر پارچە بۇددا دىنى دەرسلىكى» دېگەن ئەسەرگە قاراڭ)، يەنى بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا، تۈبۈت يېزىقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابتىن ئىبارەت. بۇ پاكىت قەدىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈبۈت يېزىقىنىمۇ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، بۇ پاكىتقا ئاساسەن، گېرمانىيە ئالىمى ھ. ج. كلىمكېيت: «قەدىمدە مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار تۈبۈت يېزىقىنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەسەرلىرىنى يازغانىدى» (ھ. ج. كلىمكېيتنىڭ «قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت»دېگەن كىتابىغا قاراڭ) دەپ كۆرسىتىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان تۈبۈت يېزىقىدىكى يارزما يادىكارلىق، بىلىشىمىزچە مۇشۇ بىرلا پارچە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يادىكارلىق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ئۇ قانداقلا بولسۇن، ئەينى زاماندا قۇجۇ رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈبۈت يېزىقىنى قوللانغانلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ




«ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈت يېزىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر