ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-09-17 20:31:54 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە



ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى


   بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەت پەن – مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. تىلسىز ئالاقىلىشىش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسىلىرىمۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كامال تاپقان. خەلقىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، تىل بايلىقىنى، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل، ئىلمىي ۋە نەپىس تىلغا ئايلاندۇرۇپ، تىلىمىزغا ئېنىقلىق، ئىخچاملىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇن بېغىشلىغان. بۇنىڭ روشەن دەلىلى خەلق ماقال – تەمسىللىرىدۇر.

   خەلقىمىز شانلىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، فولىكلورىمىزنىڭ مۇھىم ۋە باي تۈرى بولغان ماقال – تەمسىللەرنى يارىتىپ، ئۇنى تىلىمىزغا ئالاھىدە ئېنىقلىق ۋە مەزمۇن بېغىشلايدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرغان. ماقال – تەمسىللەر خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ بەدىئىي يەكۈنى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، كۈرەش تەجرىبىلىرى، ئەقىل – پاراسىتى، دانىشمەنلىكى ئەكس ئەتكەن.

   ماقال – تەمسىللەرنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەزمۇنى مول. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ماقال – تەمسىللەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. مەسىلەن:

  ئاش تاتىغى تۇز(ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن)

   ئىككى قوجىنكار باش بىر ئەشەجتا پىشماس(ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس)

   قانىخ قان بىرلا يۇماس(قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس)

  ئاتىسى ئاچىغ ئالما يېسە، ئوغلىنىڭ چىشى قامار(ئاتىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغلىنىڭ چىشى قاماپتۇ)

   بەزى ماقال – تەمسىللەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، ئۇ پەيدا بولغان دەۋرنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇ ماقال – تەمسىللەر گەرچە 11 – ئەسىردە خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، بەزىلىرى قۇللۇق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتلەردە بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

   لېكسىكىلىق سۆز بايلىقى مول، ئىپادىلەنگەن پىكىر ئوبرازلىق بولۇش، ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنە بىلدۈرۈش باي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى. خەلق ماقال – تەمسىللىرى تىل خەزىنىمىزدىكى زور بايلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش، تىلىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش رولى چوڭ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە تىلىمىزنى ئەقلىيەلىك، ھېكمەتلىك، كۈچلۈك مەنتىقىلىق ۋە شېئىرىي خۇسۇسىيەتلەرگىمۇ ئىگە قىلىدۇ:

ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق.

بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى يوق.

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى – رويىڭ سامان بولماس.

پالتا چۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ.

ماقال – تەمسىللەر تىلىمىزنى باي ۋە قىممەتلىك پەلسەپىۋى خۇسۇسىيەتلەرگىمۇ ئىگە قىلىدۇ:

ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت.

يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.

بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار.

ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر.

ماقال – تەمسىللەر تىلىمىزنى ئۆتكۈرلۈك، كىنايىلىك ۋە ھەجۋىيلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ.

كىگىز پايپاققا ناھال قېقىپتۇ.

ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە يەپتۇ.

توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال.

   ماقال – تەمسىللەر تىلىمىزنى جانلىق، ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، دەلمۇ دەل ئىپادىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن: ‹‹كۈلەلمىسەڭ ھىجايما›› دېگەن. بۇ ماقال گەرچە ئىككىلا ئاددىي سۆزدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ‹‹قولۇڭدىن كەلمەيدىغان ئىشقا زورۇقما›› دېگەن مەزمۇننى ئوبرازلىق، جانلىق، توغرا ۋە چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بەرگەن.

   رۇس يازغۇچىسى گوركى: ‹‹تىلدىن ئىبارەت بۇ قورال قانچىلىك ئۆتكۈر، ئېنىق ۋە ساپ بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ›› دېگىنىدەك، خەلق ماقال – تەمسىللىرىمىز تىلىمىزنى بېيىتىپ، ئۇنى يېڭىلمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ماقال – تەمسىللىرىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە، ئىلىم – مەرىپەتكە، دوستلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىجتىمائىي ئەخلاق، پەلسەپەۋى قاراش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم قاتارلىقلارغا بولغان ئىدىيەۋى تونۇشلىرى، تەجرىبىلىرى ۋە ئەقلىي خۇلاسىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئىخچام ھەم ۋەزىنلىك ئىپادىلەش ۋاسىتىسىدۇر. ماقال – تەمسىللىرىمىز تېرەن تەپەككۇر ھەم چوڭقۇر مەنىگە ئىگە سۆز سەنئىتى بولۇپ، ھەزرىتى نەۋائى ‹‹ئەر كۆركى ساقالدۇر، سۆز كۆركى ماقال›› دېگەن ئىبارە ئارقىلىق ماقال – تەمسىللەرنىڭ ھەممە سۆزدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، سۆزگە جان ۋە گۈزەللىك بېغىشلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدا قەيت قىلغان.

   دېمەك، تىل بايلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ماقال – تەمسىللەر ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاغزاكى تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزدا ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز لازىم



«ماقال – تەمسىللەر تىل خەزىنىمىزدىكى دۇردانە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر