ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 23:03:17 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى


گۇما شېۋىسى لېكسىكا جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ لۇغەت تەركىبىدە گۇمىنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك سۆزلىرى؛ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى ۋە چاغاتاي تىللىرىدىن ئەينەن ياكى قىسمەن فونېتىك ئۆزگىرىش ھالىتىدە ساقلىنىپ، ھازىرغا قەدەر كەڭ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇنداقلا، گۇما شېۋىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان فىرازېئولوگىيىلىك سۆز بىرىكمىلىرى، ئېدىئوم، ماقال-تەمسىللىرىگىمۇ ىبر قەدەر باي بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەدەبى تىلىمىزغىمۇ كىرىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا گۇما شېۋىسى سىمانتىكا جەھەتتىمۇ مەلۇم ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. تۆۋەندە بۇ تۈرلەرگە مەنسۇپ بولغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ لۇغەن مەنىسى (ئىستېمال مەنىسى) نى ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلاپ كۆرسىتىمىز:
1)گۇمىنىڭ ئۆزىگە خاس شېۋە سۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىستېمال مەنىسى
ئەسلەتمە: بۇ قىسمىدىكى سۆزلەر تەرتىپ جەھەتتىن ئالدىدىكىسى گۇما شېۋىسىگە خاس سۆزنى، كەينىدىكىسى ئۇنىڭ ئەدەبى تىلدىكى تەڭدىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇ كۆپ مەنىلىك سۆز بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان مەنىلىرى "②① " دېگەندەك رەقەم بىلەن پەرقلەندۈرۈلدى. مەنە جەھەتتىن سەل يېقىنلىرى پەش بىلەن ئايرىپ كۆرسىتىلدى.
خاس سۆزلۈكلەر لۇغېتى



ئاتىلا- بۇغداي ئۇنى بىلەن سوقۇلغان قىچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئۇماچ.

ئازىنىڭۇز- ھەپتىدىن بۇيان.

ئاياق-ياغاچ تاۋاق.

ئاژناپ-ئاچكۆز.

ئامىناماي-دائىم، دەم ئالماي.

ئاۋۇي-① تۈزۈت قىلماي. ②ئابروي.

ئادا- ① پاكىز ② پەقەت.

ئازغاش- ① ئالماش ② ئېزىپ كەتمەك.

ئاقنان- بۇغداي نېنى.

بادىرا- خادا.

بىجىق- ئەمچەك.

باسماق- چاشقان تۇتىدىغان قاپقان.




بوخىناق- چاڭ، تۇمان.

بويتاسما-غىلاپنىڭ چۇچىلىق تاسمىسى.

پىخسىماق- سېسىپ، كۆكۈرۈپ قالماق.

پوپاڭ- يۇمشاق.

پاتاڭگۇ ئۇچماق, قاڭقىپ ئۇچماق.

ئەتتىكەن- تىرناق تۈۋىنىڭ يارىسى.

ئەگۈنە- چىتەنگە ئوخشاش ئېتىلگەن ئاددى ھويلا ئىشىكى.

ئەختىمالەم- ئېھتىمال.

ئەيۋىلەڭ-سەيۋىلەڭ – قالايمىغان، ئوڭ-تەتۈر تاشلانغان.

ئەكچىش-چالا قۇرۇش.

ئەن- ① بەلگە ② تېز، راۋان ③كەڭلىك.

بالتاق-كالتەك (ياغاچ كۆتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ).

بەلدەش-كېسىش، توغراش (ياغاچنى).

بوغجىما- بوخچا، بوپا، تۈگۈچ.

بازىمان- كەچ، كەچتە.

بىلەك- باشقا، قايتا،

بوببا- بوۋا، چوڭ دادا.

پاگى- خېمىر تۇرۇچ.

پەلتەڭ- ئورۇندۇق.

پورەك- پوچى.

پوسما- بالىلارنىڭ پاختىلىق باش كىيىمى.

پۈتمەك- ئىشەنمەك.

پېچەك- يىپ يۆگەيدىغان غالتەك.

پالكۇچ- پەلكۈچ، پەرلىگۈچ.

پەرەك- بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆمۈرچەك.

پەنچە-ئالىقان، تاپان بارماقلىرى.

چاپتىكەش- چىپىلغاق، جىم تۇرمايدىغان.

پاۋان- ئوۋچى.

پاتىش- لىقمۇ-لىق.

پىلتاش- لىقمۇلىق.

پەللەش- ئالداش.

پەللەم- ئالدام، يالغان.

پىشكى- بىر ئاز.

پۇقۇسلاش- قىيداش.

پات- تىز، ئىتتىك.

تاراڭگۇ-كالتەك.

تاق- تېز، چاققان.

تالجىماق-ھېرىپ قالماق، مادارىدىن كەتمەك.

تامغاق- تاڭلاي.

تانا- ①ئەنە ②ئىنچىكە ئارغامچا.

تاۋان تاشلىماق- ئارىيەت ئىلىپ بۇزۇلغان

نەرسىنى ئېگىسىنىڭ قايتۇرۋېلىشىنى رەت قىلىش.

تەۋاز- تېرىككەك،

تە بولۇش- تېرىكىپ قىلىش.

تەڭلە-ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان داس ئورنىدىكى قاچا.

تەلپەك- تېرە تۇماق.

توسان-كۆندۈرۈلمىگەن ئات ئۇلاغ.

توسانجا- نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىلىنغان توسۇق.

تومنان- توقاچ.

تۇغ- ① تۇغان ② مازارلىقنىڭ شەددىسى.

دالتەك- گەپ توشۇغۇچى.

داملىماق- ماختىماق.

دوقاسلاتماق- نوقۇماق.

دۈگجىمەك- ئالدىغا مۈدىرىمەك.

دۆش- ①گۆش چانايدىغان كۆتەك


② ئېتىزنىڭ ئىگىز-پەس يېرى.

دىكەل- بېرى كەل.

پاڭقاي- پاڭ، گاس.

پاڭقۇش- پاڭ، گاس.

پوزنەك- "پومزەك"كە يېقىن سۆز.

پوكان-گال، بوغۇز.

پۇسكايماق-پولتايماق.

پۇسكاق-پۇلتىيىپ قالغان.

پۈتەي-ئىچى پۈتۈك، تۆشۈكسىز.

پىژغىرىم-قاتتىق ئىسسىق.

پسىي پوق- مىس-مىس،

پىشتكى (پىشكى)- بىرئاز، ئازراق.

تاتقۇ- ① تاماققا ئوخشايدىغان، ئەمما چىشى يوق كۈرىگۈچ


② ئۈستىدە ئەلگەك قويۇپ ئۇن تاسقايدىغان سايمان.

تالىغا تەگمەك- زىتىغا تەگمەك، گەپ سۆزدە ئېغىر كەتمەك.

تىۋەززۇن- كىچىك پالتا.

جودا- ئۇرۇش-جىدەل، غەۋغا.

تاتما- ئىنچىكە، ئۇزۇن لىم.

تات- دات (داتلاپ قالماق).

تاكوچا- تاپسا، پەگا.

تىتما كاتاڭ- تىتما-تىتما.

تاختا مۈشۈك- چاشقان قىسمىقى (قاپقان).

جوپپاڭ- مۇز نوكچىسى،

جوجاي-مۇز نوكچىسى.

چاقۇندا- ئوڭدىسىغا.

چىلپاق- پارچە.

چىلپىي-پارچە.

چاپقۇلداش- ئات، ئىشەكنىڭ چېپىشى.

چەتىش-چامداش، قەدەم ئېلىش.

چەتى- قەدىمىي، چات ئارىلىقى،

چاپىي-شادىلىق كارىۋات.

خامپا- تۈگمەننىڭ ئۇن چۈشىدىغان جايى.

خوردا بولۇپ كەتمەك- ئادەتلىنىپ كەتمەك، پىشىپ كەتمەك.

دادايماق-كېرىلمەك، ئۆزىنى كۆرسەتمەك.

جوڭقۇيماق- باشقۇرماق. جۇڭشىماق- باشقۇرماق.

جوندەك-يىرتىق، جۇل-جۇل.

جىندەگ- كىچىككىنە، بىردەم، بىر ئاز.

چۈكىنەم-ۋىجىك، كۆرۈمسىز.

چىۋىقىغا ئالماسلىق- نەزەرىگە ئىلماسلىق.

چىڭگىز- بېخىل، بىر ئىشنى بەك ئىنچىكىلەش.

دىيەپشە- بىگىز.

دەپتە-پىيما.


دەپكۇ-پىيما.


دوناي-ئەگرى.

دوقماز- ئۇچى يوق.


زاڭ-قوناق ئۇنىدا ئېتىدىغان ئوماچتىن قويۇق بىر خىل تاماق، ئۈستىگە قورۇما ئىلىپ يەيدۇ.


زەگۈندا- ئىشىك بوسۇغۇسى.


شالتاق- كىر، قاسماق.

شىۋاق-ساسلىقتىكى چىملىق،

غاجۇپ قالماق- ئېچىرقاپ قالماق.

غاشا-يىرك، قاتتىق،

غۇدۇلاش-غۇدۇڭشىماق.

غورا قاپاق- توڭ، قوپال مىجەزلىك كىشى.

غوراپ- پىشمىغان ئۈزۈم.

غول- ①كۆپ، نۇرغۇن ② چوڭ مەركىزى (كوچا، ئۆستەك).

غۇلدا-
قوناق ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوقىدىغان كالتەك.

ساي-ھېلى، بايا.

مىكە-بېرى كەل. مەيەرگە كەل.


راخاپ- مۇز سۈيى، دۇغ.

دوغاپ-مۇز سۈيى، دۇغ.

دۇمبال- دۇمبا، كەلتەك.

دۈمبەل- ئوتتۇرىسى ئىگىز نەرسە.

داپقۇ- قېتىم (بىر قېتىم، بىر يول).

سۆز سالماق- ئەلچى قويۇپ توي تەلىپى قويماق (تويغا كېلىشمەك).

سۆل- خام قالغان، چالا پىشقان نان.

سىپتە- سىيلىق.

چاغۋا...- ...غا ئوخشايدۇ، ئېھتىمال.

چەپپە- ① سول
②تەتۈر

چوخچا- دۆۋە.

چۇل- چۇل- كۇكۇم تالقان.

چەتمەك- كىچىك قۇشلارنى تۇتىدىغان سىرتماق..

چېتە- كىشەن.

چىلەك- ① "+" بەلگىسى ② كۆتۈرۈپ يۈرۈپ يىپ ئىگىرىدىغان ئەسۋاپ.

سيپىماق- سىلىماق، سۇۋىماق.

سىنچاي چىنە- پىيالە.

شاپ- ① تېز، چاققان. ② چۆلدە ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.

شاپالتاق- چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان پالاق.

شاخىنا- ئىچى سۈرۈپ شاتىراقلاش.

شوخا- تىكەن.

شوپۇ- مىۋە شوپۇكى.


شېتىلە- قىزىقچى.

سىيەك- خىل، سەرخىل.

سىلىكىش- پەسىيىش.

سۈپەك- باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈيدىغان كىشى، چېپىلغاق.

سوغۇتقۇ- سۇيۇق تاماقلارنى بۆلۈپ سوۋۇتۇپ ئىچىدىغان ئايرىم قاچا.

قىسماق- قۇش ۋە باشقا جانۋارلارنى تۇتىدىغان توزاق.

كاج- جاھىل.

كاج تالاشماق- گەپ تالاشماق.

تاكاللاشماق- گەپ تالاشماق، مۇنازىرىلەشمەك.

كاچكۇل- مۇز ئۈستىدىن سۇ ئېلىشقا ئاچقان تۆشۈك.

كامالەك- رەگەتكە.

    
كەپشە- كېپىش، كەش.

كاكىلىماق- تۇخۇم تۇغماق (قۇشلار).

كاك- ياڭاق مېۋىسىنىڭ سىرتىدىكى كۆك پوستى.

كاكلىماق- ياڭاقنى كۆك پوستىدىن ئايرىماق.

كالتىساق- خونچىسىز ئاياغ.

كالتاخساقال (كالتە ئاقساقال)- كىچىك

ئىشلارغا ئارىلىشىپ يۈرگۈچى، بىلەرمەنلىك قىلماق

. كۆنەلگۈ- قېتىقنىڭ ئېچىتقۇسى.

كىلتان- ئىشىك دېرىزىلەرنىڭ ئىلگۈچى.

شىراق- پاچاق، تېقىم.

قاڭ- توپا چىڭدايدىغان ئەسۋاپ (كۆتەك).

قاڭدىماق- چىڭدىماق.


قوشام- چىت، قاشا ( يۇلغۇندا قورشالغان تام).

قوشىماچ- ئىككى ئۆكۈز قېتىلىدىغان

بۇقۇسا (ياغاچ ساپان).

قولدىماچ- نەرسە يۈدگەندە ئارغامچىنى

قولتۇقى بىلەن يەلكىسىدىن ئۆتكۈزۈپ تېڭىۋىتىش.


قويۇغاش- پولۇ.

قۇز- تەسكەي، كۈن چۈشمەيدىغان جاي.

قۇلاق قاقىشماق- ئۆز ئارا كۇسۇرلىشىپ كېلىشىۋالماق.

قومچاق- پاقا.

قومچاق يوتقېنى- پاقا يۇپۇرمېقى (ئۆسۈملۈك).

قۇيۇق (قۇيرۇق) چۆرۈگۈچ- ئىش-

ھەرىكەتنىڭ كەينىدە قالماق.

قۇچ- پولات.

قىيىم (قېرىم)- كىچىك ئېرىق، چۆنەك.

سەندەل- ئۈستى تاسمىلىق كەش.

ساي، سايقى- بايىقى، ھېلىقى.

سايىتتىكى- باتىقى، ھېلىقى.

سۇۋاي- ھايۋانلارنىڭ بوغاز بولماي قىسىر قېلىشى.

سۆيۈن- سايە، سالقىن جاي.


شىۋەلىك- ساسلىق.

شىنە- ① پانا، ياغاچ مىق. ② شىرنە.

شەپشەك- چىۋەك، چەبدەس.

غۇيەك- پىرقىرىغۇچ.

غارا- پۈتۈنلەي، ساپلا.

قوڭالتاق- ئاياغنى پايپاقسىز كېيىش.

قىسىي قالماق- بىر ئىشتىن قۇرۇق قالماق.

كەپشەك- ئۇچى كەشكە ئوخشاش تىكىلگەن پېتەك.

كۇۋۇك- كەپتەر ئۇۋىسى.

كۇنۇس- پىقسىق.

گۇنۇس- تۇتۇق، ئاچ رەڭلىك.

كاڭكا- باغسىز سېۋەت.


شىداق- ئاۋاق، ئورۇق.

شىدىشاپ- ئۈجمە ئىغىتىپ يەيدىغان نەرسە (رەخت).


شىلتىڭ ئاتماق- چوڭچىلىق قىلماق.

غوم- قورساق كۆپۈكى.

غوم ساقلىماق- ئادەۋەت تۇتماق، ئاداۋەت ساقلىماق.

قاپچىغاي- بىر بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيدىغان يول.

قاپچىمال- ئارىلاش، ئارىلاشما.

قاراق- قارچۇق.

قاشاڭ- يۈزى قېلىن گەپ ئۆتمەيدىغان.

قاق- ① شاپتۇل قېقى ② تاغلاردا تاش

ئارىلىقىدا سۇ تۇرۇپ قالىدىغان كۆلچەك.


قۇسۇمەت- ئۆچ- ئاداۋەت.

قاقرام- قاتتىق ئىسسىق.

قىزىلاڭ- ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.

لايلامپاتاق- پاتقاق.

لابدۇ- كېيىم- كېچىكى سۆرەلمە، ماس كەلمەسلىك.


لەت- يامان گەپ، دەشنەم.

لەتخو- دەشنەم يېيىشكە خۇشتار كىشى.

مالتىلاش- ئاختۇرۇش.


لەڭگۈك- ئەپكەش.

مالغۇشلاش- ئارىلاشتۇرۇش.


مومما- موما، چوڭ ئانا.

مو- ماۋۇ.

مىيان- بۇ يان، بۇ تەرەپ.

مىيە- بۇ يەر.

موۋۇ- ماۋۇ.

مىشىت- مەسچىت.

مىت قىلماسلىق- قېمىرلىماسلىق.


مىشمىيىق- پۇرلىشىپ كەتكەن.


مونۇكۇم- يۇۋاش، بىچارە بولىۋىلىش.


مىنەپتە (كۈن)- بازار بولىدىغان

كۈندىن باشقا كۈنلەر.

نىياق- يىراق.

نوكەش- ئىچى كاۋاك، نەيچە.

نىمكەش- بىر ئاز كونىرىغان.



نىمشەك (نىم ئىششەك)- قەدىمىي ئېغىرلىق

بىرلىكى (ئىككى جىڭغا تەڭ).



داخشالماق- ئانچە- مۇنچە يىرتىلماق، كونىرىماق.

ھاللاڭ- ئوچۇق.

ھوقىيتماق- توۋىلاپ چاقىرماق.



ھىلەڭ- دائىم، ھەمىيشە.

ھايتاق- باشتۇڭ، ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان.

تاقلاش- مايسىنى تۈپ قالدۇرماق (ئىككى

تۈپتىن بىرىنى ئېلىۋىتىش).


ئۇۋات- ① ئۇيات. ② جىنسى ئەزا.

ئوڭدا قويماق- ئالداپ زىيان سالماق.


ئولپاق-بوۋاقلارنىڭ پاختىلىق باش كېيىمى.

گىجىڭ- ھەمىيشە ئىشتىن چاتاق چىقىرىپ ئارىلىشىۋالماق، ئۆزىنىڭ گېپىدە تۇرىۋالماق.


گىچچاڭلىتىش- كۆز- كۆز قىلىش.

گىنە- ئاداۋەت.

گالىزاڭ- دۆت، گومىش.

گەزنە- توقاچ نان ياقىدىغان ئەسۋاپ.

گۆلەڭ- سۇنىڭ ئاقماي تۇرىۋالغان جايى.

ھىمات- يۆلەنچۈك، ئارقا تىرەك.

ھېلەڭ- دائىم، ھەمىيشە.

ھۆرداق- ئۆكتەم، مۇتىھەم.

ھولاق- ياغاچنى ئويۇپ ياسىغان ئوقۇر.

ھونناق- ① ناھايىتى ئاچچىق،② يامان سۈپەتلىك يارا.

چىپپىي- ھىم كەلمەك، لىق كەلمەك.

مولاس- مولاس- بوش، يۇمشاق.

مۇنايماق- شۈمشەيمەك.

موتايماق- ئىچىگە پۈكۈلۈپ كەتمەك.

موندىلەك- قوناق شېخىنىڭ كۆتىكى ( يىلتىز قىسمى).

مەتۈ- تىلى كەمتۈك، گەپنى كەمتۈك قىلىدىغان.

مەلتۈك- تىلى كەمتۈك.

مانەت- پاسكىنا.

مەيزاپ- يەرلىك ئۈزۈم ھارىقى.

مۇسەللەس- (يۇقىرقىغا ئوخشاش).


مونەك- شاپتۇلنى پۈتۈن قۇرۇتقان "گۈلە".

ئۇششۇق- كۆكەرمە، بىر پۇللۇق زىيان بولسا،

ئون پۇللۇق زىيان بولدى دەپ تۇرىۋالىدىغان ئادەملەر

"ئۇششۇق" دېيىلىدۇ.


ئىششىماق- (مەنىسى يۇقىرقىغا ئوخشاش).


ئىغىزمان- دۈمبە، ئۇچا، ئارقا تەرىپى.

ئىلەس- ئالىغاي.

ئىنا- ئەنە.

ئىيان- ئۇ يان، ئۇ تەرەپ.

ئىيۋۇ- ئاۋۇ.

يوپۇڭ- يېلىڭ، يۇپقا (كېيىنىش).

يوبدان- قوناق خېمىرىنى سىققۇچتا

سىقىپ ئېتىدىغان بىر خىل ئاش.


قىس- كەم تېپىلىدىغان.

قېناق- ياغاچنىڭ يونۇپ بەلگە سېلىپ قويغان يېرى.

كەسلەش- كېسىش.

كەملەش- بىرەر قاچىدا كەمچىلەپ ئېلىش.

مومۇن- خامانغا ئورنىتىلغان موما ياغاچ.

مەڭزىتىش- ئوخشىتىش، قىياس قىلىش.

چالا- چالپاق- كەم- كۈتە.

قوچۇش- سۇيۇق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش.

قورۇش- ①توسۇش، قوغلاش، ئۈركۈتۈش.②قورىما قورىماق،③ ئېغىزى چوڭ نەرسىلەرنى كىچىكلەتمەك


غولجا- قوۋۇز.

قىچىق- غىدىق.

قىچىقلاش- غىدىقلاش.

شاخىنەك- يىڭنە ئىشى قىلغاندا بارمىقىغا

سالىدىغان تۆمۈر ئۆزەك.

كوچا- كۈجە (دانلىق ئاشلىقلارنى قاينىتىپ

ئېتىلىدىغان تائام).

ئوڭاي- ئاسان.

ئويماق- يىڭنە ئىشى قىلغاندا قول بارمىقىغا

سېلىۋالىدىغان تېرە ئۆزەك.

بۈكۈم- بۈكۈچ- مۈكۈ- مۈكۈلەڭ، مۈكۈشمەك.

ئۈزۈلۈپ قېلىش- ئاغرىقنىڭ قايتا قوزغىلىپ ئېغىرلىشىشى.

ئۆيۋاقا- ئۆي- جاي.

ئىشكايلا- ئۆي- ھويلا.

يەكسۇن- ئوخشاشلا، پۈتۈنلەي.

يامىداش- چالا- بۇلا بىلىش (ئوقۇش).

ياپا- پۈتۈنلەي.

ئولغام- تېڭىلغان نەرسىلەرنىڭ تېڭىق

ئارغامچىسىنى چىڭىتىدىغان ياغاچ.

ئولىماق- تولغىماق.

ئولغىماچ- تولغاپ چىڭىتىش ھەرىكىتى.

ئۇدۇم- ئادەت، ئەنئەنە، ئۇسلۇپ.

ئۇۋاتقۇ- خېجىل بولماق.


يىدىغ- سېسىق، بۇزۇلغان تۇخۇم.

يوپتاق- ياۋىداق، توقۇمسىز ئۇلاغ.

يالاق- ئىتنىڭ قاچىسى.

خەتى- ئېسى، يادى.

شوت- شوتا.

سىيىتما- سىرىتما.

سەگىدەش- سايىداش، سالقىنداش.

زىياتلىق- زاراتگاھلىق، قەبرىستان.

تىيماق- تىرناق.

قونغاق- قونداق.

چولتا- ① چالا ② قىسقا،

ھۆددەس- پەقەت، ئەسلا، پۈتۈنلەي.

مىس- لىق، لىقمۇ- لىق.

ئۆملاقمان- ئالدىراش- تىنەش، دائىم، ھەمىيشە.

ئۈلگىيجە- پۈتۈن، توپ بىلەن.


ۋاتۋارەك- قەغەز لەگلەك.

ئىيىغ- ئادا، پاكىزە.

ئىيىغداش- ئادالاش، پاكىزىلەش.

ئىچى پۇشماق- تىت-تىت بولماق.

ئىچىكىش- ئىجىل- ئامراق بولماق.

ئىششەك- قەدىمىي ئېغىرلىق بىرلىكى (تۆت جىڭغا تەڭ). يامچاق- تەشتەك.


«گۇما شېۋىسىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر