ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كۆز يېشى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-11-04 23:36:39 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


كۆز يېشى


  ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە بىر غەم مېنى بەكلا ئازاپلاپ كەلدى.تۇرمۇش گەرچە شۇنچە خۇشال،كۈنلىرىم بەخىتلىك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا شۇنچە يېرىم،ھەرداۋام ئېچىمدىن يېغا قايناپلا تۇرىدۇ.مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدىم. دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم،لېكىن نېمىگە قارىتا تەكشۈرتىشنى زادى بىلەلمىدىم.ئۈزۈم ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم،زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى،كىمنى ئازابلىغانلىقىمنى،قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندىم.لېكىن ھېچقاندەك بىر سەۋەپ تاپالمىدىم.ئېچىم باغانسېرى تىت-تىت بولغىلى تۇردى.ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىدەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئاخىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتىم. لېكىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. كۈنلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردى.كۈن بۇيى روھىم چۈشكۈن سۇلغۇن يۈرۈدىغان،گىلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىچىمدىكى ۋەھىمە،قورقۇنۇش بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كەتتى.خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلدىغان مەھپۇستەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.

مەن ئۈزۈمنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى بولدىم.نۇرغۇن مەنزىرلىك جايلارنى ساياھەت قىلدىم.كىشىنى خۇشال قىلدىغان ھەممە نەرسىنى كۆردۈم.قانغۇچە خۇشال ئوينىدىم.

گۈل-گىياھلارنى مەنزىرلىك جايلارنى تاماشا قىلدىم.ئەڭ يىيىشلىك،ئۈزۈم ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى  يىدىم.دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشتىم.گەرچە بۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى ۋاقىتلىق خوش قىلالىغان بولساممۇ لېكىن ئىچىمدىكى ۋەھىمە مېنى بارغانسېرى ئارام تاپقۇزمىدى.

  بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق ئۇخلاپقالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.تۇيۇقسىز تۇلىمۇ چوڭ بىر سوت مەيدانىغا كىلىپ قاپتىمەن.ئادەتتە سوتلارغا ئۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشمايدىغان

،نىمانچە كۆپ ئادەم بۇ مەيداندا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەرخىل تىلغا ۋەكىللىك قىلدىغان كىشىلەر ئولتۇراتتى.مەن دەرھال سوتچىلار ئولتۇرىدىغان ئوورۇنغا قارىدىم.ئۇيەردە چوڭ بىر ئۈنئالغۇ تۇراتتى.ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈنئالغۇلار تۇراتتى. داۋەگەر ئورنىدا ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان،ئۈستى ئەتلەس بىلەن بىزەلگەن بىر ئۈنئالغۇ زار-زار يىغلاۋاتاتتى.ئەتراپتىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.دۇنيادا مۇشۇنداق سوت مەيدانى بارمۇ؟مۇشۇنداق ئېچىلدىغان سوت بارمۇ ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.تۇيۇقسىز سوت مەيدانىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالدى.ئىككى ئەسكەر مېنى جاۋاپكارلىق ئورنىغا چىقاردى.ئەسلى بۇ قېتىملىق سوت<ئۇيغۇرتىلى> ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان سوت ئىكەن.

   سوت باشلاندى.باش سوتچى ئۇدۇلىدىكى چوڭ ئۇنئالغۇ ئىنگىلىز تىلىدا سوتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى.مەيداندىكى ھەممە كىشى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى.داۋەگەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرىزىنى ئېيىتتى.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ:< ھۆرمەتلىك سوت ئەھلى مەن بولسام دۇنيادىكى تىللارنىڭ بىرى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ تىلى بۇلىمەن.

ھەرقايسىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۇلىمۇ ئەقىللىق مىللەت ئىدى.سىلەر بىلدىغان تۈركى تىللاردىۋانى،

قۇتاتغۇبىلىك مەن بىلەن(ئۇيغۇرتىلى بىلەن) يېزىلغان.مەن بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم>. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندا جاۋاپكاردەك ئەمەس ئالقىشلىنىۋاتقاندەك ئولتۇردۇم.ئۇنئالغۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:<لېكىن،ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مەسئۇليەتسىز،نادان ئىكەن،ئۇلار چەت ئەل مەدەنىيىتىنى قالايمىقان قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىپ كەتتى،ھەتتا ئانا تىلى بولغان مېنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى.ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرى بەكمۇ جىق،ھەممىدىن ئېغىر بولغۇنى مېنى ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.مەن ھازىر ھەتتا ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن>.ئۇ بۇ گەپنى قىلۋاتقان ۋاقىتتائۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.مەيداندا جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈردى.گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى.

  ئۇلار:< مەندىن ئاخشام نېمە قىلدىڭ؟>دەپ سورىدى.مەن ھاپلا-شاپلا:<مەن ئاخشام دەنشىدىن خەنگونىڭ داڭلىق شىپىنىنى كۆردۈم>دەپ جاۋاپ بەردىم.بۇ ئىنىقلا مېنىڭ جىنايىتىمنى ئىسپاتلىدى.مەن ئۈزۈمنى ئاقلىغان بولساممۇ يەنىلا ئامال بولمىدى.

سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى چىقاردى.ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنى مەندىن-ئۇيغۇرلادىن ئايرىلىپ كىىشكە بۇيرىدى.مەن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.تۇيۇقسىز مەيدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئەۋجىگە چىقتى.ئۇلار بىر نەرسىنى تالاش-تارتىشى قىلىۋاتاتتى.ئەسلىدە ئۇيغۇرتىلى باشقا بىر مىللەتكە بەرمەكچى ئىكەن.مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازاپلاندىم.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم،لېكىن سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى ئۆزگەرتمەي سوتنى ئاخىرلاشتۇردى.كۈزۈمدىن توختىماي چۈشۈۋاتاتتى.بار-بارا ئۇلغۇيۇپ كەتتىم.يۈرىكىم سۇقۇشتىىن توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى،خۇددى بىر ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك.مەيداندا مەن يالغۇزلا قالدىم.توختىماي يىغلاۋىرىپ،ھەممە يەر كۆزيېشىمنى سۈرۈتكەن قەغەز بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ھېلىقى چوڭ ئۈنئالغۇ گىدىيىپ تۇرۇپ:<يەنە ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ،مۇشۇ قەغەزلەر ئىچىدە غايىپ بولىسەن> دەۋاتاتتى.مەن ياق،ياق!!!! دېگىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم.قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ يوتقىنىم يۆل بۇلۇپ كىتىپتۇ. كۈزۈمدىن يەنىلا ياش ئېقىۋاتاتتى.مەن دەرھال كۈتۈپخانىغا كىردىم.شۈكىرى ئۇيغۇرچە كىتابلار جايىدا ئىكەن.ئەمدى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.

مەن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى بىلدىم.مەن ئانا تىلى قەدىرلىمىگەنلىكىم،ئۇ ئەبجەش قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھىمىدە قالغان ئىكەنمەن.ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم،ھازىردىن باشلاپ ئاناتىلىنى قەدىرلەي،بولمىسا كۆز يېشىم مېنى چۆللەرگە غەرق قىلۋەتمىسۇن!

مەنبە: http://www.izchilar.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=147


«كۆز يېشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى