ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر (2)

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-02-26 01:13:03 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر (2)


مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا

2011-يىلى يىل ئاخىرىدا گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئەپەندى توردا يازما يوللاپ، تور ئەھلىگە خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى تۇغىمىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىمە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ ھەر يىلى تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقەلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدا ئەسلىمە قىلىشىمىزغا، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئەل يولىدا كۆيگەن ئوغلانلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى. مەن گۈلەن ئېچىپ بەرگەن ئاشۇ يولنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخىمىزنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى «2» رەقىمىگە باغلانغان مۇھىم سەھپىلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


4. «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ يېزىلىشقا باشلىنىشى (940 يىللىقى)

(«تۈركى تىللار دىۋانى» 1072-يىلى يېزىلىشقا باشلىنىپ، 1074-يىلى تاماملانغان. 1076-يىلغىچە قايتا تۈزۈتۈلۈپ، ئابباسلار خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا ئارماغان قىلىنغان)

«تۈركى تىللار دىۋانى» تۈركى خەلقلەر مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ھەرقايسى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئېتنىك تەركىبى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ئىقتىسادى ئىگىلىك شەكلى، مەدەنىيىتى، ئېغىز ئەدەبىياتى، جەمىئىيەت ئەھۋالى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، تەبىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تىببىي چۈشەنچىلىرى، ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتلىرى، تىل فورمىسى ۋە تىل ئادەتلىرى، تارىخىي ئۇدۇملىرى ۋە پەلسەپەۋى-ئەخلاقى ھېكىمەتلىرىنى شۇنداقلا ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان تەبىئىي ئامىللار ھەم تۈرلۈك ھايۋانئات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى قاتارلىقللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان چوڭ تىپتىكى قامۇس.
بۇ ئەسەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغۇنۇش دەۋرىگە ئاساس سالغان ھەم ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر تۈركلوگ، دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلمى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، تونۇلغان لۇغەتشۇناس ھەم خەرىتە شۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي يېزىپ چىققان.
ئۇنداقتا مەھمۇد كاشىغەرىي كىم؟ «تۈركى تىللار دىۋانى» قانداق مەيدانغا كەلگەن ھەم قانداق يوللار ئارقىلىق بۈگۈنگە ئۇلاشقان؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
بىز بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتا بويىچە ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمىز:

1› مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ھاياتىي پائالىيىتى.

دىۋاندىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىي ھازىرقى قەشقەرغە قاراشلىق ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما نەسەبى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتى، ھاياتى پائالىيىتى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئىلىم ئەھلىلىرى ئەتىراپلىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئالىمنىڭ نەسەبى ۋە ھاياتى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا كىشىنى قايىل قىلىدىغان بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
بىزگە ئالىمنىڭ ھاياتى-پائالىيىتى توغرىسىدا تولوق بولمىغان ھەر خىل رىۋايەتلەر يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بىر رىۋايەتتە، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 1080-يىلى باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ، ئوپالغا ماكانلاشقانلىقى ۋە شۇ يەردە 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، 1090-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئالىم 993-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە 1057-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سۈيىقەستتىن كېيىن، 49 ياشلىق مەھمۇد كاشىغەرىي پامىر تاغلىرىدىكى خەتەرلىك مۇق جىلغىسى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىي 1008-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قەبىرىسىدىن تېپىلغان ۋە 1791-يىلى يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنغان «تەزكىرەئى ھەزىرەتئى موللا» ناملىق يازما ئەسەردە، مەھمۇد كاشىغەرىي باغداتتىن قايتقاندىن كېيىن سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلىپ، 97 يېشىدا ھىجىرىيە 477-يىلى (مىلادىيە 1084-1085) ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا 987-، 988-يىللاردا تۇغۇلغان بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار ئالىمنىڭ ھاياتى-پائالىيتىگە دائىر ماتېرياللارنى قايتا-قايتا دەلىللەش ۋە دىۋاننى ئارماغان قىلغان ۋاقىت ھەم ئارماغان قىلىنغان شەخسنىڭ ھاياتى قاتارلىق ئەينى دەۋردىكى مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارنى باغلاپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئالىمنىڭ 1008-يىلى تۇغۇلۇپ، 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى مۇقۇملاشتۇردى.
نەسب كېلىپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئالىمنىڭ ئاتا جەمەت نەسەبى قاراخانىيلار خان جەمەتى بىىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاتا جەمەت نەسەب سىخېمىسى تۆۋەندىكىچە:
‹1› كۆل بىلگە خاقان (قاراخانىيلارنىڭ قۇرۇغۇچىسى ۋە تۇنجى خاقانى. 840-يىلدىن ئېتىبارەن خاقان بولغان) ‹2› بازىرخان ‹3› ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغىراخان (932-يىلى ئىسلامىيەتنى قارىخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلغان، 955-يىلى ۋاپات بولغان) ‹4› سۇلايمان خان ‹5› ئەبۇل-ھەسەن ھارۇن قىلىچ بۇغىراخان (992-يىلى ۋاپات بولغان) ‹6› يۈسۈپ قادىرخان (1032-يىلى ۋاپات بولغان) ‹7› مۇھەممەد بۇغىراخان بىن يۈسۈف (تىراز ۋە ئىسفىجاپنىڭ ھۆكۈمرانى. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹8› ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد چاغرى تىگىن (بارىسغانغا ھاكىم بولغان. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹9› مەھمۇد بىن ھۈسەيىن ئەل-كاشىغەرىي (1008-1105).
ئالىمنىڭ ئانا جەمەتىمۇ ئەينى دەۋردىكى نوپۇزلۇق جەمەت بولۇپ، ئانىسى بۈبى رابىيە قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى خوجا سەيفەددىن بۈزۈرۈكۋارنىڭ قىزى ئىدى.
يۇقارقىدەك ئائىلىدە تۇغۇلغان مەھمۇد كاشىغەرىي كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولغان بولۇپ، باشلانغۇچ تەربىيەنى ئائىلىسى ھەم ئوپالدا، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەشھۇر ئۆلىمالار مۇدەررىسلىك قىلغان ھامىدىيە مەدىرىسى ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرققە مەشھۇر بولغان ساجىيە مەدىرىسىدە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇ  ئەينى دەۋردە ناھايتى مۇھىم ھېسابلانغان ئىسلامىيەت بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگۈنۈپلا قالماستىن، تىل، گىرامماتىكا، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىيە، تىبابەتچىلىك قاتارلىق پەننىي بىلىملەرنى ھەم ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، نەيزىۋازلىق قاتارلىق ھاياتلىق بىلىملىرىنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن. شۇڭا ئۇ ئوردىدىكى قانلىق سۈيىقەستتىن ئامان قېلىپ، بېشىنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قەبىلىلەر مۇھىتىنى سەير قىلغاندا ۋە دىۋان ئۈچۈن ماتېريال توپلىغاندا ئۇنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى ھاياتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم كاپالەت ئاساسى بولغان.
1058-يىلى ئوردا ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى ئارىسىدا، خانلىق تەختىنى تالىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئالىمنىڭ ئاتىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. تەساددىپى ھايات قالغان مەھمۇد كاشىغەرىي پامىر تاغلىرىدىكى خەتەرلىك مۇق جىلغىسى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا 15 يىل تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياق كېزىپ چىقىپ، تۈركى خەلقلەرنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىغا دائىر ماتېرياللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ، رەتلەپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە قىسىملىرىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىققان، ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ ئامۇ، سىر دەريالىرىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا جايلاشقان ئوغۇز تۈركمەنلىرىدىن 22 ئۇرۇقنى، تۈركى قەبىلىلەردىن ئۇيغۇر، ياغما، چىگىل، قارلۇق، پەچەنەك، قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز، توخسى، ئوغراق، چارۇق، چۇمۇل، تۈركمەن قاتارلىق 20 قەبىلىنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرگەن. قەبىلە ئىسىمى، ئادەم سانى، جايلىشىش، قەبىلە تۈزۈلۈشى، جۇغراپىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ خاتىرلىگەن. تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرونومىيە، ئېتنوگىرافىيە، تىبابەتچىلىك، ئۆرۈپ-ئادەت، يوسۇن-قائىدىلەرگە ئائىت ئىنتايىن كەڭ ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى، فولوكلور ۋە يازما ئەدبىيات نەمۇنىلىرىنى توپلاپ رەتكە سېلىپ چىققان.» («ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» 249-250-بەتلەر).
ئالىم «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېريالغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1072-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر تۈرك خانلىقلىرىدىن بىرى بولغان سالجۇق تۈرك سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ خانىشى، ئۆزى بىلەن بىر جەمەتتىن بولغان تەركەن قاتۇننىڭ ھىمايىسىدە، سەلجۇقلار سۇلتانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەرەب ئابباسلار خانلىقىنىڭ پايتەختى باغداتقا بېرىپ، 15 يىل توپلىغان ماتېرياللىرى ئاساسىدا، ئىلگىرى ئاز-تولا باشلاپ قويغان مەشھۇر ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نى رەسمىي يېزىشقا كىرىشكەن ھەم تۆت قېتىم تولوقلاپ، تۈزۈتۈپ ھەم رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، 1074-يىلى تاماملاپ، 1075-يىلى ئابباسلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
ئالىم دىۋاننى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر مەزگىل شۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ مەدىرىسەئى مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىس بىنا قىلىپ، سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلغان. 1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھازىرغىچە ئالىمنىڭ باغداتتىن يۇرتى ئوپالغا قاچان قايتىپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۆز تەتقىقاتىدا، ئالىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ سەككىز يىل مۇدەرسلىك قىلغانلىقىغا ۋە 1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە ئاساسەن، ئالىمنى 1097-يىلى 89 يېشىدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە راست شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. چۈنكى بۇ يەردە، ئالىم يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا، شۇ يەردە ئىلگىرى بار مەدىرىسنىڭ نامىنى ئۆز نامىغا ئۆزگەرتىپ مۇددەرسلىك قىلىشقا باشلىغانمۇ ياكى بىرنەچچە يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، مەدىرىسەئى مەھمۇدىيەنى بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك تالىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مۇدەرسلىك قىلىشقا باشلىغانمۇ؟ ئالىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇددەرسلىك بىلەن شۇغۇللانمۇ ياكى سەككىز يىل مۇدەرسلىك قىلغاندىن كېيىن يەنە بىرنەچچە يىل ئارام ئېلىپ ئاندىن ئالەمدىن ئۆتكەنمۇ؟ بۇ نۇقتا ھازىر تېخى ئېنىقسىزدۇر.

2. «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى ھەم كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى زۆرۈرىيەتلەر.

«دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋە تاماملانغان ۋاقتى ھەم كىمگە ئارماغان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئالىم «دىۋان» دا: «كىتابنى 464-يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ تۇنجى كۈنى (مىلادىيە 1072-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى) يېزىشقا كىرىشكەن ئىدىم، تۆت قېتىم قايتا يېزىپ، تۈزۈتۈپ ۋە تەھرىرلەپ، 466-يىلى جامادىيەلئاخىرنىڭ 10-كۈنى (مىلادىيە 1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى) دۈشەنبە تۈگەتتىم. پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك تەڭرىگىلا خاس، تەڭرى بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە ئەڭ ياخشى ئىگىمىز.» («مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن» 32-بەت). «بۇ كىتاپنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان، ھاشىم ئۇرۇغىدىن ۋە ئابباسلار سۇلالىسىدا يولباشچى بولغان خوجىمىز، ئىگىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمىرۇللا ھەزىرەتلىرىگە ئارماغان قىلدىم.»  («تۈركى تىللار دىۋانى» 3-بەت) دەپ يازغان.
يۇقارقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بىز «دىۋان» نىڭ «1072-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يېزىلىشقا باشلىنىپ، 1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تامالانغانلىقىنى» («مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن» 32-بەت)، «1075-يىلى ئوبۇلقاسىم بىئەمىرۇللاغا ئارماغان قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.» («تۈركى تىللار دىۋانى» كىرىش سۆز قىسىمى 17-، 18-بەتلەر).
ئالىم «دىۋان» نى تۈركىي خەلقلەر شەرقتە خېشى كارىدورىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە جەنۇبىي سىبىريە دالىلىرىدىن جەنۇبتا ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە ئوتتۇرا شەرققىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەگە تارقىلىپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ھەتتا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيلىك سەھنىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، قارىخانىيلار خانلىقى، غەزىنەۋىلەر خانلىقى (سامانىلار پادىشاھلىقىنىڭ ئافغانىستاندىكى غەزىنىگە قويغان ۋالىسى، ئوغوزلاردىن بولغان بارقا تېكىننىڭ ئوغلى ئالىپ تېكىن ئىراننىڭ شەرقىدىكى نىشاپۇرغا ۋالى بولغاندىن كېيىن ئىسيان كۆتىرىپ قۇرىغان خانلىق. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى دەۋرىگە كەلگەندە قۇدىرەت تېپىپ، زېمىنى ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە خارەزىمدىن ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ۋادىسىغىچە كېڭەيگەن. ئوبولقاسىم فىردەۋسنىڭ مەشھۇر ئەسىرى«شاھنامە» مۇشۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن. بۇ خانلىق 961-1187 يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن) ۋە سەلجۇقلار سۇلتانلىقى (ئوغوزلار خانى سەلجۇقبەگنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ نىشاپۇر ۋە مەرۋىدا قۇرىغان خانلىق بولوپ، كۈچەيگەندە كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە، پەلەستىن، ئەرەبىستان، مېسوپوتامىيە، ئىران ۋە ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبى قىسىمى قاتارلىق جايلار كىرگەن. ئەرەب ئابباسلار خەلىپىلىكىمۇ قارام ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ خانلىق 961-1187 يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن) دىن ئىبارەت تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ خانلىق پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كىچىك يەرلىك خانلىقلىرى ئۇلارنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىغان، تۈركىي خەلقلەر ۋە ئەينى دەۋردە تۈرك تىلى دەپ ئاتالغان قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلغان خاقانىيە تىلى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ دەرىجىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق ھەم غەربىي ئاسىيا ئالاقە ئىشلىرى ۋە مەدەنىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، تۈرك تىلى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتىرىلگەن، ئابباسلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدات يالغۇز ئابباسلار خەلىپىلىكىنىڭلا ئەمەس سەلجۇقلار سۇلتانلىقىنىڭمۇ ئورتاق پايتەختى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، بۇ يەردە ئەرەبلەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم مەدەنىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بىر دەۋردە يازغان بولۇپ، ئالىم بۇ ھەقتە «دىۋان» دا مۇنداق يازىدۇ: «مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى... ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 1-، 2-بەتلەر). «ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغان ئىدىم: پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە: ‹تۈرك تىلىنى ئۆگۈنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ›  دېگەن ئىكەن. بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆزى جاۋابكار. بۇ ھەدىس راست بولسا، تۈرك تىلىنى ئۆگۈنىش ۋاجىپ بولىدۇ. راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگۈنىش زۆرۈرلىكىنى ئەقىل تەقاززا قىلىدۇ.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 2-بەت). «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگۈمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ، بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دەپ ئات قويدۇم.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 3-بەت)

3. ھەزىرىتى مەۋلام مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي قەبىرىسى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىنىشى ۋە مازارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر.

ئالىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزى تۇغۇلۇپ، دەسلەپكى بىلىم-مەلۇماتىغا ئاساس سالغان ھەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇدەرسلىك قىلىپ، يۈرەك قېنىنى ئۆز ئەۋلادلىرىغا سەرپ ئېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەزىز يۇرتى قەشقەر ئوپالنىڭ ئازىخ كەنتىگە دەپىن قىلىنغان ھەم ئۇزاق زامانلار جەريانىدا «ھەزىرىتى موللام شەمسىدىن» دېگەن نام بىلەن خەلق قەلبىدە يادلىنىپ كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئاندىن ئالىمنىڭ«ھەزىرىتى موللام» دېگەن نامى ساقلىنىپ قېلىنىپ، «مەھمۇد كاشىغەرىي» دېگەن نامى ئۇنتۇلۇشقا باشلانغان. ئالىمنىڭ ئەسلى نامى ئۇنتۇلۇشقا باشلىنىپ تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى، 1982-يىلى تېپىلىپ، جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغان، ھىجىريىنىڭ 1252-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 14-كۈنى (مىلادىيە 1836-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى) قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى موللا سادىق ئەلەم دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئۇنىڭ مۆھرى بېسىلغان بىر پارچە ھۆججەت ئارقىلىق ئوپالدىكى ھەزىرىتى موللام مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكى قايتىدىن مەلۇم بولغان. ھۆججەتتە ھەزىرىتى موللام مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان نۇقتىلارغا دىققەت قىلغىنىمىزدا، بىز ھۆججەت يېزىلغان 1836-يىللاردا كىشىلەرنىڭ مەزكۇر مازاردىكى ھەزىرىتى موللامنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى، مازارنىڭ ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي ئىسىمىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردا تەدرىجى ئۇنتۇلۇشقا باشلانغانلىقىنى ھەم بارا-بارا كىشىلەر كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ھەزىرىتى موللام دېگەن نامنىڭلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
تۆۋەندىكىسى مىلادىيە 1836-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى 114 ياشلىق موللا سادىق ئەلەم دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلىپ، مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرىغا ۋەخپە قىلىنغان، 1982-يىلى تېپىلىپ، تىلشۇناس ئالىملىرىمىزدىن مەرھۇم ئىبىراھىم مۇتىئى ئاكا بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ ئاكا تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى:
«ھىجىرى 1252-يىلى (كالا يىلى) ئۇلۇغ رەجەپ ئېيىنىڭ 14-كۈنى شەرىئىتنىڭ تۈۋرىكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتى شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى، تۆۋەندە مۆھرۈمنى باسقۇچى مەنكى موللا سادىق ئەلەم شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى بىر يۈز ئون تۆت ياشقا كىرگەن تەندۇرسلۇق ھالىتىم، ئىلىمگە بولغان ھېسسىياتىم، ئىشتىياقىم ۋە ئەدەپلىك كەيپىياتىم بىلەن ئىلىم-مەرىپەتنى مەزمۇن قىلغان، ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ، ۋاراقلىرىغا ئىجتىھات قەلىمى بىلەن زىننەت بېرىپ يېزىلغان قىممەت باھالىق، ئالتۇنغا سېتىۋالغان مۈلكۈم بولغان «مەسنەۋى شېرىپ» ناملىق كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق سەھنىسىدە دەپىنە قىلىنغان ھەزىرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن (ئوغلى) قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازارىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە (قىلدىم).
بۇ ئۇلۇغ ئەدىبكە (مۇتلەق ۋەخپە قىلغان) ئىلىم-مەرىپەت مەزمۇنىدىكى بۇ كىتابىمنى ئەدىبلەر بىلەن ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ دىننىىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن (ئوغلى) قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مۇبارەك قەبىرىسى ئۈستىدە، سۈزۈك بۇلاق ئەتىراپىدا ئولتۇرۇپ مۇتائىلە قىلىپ، قەلەم ئىگىسى بولغان ھەزىرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى ھۈسەيىن (ئوغلى) مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدە دۇئا قىلىپ، مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئاممىسىغا ئىلىم ئۆگۈتۈپ، ئۇلارنىڭ تولوق پەزىلەتلىك بولۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ۋەخپە قىلغان مەزكۇر كىتابىمغا باش شاگىرتىم موللا ئەيد خەلىپەت موللا ئېۋەز ئوغلىنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەيىنلىدىم، دەپ تۆۋەنگە مەن موللا سادىق ئەلەم ئۆز مۆھرۈمنى باستىم.
مەزكۇر ئىقرارىمنىڭ راستلىقىغا مۇدەرس ئۆلىما ئەلنەزەر ئاخۇنۇم، باش كاتىپ موللا ئابدۇرەھىم نىزارى، نورۇز كاتىپ، تۇردۇش كاتىپ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق، ئوپالدىن زەيدىن قۇرۇلبېگى قاتارلىقلار گۇۋاھدۇر.

مۆھۈر: داڭلىق ئۆلىما، دەۋرنىڭ ئالىمى موللا سادىق شاھ ئەلا ئوغلى.

(مۆھۈر ھىجىرى 1208-يىلى ئويۇلغان)» («مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يڭل كېيىن» 24-بەت)

مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرىدا كېيىنكى دەۋرلەردە ئالىمغا ئاتاپ بىر مەقبەرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، مەقبەرىنىڭ ئورنى ئوپال يېزىسىنىڭ تۆت كىلومېتېر غەربىي شىمالىغا، شەرقىي مېرىدىيان 75 گىرادۇس 30 مىنۇت 36.03 سېكنۇت بىلەن شىمالىي پاراللېل 39 گىرادۇس 18 مىنۇت 51.11 سېكنۇتقا توغرا كېلىدۇ. مەقبەرە 1829- ۋە 1897-يىلى ئىككى قېتىم رېمۇنت قىلىنغانلىقى كىتابلاردا خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى يىللاردىمۇ قايتا رېمۇنت قىلىنغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ (1993-يىلى مەن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى بىئولوگىيە فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر باي ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇرسۇن توختى، شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر شىنجاڭ ئىپار بىئو تېخنىكا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، خوتەن چىرالىق ئابلىكىم مۇھىدىن... قاتارلىقلار سودىگەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئوپالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بۇزۇلغان مەقبەرىنى قايتا ياساش ئۈچۈن 46 مىڭ يۈئەن ئىئانە توپلاپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. 1995-يىلى جەمىئىيەت تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوپالغا بارغىنىمدا، بۇ پۇلنىڭ مازار قۇرۇلىشى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بارمىغانلىقى، ھەتتا، خوتەن رايونىدىن ئىئانە قىلىنغان نۇرغۇن گىلەملەرنىڭمۇ شەخسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى). ئالىمنىڭ قەبىرىسى مەقبەرىنىڭ 20 مېتېر جەنۇبىدا.
مەقبەرىنىڭ تۆت ئەتىراپى تام بىلەن ئورالغان بولۇپ، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغا ئالىمنىڭ چوڭايتىلغان تەسۋىرىي سۈرىتى ئېسىلغان. ھويلىنىڭ سىرىتى بولسا باغچىلاشتۇرۇلغان. جامە شەكلىدىكى مەقبەرە تاھارەتخانا، ھالاۋەتخانا، پەرھىزخانا، تىلاۋەتخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ھوجرىلاردىن تەركىپ تاپقان. مەقبەرە ھويلىسىدا ئۈچ ئېغىز ئۆي بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆيگە ئالىمنىڭ قەبىرە گۈمبىزى جايلاشقان، گۈمبەزگە «مەھمۇد كاشىغەرىي قەبىرىسى. 1008-1105» دېگەن خەت يېزىلغان، ئالدىغا «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە قاتارلىق بىرنەچچە خىل نۇسخىسى قويۇلغان، ئىككىنچى ئويگە دىۋاننىڭ ھەر خىل تىللاردا نەشىر قىلىنغان نۇسخىلىرى تىزىلغان. ئۈچۈنچى ئۆي زىيارەتچىلەر ناماز ئوقۇيدىغان ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىنغان. مەقبەرىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئالىمنىڭ تۆت مېتېر ئېگىزلىكتىكى ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان. مەقبەرىگە چىقىدىغان يول 97 پەلەمپەيدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ئالىمنىڭ 97 يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكىگە سىمىۋول قىلىنغان. يول ياقىسىدا ئىررماش-چىرماش ئۆسكەن بىر تۈپ قەدىمىي دەرەخ بولۇپ، بۇ دەرەخ بارلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ھاي-ھاي تېرەك» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. كىشىلەر ئۇنى مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆز قولى بىلەن تىككەن دەپ قارايدۇ. دەرەخنىڭ تۈۋىدە سۈيى سۈزۈك بىر بۇلاق بار. نۇرغۇن كىشىلەر «ھاي-ھاي تېرەك» نى «تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلىدىغان دەرەخ»، سۈزۈك بۇلاقنى «شىپالىق بۇلاق» دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ئۆز ئارزۇ-تىلەكلىرىنى تىلىشىدۇ.

4. «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى

«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئالىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. ئۇنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىسى ئالىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەسلى نۇسخىسى ئاساسىدا، ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىلچە كېيىن، يەنى 1266-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىراننىڭ ساۋە دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، دەمەشىقتە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مۇھەممەد بىن ئەبى بەكر ئىبىن ئەبىلفەتىھ دېگەن كىشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ تاماملانغان نۇسخىسىدۇر. بۇ نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى خەلق كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
«تۈركى تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر بۈيۈك ئەسەرنىڭ بارلىقى، دىۋان مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ 1914-يىلى مۇھەممەد بىن ئەبى بەكر ئىبىن ئەبىلفەتىھ دېگەن كىشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تېپىلغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتا، بىرقانچە ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنىش ھەم بەدرىددىن مەھمۇد (1360-1451-يىللاردا ياشىغان) دېگەن كىشىنىڭ «زامان ئەھلىنىڭ تارىخىدىن ئۈنچىلەر» ناملىق ئىسلامنىڭ ئومومىي تارىخىغا دائىر كىتابىنىڭ 1-تومىدا ھەم باشقا بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەردە پايدىلىنىلغان مۇھىم ماتېريال سۈپىتىدە خاتىرلىنىش ئارقىلىق بىلىنگەن بولسىمۇ، 1914-يىلى مۇھەممەد بىن ئەبى بەكر ئىبىن ئەبىلفەتىھ تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى مەلۇم بولغانغا قەدەر ھېچقانداق بىر رەسمىي نۇسخىسى تېپىلمىغان. مۇھەممەد بىن ئەبى بەكر ئىبىن ئەبىلفەتىھ تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئۇزاق زامانلار جەريانىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئاخىرى تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپېريىسىنىڭ سابىق مالىيە ۋەزىرلىرىدىن نازىف پاشانىڭ (پاشا ئوسمانلى ئىمپېريىسى دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللۇنىلغان) شەخسىي كۇتۇپخانىسىدىن ئورۇن ئالغان. نازىف پاشا ئىلىم سۆيەر، كىتابخۇمار كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىممەتلىك بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ياخشى ئاسىراپ ساقلىغان ھەم كېيىن يېقىنلىرىدىن بىر ئايالغا، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغانلىقىنى، 30 لىرا ئالتۇن ئاقچىغا يارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئوبدان ساقلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەپ بېرىۋەتكەن. ھېلىقى ئايال، بىر مەزگىلدىن كېيىن بېشىغا كۈن چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، «دىۋان» نى ئىستانبۇلدىكى كىتابپۇرۇشلار بازىرىغا ئاپىرىپ، كىتابپۇرۇش بۆرھان ئەپەندىگە 30 لىراغا سېتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. 30 لىرا ئەمىلىيەتتە «دىۋان» نىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن يېڭى بىر كۇتۇبخانا قۇرۇشقا باراۋەر پۇل ئىدى. بۆرھان ئەپەندى بۇ بەك مۇھىم ھەم قىممەت باھالىق كىتاب ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، مائارىپ ۋەزىرى ئەمىرۇللاھ ئەپەندىنىڭ باھالاپ بېرىشىگە تاپشۇرغان. ئەمىرۇللاھ ئەپەندى بۇ ئىشنى ئىلمىي ئەنجۈمەن (پەنلەر ئاكادىمىيىسى) گە ھاۋالە قىلغان. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئىلمىي ئەنجۈمەن كىتابقا ئاران 10 لىرا باھا قويغان. بۆرھان ئەپەندى «دىۋان» نى قايتۇرۇپ كېلىپ، قانداق سېتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتقان كۈنلەردە، كىتابپۇرۇشلار بازىرىنى دائىم ئارىلاپ، يېڭى كىتاب بولسا سېتىۋالماي قويمايدىغان شائىر، يازغۇچى ۋە داڭلىق كىتاب سۆيەر زات ئەلى ئەمىرى ئەپەندى (1857-يىلى تۈركىيەنىڭ دىيار باقىر دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. مىللىي تەتقىقاتلار جەمىئىيىتى، تارىخ ۋەسىقىلەرنى رەتلەش جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە ئوسمانلى تارىخ جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. «مۈلۈك جەۋھەرلىرى»، «مەشھۇر شائىرلار تەزكىرىسى»،  «ھەقىقەت ئىزھارى»، «ئوسمانلى شائىرلىرى تەزكىرىسى»، «ئوسمانلىلارنىڭ شەرقىي ۋىلايەتلىرى» قاتارلىق يىگىرىمىگە يېقىن كىتاب يازغان ھەم ژۇرنال چىقارغان. ئەلى ئەمىر ئەپەندى يازغۇچىلىقتىن كۆرە كىتابسۆيەرلىكى، يىغقان كىتابلىرى ۋە قۇرىغان خەلق كۇتۇبخانىسى بىلەن بەكراق تونۇلغان. ئۇ ئۆزى قۇرىغان كۇتۇبخانىغا ئۆزى يىغقان ھەم كەم ئۇچىرايدىغان ياكى بىرلا نۇسخىلىق كۆپلىگەن كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 مىڭ پارچە كىتابنى ئىئانە قىلغان. ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ كىتاب سۆيەرلىكى «دىۋان» نىڭ يەر يۈزىدىكى بىردىن-بىر نۇسخىسىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەلى ئەمىر ئەپەندى 1023-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان) ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ، «دىۋان» نى قولىغا ئېلىپ، ئىسىمىنى كۆرۈپلا ھاياجاندىن ھۇشىدىن  كەتكىلى تاس قالغان. چۈنكى ئەلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ نەزىرىدە بۇ كىتابنى 30 لىرا ئەمەس 30 مىڭ لىراغا سېتىۋالسىمۇ ئەرزىيتتى. ئۇ كىتابنى بىر قۇر ۋاراقلاپ چىققاندىن كېيىن باھاسىنى بۆرھان ئەپەندى قويغان باھاغا پۈتۈشۈپ، ئاران دېگەندە ئۆز يېنىدىكى ۋە دوستى فائىق رىشات ئەپەندىنىڭ يېنىدىكى پۇلنى قوشۇپ كىتابنى سېتىۋالىدۇ ھەم تاپان ھەققى ئۈچۈن بۆرھان ئەپەندىگە يەنە ئۈچ لىرا قوشۇپ بېرىپ، كىتابنى ئېلىپ كېتىدۇ.
ئەلى ئەمىرى ئەپەندى ئۆيىگە كېلىپ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، كىتابنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈپ يېتىدۇ ھەم دوستلىرىغا ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ كىتاب ئەمەس، تۈرك ئەللىرى ئىكەن... تۈرك ئەللىرى ئەمەس، پۈتۈن ئالەم ئىكەن. تۈركلوگىيە ئىلمى، تۈرك تىللىرى بۇ كىتابنىڭ سايىسىدە باشقىچە روناق تاپقۇدەك. ئەرەب تىلىدا سەييىبۇيىھنىڭ كىتابى قانداق بولسا، تۈرك تىلىدا بۇ كىتاب ئۇنىڭ قېرىندىشىدۇر. تۈرك تىلىدا ھازىرغىچە بۇنداق بىر كىتاب يېزىلمىغان. بۇ كىتابقا ھەقىقىي باھا قويۇشقا توغرا كەلسە، جاھاننىڭ خەزىنىلىرى ئازلىق قىلىدۇ. بۇ كىتابنىڭ تەقدىرى ھەزىرىتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەزىرىتى يۈسۈفنى دوستلىرى بىرقانچە ئاقچىغا ساتتى. لېكىن، كېيىن مىسىردا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ ئۈنچە-مەرۋايىتقا سېتىلدى. بۇ كىتابنىمۇ بۆرھان ماڭا ئوتتۇر ئۈچ لىراغا ساتتى. لېكىن، مەن بۇنى نەچچە مىسلى ئېغىرلىقتىكى ئالماسلارغا، زۇمرەتلەرگە بەرمەيمەن.» («مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن» 136-بەت) دەيدۇ. ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» نى تاپقانلىقى ۋە سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ناھايتى تېزلىكتە ئىستانبۇلغا، ئاندىن مەملىكەتكە، ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن دۇنيا تۈركلوگىيە ساھەسىگە تارقىلىدۇ. «دىۋان» نىڭ تېپىلغانلىق خەۋەردىن قاتتىق ھاياجانلانغان زىيا گۆك ئالىپ ئەپەندى ئەلى ئەمىر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، كىتابنى كۆرۈپ بېقىشنى ئۆتۈنىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ تەلىپى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ يۇرتى دىيار باقىردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىشىمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
« ‹ئۇرخۇن ئابىدىلىرى› يېشىپ ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن بىرقانچە يىل كېيىن، تۈركىي تىلىنىڭ تۇنجى لۇغىتى تېپىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلكقىنى شاتلىققا چۆمۈلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىي تىلىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ۋە قۇۋۋەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى. يىللاردىن بۇيان، ‹تۈرك تىلى بىلىم، سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە مائارىپ تىلى بولالمايدۇ، پەقەتلا ئائىلىلەردە، كوچىلاردا ۋە بازارلاردا قوللۇنىلىدىغان تىلدىن ئىبارەت› دەيدىغان قاراشلار ئەۋج ئېلىۋاتاتتى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ تۈركىيلەر ۋە تۈركىي تىلىغا دائىر پىكىرلىرى جەمىئىيەتتە تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۈركىي تىلىغا بولغان قارىشى تېزدىن ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ‹تۈرك› ئىسىمىنىڭ تۈركىيلەرگە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغانلىقى، تۈركىي تىلىنى ئۆگۈنىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى بىر تىل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار مىللىي تىل ۋە ئەدەبىيات ئېڭىنىڭ ئومۇملىشىغىمۇ تۈرتكە بولماقتا ئىدى.» («مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن» 137-، 138-بەتلەر).
مۇشۇنداق شارائىتتا، ئەلى ئەمىر ئەپەندى كىتابنى بالدۇرراق نەشىر قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرش ئۈچۈن مەشھۇر مائارىپچى، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر كىلىسلى رىفات (كىلىسلى رىفات 1873-يىلى تۈركىيەدىكى كىلىستە دۇنياغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ «كىلىسلىك رىفات» ياكى «كىلىسلى رىفات» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. رىفات مەشھۇر مائارىپچى، تەتقىقاتچى، يازغۇچى ۋە شائىر. ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، قوليازما ئەسەرلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن داڭ چىقارغان. 1914-يىلى «كىتابى دەدەقۇرقۇت»، 1919-يىلى «ئەۋلىيا چەلەبى ساياھەتنامىسى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنى ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشتۈرگىنى ياپراقلىرى ئاجىراپ ئارىلىشىپ كەتكەن، فورماتلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن «تۈركى تىللار دىۋانى» نى تەرتىپلەپ، نەشىرگە تەييارلىشىدۇر. ئۇ 1953-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولغان) بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم كۈندە كېلىپ كىتابنى رەتلەپ چىقىشقا ياردەملىشىشنى ئۆتۈنىدۇ. رىفات بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ھەم ھەر كۈنى ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كىتابنى رەتلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. رىفات ئىككى ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى «دىۋان» نى مۇكەممەل قىلىپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى ئەلى ئەمىر ئەپەندىگە تاپشۇرىدۇ. ئەلى ئەمىر ئەپەندى خوشلۇقتا ئۆيىنىڭ يېرىمىنى رىفاتقا بەرمەكچى بولىدۇ. بىراق رىفات بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، كىتابنى نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ كاتتا مۇكاپات ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق ئەلى ئەمىر ئەپەندى رىفاتنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلۇشقا ئوخشاپراق كېتىدىغان مۇجىمەل جاۋاب بېرىدۇ. بۇ جاۋابتىن رىفاتنىڭ دىۋاننى نەشىر قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇ چاغدا رىفات ئەپەندىنىڭ «دىۋان» نى رەتلەپ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان زىيا گۆك ئالىپ ئەپەندى رىفاتنى ئىزدەپ كېلىپ: «-رىفات، مەن سەۋدانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم، لېكىن بۇ كىتابقا سەۋدا بولدۇم. كىتابنى كۆرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىم قالمىدى، لېكىن بولمىدى. بۇ كىتابنى ھەم ئېلىشىمىز ھەم نەشىر قىلدۇرىشىمىز كېرەك. بۇ خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى سېنىڭ قولۇڭدا. سەن ماڭا ياردەم قىل، شۇ كىتابنى قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى. بۇ بىزنىڭ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرگە ئارماغانىمىز بولسۇن. قېنى، ماڭا بۇنىڭ چارىسىنى سۆزلە.» دەيدۇ. ئۇلار ئەتىراپلىق پىلان تۈزۈپ، ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئىككى زات-تالات پاشا بىلەن ئەدىلىيە ۋەزىرى ئىبىراھىم ئەپەندىنى ئارىغا قويۇپ، ئىبىراھىم ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئۈچۈن بىر ۋاقلىق ئىپتارلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەم شۇ ئىپتارلىقتا تالات پاشا «دىۋان» نى نەشىر قىلىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچىدۇ. ئەلى ئەمىر ئەپەندى كىتابنى نەشىر قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، مۇنداق ئىككى شەرتنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: «بىرى، كىتاب كىلىسلى رىفات تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىشى؛ يەنە بىرى، كىتاب بېسىلىپ چىققۇچە پەقەتلا كىلىسلى رىفاتنىڭ قولىدا تۇرىشى، باشقا بىرىگە بېرىلمەسلىكى كېرەك.» تالات پاشا بۇ شەرتلەرنى دەرھال قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئەلى ئەمىر ئەپەندىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، يۇقىرسى ۋەزىرلىكتىن تارتىپ قانداق ئەمەل دېسە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەلى ئەمىر ئەپەندى تالات پاشاغا چوڭقۇر ئۆزرىخالىق ئېيتىپ، مەنسەپ تۇتۇش ئارزۇسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردۇ.
بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەلى ئەمىر ئەپەندى «دىۋان» نى كىلىسلى رىفاتقا بېرىدۇ ھەم بۇنىڭغا رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تالات پاشا بەرگەن 300 لىرا پۇلنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنداقلا، «دىۋان» نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، شەخسىي كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلار بىلەن قوشۇپ، ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ ئىستانبۇلنىڭ فائىد دېگەن يېرىدە قۇرىغان خەلق كۇتۇپخانىسىغا ئىئانە قىلىۋېتىدۇ.
كىلىسلى رىفاتنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» نى نەشىر قىلىش ئىشى 1-دۇنيا ئۇرىشىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، ماتېريال ۋە تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقى كۆرۈلۈپ، بىر يېرىم يىلدا ئاران نەشىر قىلىنىپ بولىنىدۇ.
بۇ جەرياندا «دىۋان» غا بىرەر خەتەر يېتىشتىن ئەنسىرگەن رىفات مەخسۇس سومكا تىكتۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز يېنىدىن ئايرىماي ساقلايدۇ ھەم ئۇنى بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ (بۇ نۇسخا ھازىر ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە موزېيى كۇتۇپخانىسىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە 1355-نومۇر بىلەن ساقلانماقتا) ئاندىن 1915-1917-يىللاردا ئۈچ جىلىد قىلىپ باستۇرىدۇ.
گەرچە «تۈركى تىللار دىۋانى» ئەلى ئەمىر ئەپەندى ۋە كىلىسلى رىفاتلارنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن، ئەسلى ئەسەر يېزىلىپ 850 يىلدىن كېيىن، ھازىرقى زامان مەتبە تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىلىپ، ئەبەدىي يورۇقلۇققا چىققان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ بۇ نەشىرى ئەسلى تىلدا (ئەرەب تىلىدا) بولۇپ، «دىۋان» نىڭ نامىنى ئاڭلىغان كەڭ تۈرك خەلقى، ئۇنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنىڭ پاتىراق نەشىر قىلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى. شۇ ۋەجىدىن مىللىي تەتقىقات جەمىئىيىتى كىلىسلى رىفاتقا 120 لىرا بېرىش بەدىلىگە، ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىقىشنى تاپشۇرىدۇ.  كىلىسلى رىفات بۇ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلايدۇ. بىراق، بۇ دەۋردە مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلۋاتقان بولغاچقا، بۇ تەرجىمە بېسىلمايدۇ. كېيىن يەنە بۇ خىزمەتنى تۈرك تىلى جەمىئىيىتىنىڭ تۇنجى باشلىقى سامى رىفات ۋە تۈركىيە «مۇستەقىللىق مارشى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمەت ئاكىفلارمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم كىلىسلى رىفاتنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، كىلىسلى رىفاتنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىتىشنى بېكىتىدۇ. بۇ چاغدا «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ نامىدىن خەۋەر تاپقان ئاتا تۈرك مۇستاپال كامال، كىلىسلى رىفاتنىڭ تەرجىمىسىنى ئەكەلدۈرۈپ كۆرۈپ چىقىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1932-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدىكى دولما باغچا سارىيىدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا «دىۋان» نى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى يەنە كىلىسلى رىفاتقا تاپشۇرىدۇ. رىفات «دىۋان» نى تۈركچىگە قايتا تەرجىمە قىلىش ۋە ئىندىكىسىنى ئىشلەش ئىشىدا تۈرك تىلى جەمىئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئىبىراھىم نەجمى دىلمەن ۋە بەسىم ئاتالاي (بەسىم ئاتالاي 1882-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇشاكتا تۇغۇلغان. مەشھۇر مائارىپچى، يازغۇچى، تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە دۆلەت ئەربابى. «سىلىفكە مۇداپىئە قانۇنى» جەمىئىيىتىنى قۇرۇپ، سىلىفكە، ئۇشاك قاتارلىق جايلاردا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇزۇن مەزگىل تۈرك تىلى جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۆبە باشلىقى بولغان. نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ فاكسىمىلىنى تەييارلىغان. ئۇ تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى ئابىدە خارەكتېرلىك ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نى تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلدۇرغان تۇنجى كىشى. «بەسىم ئاتالاي تەرجىمىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئەمگەك بىردىن بىر مەنبە سۈپىتىدە تۈرك تىلى تەتقىقاتىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوللۇنۇلىنىپ كېلىنمەكتە. بەسىم ئاتالاي 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان) بىلەن پىكىرلىشىدۇ. ئەمما ئۇلار پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيدۇ. «دىۋان» نى تېزراق تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن،1937-يىلى ئىبىراھىم نەجمى دىلمەن بۇ خىزمەتنى بەسىم ئاتالاينىڭ ئىشلىشىنى قارار قىلىدۇ. نەتىجىدە تۈرك تىلى جەمىئىيىتىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، «دىۋان» نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە نۇسخىسى 1940-1941-يىللاردا، فاكسىمىلى 1941-يىلى، ئىندىكىسى 1943-يىلى نەشىر قىلىنىدۇ.
«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ تۈركچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا مىللەت خەلقلىرىمۇ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىشنى مۇھىم ئىشلار قاتارىغا قويۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بىرقاتار تەرجىمە نۇسخىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
«دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەش ئىشلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، بۇ ئىشنى تۇنجى بولۇپ ئاكا-ئۇكا مۇھەممەد پەيزى بىلەن ئەھمەد زىيائى (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئىنقىلابىي شائىر ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاندا بېسىلغان ھەر خىل كىتابلار ساقلانغان. بۇ خىل مۇھىت ئەھمەد زىيائىنىڭ بىلىمگە ھېرىسمەن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاساس سالغان. ئەھمەد زىيائى 13يېشىدا پارىس تىلىدا «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنى يېزىپ چىققان. 1935-يىلى قەشقەردىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئىشلىگەن. 1938-يىلى «زۇلمەتلىك كۈن، پارلاق تۇرمۇش»نى يازغان. 1939-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1943-يىلى قويۇپ بېرىلگەن ھەم «شىنجاڭ گېزىتى»دە تەھرىر بولغان. 1944-يىلى ئىككىنچى قېتىم تۈرمىگە قامىلىپ، 1946-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1947-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئىشلىگەن ھەم «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق شېئېرلار توپلىمىنى، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى، «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدۇرۇپ، زور تەسىر قوزغىغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئاكىسى مەھمەد پەيزى بىلەن بىرگە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىرنى ئىشلىگەن. 1957-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق مەخسۇس تېمىلىق ئىلمىي دوكلادىنى ئوقۇپ، زور تەسىر قوزغىغان. 1957-يىلىدىكى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن 20 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1979-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىگ» داستانى توغرىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. «قۇتادغۇبىلىگ» نى نەشىر قىلىشقا قاتناشقان. 1985-يىلى 100مىڭ مىسىرالىق «رابىيە-سەئىدىن» داستانىنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ئۆز تەرجىمىھالىنى ئاساس قىلىپ «تۆت ئۆلۈپ، بىر تىرىلگەن ئادەم» رومانىنى يېزىپ، تاماملاپ بولالماي تۇرۇپلا، 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.) 1955-يىلى ئېلىپ بارغان. 1963-1966-يىلى يەنە ئۇيغۇر سايرانىمۇ «دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىراق، يۇقارقى ئىككى تەرجىمە نۇسخىنىڭ ھەممىسى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا نابۇت قىلىۋېتىلگەن.
1978-يىلى «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى نۇسخىسىنى نەشىر قىلىش ھۆكۈمەت نامىدىن رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرىنچى جىلىدى، ئىبىراھىم مۇتىئىنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرلىكىدە، ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا، داموللا ئابدۇلھېمىت يۈسۈفى، خەلىم سالىخ، ھاجى نۇرھاجى، ئوسمان مۇھەممەتنىياز، سابىت رۇزى، مىرسۇلتان ئوسمانۇۋلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1981-يىلى؛ ئىككىنچى جىلىدى، ئىبىراھىم مۇتىئىنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرىلىكىدە، ئىمىن تۇرسۇن ۋە مىرسۇلتان ئوسمانۇۋلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1983-يىلى؛ ئۈچۈنچى جىلىدى، ئىبىراھىم مۇتىئى مىرسۇلتان ئوسمانۇۋلارنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرىلىكىدە، ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرشېت قارى سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەتنىياز، سابىت رۇزىلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىندى. 2008-يىلى مەھمۇد كاشىغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش خەلقئارا چوڭ يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، «دىۋان» نىڭ تولوق تېكىستىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى نۇسخىسى بىر جىلىد، ئىندېكس بىلەن فاكسىمىلى بىر جىلىد قىلىپ نەشىر قىلىندى.

5. «تۈركىتىللار دىۋانى» نىڭ قىممىتى

«تۈركى تىللار دىۋانى» تۈركى خەلقلەرنىڭ تىلى، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تارىخى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى ۋە مەدەنىيىتىنى، ئىجتىمائىي ھاياتى، قەدىمكى ئەدەبىي نەمۇنىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدە خارەكتېرلىك ئەسەر. ئۇ «دىۋان» يېزىلغان زامانلاردا قانداق قىممەتكە ئىگە بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم بۇنىڭدىن مىڭلارچە يىل كېيىنمۇ شۇنداق قىممەتكە ئىگە.
بىز «دىۋان» نى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مەسىلىلەرنىڭ يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز:
‹1› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئالىم تۈركى تىلى ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى تۇتقان ئورنىنى ۋە ئەھمىيىتىنى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، مىللىي ئېڭىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىنى ئويغۇتۇش، ئۇلارنى تېخىمۇ غۇرۇرلاندۇرۇپ، ئانا تىلىنى پەس كۆرۈشتەك ناچار ئىديۋى خاھىشتىن ئازاد قىلىش جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينىغان.
‹2› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئەينى دەۋردىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى، كېلىپ چىقىشى، بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەن-تامغىلىرى، ئۇلارنىڭ ۋە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەر ۋە ئەللەرنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىششىشى ۋە يۆتكىلىشى، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھىم تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھالىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگەن. ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىرەر تارىخىي ۋەقە بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، كېيىنكىلىەرنىڭ تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا ئەتىراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مول ماتېريال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن.
‹3› ئەينى دەۋرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسۈتۇپ بېرىدىغان خەرىتىنى قالدۇرۇپ، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقى توغرىسىدا بېېشارەت بېرىش بىلەن بىرگە، خەرىتىچىلىك ئىلمىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ياراتقان. ئالىمنىڭ كىتابىدىكى خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن تەرەپ ۋە رەڭ ئۇقىمى ھازىرقى زامان خەرىتىچىلىكىدىكى تەرەپ ۋە رەڭ ئۇقىمىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. ياپونىيەنى تۇنجى بولۇپ خەرىتىگە ئالغان. خەرىتىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر قۇرىغان قاراخانىيلار  خانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى بولغان بالاساغۇننى دۇنيانىڭ مەركىزى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى جۇغراپىيە ئىلمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيسىدە تەلەپ قىلىدىغان، ھەرقايسى پەن ئوقۇتىشى بىلەن ئىدىيىۋى تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈش قارىشىنى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان.
‹4› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئالىم ئۆزگىچە لۇغەت تۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ۋە كىتابنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قولايلىق يارىتىشقا تىرىشقان ھەم كىتابنى سەككىز بابقا بۆلۈپ يازغان. بۇ ھەقتە «دىۋان» دا: «ئۆگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ئۈچۈن بىرنەچچە يىللار مۇشەققەت چېكىپ، سۆزلەرنى جاي-جايىغا قويدۇم. تۇتۇقلىرىنى ئاچتىم، چىگىشلىرىنى يەشتىم. ئاخىرى، بۇ لۇغەت كىتابىنى تۆۋەندىكى سەككىز بۆلۈمگە يىغىنچاقلىدىم.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 4-بەت). «تۈركى تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلىلنىڭ «كىتاب ئەلئەيىن» دېگەن ئەسىرىدە قىلىنغىنىدەك ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈش كۆڭلۈمگە كەلگەن ئىدى. مۇنداق قىلغاندا ئىش تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغان بولاتتى. لېكىن سۆزلەرنى ئاسان تېپىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىخچاملاشتۇردۇم، ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم، ئىلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. مېنىڭ تۇتقان بۇ يولۇم تېخىمۇ توغرا.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 5-، 6-بەتلەر). «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن، بىرمۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى-يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم. ھەر بىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنىلا ئالدىم. چۈنكى، سۆزنىڭ قىسسقىسى ياخشى، ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ، كەڭ يول ئېچىپ بېرىش، يۈكسىلىش تىلىگىدە بولغۇچىلار ئۈچۈن شوتا بولۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 7-بەت) دېيىلگەن.
ئالىم «دىۋان» غا يەنە 7500 دەك سۆزنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قايسى قەبىلىنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە مەنىسى توغرىسىدا بىرمۇ-بىر ئىزاھات بېرىپ چىققان. ئادەم ئىسىمىنى، يەر-جاي ۋە شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرگە مەخسۇس ئىلمىي چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى، كېلىپ چىقىشىنى، مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى، چىقىش ئورنىنى، ياسىلىش ياكى ئىشلىتىلىش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، «دىۋان» نىڭ پەن قاتلىمى، چېتىلىش دائىرىسى ۋە ئىلمىي قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.
‹5› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا 290 دەك ماقال-تەمسىل، 220 دەك بېيت-قوشاق بېرىلىپ، ئەينى دەۋر تۈركى خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنى بىرەر تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقە ياكى قەبىلە-يۇرتلارغا تەققاسلاپ ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، تۈركىي خەلقىلەر ۋە ئۇلارغا قوشنا رايون ھەم خەلقلەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ھالىتىدىن ئۇچۇر بەرگەن.
‹6› «تۈركى تىللار دىۋانى» غا كىرگۈزۈلگەن سۆزلەر ئىسىم خارەكتېرلىك ۋە پېئېل خارەكتېرلىك سۆزلەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۈركىيچە سۆزلەر ئەرەبچە شەرھىلەنگەن ھەم ئەربچە تەڭدىشى بېرىلگەن، تۈركىيچە مىساللارمۇ ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن. پېئىللار بولسا تۈركىيچە بېرىلىپ، ئەرەبچە تەڭدىشى بېرىلمىگەن. لېكىن، پېئىللارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان تۈركىيچە مىساللار ئەرەبچىگە تەررجىمە قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ھەقىقىي ھەم ئىلمىي بولغان «قوش تىل» ئىنقىلابىنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان. بۇنىڭدىن ئالىمنىڭ تىلشۇناسلىقتىلا ئەمەس، تىل ئوقۇتۇش مائاىپىدىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
‹7› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا 12 مۆچەللىك تۈرك كالىندارى بېرىلىپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلمىي تەقۋىمچىلىك ئۇسۇلى  ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇ ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەقۋىمچىلىك قاراشلىرى ھەم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرتىپى، ئالاھىدىلىكى ھەم تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى رولى بايان قىلىنغان. يىل، پەسىل، ئاي ئۇقۇملىرى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم مەنىلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن.
‹8› «تۈركى تىللار دىۋانى» دا تۈركىي خەلقلەرنىڭ چوڭ بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق، تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەسىللەرنىڭ دەۋر قىلىپ ئالىمىشى ۋە كۈن-تۈن ئوتتۇرىسىدىكى ئاستىرونومىيىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا ئەتىراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئاسمان بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇزلار، سەييارىلەر ۋە كۈن ھەم ئاينىڭ تۇتىلىشىغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلىش ئارقىلىق، ئەينى دەۋر تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئاستىرونومىيە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئومومىي سەۋىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.
‹9› «تۈركى تىللار دىۋنى» غا قول-ھۈنەر كەسپىگە دائىر بىر قىسىم سۆزلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى زامان قول-ھۈنەر تېخنىكىسى ۋە كەسپلىشىش قۇرۇلمىسى، ئۇنىڭغا باغلانغان ھۈنەر-كەسىپ قورال-جابدۇقلىرى، ئۇنى ئىشلىتىش يوللىرى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىي پائالىيىتىدىن خەۋەر بەرگەن.
‹10› «تۈركى تىللار دىۋانى» تۈركى خەلقلەر ئومومىي ئەھۋالىنىڭ 11-ئەسىر مۇھىتىدىكى كەڭ دائىرلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى بولۇپ، ئۇنى چوڭ ھەجىملىك بىئوگىرافىك ئەسەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي «دىۋان» دا ئۆزىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ياشىغان ماكانلارنى كەڭ دائىرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېريال توپلىغانلىقى ۋە ئۇنى رەتلەپ چىققانلىقى توغرىسىدا توختۇلۇپ شۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 2-، 3-بەتلەر).
‹11› ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركى تىللار دىۋانى» نى پەقەت سۆزلۈكلەردىنلا تەركىپ تاپقان ئاددىي ھالدىكى لۇغەتچىلىك ئۇسۇلى بويىچە تۈزۈپ قويماستىن، ئۇنىڭغا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىي ھاياتىدىكى تۈرلۈك تەرەپلىرىنى مۇجەسسەملەپ، مۇكەممەل بىر قامۇسقا ئايلاندۇرغان. شۇ ئارقىلىق ئالىم كەڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئەتىراپلىق بىلىم بېرىشكە ھەم بۇ بىلىملەرنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يادىكار قىلىشقا تىرىشقان. بۇ ھەقتە ئالىم «دىۋان» دا: «مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر، سەجلەر (قاپىيلىك نەسىر)، ماقال-تەمسىللەر، بېيت-قوشاقلار، رەجەزلەر (شېرىيەتتىكى ئارۇز ۋەزىننىڭ بەھرىلىرىدىن بىرى) ۋە نەسىرىي پارچىلار بىلەن بېزەپ، مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپىدە تۈزۈپ چىقتىم»  («تۈركى تىللار دىۋانى» 4-بەت). «تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر-قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خوشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال-تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم، تاكى بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار كېيىنكىلەرگە، ئۇلار ئۆزىدىن  كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ، بۇ كىتاپ يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 8-بەت).

پايىدلانغان ماتېرياللار:
1. «تۈركى تىللار دىۋانى». مەھمۇد كاشىغەرىي. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  1980-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى 1981-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى.
2. «مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن». شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك تىلى جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى، پروفېسور، دوكتۇر شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن). مىللەتلەر نەشىرياتى 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى ۋە بېسىلىشى.
3. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى». ئەسقەر ھۈسەيىن، ۋاھىتجان غوپۇر. مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىل 4-ئاي 1-نەشرى، 1988-يىلى 11-ئاي 2-بېسىلىشى.
4. « ‹تۈركى تىللار دىۋانى» دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر». مىللەتلەر نەشىرياتى 2010-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى ۋە بېسىلىشى.

5. «مەھمۇد قەشقەرى» (ماقالە-ئەسەرلەر توپلىمى). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى، 9-ئاي 1-بېسىلىشى.

مەنبە:ئەجداد تارىخ مۇنبىرى


«2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر (2)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر