ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:40:19 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى

 

تىلىمىزدىكى ياردەمچى سۆزلەر رولىغا ئاساسەن تىركەلمىلەر، باغلىغۇچىلار ۋە يۈكلىمىلەر دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.   تىركەلمىلەر
ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدكى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، شۇ سۆزنىڭ جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ھەر خىل مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر تىركەلمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تىركەلمىلەر: ئۈچۈن، دائىر، قارىتا، كۆرە، نىسپەتەن، باشقا، ئىبارەت، ئوخشاش، كېيىن، قەتئىينەزەر، ئارقىلىق، ھەققىدە، توغرۇلۇق، قاتارلىق، كەبى، ئائىت، قەدەر، ئىتىبارەن، بىلەن، تارتىپ، قارىغاندا ...قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن تىركەلمىلەرنى تېپىڭلار.
تىرىشچانلىق ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋالدىم. ئۇ يەردە سەن توغرۇلۇق گەپ بولمىدى. ئۇ بىزگە راستچىل بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بەردى. بىزگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى. ئاتا-ئانىلار مەكتىپىنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپلەرنى بەردى. بىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتتۇق. ئۇلار تەتقىقاتقا دائىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىپتۇ. قاسىم ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىدىن كەلمىدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارتىپ، قارىغاندا، باشىلىق، كۆرە، تەرىپىدىن» قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەر بەزىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ، بەزىدە مۇستەقىل سۆز رولىدا كېلىدۇ. ئۇ سۆزلەرنىڭ قانداق رولدا كەلگەنلىكى، قانداق مەنە ئىپادىلەۋاتقانلىقى ئەمەلىي تېكسىت ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ.
مەسىلەن: تراكتور ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن ھارۋىنى تارتىپ چىقتى. (مۇستەقىل سۆز)
5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن تارتىپ ئەتىگەن سائەت 7:30دا ئىشقا چىقىمىز. (ياردەمچى سۆز) ئاغدۇرۇلغان ماشىنىنىڭ ئاستىدىن ئەكرەمنى تارتىپ چىقاردۇق. (مۇستەقىل سۆز)
بۇ دوقمۇشتا ئەتىگەندىن تارتىپ يېرىم كېچىگىچە ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ. (ياردەمچى سۆز)
تازا دىققەت بىلەن قارىغاندا كۆرگىلى بولىدۇ. (مۇستەقىل سۆز)
ماڭا قارىغاندا سەن ياخشى يازالايدىكەنسەن. (تىركەلمە)
باشلىق ماڭا بىر مۇنچە ئىش تاپشۇردى. (مۇستەقىل سۆز)
ئانام باشلىق ھەممەيلەن ياخشى تۇرۇۋاتىمىز. (تىركەلمە)
مەن مۇنارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئۆتتۈم. (مۇستەقىل سۆز)
ئۇ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن توختىتىلدى. (تىركەلمە)
ماۋۇ ماقالىنى كۆرە. (مۇستەقىل سۆز)
بىكار تۇرغاندىن كۆرە ئىشلىگەز تۇرغان ياخشى. (تىركەلمە)
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى تىركەلمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملە تۈزۈڭلار.
ئۈچۈن، ئائىت، ئارقىلىق، ھەققىدە، نىسپەتەن، ئاساسەن، قەتئىينەزەر
ئۈلگە: ئەتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قايتىشىڭ كېرەك.
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرنى بىرىنچى جۈملىدە مۇستەقىل سۆز رولىدا كەلتۈرۈڭلار، ئىككىنچى جۈملىدە تىركەلمە رولىدا كەلتۈرۈڭلار.
باشلىق، تەرىپىدىن، كۆرە، قارىغاندا، تارتىپ
2.   باغلىغۇچىلار
سۆزلەرنى، سۆز بىرىكمىلىرىنى ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى ئۆزئارا باغلاش رولىنى ئوينايدىغان ياردەمچى سۆزلەر باغلىغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ.
باغلىغۇچىلار سۆز، سۆز بىرىكمىلىرى ۋە ئاددىي جۈملىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلاردا باغلىغۇچىنىڭ رولى شۇ قەدەر مۇھىمكى، ئۇ باغلىغۇچىسىز ئۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
مەسىلەن: ماكسىزم بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇناسىۋىتى ئوق بىلەن نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. بۇ جۈملىدىكى «ماكسىزم بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ»، « ئوق بىلەن نىشاننىڭ» دېگەم قۇرۇلمىلاردا «بىلەن» باغلىغۇچىسى بولماي مۇمكىن ئەمەس. بىز بارايلى ياكى ئۇلار كەلسۇن دېگەن قۇرۇلمىدىمۇ «ياكى» باغلىغۇچىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
تىلىمىزدىكى باغلىغۇچىلار رولىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1) بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچىلار:— «ۋە، ھەم، ھەمدە، يەنە» بۇ باغلىغۇچىلار سۆزلەرنى، بىرىكمىلەرنى ۋە جۈملىلەرنى ئۆزئارا تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلايدۇ. «بىلەن» باغلىغۇچىسى سۆز ۋە بىرىكمىلەرنىلا باغلايدۇ. (مۇرەككەپ جۈملە تەكىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى باغلىمايدۇ)
مەسىلەن: تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە ئاڭلاش، سۆزلەش ئوقۇش ۋە يېزىشقا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇشى لازىم. مەكتەپلەردە كىتاب ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مەن بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىمەن ھەمدە پىكىر بايان قىلىمەن. مەن بۈگۈن كىر يۇيىمەن، تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن ھەمدە مۇز تېيىلغىلى بارىمەن.
تىلىمىزدىكى «بىلەن» ياردەمچى سۆزى بەزىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ، بەزىدە باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ، «بىلەن» سۆزى تىركەلمە رولىدا كەلگەندە ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، پېئىلغا بېقىنىپ كېلىدۇ؛ باغلىغۇچى رولىدا كەلگەندە ئىككى ئىسىم ياكى ئىككى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا كېلىدۇ.
مەسىلەن: مۇئەللىم ياسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. مۇھەممەتتۇرسۇن بىلەن ئابلىز بىر يەردە ئىشلەيدۇ.
يۇقىرىقى بىرىنچى مىسالدىكى «بىلەن» سۆزى تىركەلمە رولىدا كەلگەن، ئىككىنچى مىسالدىكى «بىلەن» سۆزى باغلىغۇچى رولىدا كەلگەن.
2) قارىمۇ-قارشى باغلىغۇچىلار:— «ئەمما، لېكىن، بىراق، ئەكسىچە، دېگەن بىلەن، ۋاھالەنكى، ئەپسۇسكى، ئۇ، يۇ» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باغلىغۇچىلار سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى، كۆپ ھاللاردا مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى قۇيۇپ باغلايدۇ.
مەسىلەن: بىر ئىشنى قىلدۇق دېگەن بىلەن ئۇ ئىشنى سۈپەتلىك قىلمىساق بولامدۇ؟
ئەسكەرتىش: «ئەكسىچە» بەلگىلىك تىل شارائىتىدا مۇستەقىل سۆز رولىدا كېلىدۇ.
مەسىلەن: بۇ ئىش مېنىڭ پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە بولدى. مەن ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتىم، ئەپسۇسكى ئۇ ماڭا بۈگۈن ئازار بەردى. ئۇ رابىيەنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ —يۇ، بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەي كېتىپتىغۇ؟ بىزنىڭ خىزمىتىمىز جاپالىق، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن زارلانمايمىز.
3) كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچىلار: «ھەتتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەلكى، بولۇپمۇ، خۇسۇسەن» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باغلىغۇچىلار جۈملە مەزمۇنىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
مەسىلەن: زۇمرەت تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپلا قالماسىتىن، بەلكى بەش پارچە ماقالە يازدى. بۇ ئىشقا ھەممەيلەن تۆھپە قۇشۇشتى، خۇسۇسەن غالىپنىڭ تۆھپىسى زور بولدى.
4) تاللاش-ئايرىش باغلىغۇچىلىرى : «يا، ياكى، گاھى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باغلىغۇچىلار جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنى ۋە جۈملىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، شەيئى ياكى ھەرىكەت توغرىسىدىكى ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: بۈگۈن بۇ يەردە سەن تۇر ياكى مەن تۇراي. ئۇ چاغدا مەن بېرىش ياكى بارماسلىقىمنى قارار قىلمىغانىدىم. ئۇ قاتناشسۇن، گاھى قاتناشمىسۇن، بىز ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ قويايلى.
5) سەۋەب –نەتىجە باغلىغۇچىلىرى: «چۈنكى، شۇڭا، سەۋەبى، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇرەككەپ جۈملىلەردىكى ئىككى پىكىرنىڭ سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: مەن سەپەرگە چىقمايمەن، سەۋەبى ئانام ئاغرىق. ئاسمان بوشلۇقىنى تومان قاپلاپ كەتتى، شۇڭا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچمايدۇ. ئاخشام توك كېتىپ قالدى، شۇڭلاشقا يىغىننى ئاچالمىدۇق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا «يەنى، جۈملىدىن، دېمەك، قىسقىسى، شۇنىڭدەك، شۇنداقلا» قاتارلىق سۆزلەرمۇ جۈملىدە باغلىغۇچى رولىدا كېلىپ، ھەر خىل گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
كۆنۈكمە: «بىلەن» سۆزىنى تىركەلمە رولىدا كەلتۈرۈپ ئىككى جۈملە تۈزۈڭلار، باغلىغۇچى رولىدا كەلتۈرۈپ ئىككى جۈملە تۈزۈڭلار.
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن باغلىغۇچىلارنى تېپىڭلار ۋە قانداق مەنىدە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.
بىزنىڭ تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇشىمىز، بولۇپمۇ يېمەكلىك تازلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. ئۇ زېھنىنى يېغىپ ئۆگەندى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىدى. ئۇلار كىلىشىمۇ ياكى كەلمەي قىلىشىمۇ مۇمكىن. مەن بارىمەن، ئەمما سەل كىچىكىپرەك بارىمەن. ئۇ سەمىمىي ئادەم، شۇڭا ھەممىمىز ئۇنى ھۆرمەتلەيمىز. ئابدۇرېھىم ساز چالالايدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ يەنە ئۇسسۇلمۇ ئوينىيالايدۇ. سىز يالغان سۆزلەيدىكەنسىز، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر سىزگە ئىشەنمەيدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ مەكتىپىمىزدىمۇ بار، جۈملىدىن سىنىپىمىزدا خېلى ئېغىر.
كۆنۈكمە: باغلىغۇچيىلارنىڭ ھەر بىر تۈرى ئۈچۈن ئىككىدىن جۈملە تۈزۈڭلار.
3. يۈكلىمىلەر
سۆزلەرگە، سۆز بىرىكمىلىرىگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ، قوشۇمچە مەنە بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر يۈكلىمە دەپ ئاتىلىدۇ.
يۈكلىمىلەر سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق شەكىللىرىگە ۋە جۈملىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، شۇ سۆز ياكى جۈملىگە مەنىۋى تۈس بېرىدۇ. ئايرىم يۈكلىمىلەر سۆزنىڭ مەلۇم گرامماتىكىلىق شەكلىنىمۇ ياسايدۇ. يۈكلىمىلەر تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:
1) «-دۇ، -غۇ، -چۇ، -ما، -مۇ» يۈكلىمىلىرى سوراق مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەسىلەن: بۇ خەتنى كىم يازغاندۇ؟ ئەمدى كەلدىڭىزما؟ سىز ئىشچىمۇ؟ باشقىلار تاپشۇرۇپ بولدى، سىزچۇ؟ مېنى تۇنۇمىدىڭىزمۇ؟
2) «-غۇ، -قۇ، -لا» يۈكلىمىلىرى كۈچەيتىش، تەكىتلەش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: ئاۋۇ كېتىۋاتقان ئايشەمغۇ؟ بۇ ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇققۇ؟ ھەممە چاتاقنى سەنلا تېرىۋاتىسەن. سەن ھازىرلا يولغا چىق.
3) «-زە» يۈكلىمىسى، تەنە، نارازىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: مېنىزە ھېچ ئىشنى ئۇقمايدۇ دەيدىكەنسەن-ھە!؟
4) «-ئا، -ئە، -چۇ» يۈكلىمىلىرى ئۆتۈنۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: ماڭا ھېكايە سۆزلەپ بېرىڭە. سىز سۆزلەپ بېرىڭا. پاراڭ سالمىساڭلارچۇ؟ مېنى خىجىل قىلمىسىڭىزچۇ؟
5) «-دە، -ھە» يۈكلىمىلىرى ئەيىبلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: ئەسلى گەپ مۇنداق ئىكەن-دە!؟ بۇ نېمىدېگەن سەتچىلىك-ھە؟!
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن يۈكلىمىلەرنى تېپىڭلار ۋە مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.
گەپ قىلساڭچۇ؟ سىز بۈگۈنلا يولغا چىقىڭ. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇڭلارمۇ؟ سەنزە تېخى مېنى چۈشەنمەيدىكەنسەن. ئۇ ئەجەپ ئېسىل ئادەم ئىدى-ھە؟! مەن ساڭا شۇنى دەپ قۇيايكى، مېنىڭ تاقىتىممۇ چەكلىك. بىز كېچىكىپ قاپتۇق-تە؟ ئۇ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدىيۇ خورەكنى باشلىدى.
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى يۈكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملە تۈزۈڭلار.


دۇ، ما، لا، زە، ئە، دە

مەنبەسى:ئاق تېلەك ماتېريال ئامبىرى




«ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى