ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا-تىل ئوقۇتۇشتىن ياردەم سورايمەن.

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-09-26 16:30:03 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئانا-تىل ئوقۇتۇشتىن ياردەم سورايمەن.



 مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى قوغداشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تۇنۇپ يىتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە  ئۈزىمىزنىڭ مىللي، دىني كىملىكىنى ساقلاش ۋە بۇ مىللىي كىملىكىمىزنى ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە بىلدۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ، ئانا-تىل كۇرسىنى ئېچىپ،  پەرزەنتلىرىمىزنى ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى يېرىم كۇندىن ئانا-تىل،تارىخ ۋە مەدىنيەت، ئىسلام دىنى بىلىملىرى بۇيچە تەربىيلەشنى يولغا قويۇپ كىلۋاتىدۇ. جۇملىدىن مەنمۇ بۇ ئانا-تىل تەربىيلەش كۇرسىنىڭ كۇچلۇك قوللىغۇچى بۇلۇش سۇپتىم بىلەن، مۇشۇ ئانا-تىل كۇرۇسىدا يېرىم يىلدىن ئاشتى ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىگە ئانا-تىل، تارىخ ۋە مەدىنيەت دەرىسلىرنى بىرىپ كىلۋاتمەن.  بۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا دەرىسلىك ماتىرىياللارنىڭ كەمچىلىكى، شارائىتىمىزنىڭ ئانچە ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر بولسىمۇ،لىكىن قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن  ئاللاھقا شۇكۇرى ياخشى كىتىپ باردۇ ھەم باللارنىڭ ئۆز ئانا-تىلى ،تارىخى،مەدىنيىتىى ۋە دىنىغا بولغان قىزقىشى ناھايتى ياخشى .مەن بۇ ھەقتە ئۈزەم دەرىس بىرىىش جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى  ھەم ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەرياندا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى ھەم سىلەردىن سەمىمىلىك بىلەن ياردەم سورىماقچى.
     1 . ئانا-تىل ئوقۇتۇش جاريانىدا  ھەرىپلەرنى چۈشەندۈرش ۋە تۇنۇتۇش
    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىبەسى 32 ھەرىپتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، ھەر بىر ھەرىپنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى خىل، بولمىسا تـۆت خىلدىن 8 خىلغىچە(ئې، ئى نىڭ 8 خىل) يېزلىشى بار بۇلۇپ، بۇ ھەرىپلەرنىڭ ھەممىسىنى لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتنىڭ تىلى (لاتىن ھەرىپىنى ئاساس قىلغان تىللارنىڭ كۈپۈنچىسى ئادەتتە 26 ھەرىپتىن تەركىپ تاپقانلىقى ئۈچۈن )بىلەن ئىپادىلەپ، باللارغا چۈشەندۈرۈشتە ھەقىقەتەن قىينالدىم. بەزى ھەرىپلەر مەسلەن: ‹‹غ،ق،ژ،ھ، ۋ،ز ›› قاتارلىق ھەرىپلەرنى بەزى مىللەتلەرنىڭ  تىللاردا يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، باللارنىڭ ئاسان پەرىقلەندۈرۈپ  چۈشىنىشى قىيىن بولماقتا. مەسلەن ‹‹ئا›› ھەرىپىنى  ‹‹ئا››بىلەن ئىپادىلگەن بىلەن ‹‹غ،ق،ژ،ھ، ۋ،ز ›› ھەرىپلىرنى ئىپادىلگىلى بولمىغاندىكىن بۇ ھەرىپلەرنى پەرىقلەندۈرۈش،ئەستە تۇتۇشتا ۋە يېزىشتا كۆپ قىيىنچىلىق بولدى. 
      2. ھەرىپلەرنى قۇشۇپ يېزىش ۋە قۇشۇپ ئۇقۇش
   ئۇيغۇر تىلدىكى ھەر بىر ھەرىپنىڭ ئوخشاش بولمىغان يالغۇز،باشتىن،ئوتتۇردىن ۋە ئاياقتىن ئۇلىنىش شەكلى بۇلۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېلىبەسىدە بۇنداق بىر ھەرىپنىڭ بىر قانچە خىل ئۇلىنىش شەكلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن باللار ھەرىپلەرنى قۇشۇپ يېزىشتا، قايسى خىل ئۇلنىش شەكلىنىڭ قانداق ئۇلىندىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋال قايسى ھەرىپنى ئۆتمەكچى بولسام ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىبەسىنىڭ كارتۇنلۇق قىلىمىنى بىر-ئىككى قېتىم قايتا-قايتا قۇيۇپ بېرىش، ئاندىن ئۈزەم ھەرىپلەرنىڭ ھەرخىل ئۇلنىش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك يانداشما مەشىقلەرنى لاھىيلەپ، باللارنىڭ كۆپرەك ئەملىي مەشىق ئىشلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۇپ ئوقۇتۇش  ئېلىپ بارغان بولساممۇ بۇنىڭ ئۈنىمى تازا كۆرنەرلىك بولمايۋاتدۇ. ئەمما ھەرىپلەرنى قۇشۇپ ئوقۇشتا بۇنىڭ خېلىي ئوبدانلا ئۈنىمى بولدى.
      3. تارىخ ۋە مەدەنىيەت دەرىسىدە
      ھەر ھەپتىدە بىر سائەت تارىخ ۋە مەدەنيەت دەرىسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، بۇ دەرىستە باللارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە مەنىۋىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن  ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى باللارنىڭ قىسىقچە سۆزلەپ چۈشەندۈرش بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەنگەن فىلىملەرنى توردىن تېپىپ  كۆرسەتىم ھەم قارلۇق شىركىتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇنلارغا ئالاھىدە ئىشلىگەن ‹‹ئۇيغۇر شەخىسلىرى›› دىگەن ئاپ تىن پايدىلاندىم(بۇنىڭ ئۈچۈن قارلۇق شىركىتىگە ئالاھىدە رەخمىتىمنى بىلدۇرمەن). باللارنىڭ ئۆزنىڭ  تارىخىغا ۋە ئۇيغۇر تارىخدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىغا بولغان قىزقىشى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. 
      مەدىنيەت دەرىسىدە، ئالدى بىلەن باللارغا مەدىىنيەتنىڭ نىملىكى، نىمە ئۈچۈن ھەممىمىز بىر ئىنسان بولۇپ، بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، نىمە ئۈچۈن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئادىتىدىكى يۈرۈش-تۇرۇش، ئولتۇرۇپ- قۇپۇش، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك ۋەكۇندىلىك تۇرمۇشتىكى كىشلىك ئالاقە جەريانلىرى پەرىقلىق بۇلىدۇ؟ بۇ پەرىقلەر قانداق كىلىپ چىققان؟ دىگەن سۇئاللارنى باللارنىڭ ئۈزىگە سۇئال قۇيۇش ئارقىلىق، ئۈزىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلار بىلەن ئۈزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ ھاياتىغا سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مەدىنيەت ۋە ئۆرىپ ئادەت جەھەتتكى ئوخشىماسلىىقلار مىللەتنى مىللەتتىن ئايرىپ تۇردىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى باللارغا ئەملىي مىساللار بىلەن چۈشەندۇردىم.توردىن ئىزدەپ تاپقان‹‹ ئۇيغۇر ئۆرىپ ئادەتلىرى ››دىگەن كىتاپتىن پايدىلنىپ، باللارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىگە خاس بىر مەدەنيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا يۇقۇلۇپ كىتىلۋاتقان بەزى مەدىنيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ كىلۋاتقانلىقىنى ئەملىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۇرۈپ، باللارنى ئۆز مەدىنيىتىگە بولغان قىزقىشىنى قوزغۇدۇم، باللارنىڭ ئۆز مەدىنيىتىگە بولغان قىزقىشى بەك ياخشى. 
     ئۇندىن باشقا ئۇقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنۋىي باللار ئۇيۇنلىرىدىن ئۆملۇكنى،ئىتپاقلىقنى تەشەببۇس قىلغان ‹‹ قارا-قارا قۇشلارىڭ››،‹‹ئاداش-ئاداش بولايلى›› قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئوينىتىپ، باللارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆملۇكنى،ئىتپاقلىقىنى ئاساس قىلغان جامائەتچىلىك ئىچىدە ياشاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈزى ئوينىغان ئۇيۇنلاردىن ھىس قىلدۇرۇپ تەربىيە ئېلىپ باردىم. باللارنىڭ ئەنئەنۋى ئۇيۇنلارغا بولغان قىزىقىشمۇ بەك ياخشى.
     بىز بۇ قېتىملىق قىسقا موددەتلىك سىناق تەرىقىسىدە ئاچقان ئانا-تىل كۇرسىمىزدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىردا دەرىسلىك ماتېرياللارنىڭ كەم بولسىمۇ قۇلىمىزدىن كىلىشچە تىرشىچانلىق كورسىتىپتۇق ، باللار ھازىر بىر ، ئىككى،ئۈچ بۇغۇملۇق خەتلەرنى يازالايدىغان، قۇشۇپ ئۇقۇيالايدىغان ھالەتكە كەلدى. چەتئەل ھاياتىدا بۇنداق بىر كۇرۇسنى ئېچىپ باللارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ، ئاددى كىتاپلارنى ئوقۇيالايدىغان ھالاتكە كەلتۇرمەك ھەقىقەتەن تەسكەن. مەندەك بىر  مەخسۇس ئەدىبىيات كەسپىنى پۇتۇرمىگەن، باللار پىسخىكىىسى ئوقۇمغان ھەم باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا خىزمەت قىلىپ باقمىغان بىر  ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن، باللارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىك ئالاھىدىككىگە ماس ھالدىكى ئۇقۇتۇشنى ئېىلىپ بېرىش، دەرىس تەييارلاش، ئېلىبە ئوقۇتۇشقا ماس ھالدىكى ھەرخىل مەشىقلەرنى لاھىيلەشتە كۆپ قىينالدىم. ئالدىنقى قېتىملىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىردىكى تەجىرىبە  ساۋاقلارنى يەكۇنلەش ئاساسىدا، 2-قېتىلمىق ئانا-تىل كۇرۇسىنىڭ تېىخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرلىشى ئۈچۈن ،تور دۇنياسىدىكى ئانا-تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، بۇ جەھەتتە تەجىربىسى بار قېرنداشلار بىلەن قانداق قىلغاندا باللارنىڭ ئانا-تىل ئوقۇتۇشىدىكى ھەرىپلەرنى تۇنۇتۇش ۋە قۇشۇپ يېزىشتىكى ماھارەتنى يىتىلدۇرگىلى بۇلىدۇ؟ بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەم بۇ ھەقتىكى ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان قانداق ئوقۇتۇش ماتىرىيالىرى  بار؟ بۇ ھەقتكى ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجلىقمەن.


«ئانا-تىل ئوقۇتۇشتىن ياردەم سورايمەن.»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر