ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2014-06-04 11:18:12 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا
ئوسمان جۈمە
سۆز قىلىش-ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرىقلىنىدىغان ئالاھىدە بەلگىسى بولۇپ،ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى،تەرەققى قىلىش- گۈللىنىشى سۆز قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.سۆزلەش ماھارىتىنى ياخشىلاش ئىنسانلار ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇھىم بولغان ماھارەت مەسلەسى؛ ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژىنىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئەخمىيەت بېرىش زۇرۇر بولغان كەسپى ماھارەت  گۈزەللىك ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئىتالىيەلىك 18 –ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەدىپ دانتى:‹‹تىل قۇرال سۈپىتىدە بىزگە خۇددى چەۋەندازغا ئات مۇھىم بولغىنىدەك  مۇھىم.ئەڭ ياخشى ئات ئەڭ ياخشى چەۋەندازغا ،ئەڭ ياخشى تىل ئەڭ ياخشىئەڭ ياخشى ئىدىيەگە لايىقتۇر›› دىگەنىدى. شۇڭا سۆزلەش ماھارىتى – ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى  ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئەمىلىيىتى جەريانىدائەھمىيەت بېرىش زۈرۇر دەپ قارىغان  بىرنەچچە نوقتىنى  ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1)        ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  چۈشىنىش سەۋىيەسىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، سۆزنىڭ توغرا،ئېنىق ،جانلىق بولىشىغا  ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.سۆزنى تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئاز –كۆپلىكى ،بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى –تۈۋەنلىكى ،قىلىنىدىغان سۆزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ  سۆز ئىنتۇناتسىيسىنى بەلگىلەش كېرەك.
2)        سۆز قىلغاندا روھى ھالىتى كۈتىرەڭگۈ بولىشى ،ھىسيات مول ،قىزغىن بولىشى كېرەك.
3)        دەرسنى ئەدەبىي تىلدا سۆزلەشنى ،كۈندىلىك مۇئامىلىدىمۇ ئەدەبىي تىلدا سۆزلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
4)         سۆزلىمەكچى بولغان لىكسىيە(سۆز) نىڭ ھەجىمى نۇرمال بولىشى،ئەمىلىيەتكە قاراپ سۆز ھەقىمىنى بەلگىلەش كېرەك. كۆپ سۆزلەپ تىڭشىغۇچىلارنى بىىزار قىلماسلىق، تىڭشىغۇچىلار بىلىدىغان  مەزمۇن بولسا  ئۇلارنىڭ تەپەكۈرىگە مەلۇم بوشلۇق قۇيۇش كېرەك.
5)        ئوقۇتقۇچىلار بىر قىسىم خۇلاسە تۈسىنى ئالغان سۆز ئىبارىلەرنى  يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان ،ئەيىپىنى ئاچىدىغان ، مەسخىرە قىلىدىغان، جىسمانىي ئەمگەكنى پەس كۆرىدىغان سۆزلەرنى قەتئى قىلماسلىق كېرەك.مەسلەن، ‹‹سەنمۇ تايىنلىق ئىكەنسەن، بىلدىم.››،‹‹ئالىم بولاي دەپ بولالماي قاپسەن››....دىگەندەك سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك.
6)        ئوقۇتقۇچى يېڭى ئۇقۇم ،يېڭى شەيئى قاتارلىق  مەزمۇنلارنى سۆزلەشتە،ئەتىراپلىق ماتىريال كۆرۈپ  ئوقۇغۇچىلارغا سۆزنى توغرا تەلەپپۇز بىلەن يەتكۈزىش كېرەك. بۇ مەسلىگە سەل قارىغاندا،ئوقۇغۇچىلاردا  يېڭىلىققا نىسپەتەن  مۇجىمەل قاراش پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ. ئوقۇتقۇچىيەنە سۆز قىلىش قىياپىتى ۋە بەدەن تىلى (ھەركەت)نى مۇھاپىق بىرلەشرۇرىش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا سۆز-نۇتۇقنىڭ قەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
7)         سۆز قىلىش جەريانىدا ،بەزى قۇشۇمچە سۆزلەرنىتەكرار ئىشلىتىپ ،‹‹ئادەت سۆز›› قىلىۋالماسلىق كېرەك.سۆز قىلغاندا جۈملە ئارلىقىدا‹‹نىمە؟››،‹‹شۇنداق قىلىپ››،‹‹قىسقىسى››،‹‹ئاخىردا››، ‹‹چۈنكى›› ،‹‹شۈنىڭ بىلەن ››، ‹‹ھېلىقى››،‹‹ھە؟››قاتارلىق سۆزلەرنى تەكرار ،ئورۇنسىز ئىشلەتمەسلىكى لازىم.
8)        ئوقۇتقۇچىنىڭ دىمەكچى بولغان مەزمۇنىنى  توغرىدىن توغرا ئېيتىشى بىئەپ بولۇپ قالسا ئىفىمىزىم ئۇسۇلىبىلەن ئايراندۇرۇپ سۆزلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. قىسقىسى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ  رىقابەت –خىرىس ئالدىدا ئۆز تىلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس رولىنى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك.   
(3-شى 49-تۇەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)


«ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى