ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىلنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىلىشى ۋە تەرجىمىسى توغرىسىدا

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-08-24 18:25:29 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىلنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىلىشى ۋە تەرجىمىسى توغرىسىدا

  دىلخۇمار نىياز، ۋاڭ دېخۈەي

(غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر  تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى 2010-يىللىق ئاسپىرانتى؛ جۇڭگو تۈركىي تىل تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ  مۇئاۋىن رەئىسى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)


بىر ماقال-تەمسىلنىڭ بىرلا خىل مەنىسى بولماستىن، بەلكى بىر نەچچە خىل مەنىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ماقال-تەمسىللەرنى ئاساسلىقى كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىل ۋە يوشۇرۇن مەنىلىك ماقال-تەمسىلدىن ئىبارەت ئىككى تۈر بويىچە بايان قىلشقا بولىدۇ. بىر مەنە ئوخشاش بولمىغان تىل بەلگىسى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى، بىر تىل بەلگىسى ئوخشىمىغان كۆپ مەنىلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ماقال-تەمسىل گەرچە تىلدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان جۈملە بولسىمۇ، لېكىن بەزى ماقال-تەمسىل سۆزلىرىنىڭ مەنە ئىپادىلەش چەكلىمىسى كەم بولغانلىقتىن، بىر ماقال-تەمسىلنىڭ بىر نەچچە خىل مەنىسى ۋە ئوقۇپ چۈشىنىلىشى مەۋجۇت. بۇنىڭدىن سىرت كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىلىرى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ بىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ، چۈنكى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەستە ساقلاش ئامبىرىدىكى ماتېرىياللار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوخشاش بىر ماقال-تەمسىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرجىمە نۇسخىلىرى بولىدۇ. كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىلنىڭ سېمانتىكىلىق مەنىسىنى شۇ ماقال-تەمسىلگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولغاندىلا، ئاندىن تولۇق يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىللەر گەرچە بىر مەنىلىك ماقال-تەمسىللەردەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىللەرنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئابلىز ئەمەت «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»دە 54 ماقال-تەمسىلنى كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىللەر دەپ قاراپ، كۆپ خىل مەنىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەن. مەن تۆۋەندە ئابلىز ئەمەت ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدىن سىرت ئۆزۈم بايقىغان كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىللەرنى پىروفېسسور ۋاڭ دېخۈەي ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ تەرجىمە تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىدىكى نەزەرىيەۋى بىلىملەر ئاساسىدا ئىككى تۈرگە بۆلۈپ چىقتىم. ماقالەمدە ئاساسلىقى مۇشۇ ئىككى تۈردىكى ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەنىسى ۋە تەرجىمىسى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارىمەن:
1. ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىللەرنىڭ چۈشىنىلىشى ۋە تەرجىمىسى
ئادەتتە، بىر جۈملە تىل شەكلىنىڭ پەقەت بىرلا مەنىسى بولىدۇ، بىراق بەزى جۈملە تىل شەكلىنىڭ بولسا قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يەشمىسى بولىدۇ، بۇنداق جۈملىلەر كۆپ ياقلىق جۈملە دېيىلىدۇ. كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىلنىڭ تەتقىقاتى تۇراقلىق كۆپ مەنىلىك جۈملە تەتقىقاتىغا تەۋە بولۇپ، تۇراقلىق، كۆپ مەنىلىك جۈملە تەتقىقاتى ـ ھازىرقى زامان سېمانتىكا ئىلمىنىڭ سىنتاكسىس تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى. تۇراقلىق جۈملىنىڭ مەنىسى كۆپىنچە بىرلا، مۇقىم بولىدۇ، لېكىن ئاز بىر قىسىم تۇراقلىق جۈملىنىڭ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق مەنىسى بولىدۇ.
تىلدىكى بۇ خىل كۆپ ياقلىق ھادىسە، ئوخشاش بولغان تىل بەلگىسى شەكلى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىز بىر نەچچە مەنىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىكىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈر بويىچە تەھلىل قىلىمەن:
1) كونتېكىستنىڭ تولۇق ھەم ئېنىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىللەر
(1) ئاچ قالغان تاماق تاللىماپتۇ
①穷人不择食
②贫民不追求地位
③饥饿者不择食②。
تەھلىل: ئابلىز ئەمەت تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى لۇغىتى»دە بۇ ماقال-تەمسىلنى ئىككى خىل مەنىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ① دە «ئاچ» سۆزى كۆچمە مەنىدە «نامرات ئادەم»نى كۆرسەتكەن، «تاماق» سۆزى بولسا ئەسلىي مەنىدە كەلگەن؛ ② دە «ئاچ» سۆزى «يوقسۇللار»نى، «تاماق» سۆزى بولسا، كۆچمە مەنىدە «مەرتىۋە، ئورۇن»نى كۆرسىتىپ كەلگەن. مېنىڭچە بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ ③ مەنىسىمۇ بار، ③دە «ئاچ» سۆزى «قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئادەم»نى «تاماق» سۆزى بولسا ئەسلىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
(2) تاپقىنىم پاك، قۇلىقىم ساق
①挣得钱干净,耳朵根清净②。  
②娶的媳妇贞洁,日子过得很安逸。
تەھلىل: ئا.ئەمەت لۇغىتىدە بۇ ماقال-تەمسىلنى «ئەمگەك قىلىپ ھالاللىق بىلەن ئىشلەپ تاپقان بايلىق كىشىگە دەرد-ئەلەم، خاپىلىق كەلتۈرمەي، ئۆزىگە نېسىپ بولۇپ، ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرگەن. مېنىڭچە، بۇ ماقال-تەمسىلنى «توي قىلماقچى بولغان لايىقى ئىپپەتلىك، مۇلايىم ياخشى قىز بولسا، كېيىنكى تۇرمۇشى غەم-ئەندىشىسىز بەختلىك بولىدۇ» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ماقالدا ئېيتىلغان «تاپقىنىم»نىڭ كۆرسىتىدىغان ئوبيېكتى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا بۇ ماقالنى ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەن ① مەنىدە ئىشلەتكەندىن سىرت، ② مەنىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
2) كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ مەنە تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان كۆپ ياقلىق ماقال-تەمسىللەر
(1) دەرد بار، دەرمان يوق
①有病痛,无力气。
②有哀苦,无勇气。
تەھلىل: «دەرد» كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، «ئاغرىق ئازابى، كېسەل ئازابى»دىن سىرت «كۆڭۈل ئاغرىقى، خاپىلىق»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ گەرچە يېزىقتا ئىپادىلىنىشى بىر خىل بولسىمۇ، بىلدۈرگەن مەنىسى ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ئىككى خىل بولىدۇ.
② دەم ئېلىپ، دەرمان توپلا
①端口气使人恢复体力
② 端口气使人振作。
تەھلىل: «دەرمان» سۆزى «كۈچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، «كۈچ» سۆزى «جىسمانىي ۋە روھى» جەھەتلەردىكى كۈچلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ گەرچە يېزىقتا ئىپادىلىنىشى بىر خىل بولسىمۇ، بىلدۈرگەن مەنىسى ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ئىككى خىل بولىدۇ.
③ دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياغقا
①朋友望头,敌人瞅脚
②朋友望有好的开端,仇人望以失败告终。
تەھلىل: «باش، ئاياغ» سۆزىنىڭ بىر نەچچە خىل مەنىسى بار بولۇپ، «ئادەمنىڭ بېشى، ئايىغى»دىن سىرت «ئىشنىڭ بېشى، ئاخىرى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ يېزىلىشى گەرچە بىر خىل بولسىمۇ، لېكىن بىلدۈرگەن مەنىسى ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ئىككى خىل بولىدۇ.
2. يوشۇرۇن مەنىلىك ماقال-تەمسىللەرنىڭ چۈشىنىلىشى ۋە تەرجىمىسى
يوشۇرۇن مەنىلىك ماقال-تەمسىل يۈزەكى مەنە ۋە يوشۇرۇن مەنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ ساندىكى بۇ خىل ماقال-تەمسىلنىڭ ئادەتتە بىرلا خىل يوشۇرۇن مەنىسى بولىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق يوشۇرۇن مەنىسى بولىدۇ. يوشۇرۇن مەنە يۈزەكى مەنىسىگە تىل مۇھىتىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان بولىدۇ. ئادەتتە، بۇ خىل يوشۇرۇن مەنىنى باشقا مىللەتلەر ئاسانلىقچە تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، بۇخىل يوشۇرۇن مەنىنىڭ يېشىپ چۈشىنىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە پىسخولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1) يۈزەكى مەنە ۋە يوشۇرۇن مەنىدىن تەركىب تاپقان يوشۇرۇن مەنىلىك ماقال-تەمسىل
① ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان
①慢慢走能走到,中途站走不到。
②坚持的事能终了,无毅力的半途而废。
تەھلىل: ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ① مەنىسى ماقالنىڭ يۈزەكى مەنىسى، ② مەنىسى ماقالنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ ماقالنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپلا ① مەنىسىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ② مەنىسىنى بولسا يۈزەكى مەنىسىگە كونتېكىستنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ھېس قىلالايدۇ.
② ئىلغۇدا گۆش بولسا بىر كۈنى مېھمانغا ياراپتۇ
①勾上有肉,来客不愁。
②做多好事,遇困不愁。
تەھلىل: ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ماقالىنىڭ ① مەنىسى ماقالنىڭ يۈزەكى مەنىسى، ② مەنىسى ماقالنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ ماقالنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپلا ① مەنىسىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ② مەنىسىنى بولسا يۈزەكى مەنىسىگە كونتېكىستىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ھېس قىلالايدۇ.
يىلتىزدا سۇ بولمىسا، ھوسۇلدىن ئۈمىد كۈتمە
①根部无水,收成无望②。
②人没能力,成就无望。
تەھلىل: ئا.ئەمەت لۇغىتىدە بۇ ماقال-تەمسىلنى «دېھقانچىلىقتا ھوسۇلنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئالدى بىلەن سۇغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، زىرائەتلەر سۇغا قانمىسا يەردىن ھوسۇل چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرگەن. مېنىڭچە، بۇ ماقال-تەمسىلنى يۈزەكى مەنىسىگە كونتېكىستىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق «ئىقتىدارى، بىلىمى بولمىسا، نەتىجە قازىنىشتىن ئۈمىد كۈتمە» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ماقال-تەمسىلنى ① مەندە ئىشلەتكەندىن سىرت ② مەنىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
④ خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك.
①倘若无小伙子看重,苗条又有何用。
②倘若没有靠山,有才又有何用。
تەھلىل:  ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك ماقالىنىڭ ① مەنىسى ماقالنىڭ يۈزەكى مەنىسى، ② مەنىسى ماقالنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ ماقالنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپلا ① مەنىسىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ② مەنىسىنى بولسا يۈزەكى مەنىسىگە كونتېكىستنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ھېس قىلالايدۇ.
2) ئىككى يوشۇرۇن مەنىدىن تەركىب تاپقان يوشۇرۇن مەنىلىك ماقال-تەمسىل
ئۇزۇننى قويۇپ، قىسقىنى كەس
①怜惜慷慨大方的人,整治吝啬小气的人。
②别委屈好人要保护他,别包庇坏人,要整治他。
تەھلىل: ماقالنىڭ يۈزەكى مەنىسى «نەرسىنىڭ ئۇزۇنىنى قويۇپ تۇرۇپ، قىسقىسىنى كەس» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ماقال-تەمسىلىنىڭ كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان مەنىسى ئەمەس؛ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان مەنىسى بولسا ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك يوشۇرۇن مەنىسى①②دىن ئىبارەت.
② ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا.
①向前迈步之前,先看走过的路。
②要想过上好日子,先要记起苦日子。
تەھلىل: ماقالنىڭ يۈزەكى مەنىسى «ئالدىڭغا ماڭماقچى بولساڭ، كەينىڭگە قاراپ ماڭ» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ماقالنىڭ كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان مەنىسى ئەمەس؛ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان مەنىسى ئا.ئەمەت لۇغىتىدە يېشىپ چۈشەندۈرگەندەك يوشۇرۇن مەنىسى①②دىن ئىبارەت.
خۇلاسە:
ماقال-تەمسىلنىڭ  سېمانتىكىلىق مەنىسى ئىدىيومدىن چوڭ، ئابزاستىن كىچىك، جۈملە بىلەن تەڭ. بىراق، يەنە جۈملە بىلەن ئوخشاش بولمىغان بىر خىل شەكىل بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جۈملىنىڭ مەنىسىدىن كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ.
تىلنىڭ كۆپ خىل يېشىملىكىنى تەتقىق قىلىش تىل تەتقىقاتى، بولۇپمۇ سېمانتىكا تەتقىقاتنىڭ يېڭى بىر بۆسۈش نۇقتىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ماقال-تەمسىل ـ تۇراقلاشقان جۈملە شەكلى، ماقال-تەمسىلنىڭ مەنە تەتقىقاتى تۇراقلاشقان جۈملە مەنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى.
يوشۇرۇن مەنە يېڭى ئۇقۇمنى ئىگىلەش، يېڭى ئىدىيەنى ئىپادىلەش، يېڭى مەنە يارىتىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يوشۇرۇن مەنە كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۈجىمەللىككە، ۋاقىتلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
كۆپ ياقلىق جۈملە بىلەن يوشۇرۇن مەنىلىك جۈملە ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، كۆپ خىللىققا ئىگە، بىراق كۆپ ياقلىق جۈملە بىر خىل تىل شەكلىنىڭ ھەرخىل يەشمىسى بولغاچقا، بۇ بىر نەچچە خىل مەنە يەشمىسى ئارىسىدا مەنە جەھەتتىن ئىدىيەۋى باغلىنىش بولمايدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە بېقىنمايدۇ. ئەمما، يوشۇرۇن جۈملىمۇ كۆپ مەنىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق يوشۇرۇن مەنىلىك جۈملىنىڭ يۈزەكى مەنىسى بىلەن يوشۇرۇن مەنىسى ئوخشاش ئەمەس، يوشۇرۇن مەنىسى يۈزەكى مەنىسىگە تىل مۇھىتىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. لى ياۋزېيۈ، ماجۈنمىن: «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى.
2. ما جۈنمىن، لى ياۋزېيۈ: «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى.
3. ئابلىز ئەمەت: «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى نەشرى.
4. ۋاڭ دېخۈەي: «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ تەرجىمە تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-يىلى نەشرى.
ئىزاھات:
① «كۆپ ياقلىمىلىق» دېگەن ئۇقۇمغا تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېنىق ئېنىقلىما بېرىلگەن.
② ماجۈنمىن تەرجىمىسى.


«كۆپ يېشىملىك ماقال-تەمسىلنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىلىشى ۋە تەرجىمىسى توغرىسىدا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر